كۆڭلۈم يوق
(‹‹ئاجايىپ بىر قىزغا يولۇققان يىگىت›› تىلىدىن)
(شېئىر)
ھەسەنجان ئابدۇراخمان
مېنى خاتا چۈشەنگەن، شۇ قىزچاققا كۆڭلۈم يوق،
ماڭا ساختا ئىشەنگەن، شۇ كاززاپقا كۆڭلۈم يوق.
ماڭا يېزىپ خېتىنى، يالغان ئېيتىپ ئېتىنى،
مېنى شۇنچە ئويناتقان شۇ ‹‹قىلتاق›› قا كۆڭلۈم يوق.
كۈندە ئۈچ ۋاخ كۆرۈشۈپ، قولتۇقلىشىپ يۈرىشىپ،
مېنى ئۆزىگە رام قىلغان شۇ ‹‹قىرتاق›› قا كۆڭلۈم يوق.
چەت ئەللىكتەك ياسىنىپ، ‹‹شۇشەن قىز›› دەپ ئاتىلىپ،
ئۆزىنى «ئۇز» چاغلىغان، شۇ «قۇمچاق» قا كۆڭلۈم يوق.
ئۇپا-ئەڭلىك سۈرمىسە، قاپىقىنى سۈزمىسە،
مېنىڭ بىلەن كۆرۈشمەس، شۇ ئورۇققا كۆڭلۈم يوق.
يىم ئىشتاننى كىيىۋېلىپ، يەڭلىرىنى تۈرىۋېلىپ،
«سىركول» دەكلا تۇرىدىغان، شۇ تۇرۇققا كۆڭلۈم يوق.
ياغلىق يېرىم ئارتىلغان، چاپانلىرى تارتىلغان،
يۈزى سوقا، خام قاپاق، شۇ «قونچاق» قا كۆڭلۈم يوق.
ئېغىزى قان ئىچكەندەك، چېچى ئوتقا چۈشكەندەك،
قېشى يېرىم مېتىردەك، شۇ «چومچاق» قا كۆڭلۈم يوق.
ئارغامچىدۇر ھالقىسى، دائىم ئاقار ماڭقىسى،
قەغەز ئۇنىڭ لۈڭگىسى، شۇ «پاتقاق» قا كۆڭلۈم يوق.
راھىبنىڭدەك زەنجىرى، بەكمۇ بەدبۇي ئەنبىرى،
بۇرۇنۇمنى غىدىقلار، شۇ «سامساق» قا كۆڭلۈم يوق.
بەزى قىسقا يوپكىسى، كىندىك ياپماس كوپتىسى،
بەكمۇ كىچىك سومكىسى، شۇ ھايتاققا كۆڭلۈم يوق.
بەكمۇ كۆپتۇر ئەيىبى، تېخى باردۇر كەيىپى،
نىمە قىلاي مەن ئۇنى، شۇ قاپاققا كۆڭلۈم يوق...
مەنبە:ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
2014-يىل 11-ماي كېچە.