سوقىچوف ھەققىدە مۇسەللەس
(ساتېرا)
ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
قانداق مىجەز، ئەھۋالىڭ، ياخشىمۇ سەن سوقىچوف؟
دائىم ‹‹پىرە›› ئوينايتتىڭ، باخشىمۇ سەن سوقىچوف؟
ئۇتتۇرىۋەتكەن لالمىدەك، پاخشىمۇ سەن سوقىچوف؟
يېزىۋەرسە تۈگىمەس، ناخشىمۇ سەن سوقىچوف؟
يازماي دېسەم ئەيىبىڭ، ھازىر ئەمدى بولمىدى،
يا سۈخەنچى ئېغىزىڭ، قوغۇشۇندا تولمىدى،
يا باشقىلار گېپىڭدىن، ئاغرىپ يېتىپ ئۆلمىدى،
خالادىكى پوق پۇراق، تاختىمۇ سەن سوقىچوف؟
ئۇ ئىتتىرسە بارىسەن، سۆزلىرىنى كۆپتۈرۈپ،
بۇ ئىتتىرسە قايتىسەن، ئىلگىركىنى چۆكتۈرۈپ،
يالغاننى بەك توقۇيسەن، ھەر ئىككىنى ئۆلتۈرۈپ،
كۆپۈك قاينار لېۋىڭدە، لاپچىمۇ سەن سوقىچوف؟
بارساڭ ئەركەك يېنىغا، ‹‹ئەركەك››مۇ بولالايسەن،
قېرى جۇۋاندەك ياسىنىپ، ‹‹قىزچاق››مۇ بولالايسەن،
سېرىكچىدەك ئۆزگىرىپ، ناز-كەرەش قىلالايسەن،
پىچىۋەتكەن ئۆچكىدەك، ئاختىمۇ سەن سوقىچوف؟
كۆرسەڭ يۇۋاش، ئاجىزنى، تارتىسەن جىنايەتكە،
چاپان يېپىپ بىراۋغا، ھەم شېرىك خىيانەتكە،
چاپلاپ تېخى قارىنى، پاك ئىنساب دىيانەتكە،
ئېيتقىنا سەن، پارىخور ساقچىمۇ سەن سوقىچوف؟
‹‹ھاي!›› بېرىسەن بىراۋغا، خەيرىيەتنى توختىتىپ،
شۇئان باشلاپ يامانغا، ئەسكىلەرگە ئوخشىتىپ،
يېقىپ ئوتنى، پىلتىنى، تاماشانى قوزغىتىپ،
سىركە مايغا مىلەنگەن، پاختىمۇ سەن سوقىچوف؟
بايان قىلدىم ئازراقلا، تېخى بارتى بىر قۇچاق،
يېزىۋەرسەم ئەيىبىڭ، چىقىپ قالدى كۆپ قوشاق،
سېنىڭ دەردىڭ ھېلىمۇ، يۈرەكلەردە بەك توشاق،
كېيىن ئەمدى ئادەمدەك، ياشارسەنمۇ سوقىچوف؟!
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
2014-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى شەنبە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-11 04:18 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-12 12:22 AM):
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
ماۋزۇ خاتا، توغرىسى: سوقىچوف ھەققىدە مۇرەببە