ئانا
ھەسەنجان ئابدۇراخمان
ئانا،
كۆرگۈڭ كەلدىمۇ؟
سۆيگۈڭ كەلدىمۇ؟
بەلكىم كەلگەندۇ...
ئاشۇ چاغدا،
سۆيگەن ئىدىڭ پىشانەمگە،
مېھىر بىلەن،
سېھىر بىلەن،
مېھىرلەنگەنمەن ئاشۇ سۆيگۈڭدە.
ئىپتىخار بىلەن،
ئىستىخپار بىلەن،
ئۇزاتقان ئىدىڭ مېنى مەكتەپكە.
بەلكىم يەنە
سېغىنغانسەن،
مېنى ئەسلەپ
ئېغىنغانسەن،
ئاللاھقا يېلىنغانسەن،
بالام قاچان كېلەركىن، دەپ
يوللارغا قارىغانسەن.
لېكىن، مەنچۇ؟!
ئويلىماپتىمەن سېنى كۆپ قېتىم...
ھە ئانا،
ئويلىغانسەن مېنى مىڭ قېتىم...
جېنىم ئانا،
سېنى سېغىنغان كۈنلىرىم كۆپتۇر،
سېنىڭ ئاشۇ ئىللىق يۈزۈڭنى
زەپمۇ ئەسلىگەن تۈنلىرىم كۆپتۇر،
ئۇخلىماي،
تاتلىق ھىجران ئازابى بىلەن
تولغۇنۇپ.
لېكىن يەنە،
سەنچىلىك ئەمەستۇر بەلكىم،
ئۇخلىمىغانلىرىم،
ھىجران ئازابى بىلەن
تولغانغانلىرىم،
سېغىنغانلىرىم،
سېنىڭ ھىدىڭنى
ئىستىگەنلىرىم...
ئېھ، ئانا!
جېنىم ئانا!
قېنىم ئانا!
مېھرىبانىمسەن،
غەمگۈزارىمسەن،
پاسىبانىمسەن،
مەن ئۈچۈن دۇنيادا بىر
ئۇلۇغ ئانىسەن،
ئۇلۇغ ئىنسانسەن،
ئۇلۇغ ئايال ـــــ
مېنىڭ ئانامسەن!!!
ياق!
ئۇلۇغلۇق ـــــ
ئاللاھقا خاستۇر.
لېكىن،
ئاللاھمۇ ساڭا بەرگەن
يۈكسەكلىكنى،
بۈيۈكلىكنى،
ئۇلۇغلۇقنى!
ئېھ، ئۇلۇغ ئانا! ...
2010-يىل 8-مارت.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-21 01:11 AM