ئومرۇڭ ئۇزۇن بولسۇن ئانىجان
قەدىردىن باۋۇدۇن
(ناخشا تىكىستى)
ئومرۇڭ ئۇزۇن بولسۇن ئانىجان،
مەن ئالدىڭدا تېخى بالىجان،
غېمىمنى يەپ ياراتتىڭ ئاسمان،
شۇڭا دەيمەن سىنى جانىجان..
بەلكىم باردۇر ئارزۇ ئارمىنىڭ،
بەلكىم باردۇر مەندىن كۇتكىنىڭ،
ساڭا مۇھىم خاتىرجەملىگىم،
ئومرۇڭ ئۇزۇن بولسۇن ئانىجان..
سەن ئۇتۇسەن بەختىمنى تىلەپ،
كېچىلەردە مەندىن ئەنسىرەپ،
مىنى كۇزلەپ يوللارنى ئىزدەپ،
ئومرۇڭ ئۇزۇن بولسۇن ئانىجان.
ئۇمۇدۇڭنى قويمايمەن يەردە،
چاقنىتىمەن بەختىمنى تەردە،
قۇياش بۇلۇپ كىلەي سەھەردە،
ئومرۇڭ ئۇزۇن بولسۇن ئانىجان..
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-9 03:59 PM