بىر دەستە گۇل تۇرار رامكىدا
قەدىردىن باۋۇدۇن
بىر دەستە گۇل تۇرار رامكىدا،
قارىساملا مەندە سۇيۇنۇش.
سويگۇ ئۇچۇن قىلغان ئەجرىنى،
نىسىپ بولدى گۇلۇمگە كۇرۇش..
بارغا قاراپ ياشاپ كەلدى ئۇ،
چىرايىدا دائىم قانائەت.
جاپا بىلەن ئوتكەن كۇنلەردە،
نۇرلىناركەن سويگۇ-مۇھەببەت.
ئەسلىگۇم يوق ئاشۇ كۇنلەرنى،
ئويلىساملا ئۇنىڭ جاپاسى.
تۇرمۇشۇمدا بولغاچ ئىتىقات،
مىۋە بىرىپ تۇرار ۋاپاسى.
بىر دەستە گۇل تۇرار رامكىدا،
سۈرتۇپ كەلدىم كۇزۇم نۇرىدا.
مۇھەببەتلىك ناخشامنى ئاڭلاپ،
ئۇ ياشايدۇ مەڭگۇ يېنىمدا..
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 07:18 PM