يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرى ،ئادەم سىرىتقا چىقسىلا قارىداپ كىتىدۇ،خانىم-قىزلار ھەرگىزمۇ تېرىسىنىڭ قارىداپ كىتىشىگە قاراپ تۇرالمايدۇ،ئاقىرىش ئۈچۈن ئۇلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ، ھەر خىل ئاقارتىش مايلىرىنى سېتىۋالىدۇ،لىكىن ئىشلەتكەندىن كىيىن بۇ مايلارنىڭ ئانچە ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.ئۇنداقتا تېرە ئاپتاپتا كۈيۈپ كەتكەندىن كىيىن قانداق قىلىپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە تېرىنى ئاقارىتقىلى بۇلىدۇ؟
بىرىنچى خىل ئۇسۇل:كالا سۈتى ئارقىلىق ئاقىرىش
1)بىر كىچىك ئىستاكان يېڭى كالا سۈتى تەييارلايمىز(ئەڭ ياخشىسى يېڭى كالا سۈتىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قۇيۇپ،سوغۇق پېتى سۈرسىڭىز تېخىمۇ راھەت بۇلىدۇ).
2)يۈزنى ھورداتقاندىن كىيىن،سۈتنى گىرىمگە ئىشلىتىدىغان پاختىغا تولۇق شۈمۈرتۈپ،يۈزىمىزگە 15مىنۇت ئەتراپىدا سۈركەيمىز.كىين ئىلىمان سۇ بىلەن يۈزىمىزدىكى سۈتنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋىتىمىز.بىر ھەپتىگە قالماي يۈزىمىز تەكشى ئاقىرىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل:ئالوي ئارقىلىق ئاقىرىش
1)ئۈچ سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتا،ئىككى سانتېمىتىر كەڭلىكتە ئالوي تەييارلاپ،تىكەنلىرىنى پاكىز ئېلىۋىتىمىز،بىر پارچە ئۈچ سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەرخەمەك،بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى،ئىككى-ئۈچ گىرام مەرۋايىت تالقىنى،مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن تەييارلايمىز.
2)ئالوي بىلەن تەرخەمەكنى مىۋە ئىزىش ماشىنىسىغا سېلىپ ئەزگەندىن كىيىن بىر كىچىك قاچىغا تۈكۈپ،ئاندىن ئۇنىڭغا تەييارلىۋالغان تۇخۇم ئېقىنى،مەرۋايىت تالقىنىنى ۋە ئۇننى تۈكۈپ قوچۇپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىمىز.قۇيۇقلۇقى پەسكە ئېقىپ كەتمىگۈدەك ھالەتتە بولسا بۇلىدۇ.
3)يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،تەييارلىۋالغان ئۇماچنى يۈزگە تەكشى سۈركەيمىز،قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىلىمان سۇ بىلەن يۈزنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ يۈزگە تېرە يومرانلاشتۇرۇش مەلھىمى ياكى گىرىم سۈيى سۈرىۋالساقلا بۇلىدۇ،بۇنى ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە قىلساق بۇلىدۇ.
مەنبە:تەرجىمە ئەسەر