تۇخۇمىڭنى سېتىۋەر گۇلۇم
(قەدىردىن باۋۇدۇن)
تۇخۇم ساتقان قۇشنامنىڭ قىزى،
قۇياش كەبى كەلسەم ئالدىڭغا،
شەلپەرىدەك قىزارغان يۇزۇڭ،
ھېلىقىدەك تۇرار يادىمدا.
ئېسىڭدىمۇ تۇخۇملىرىڭنى،
ئالغان ئىدىم باھا تالاشماي.
سەن بىلمەيسەن مىنىڭ قەلبىمنى،
سەن ئىدىڭغۇ قەلبىمدىكى ئاي..
شۇندىن بىرى بازاردا سىنى،
ئۇچرۇتالماي ئېيتىمەن ناخشا.
قەلبىمدە بار سېغىنىش ئۇتى،
مىنى سەرسان قىلدىڭغۇ بازا.
تۇخۇمىڭنى سېتىۋەر گۇلۇم،
ئۇ ئەجرىڭنىڭ ئۇلۇغ مېھنىتى.
تۇخۇم سېتىپ ئۇتسىمۇ كۇنۇڭ،
ساتما پۇلغا ۋىزدان غۇرۇرنى.
تارتىنىسەن مەندىن نىمىشقا؟
چىن دىلىمدىن سۇيۇمەن سىنى.
ساڭا تۇخۇم سېتىشىپ بىرەي،
سەن بازارغا چىقمامسەن قېنى.
2003-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۇنى