بولۇت ۋە يامغۇر
قەدىردىن باۋۇدۇن
كەتتى بۇلۇت سىنىڭ مەلەڭگە،
بەلكىم كەچتە ياغار شاقىراپ.
سەن ئىشقىمدا ئېچىلساڭ ئەگەر،
يارىتىمىز سۇيۇملۇك ئازاپ.
خىيالىمدا ياراتتىم سىنى،
كارۋىتىمدا ياتىسەن گۇلۇم.
تىلىكىمنىڭ تىترەشلىرىدە،
بىر جۇپ يۇلتۇز قونغان توڭلۇكۇم.
مەيىن شامال چىقارغان تىۋىش،
دىققىتىمنى يىغار نوقتىغا.
بىردەم ئۇرلەپ بىر دەم پەسىيىپ،
ئايلىنىمەن يەنە ئوقۇمدا.
تۇزۇپ كىتەر ۋاقىت ئاخىرى،
كۇتۇش سىنى بەخىت تەلىيىم.
كىرەك ئەمەس ماڭا باشقىسى،
سىنى ئولۇغ قىلغان نىيىتىم.
يېغىپ قالسا يامغۇر مۇبادا،
ئايمۇ ماراپ يۇرەلمەس سىنى.
قانداق كويگۇڭ بولسا كويۇۋەر،
سەن ئېچىڭدە ئېيتىپ ناخشامنى.
دەرىزەڭگە ئورۇلار يامغۇر،
دىققىتىڭنى چېچىپ ھەر ياققا.
قۇيۇلمىسۇن چىكىت ئەتىگە،
سەن ئالدىنىپ چىقمىغىن باققا.
توكەلمىسە بۇلۇت يېشىنى،
ئىمكانلاردىن ئىمكان تۇغۇلار.
مەن بارىمەن مەلەڭگە چوقۇم،
شۇنچە تاتلىق سويگۇ ئارزۇلار.
پىنھانلاردا يېنىپ چىراقتەك،
باراڭلاردا پىشقان ئوزۇمدەك،
ساقلاپ تۇرساڭ مىنى بېغىڭدا،
مەن ھويلاڭغا تىكىمەن تىرەك.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۇنى