سەن گۇلۇمنى ئېلىپ كەلگۇچە
قەدىردىن باۋۇدۇن
سەن گۇلۇمنى يۇلۇپ تاشلىدىڭ،
ئۇزۇمگىمۇ قالمىدى رايىم.
ئۇمۇدۇمنى ئۇزۇپ رەستىدىن،
قازناقلاردا چېلىنار سازىم.
سىردىشىم يۇق كۇڭلۇمدىكىدەك،
تۇزى نەگە كەتتى كۇنلەرنىڭ.
ئۇخلاپ كەتتى نەپەسدىشىممۇ،
ناخشىسىنى ئېيتماي تۇنلەرنىڭ.
مەن قاچىمەن خىلۋەتلىرىمگە،
روھىم قېتىپ قالدى كۇزۇمدە.
ئىزدەپ مىنى بولما ئاۋارە،
مەن ئېھتىمال ساقايماس زىدە.
خىيالىمنىڭ چىچەكلىرىمۇ،
بىرەلمىدى شامالغا بەرداش.
مەن سەھنىگە چىقاي دىسەممۇ،
كەتتىڭ نەگە جۇئىتىم ئاداش.
قىسقا بۇلۇپ قالغاچقا قۇلۇم،
چىقتىڭ ئاخىر مىنىڭ بېشىمغا.
تاماق ۋاقتى ئۇتۇپ كەتسىمۇ،
قارىغۇم يۇق ھەتتا نېنىمغا.
يەكلىگەندەك مىنى بارچە جان،
مەن ئىلىندىم شۇنداق تۇيغۇغا.
مەن كۇچاڭدا يۇرگۇنۇم بىلەن،
خىيالىمدا پىچاق قۇلۇمدا.
قۇرقۇپ قالدىم ئۇزۇمدىن ئۇزۇم،
قىينار مىنى بىر خىل سېغىنىش.
مۇزلىماقتا پۇتۇن ۋۇجۇدۇم،
كىم ھىدىيە قىلار قىزىقىش..
سەن خانەمگە كەلسەڭ مۇبادا،
تۇيغۇدىمەن كۇلۇدىغاندەك.
ھېچ كىشىگە بەرمەستىن ئازار،
قۇچىقىڭدا ئۇلۇدىغاندەك.
قۇتقۇزۇپ قال تۇيغۇلۇرىمنى،
ئۇ بېغىمنى نابۇت قىلمىسۇن.
سەن گۇلۇمنى ئېلىپ كەلگۇچە،
بىز ئۇينىغاچ تۇرايلى ئويۇن.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۇنى