مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاھ، قەدىرلىك كەسپىم! (روماننىڭ داۋامى: 1-باب، 20-بۆلەك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-2-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

20

    بۈگۈن شەنبە بولغانلىقتىن يولدا قوڭغۇراقلىرى جىرىڭلاپ تۇرىدىغان، يوغان بۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن ئاپئاق ھورلارنى چىقىرىشىپ، يېنىك سىلكىنىپ ماڭىدىغان يۇۋاش ئاتلار قېتىلغان گىلەملىك مەپىلەر پەقەت ئۇچرىمىدى. ئاساسەن قۇڭىدىن قۇيۇق كۆك ئىسلار ئۈزۈلمەيدىغان، قوپال ئاۋازلىرى بىلەن يولنى ئاۋاتلاشتۇرىدىغان ‹‹ئاشىڭ›› ماركىلىق موتسكىلىتلار؛ تۆمۈر سېۋەتلىك، راملىرى  ئېگىز، شاۋقۇنسىز ‹‹قىزىل خوراز›› ماركىسىدىكى قارا ۋېلسىپىتلار؛ ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان ‹‹شيالى›› ماركىلىق پىكاپلار ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. يولدا نەچچە يەردە توختىدۇق، نەمتۇلنىڭ ئالدىرىتىشى، بەزىدە ئاچچىقلىنىشى، بەزىدە ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاشقا تاس قالغانلىقى ئۈچۈن دېمىمىزنى ئالماستىنلا يەنە ماڭدۇق. بىز بارامسۈيى ئۆستىڭىنىڭ شەرقى تۆۋەن تەرىپىدىكى ‹‹توخۇ مەسچىت›› يېنىغا جايلاشقان ئاۋات بىر ئورۇن ــــ قاراساي بېكەتكە تەسلىكتە يېتىپ كەلدۇق.

    بۇ يەر بۈگۈن مەن كۆرگەن ئىلگىرىكى شالاڭ ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ بەكمۇ قايناپ كەتكەنىدى: بىزگە ئوخشاش يۈك-تاقلىق بىرمۇنچە ئوقۇغۇچىلار؛ قۇزا تېرىسىدىن تىكىلگەن چېلەكتەك تۇماقلارنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان، يېنىدىكى لىق نەرسە قاچىلانغان (ئېھتىمال، گەزماللار بولسا كېرەك) چوڭ خالتىلار ئەتراپىدا قوللىرىنى ئېغىزىدىكى ھور بىلەن ئىسسىتقاچ، كەشىنى بىر-بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ تۇرىشىۋاتقان ئورا كۆز دۇكاندارلار؛ يەنە باشقا  كىشىلەر... غەرب تەرەپتىكى چوڭ يولغا تەقەززالىق قاراپ تۇرىشاتتى.  بىز ئالدى كابېنكا ئەينىكىنىڭ چوقا تەرىپىگە ‹‹قاراساي سىزنى قارشى ئالىدۇ›› دېگەن خەت يېزىلغان ئوتتۇرا تىپتىكى يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق، سېمىز ئاپتوبۇسنىڭ ئاللىبۇرۇن يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ قايتىدىن ھالسىزلاندۇق. بۇ قېتىم نەمتۇل ماڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى:

    ــــ ھەممىسى سەن گۆش تاغىرىنىڭ كاساپىتى! ــــ ھېلىمۇ ياخشى ئېغىزىنى بۇزمىدى، ــــ خۇددى دادىسىنىڭ ئۆيىدىن چىققۇسى كەلمىگەن بىشەم چوكاندەك ئەجەب تويمىدىڭ كونا مەكتەپكە! ئېست سېنى، ئەمدى بۇ سوغۇقتا قاچانغىچە تۇرىمىزكىن؟!

    ئەگەر ياتاق ئىچىدە، سىنىپتا، مەيداندا بۇنداق قوپاللىق قىلغان بولسا ئىدى، مەنمۇ دوستۇم دېمەستىن قاراپ تۇرماس ئىدىم. بۇ قېتىم ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم. ئۇ ئاينۇر ئىككىمىزنى ‹‹ئىزاغا لايىق›› دەپ قارىغان چېغى، مەندىن سادا چىقمىغاچقا ئاچچىقىنى كۆكرىكىنى تۇتۇپ ئۇھسىنىۋاتقان قىزغا ــــ ئاينۇرغا قاراتتى:

    ــــ سىزمۇ بىر كەنسىز، ئۆپكىڭىزنىڭ يوغانلىقىغا باقماي قېرى كالىدەك سۆرۈلۈپلا ماڭىدىكەنسىز!

    ئاينۇرمۇ بۇ توڭنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلگەچكىمۇ ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدى. پەقەت نەمتۇلنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ جۈرئەتلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنى چېقىۋالدى:

    ــــ سىزدەك ھەركۈنى يوغان مەيداننى نەچچە يۈز قېتىم ئايلىنىپ تۇرمىغاچقىمۇ، شۇ سەل ئېغىر كەلدى بۇ پىيادە يول.

    نەمتۇلنىڭ قاپىقى تېخىمۇ تۈرۈلدى. مەن يەنە ئۇنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە گەپنى يۆتكىدىم:

    ــــ يۈرۈڭلار، قورسىقىڭلارمۇ ئاچقاندۇ؟ ئاۋۋال تاماق يىگەچ تۇرايلى!

    ــــ قورسىقىم توق، ئىككىڭلار يەپ كېلىڭلار.

    نەمتۇل يەنە قېيداپ تۇرىۋالدى، بىز شۇنچە گەپ قىلىپمۇ ئۇنى ئېرىتەلمىدۇق.

    ــــ ئەمسە ئىدرىس، تاماقنى مۇشۇ يەرگىلا ئەكىلىڭ، بولدى. بەزىلەر بەكمۇ ھېرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ئازراق يول مېڭىشقىمۇ جېنى يوق.

    ئاينۇر يەنە بىر قېتىم يۈرىكىنى قاپتەك قىلدى. ئادەتتە باشقىلارنىڭ بۇنداق ئېغىر گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيدىغان نازۇك يىگىتنىڭ بۇ قېتىم ئاۋازى چىقمىدى، مەن ھەيرانلا قالدىم.

    ــــ بوپتۇ ئەمىسە، نېمە ئەكىلىمەن؟ ــــ دېدىم مەن قىستاپ كېلىۋاتقان كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ، ئىككىسىگە قاراپ.

    ــــ گۆشكىردە! ــــ دېدى ئاينۇر كىچىك بالىدەك يېنىك سەكرەپ، ــــ ئىسسىق يۈزىنى يۈزىمىزگە ياقساق قىززىيمىز، توڭ يۈزلەر ئېرىيدۇ.

    مەنىلىك سۆزنى نەمتۇل بىلىپ قالدى بولغاي:

    ــــ مەن گۆش نان يەيمەن. ــــ دېدى ئاينۇرغا قارىماستىن ماڭا تىكىلىپ ئاچچىق بىلەن، ــــ سىلەر تېزەك يېسەڭلارمۇ كارىم يوق!

    مەن ئۇدۇلىمىزدىكى ساقاللىق ناۋاينىڭ ئۈنلۈك تەكبىر توۋلاپ قۇمىرىۋاتقان يۈزى قىزىل گۆشكىدىلىرىگە قاراپ ئىتتىك قەدەم ئېلىۋېدىم، نەمتۇل ئالدىمنى توستى:

    ــــ توختا، سەن ئەكەلمەيسەن. ــــ ئۇ يانچۇقىدىن پۇل چىقاردى-دە، ماڭا سۇنۇپ، ــــ ئۇ ئەكەلسۇن!

‹‹ئۇ›› دېگىنى ئاينۇر ئىدى، نېمىشقا ئۇ ئەكىلىدىكىنە؟ مەن چۈشىنەلمەي سورىدىم:

    ــــ پۇلۇڭنى يىغ... نېمىشقا؟ ئۇ دېگەن قىز بالا تۇرسا...

    ــــ ئىدرىس، قىز بالا بولسام نېمە بوپتۇ؟ سىزمۇ تازا قېرى فېئودال ئىكەنسىز-ھە؟

    ــــ ياق، دېمەكچى بولىغىنىم...

    ــــ بولدى، سىزگە ئارتۇق دەرس سۆزلەپ ئولتۇرماي. ــــ ئاينۇر ماڭا ھومىيىپ قويدى ۋە دەرھال يۈزىنى بۇرىدى، ــــ ساقلاپ تۇرۇڭلار-ھە؟

    مەن قولۇمدىكى پۇلنى ئۇنىڭغا سۇنغاچ توۋلىدىم:

    ــــ ھەي، ماۋۇ پۇلنى...

    ئۇياققا ئۆتۈپ بولايلا دېگەن قىز ئارقىسىغا قارىماستىن قولىنى پولاڭلىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

    ــــ مەندىكىسىمۇ ئۆتىدۇ!

    مەن يولغا قاراپ تېخىمۇ تىت-تىت بولۇپ تۇرىۋاتقان نەمتۇلنىڭ مۆرىسىدىن يېنىك تارتىپ، پىخىلداپ كۈلدۈم:

    ــــ قىز بالا دېگەن قانداق نەرسىكەن، ئەجەپ تىلىڭ تۇتۇلۇپلا قالدىغۇ؟

    ــــ قويە ئۇنداق گەپنى! ــــ نەمتۇل تېرىكتى، ــــ كۆڭلىنى ئاغرىتقۇم كەلمىدى، بولمىسا بىر مىشىلداپ يىغلاپ كەتسە توختاتقىلى بولاتتىمۇ، ئۇنداق يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى!

    ــــ كىتاب ئوقۇغاننىڭ ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بوپتۇ-دە، ساڭا. قىزلارنىڭ ئالدىدا گاچا بولغىنىڭ بىلەن ئۆلگىدەك گەپ قىلىسەن، ئادەمگە.

    ــــ ئىشقىلىپ سەن بۈگۈن بىر قىلغۇلۇقنى قىلدىڭ!

    ــــ گەپنى ئەگىتمە. دېگىنە، نېمىشقا مېنى تاماق ئەكەلگىلى قويمايسەن؟

    ــــ ئۇ ‹‹جىن›› بىلەن بىللە تۇرامدىم، ئەمىسە؟ خەقنىڭ ئالدىدا قىلىقسىزلىق قىلىسا قانداق قىلاتتىم؟

    ‹‹مانا نەمتۇل، سېنىڭ مۇشۇنداق يەرلىرىڭ بەزىدە بەكمۇ ئوغۇللارغا خاس››. مەن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ گەپ ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنى تىرىكتۈردۈم:

    ــــ دېمەك، مانا سېنىڭمۇ قورقىدىغان ئادىمىڭ چىقتى.

    ئۇ گېپىمنى مەنسىتمىگەندەك جاۋاب بەردى:

    ــــ نېمە ئۇ قورقۇش دېگەن؟ ئۇ قورققانلىق ئەمەس، ئۆزۈمنى ئايىغانلىق!

    ‹‹ھە، ئەمدى ئەقلىڭنى تېپىۋېتىپسەن، ھېچ بولمىسا بۇ قىزلار ساڭا ئۆزۈڭنى ئاياشنى بولسىمۇ ئۆگىتىپتۇ››. مەن يەنە سوئالىمنى سوراي دېۋىدىم، ئۇ دىققىتىنى يىغىپ:

    ــــ ھەي، ئۇ قىز تېخىچە كەلمەيدىغۇ؟ ــــ دېدى ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ.

    مەنمۇ دەرھال ناۋايخانا تەرەپكە قارىدىم، راستىنلا ئۇ كۆرۈنمەيتتى. مەن ئەنسىرىدىم، تۇنجى قېتىم قىزلار ئۈچۈن جىددىيلەشكەن مۇنۇ بىپەرۋا دوستۇم مەندىنمۇ بەكرەك ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك:

    ــــ ماڭە، ناۋايخانىغا تېز بېرىپ كەل! ــــ دېدى مۆرەمدىن ئىتتىرىپ.

    ــــ ئۆزۈڭ ئىزدىمەمسەن؟ ئۆزۈڭ بۇيرۇغاندىكىن. ــــ مەن ئۇنى سىنىدىم، ــــ ياق، ئۆزۈڭ بارە!

    ــــ ئەستا، قاراڭغۇ چۈشەي دەۋاتىدۇ. ــــ ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ تېخىمۇ جىددىيلەشتى، ــــ ئەمىسە تەڭ ئىزدەيلى.

    ئۇ يېلىنغانغان قىياپەتتە ماڭا قارىدى، مەن قەستەن تەسلىكتە ماقۇل بولدۇم:

    ــــ بېشىدا مەن ئەكىلەي، دېسەم ئۇنىمايسەن. خوپ بولدى!

    ــــ ھەي، ئىدرىس!

    ناۋايخانا تەرەپتىن كېلىۋاتقان تونۇش، كونا ئاۋاز بىلەن تەڭ بېشىمنى بۇرىدىم ۋە نەمتۇلغا قارىماستىن ئۇنى چاقىردىم:

    ــــ بولدى، ئىزدىمە!

    يولنىڭ ئۇ يېقىدا ئادىل لىق يېمەكلىك بىلەن توشقۇزۇلغان يالتىراق خالتىنى ساڭگىلىتىپ كۆتۈرۈۋالغانىدى، ئاينۇر يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قارىغىنىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانىدى. مەن بۇنڭغا ئانچە ھەيران قالمىدىم.

    ــــ ھەي! ــــ قولۇمنى پولاڭلىتىپ ئۇلارنى قارشى ئالدىم، ــــ كېلىڭلار...

    نەمتۇل ھەيران بولۇپ قاراپ تۇراتتى: ئۇ ئاينۇرنىڭ ئادىل بىلەن بىللە كېلىۋاتقانلىقىغا ھەيران بولدىمۇ ياكى ئادىلنىڭ بۇ جايدا بىزلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىغا ھەيران بولدىمۇ، ئىشقىلىپ ئېغىزىنى يېرىم ئېچىپ، گەپمۇ قىلمىدى.

    ــــ شۇنچە سوغۇقتا بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسىلەرغۇ؟ ــــ ئادىل بىزدىن سورىۋېدى، جاۋاب بېرەي، دەپ تۇرسام نەمتۇل ئاينۇرغا ۋارقىرىدى:

    ــــ ئەجەب ئەنسىرەتتىڭىزا ئادەمنى، كەچ كېرەي دېگەندە! ئادىل بىلەن گەپ سېتىپ تۇرغىچە بىزنىڭ يېنىمىزغىلا باشلاپ ئەكەلسىڭىز بولىدۇ، ئەسلى!

    ئاينۇر گەپ قىلماستا ئادىل سۆزلىدى:

    ــــ چېچىلىپ قاسىلەرغۇ، ئاداش؟ توڭلىمىغانسىلە؟

    بىز ئۈچىمىز يېنىك كۈلۈشتۇق، نەمتۇلمۇ ئادىلنىڭ چاقچىقىغا سۇس ھىجىيىپ قويدى.

    ــــ بولدى، ئاۋۋال ما گۆشكىردىنى ئىسسىقىدا يەۋېلىڭلار، قالغىنىنى كېيىن دېيىشەيلى.

    ئادىل قولىدىكى يالتىراق خالتىنى نەمتۇلنىڭ سومكىسى ئۈستىگىلا يايدى، بىز بىردەم تۈزۈتلەردىن كېيىن بۇ كەچلىك تاماققا ئېغىز تەگدۇق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  a  t& e9 k. ?( ~7 d

    (داۋامى بار...)

    2015-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يەكشەنبە، قاراقاش.

    مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 05:40 AM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 j3 U' ^1 X' U* C' W5 y& ?- j( x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: }& D8 J# Y- w# b

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0
ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-2-27
2#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
    داۋامى يوللاندى...

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
3#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامىچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4647
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2015-2-27
4#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامىغا ساقلاپ قالدۇق ئەمىسە، يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# d+ ~% m9 [. |! y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* X: j: ]; C" P: m3 J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; @  w' A. M/ i0 g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( M' @, p/ @0 ]: T$ H& ~

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: x6 Z6 c& U7 E+ K
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* m& G3 k& J( v( o. o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% }0 ?' E6 ^% L1 Q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 J* t# ]! U  N6 p) U; B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* i: f) L& z+ _* F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% \  Q9 ^! o- ~) }( S) B3 G4 j9 |" }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 J/ \8 A$ F' w( Q- @. l" b, h1 H

قۇتيول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مۇشۇ ئەسەر قانچە باب,قانداق مەزمۇن سۆزلىنىدۇ،قانچە باب چىقىدۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش