مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: WWW.UYHQT.COM

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ( 1-قىسىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 08:21:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۈچۈنچى باب ئىككىنچى پارگىراف



***2. نامراتلار پۇل بولسىلا خەجلىۋىتىدۇ، بايلار پۇل بىلەن مېڭىسىنى بېيىتىدۇ



   «بۈگۈن مېنىڭ مائاشىم چىقتى، بۇ بىر نەچچە كۈن بىز بىرلىكتە تاماق يەپ، كىنو كۆرۈپ ياخشىراق ئوينىۋالايلى، مەن مېھمان قىلىمەن!»



   «مەن يېڭى چىققان  يانفوندىن بىرنى كۆرۈپ قويدۇم، سىرتقى شەكلىمۇ كۆركەم،ئىقتىدارلىرىمۇ تولۇقكەن. گەرچە باھاسى سەل قىممەت بولسىمۇ، بىراق مېنىڭ قولۇمدا ئازراق ئېشىنچا پۇل بار، شۇڭا ئەتە ئۇنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن،كىرىمىممۇ ياخشى.»



   «ئاي ئاخىرى بولۇپ قولۇم ئازراق قىسقا بولۇپ قالدى، ئاۋۋال ماڭا ئازراق تۇرمۇش پۇلى بېرىپ تۇرۇڭ، كىيىنكى ئايلىق مائاشىم تارقىتىلغاندا قايتۇرۇپ بېرىمەن.»

   ..........



   بۇ خىلدىكى دىئالوگلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئېنىقكى گەپ قىلىۋاتقان باش پىرسوناژلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان«ئايلىقچىلار»دۇر. ئۇلار ئۆزىنىڭ جاپا تارتىپ تاپقان ئايلىق مائاشىنى يەپ – ئىچىش،ئويناپ-كۈلۈش قاتارلىق كۈندىلىك ئىستىمالغا سەرپ قىلىپ، بۇ پۇللارنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كىلەلەيدىغان قىممىتىنى ئەزەلدىن ئويلاپ  باقمايدۇ.




   بۇ خىلدىكى پىلانسىز ئىستىمال پۇلنىڭ بەركەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە قولدا پۇل بولسىمۇ ناھايىتى تىزلا خەجلىنىپ تۈگەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن نامراتلىق ھالىتى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئايلىقچىلار» ھەمىشە ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ناھايىتى بەتخەجلىك قىلىدۇ،  كىيىنكى يېرىمىدا «تېشىدا ھېيىت ئويناپ، ئىچىدەروزا تۇتۇش» قا مەجبۇر بولىدۇ.  جىددى ئەھۋال يۈز بېرىپ پۇل لازىم بولغاندا،ئۇلار ھەممە تەرەپكە قاتراپ قەرز ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىر ئۆمۈر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.




   بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، پۇلنى چوقۇم ئەڭ ئورۇنلۇق جايلارغا خەجلەش مەسىلىسىمۇ بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىگە ئايلاندى: نامراتلار ھەمىشە قانچە پۇلى بولسا شۇنچە پۇل خەجلەيدۇ؛ بىراق بايلار پۇل بولسىلا بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاشقا،توختىماستىن ئۆگىنىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار يەپ – ئىچىپ،ئويناشتەك كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىملىرىنى ناھايىتى ئىنچىكە قىلىدۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئۆزىگە بولغان مەبلەغ سېلىشنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇكى،پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.




   ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، نامراتلار پەقەتلا بىر ئىستىمالچى، ئەمما بايلار بولسا بىر مەبلەغ سالغۇچى

(ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى دەل ئۆزى).



   شەندۇڭ سىنتې مەبلەغ باشقۇرۇش گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى فەن ئېنجۈن دەل پۇلنى ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن خەجلەيدىغان، ئۆزىگە مەبلەغ سېلىشقا ماھىر،توختىماستىن ئۆگىنىدىغان بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.



   شەندۇڭ جىنمېڭدا توغۇلغان فەن ئېنجۈننىڭ ئائىلىسىدە ئىنى – سىڭىللىرى كۆپ بولۇپ، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق ئىدى. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن، 1989–يىلى، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن فەن ئېنجۈن جىنمېڭدىن ئۆزى يالغۇز جىنەنگە كەلگەن.



   پەقەت تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداقتېخنىكىلىق ماھارەتلەرنى بىلمىگەچكە، فەن ئېنجۈن دەسلەپتە ھېچقانداق خىزمەت تاپالمايدۇ. بىرئاز ۋاقىتتىن كىيىن، ئۇ تۆمۈر يول مال توشۇش مەيدانىدا مال توشۇش خىزمىتى تاپىدۇ.ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتاتتى. خىزمەت ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق تاپقان پۇل ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاران قامدايىتتى.


   گەرچە جىنەندىكى تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرغان، ئۇ پەقەت ئۆزىگە تايىنىپ ئىزچىل ئۆگەنگەندە ۋە تىرىشقانداچوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان بىر كۈنىنىڭ بولىدىغانىقىغا ئىشەنگەن.



   مال توشۇش خىزمىتى جەريانىدا، ئۇ تۇيۇقسىز بىر كىيىم – كىچەك كەسپىگە خىزمەتچى تەكلىپقىلىش ئېلانىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ قىزىقىش ئىلكىدە بىر سائەتلىك كىيىم تىكىش – كىسىش دەرسنى ئاڭلاپتۇ - دە، ئۇنىڭدا بۇ كەسىپكە نىسبەتەن چوڭقۇر قىزىقىش تۇغۇلۇپتۇ.گەرچە ئەزەلدىن بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ باقمىغان بولسىمۇ، بىراق فەنئېنجۈن كىيىم – كىچەك كىسىش – تىكىشنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە ئاددى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، «باشقىلار قىلالىغان ئىكەن مەنمۇ قىلالايمەن.» دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ.



   بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كىيىن، فەن ئېنجۈن ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈپتۇ. يەنى ئاۋۋال ھۈنەر ئۆگىنىشكە تىزىملىتىپتۇ.ھەم ئۆزىنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان ئىقتىساد قىلىپ جۇغلىغان پۇللىرىنى ئېلىپ شەندۇڭ كادىرلار ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ كىيىم – كىچەك لايىھەلەشنى ئۆگىنىپتۇ.



   توختىماستىن ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق فەن ئېنجۈن ئۇ جايدا كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە كەسپىي بىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپتۇ ھەمدە تەربىيلەش سىنىپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى بىلىۋاپتۇ. ئۇ يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تازلىق قىلىش، ئېلان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى چاپلاش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىپتۇ.



   شۇنداق قىلىپ فەن ئېنجۈن 20 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ 40 كۈندە ئۆگىنىشكە تىگىشلىك بولغان بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن فەن ئېنجۈن جىنەن يەنشەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بىرسىنىپىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزىنىڭ تىككۈچىلىك كۇرسىنى باشلاپتۇ.ھالبۇكى فەن ئېنجۈننىڭ بىرىنچى سائەتلىك دەرسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماپتۇ. ئوقۇتۇش تەجىرىبىسى بولمىغاچقا، ئۇ 15 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىككى سائەتلىك دەرسنى سۆزلەپ بوپتۇ.بىرىنچى سائەتلىك دەرستىن كىيىنلا ئوقۇغۇچىلار بەس – بەستە چېكىنىشنى تەلەپ قىپتۇ.بىرىنچى قېتىم مۇنبەرگە چىقىپ ئەمدىلا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى باشلىغان فەن ئېنجۈنگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇ بىر ئېغىر زەربە  ھېسابلىناتتى.



   بىراق فەن ئېنجۈن بۇ سەۋەبلىك ۋاز كەچمەپتۇ. ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىدىن تەكرار ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ بىلىملىرىنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  يەنە تىجەپ يىغقان پارچە پۇللىرىغا ئوقۇتۇشقا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋاپتۇ.«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك، ئۇنىڭ دەرسى ئاخىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشىپتۇ.



   1991 – يىلى 21 ياشقا كىرگەن فەن ئېنجۈن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە 3 دانە تىكىش ماشىنىسى بىلەن ئۆزىنىڭ كىيىم –كىچەك زاۋۇتىنى قۇرۇپتۇ. كىيىم تىكىش تېخنىكىسى ياخشى ۋە سۈپەتكە قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى بولغاچقا، زاۋۇتنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، فەن ئېنجۈن ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كاپىتال جۇغلانمىسىنى توپلاپتۇ.




   كىيىم–كىچەك كەسپىدىكى مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە فەن ئېنجۈن ئېلان-تەشۋىقات، باغۇ – بوستانلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىپتۇ، ھەمدە بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ئېلان شىركىتى،باغ – ئورمانچىلىق شىركىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپتۇ.




   ئىگىلىكىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ فەن ئېنجۈننىڭ بېكار ۋاقىتلىرىمۇ بارغانسىرى ئازلاپتۇ،بىراق ئۇ ئەزەلدىن ئۆگىنىشنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.ئەكسىچە ئىزچىل تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ تولۇقلاپتۇ. چۈنكى ئۇ پەقەت توختىماستىن ئۆگەنگەندىلا ئۆزىنىڭ شىركىتىنى تېخىمۇ ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.



2001 – يىلى فەن ئېنجۈن شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ سىستېمىلىق ھالدا باشقۇرۇش ئىلمى جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. 2007 –يىلى يەنە تىيەنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگېستىر،دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپتۇ.



   شۇنداققىلىپ فەن ئېنجۈن توختىماستىن ئۆگىنىپ ئۆز بىلىمىنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  كارخانىسىنىمۇ  تەرەققى قىلدۇرۇپ مال – مۈلكىنىمۇ كۆپەيتىپتۇ.




   فورد شىركىتىنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى لۇيىس. لوس ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىزدىكى بىلىملەرنىڭ كالا سۈتىگە ئوخشاش يېڭى ساقلىنىدىغان مەزگىلى بولىدۇ.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تۇرمىسىڭىز،سۈت تىزلا بۇزۇلۇپ قالغانغا ئوخشاش ، سىزنىڭ كەسپىي بىلىمىڭىزنىڭ ھاياتى كۈچى ناھايىتى تىزلا ئاخىرلىشىدۇ».



فەن ئېنجۈن بۇ قائىدىنى ناھايتى ياخشى چۈشەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتتىن بوشىغان  ۋاقىتلىرىدا ئىزچىل ئۆگەنگەن .گەرچە دەسلەپتە تاپقان پۇلى كۆپ ئەمەس، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ جاپا تارتىپ يىغقان پۇللىرىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ بىر تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە يۈك توشۇش ئىشچىسىدىن قەدەممۇ – قەدەم ھالدا مال –مۈلكى مىلياردتىن ئاشىدىغان كارخانا خوجايىنىغا ئايلانغان.



   شۇنداق،بۈگۈنكى توختاۋسىز ئۆزگۈرىۋاتقان سودا جەمئىيىتىدە، مال – مۈلۈككە ئىگە بولۇش ۋە سودا مەيدانىدا مەغلۇب بولماسلىق ئۈچۈن، چوقۇم ئىزچىل ئۆگىنىش  ۋە پۇلنى «ئىككى مۈرىنىڭ ئۈستىدىكى قاپاق» قا سەرپ قىلىپ، ئۇنى بىلىم،ئەقىل خەزىنىسىگە  ئايلاندۇرۇش كېرەك.فەن ئېنجۈندەك  بايلارنىڭ ھەممىسى بۇ قائىدىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۇلىنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆزىنىڭ «ئۆگىنىش مەبلىغى» قىلىپ، قەرەللىك ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە مەبلەغ سالىدۇ. بۇ خىل مەبلەغ سېلىش قارىماققا تېز ئۈنۈم بەرمىگەندەك قىلسىمۇ ، بىراق ئوزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەندە ئەڭ ئاقىلانىلىك بىلەن سالغان مەبلەغ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.





بايلىقنىڭ بايانى:

ئەگەر بىر ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولسا چوقۇم ئۆزىنىڭ مال –مۈلكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بىر ھەقىقىي باي ھەرگىزمۇ پۇل بولسىلا قالايمىقان خەجلىمەيدۇ. ئەمەلىي قىممىتى يوق ئىستىمالغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ مېڭىسىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. ئىزچىل ئۆگىنىپ ئۆزىنى تولۇقلايدۇ، پۇلنى ئۆزىنىڭ شەكىلسىز مەبلىغىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەمچى قىلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 08:29 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 12:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچۈنچى باب ئۈچۈنچى پارگىراف



***3.نامراتلار بايلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى دورايدۇ، بايلار بولسا نامراتلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى بۇيىچە ياشايدۇ



«ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەقىقەتەن پۇلدار ئىكەن،  مەن مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە توغۇلۇپ قالغان بولسان نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى – ھە!»



   «ئادەم باي بولسا بەك ياخشىكەن، نېمە سېتىۋالغۇسى كەلسە شۇنى سېتىۋالىدىكەن، پۇلنىڭ يىتىشمەسلىكىدىن ئازراقمۇ غەم قىلمايدىكەن!»



   «ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولغان بولسا، مەن چوقۇم ئىسىل ماشىنا، داڭلىق ھاراق سېتىۋېلىپ ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇشتىن

بەھرە ئالغان بولاتتىم. ھاھا ھا...، بۇنداقتا ئادەم ئۆزىنى ناھايىتى بەختىيار ھېس قىلىدۇ.»

   ....


   ئازراقلا دىققەت قىلسىڭىز، سىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بۇنىڭدەك سۆزلەرنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقايسىز. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بايلارنىڭ باياشات ھالىتىنى ياختۇرىدۇ ۋە ھەۋەس قىلىدۇ. ئۇلار توختىماستىن بايلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر بايغا ئايلىنىپ، باشقىلارنى ھەيران قالدۇردىغان باياشات تۇرمۇشقا ئىگە بولىشىنى خام – خىيال قىلىدۇ.



   بۇنداق پىسخىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب، كۆپ قىسىم كىشىلەر بايلار راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ،دەپ ئويلايدۇ. بۇ نۇقتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.


   ھالبۇكى بۇخىل ھۆكۈم تۈپتىن توغرا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىر ھەقىقىي باي ھەرگىزمۇ بۇزۇپ–چېچىپ ئىسراپخورلۇق قىلمايدۇ. ئۇلار بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى، پۇلنى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا خەجلەشنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ«نامراتلارچە»،ئاددى – ساددا، ئىقتىسادچىل بولىدۇ.


  

   بۇ جايدا بىز بىرلىكتە بىر ھېكىمەتلىك ھېكايىدىن ھوزۇر ئالايلى:


   بىر كۈنى،بىر نامرات ئادەم تەڭرىگە يولۇقۇپ قاپتۇ، ئۇ تەڭرىگە ئۆزىنىڭ نامرات تۇرمۇشىدىن قاخشاپ بېرىپ ئۆزىنىڭ بايلارنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان ھەۋىسىنى ئىپادىلەپ بېرىپتۇ،تەڭرى بۇنى ئاڭلاپ چۈشەنمەستىن: «سەن نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ نامرات ئىكەنلىكىڭنى بىلەمسەن؟» دەپ سوراپتۇ. نامرات ئادەم ئويلانماستىنلا: «چۈنكى مەندە پۇل يوق!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. «پۇلۇڭ بولسىلا باي بولالامسەن؟» دەپ سوراپتۇ تەڭرى.«ئەلۋەتتە! پۇلۇم بولسىلا مەن باي بولالايمەن.» دەپتۇ نامرات ئادەم.



   تەڭرى ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن: «ئۇنداقتا ياخشى، مەن ساڭا ھازىر بىر مىليون فوندېستىرلىڭ بېرىپ سېنى بايغا ئايلاندۇرۇپ قوياي. ئەگەر بەش يىلدىن كىيىن سەن يەنىلا باي ھالىتىڭدە بولساڭ، مەن ساڭا يەنە بىر مىليون فوندېستىرلىڭ بېرىمەن»دەپتۇ. نامرات ئادەم  ئۆزىنىڭ  بۇنداق ياخشى ئىشقا يولۇقۇپ قالغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ – دە،تەڭرىنىڭ تەلپىگە قوشۇلۇپتۇ.



   نامرات ئادەم ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان باي بولغانلىقىنى، شۇڭا چوقۇم بايلاردەك ياشىشى لازىملىقىنى ھېس قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ تەڭرى ئۆزىگە بەرگەن بىر مىليون فوندېستىرلىڭنى ئېلىپ بايلار ئولتۇراق رايونىدىن بىر يۈرۈش ئالىي دەرىجىلىك داچا سېتىۋاپتۇ، ھەمدە يەنە بىر ئىسىل ماشىنا سېتىۋېلىپ شوپۇر ياللاپتۇ. ئارقىدىن سودا مەيدانلىرىغا بېرىپ داڭلىق ماركىلىق كاستۇم، كۆڭلەڭ سېتىۋاپتۇ، ھەمدە ئەمگەكچىلەربازىرىغا بېرىپ ياللانما خادىم ۋە ئاشپەز ياللاپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى بايلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ.



   ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ بەتخەج ئادەم بىر مىليون فوندېستىرلىڭنى خەجلەپتۈ گىتىپتۇ. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ مائاشىنى تارقاتقىدەك پۇلىسى بولمىغاچقا،ئىشلەتكەن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى كېتىپ قاپتۇ. كىيىنكى قېتىملىق بىرمىليون فوندېستىرلىڭنى ئېلىش ئۈچۈن، نامرات ئادەم ئۆزىنىڭ يەنە بايلارچە تۇرمۇش كەچۈرۈشى لازىملىقىنى ھېس قىپتۇ.


شۇنداق قىلىپ ئۇ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىنى سېتىۋېتىپ ئوتتۇراھال ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ.ئاشقان پۇلغا يەنە خادىم ۋە شوپۇر ياللاپ،ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا پۇل خەجلەشكە باشلاپتۇ.



   ئىككى يىلدىن كىيىن، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش يەنە ئۇنى قۇرۇق قول ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. نامرات ئادەم ئامالسىزلىقتىن داچىسىنى سېتىۋېتىپ مېھمانخانىدا تۇرۇپتۇ.ھەم يەنىلا ئۆزىنىڭ بايلارچە تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.



   تەڭرى بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈنى نامرات ئادەم يەنە بەش يىل ئاۋۋالقى ھالىتى بۇيىچە تەڭرىنىڭ ئالدىدا زاھىر بوپتۇ. ئۇ تەڭرىگە پۇشايمان بىلەن: «تەڭرىم، ماڭا يەنە بىرقېتىم پۇرسەت بېرىڭ، مەن چوقۇم بۇ بىر مىليوننى قەدىرلەپ، تىجەشچانلىق بىلەن ياشايمەن »دەپتۇ.



   تەڭرى بېشىنى چايقاپ: ‹‹ ئەگەر بەش يىلدىن كىيىن سەن يەنە باي ھالىتىڭنى ساقلىيالىساڭمەن ساڭا بىر مىليون فوندېستىرلىڭ بېرىمەن،دەپ ۋەدە قىلغان. ناھايىتى ئەپسۇس، سەن يەنىلا نامرات پېتى تۇرۇپسەن.» دەپتۇ.

   نامرات ئادەم يىغلاپ نالە قىلىپ تۇرۇپ: «باي بولۇش شۇنداق تەسمۇ؟» دەپتۇ.



   تەڭرى ئۇنىڭغا «ئەگەر سەن ھەقىقىي باي بولغان بولساڭ، ئەينى ۋاقىتتا مەن ساڭا بەرگەن بىر مىليون فوندېستىرلىڭنى بەش يىلدىن كىيىن ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن بولاتتىڭ. سەن ھەقىقىي باي بولمىغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا مەن ساڭا بىر مىليون فوندستىرلىڭ بەرگەن بولساممۇ بەش يىلدىن كىيىن يەنىلا مەندىن بىر مىليون فوندېستىرلىڭ تەلەپ قىلدىڭ. نامراتلار ھەمىشە بايلارنىڭ تۇرمۇشىنى خىيال قىلىدۇ،بىراق بايلارنىڭ ئەزەلدىن ئىسراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ‹نامراتلارچە› تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ »،- دەپتۇ ۋە كېتىپ قاپتۇ.



  قەدىمكىلەردە مۇنداق ھېكىمەت بار: «بېلىقنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە تەلمۈرۈپ تۇرغاندىن تور تەييارلىغان ياخشى». يەنى، دەريا بويىدا جىددىيلىشىپ بېلىقنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندىن كۆرە، ئاۋۋال ئۆيگە قايتىپ تورتەييارلىغان ياخشى. بۇنىڭدا بېلىق تۇتالماسلىقتىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.شۇنداق،«بېلىق تۇتۇش» نىلا ئارزۇ قىلىپ «تور تەييارلىمىغاندا»، مەڭگۈ بېلىق تۇتقىلى بولمايدۇ.



  خۇددى ھېكايىدىكى نامرات ئادەمگە ئوخشاش، بايلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە قىزىقىپ،  تومپاي يانچۇقىغا ھەۋەس قىلىپ ئۇلارنى دورىغان بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش ئۈچۈن تىرىشمىغاندا يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ھېكايىدىكى ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ نامرات تۇرمۇشىدىن قاخشايدۇ،بايلارنىڭ بايلىقىغا ھەۋەس قىلىدۇ، ھەمىشە بايلارنى راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ .شۇڭلاشقا ئۇ تەڭرى ئۆزىگە بەرگەن بىر مىليون فوندېستىرلىڭ پۇلنى بۇزۇپ – چېچىپ تۈگەتكەن. ئۇ مۇشۇنداق ياشىسام بايلاردەك ياشىغان بولىمەن،دەپ قارىغان .بىراق بەش يىلدىن كىيىن يەنىلا نامراتلىقنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان.



   بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىسراپ قىلىش، راھەت – پاراغەت ھەرگىزمۇ بايلارنىڭ بەلگىسى ئەمەس. بىر ئادەمدە ھەر قانچە كۆپ پۇل بولسىمۇ، ئۇ ئەگەر بۇزۇپ – چېچىپ خەجلىسە پۇل ھامان تۈگەيدۇ. ھەقىقىي بايلار بۇ قائىدىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەر ۋاقىت پۇلغاقارىتا پىلانلىق ،تېجەشلىك بولۇپ، ئىزچىل «نامراتلارچە» تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كورىيە«زامانىۋى»ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېن جوۋيوڭ  بۇ خىلدىكى بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.



   جېنجوۋيوڭ 1915 – يىلى چاۋشىيەندىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئائىلىدىكى چوڭ بالا بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەلپى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ بىر جاپاكەش دېھقان بولۇشىنى، ئىنى – سىڭىللىرىغا بىر ياخشى نەمۇنە تىكلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.



   1931 – يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن،جېن جوۋيوڭ يېزىدىن چىقىپ سىرتقى دۇنيانى كۆرۈشنى ناھايىتى  ئارزۇ قىپتۇ. ئۇئۆزىنىڭ سىرىتلارغا چىقىپ جاھاندارچىلىق قىلىش ئارزۇسىنى ئاتا – ئانىسىغا ئېيىتقاندا، ئۇلار بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپتۇ.جېن جوۋيوڭ ئامالسىزلىقتىن كۆپ قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە، ئاتىسى ئۇنى قايتۇرۇپ كەپتۇ.



   1935 –جېن جوۋيوڭ ئۆيدىن 4 – قېتىم چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىپتۇ. ئۆيدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلغان جېن جوۋيوڭ ئاۋال پىرىستانغا بېرىپ ئېغىر ئەمگەك قىپتۇ، ئاندىن خەنچېڭدا بىر يىلغا يېقىن ئىشچى بوپتۇ، كىيىن يەنە گۈرۈچ دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان ئىشنى تېپىپ مۇقىملىشىپتۇ.



   خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل، تىرىشچان بولغاچقا، جېن جوۋيوڭ خوجايىننىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپتۇ. خوجايىن ئاغرىپ قالغاندا، ئۇ دۇكىنىنى جېنجوۋيوڭغا ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن جېن جوۋيوڭمۇ بىر ئاددى ئىشچىدىن دۇكان خوجاينىغا ئايلىنىپتۇ.



   بەلگىلىك ئىقتىسادىي بولغاندىن كىيىن، جېن جوۋيوڭ 1940 – يىلى مەخسۇس ماشىنا رېمونت قىلىدىغان «ئاداۋ ماشىنا

رېمونت قىلىش زاۋۇتى» نى قۇرۇپ چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئاقىلانە يىتەكچىلىك قىلىشى ۋە كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىشى ئارقىسىدا

زاۋۇت كۈنسىرى چوڭىيىپتۇ. كۆلەمنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جېن جوۋيوڭ 1945 – يىلى خەنچېڭدا «زامانىۋى

ئاپتوماتىك ئاپتوموبىلچىلىق ئىشلىرى ئۇيۇشمىسى» نى قۇرۇپ چىقىپتۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن، جېن جوۋيوڭ يەنە

«زامانىۋى قۇرۇلۇش جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، قۇرۇلۇش كەسپىگە كىرىشىپتۇ،ھەمدە بۇ ئارقىلىق بايلاردىن بولۇپ قاپتۇ.



   1967 –يىلى، ئىزچىل ماشىنا چۈشىنى كۆرۈۋاتقان جېنجوۋيوڭ «زامانىۋى ئاپتوموبىل شىركىتى»نى قۇرۇپ چىقىپتۇ.ئۇنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق «زامانىۋى» ماركىلىق ئاپتوموبىللار دۆلەت ئىچى بازىرىدا يىتەكچى ئورۇنغا ئېرىشىپ، پۈتۈن دۇنيا بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. جېن جوۋيوڭ ئۆزىمۇ غايەت زور بايلىققا ئېرىشىپ، كورىيەدىكى داڭلىق بايغا ئايلىنىپتۇ.




   كاتتا زەردارغا ئايلانغان جېن جوۋيوڭنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن .ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى نامرات ۋاقتىدىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرگەن: بىر ئىشتاننى نەچچە يىل كىيگەن؛ كۆڭلەكنىڭ ياقىسى، يەڭلىرى كونىراپ يىرتىلغاندىلا ئاندىن يېڭىسىغا ئالماشتۇرغان؛ بىر دانە ساياھەت سومكىسىنى 10 نەچچە يىل ئىشلىتىپمۇ ئالماشتۇرمىغان.



   زامانىۋى كارخانا گورۇھىنىڭ باش سەردارى بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، جېن جوۋيوڭنىڭ مەخسۇس ئاشخانىسى يوق،ئۇ دائىم خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا خىزمەتچىلەر بىلەن بىرگە غىزالىنىدۇ.جېنجوۋيوڭنىڭ ئىشخانىسىنىڭ بېزىلىشىمۇ ناھايىتى ئاددى، تامغا بىر پارچە گۈلنىڭ رەسىمى ۋە «نام – ئاتاققا قىزىقماسلىق ئاقىللىقتۇر» دىگەن خەتلەر يۇپۇشتۇرۇلغان .بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، جېن جوۋيوڭ يەنە ئۆزىنىڭ ئىنى – سىڭىللىرى ۋە بالىلىرىدىن ئۆزىگە ئوخشاش ئاددى – ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.



   نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئەگەر ئۇلاردا جېن جوۋيوڭنىڭ بايلىقىنىڭ ئازغىنە بىر قىسىمى بولسىلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بەتخەجلىك بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، ئۆزىنىڭ ماددى ئىستىكىنى قاندۇرىدۇ. بىراق 512 مىلياردلىق مال – مۈلۈككە ئىگە بولغان جېنجوۋيوڭ ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغان. دۇنيادىكى داڭلىق زەردار بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ،جېنجوۋيوڭنىڭ ئاددى – ساددا بولغان «نامراتلارچە» تۇرمۇش كەچۈرىشى  كىشىلەرنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندىمەي قالمايدۇ.




بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار بايلارنىڭ تۇرمۇشىغا قىزىقىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى قوغلىشىدۇ.بىراق ھەقىقىي بايلاردا ئاددى – ساددىلىقنى قەدىرلەيدىغان روھ بولىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ راھەت –پاراغەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالمايدۇ، ھەمدە پۇلنىمۇ خەجلىمەسلىككە تېگىشلىك جايلارغا ئىسراپ قىلمايدۇ. نامراتلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بايلارغا شەكىل جەھەتتىن قىزىقىپ يۈرگەندىن كۆرە، دەرھال ھەركەت قوللىنىپ، تىرىشچانلىق بىلەن بايلىق يارىتىپ، تىجەشچانلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئەۋزەلدۇر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 12:29 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 02:18:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۈچۈنچى باب تۆتىنچى پارگىراف



***4. نامراتلارئامىتىنى سىناپ كۆرۈشكە ئامراق، بايلارئۆزىنىڭ جۇغلانمىسىغا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ



   ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئىدىيىسى بولىدۇ، بەزىدە ئادەم خىلمۇ – خىل خىياللارنى قىلىشتىنمۇ خالى بولالمايدۇ، بىراق كۈندە «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاش»نى خام – خىيال قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.



   ئېھتىمال بەزىلەر: «قانداق ئادەم دائىم ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەيدۇ؟»،-دەپ سورىشى مۇمكىن .ئەمەلىيەتتە دائىم ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىيىش نامراتلارنىڭ كۈندىلىك «دەرس» گە ئايلانغان، ئۇلار ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىپ بايلىققا ئېرىشىشنى ئويلىمايدۇ، پەقەت ئامىتى كىلىپ پۇل تېپىشنىلا خىيال قىلىدۇ.مەسىلەن: بەزى قانۇنسىز يەر ئاستى قىمارخانىلىرىدا ھەمىشە نامراتلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار تەر تۆكۈپ تاپقان پۇللىرىغا قىمار ئوينايدۇ، لاتارىيە سېتىۋالىدۇ،ئۆزلىرىنىڭ كىنولاردىكى قىمار پادىشاھلىرىدەك بىردەمدىلا باي بولۇشىنى ياكى خەۋەرلەردىكىدەك ئىككى يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى بىلەنلا بايلاردىن بولۇپ كېتىشنى خام –خىيال قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ‹تەلەيلىك›بولۇشنى خام-خىيال  قىلىش ئادىتى خۇددى «مايمۇننىڭ ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈشى» دەك كۈلكىلىك بولىدۇ.



   نامراتلار بايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ھەمىشە مۇنداق بىر گەپنى ئېغىزىغا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ: «ئۇلارنىڭ تەلىيى بار، بىراق مېنىڭ تەلىيىم كاج كەلدى.»نامراتلارنىڭ قارىشىچە تەلەي ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى، باي – كەمبەغەل بولۇشىمۇ ئامەتنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئۇلار گەپ – سۆزلىرىدىمۇ ئامەتنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپلا قالماستىن، يەنە ئىش قىلغان چاغدىمۇ بىردەمدىلا ئامەتلىك بولۇشنى ئويلايدۇ،ھەگىزمۇ بىر ئاز – بىرئازدىن بايلىق جۇغلاشنى ئويلىمايدۇ.




   بىرئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا تەلەي ھەقىقەتەن بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، بىراق بۇ خىل رولنى سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى تىرىشىپ كۆرەش قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا ھېچقانچە رول ئوينىيالمايدۇ. ئەگەر تەلەيگە ھەقىقەتەن ئىشەنگىلى بولسا، ئۇنداقتا ھەممە ئادەم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان بولاتتى.



   جوۋ ئەپەندىم بىر زاۋۇتنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى بولۇپ ، ئۇ جاپا تارتىپ بىر نەچچە يىل پۇل جۇغلاپتۇ.  ئەتراپىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سودا قىلىپ بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ سودا قىلىپ پۇل تاپقۇسى كەپتۇ. ھەم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ سودا قىلىشنى قارار قىپتۇ. بۇ ئەسلىدە ياخشى ئىش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان نامرات كىشىلەر سودا قىلىپ بېيىش يولىغا ماڭغان ئىدى.  دوستلىرى ئۇنىڭغا پۇل تاپىدىغان بىر نەچچە تۈرنى تونۇشتۇرۇپتۇ. بىراق جوۋ ئەپەندىم ‹بۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سالسا پۇل تېپىشنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدىكەن، تىزرەك ھەم كۆپ پۇل تېپىشتا چوقۇم تەلەيگە تايىنىش لازىم › دەپ ئويلاپتۇ.



   بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كىيىن، جوۋ ئەپەندىم تەرەپ – تەرەپلەرگە بېرىپ پۇل تېپىشنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپتۇ. بىر قېتىم ئۇ دوستى ئارقىلىق خاڭجۇ شەھىرىدە ئوسما يىلتىزىنىڭ بازىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىر بولاق ئوسما يىلتىزىنىڭ 50 يۈەنگە چىققانلىقىنى بىلىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جوۋ ئەپەندىم ئوسما يىلتىزى سېتىشنى قارار قىپتۇ. ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى دورا زاۋۇتىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، جوۋ ئەپەندىم ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ 15 يۈەندىن 300بولاق ئوسما يىلتىزى سېتىۋاپتۇ. ھەم ئەگەر ھەر بىر بولاق ئوسما يىلتىزىنى 50يۈەنلىك باھادا ساتالىسا، ئۇنداقتا 10000 يۈەندىن كۆپرەك ساپ پايدا ئالىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىپتۇ. جوۋ ئەپەندىم ئوسما يىلتىزلىرىنى سېتىپ چىقىرىپ پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتقاندا، گېزىتتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئوسما يىلتىزىنىڭ باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرگەن قارا نىيەت سودىگەرنى جازالىغانلىقىدەك خەۋەرنى كۆرۈپتۇ، جوۋ ئەپەندىم بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ سودا قىلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ، نەتىجىدە جوۋ ئەپەندىم پۇل تاپالمايلا قالماستىن، يەنە قولىدىكى ئوسما يىلتىزلىرى سېتىپ چىقىرىلماي زىيان تارتىپتۇ.



   جوۋ ئەپەندىم ئەسلىدە ئۆزىنىڭ قولىدىكى مەبلەغدىن پايدىلىنىپ كىچىك دۇكان ئاچسا ياكى باشقا مۇقىم تۈرلەرنىڭ سودىسىنى قىلىپ، ئاز – ئازدىن پۇل جۇغلىسا بولاتتى. بىراق ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بايلىقنى قوغلىشىش يولىدا ئامەت ھەقىقەتەن مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. بىراق ئامەت تاسادىبى ئۇچراپ قالمىسىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك. تەلەيى ئوڭدىن كېلىپ ئامەت قۇشى بېشىغا قۇنىدىغان ئادەم ناھايىتى كەمدىن – كەم ئۇچرايدۇ.دائىم ئامەتكە ئۇچراپ قېلىشنى ئويلايدىغان خىيال پەرەس،ھۇرۇن ئادەملەر ھەمىشە ۋەيران بولىدۇ.



   باي بولۇشنى ئويلايدىغان كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى توغرىلىشى، تىرىشىش ۋە جۇغلاشقا تايىنىپ بايلىققا ئېرىشىشى، ئۆزىنىڭ زېھنىنى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە سەرپ قىلىشى كېرەك .ھەرگىزمۇ تاسادىبى ئامەتكە ئۇچراپ قېلىشنى ئويلاپ قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق باي بولغان ئاشۇ بايلار جەزمەن ناھايىتى پەم-پاراسەتلىك ئەمەلىيەتچىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار «ھەر قانچە ئىگىز بىنانىڭمۇ بىرخىش – بىر خىشتىن قوپۇرۇلغانلىقى» دەك قائىدىنى بىلىدۇ. ھەر قانداق چوڭ نەتىجىنىڭمۇ بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئىلگىرلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.



   «ياشى» ئىچ كىيىملىرىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭيۈسۇنىڭ مۇنداق بىر ئەقىليە سۆزى بار: «پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش بولسا بىرئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئالدىنقى شەرت،غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چوقۇم بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن مېڭىش كېرەك.»خۇاڭ يۈسۇنىڭ بايلىقلىرى دەل بىر قەدەم –بىر قەدەمدىن جۇغلانغان.



   ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە خۇاڭ يۈسۇ ئۆزىگە ‹ئىچ كىيىم سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش› تىن ئىبارەت

بىر چوڭ نىشان بېكىتىدۇ.



   گەرچە ئاخىرقى نىشان بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق خۇاڭ يۈسۇنىڭ ئىگىلىك يارىتىش يولى قاتمۇ–قات قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان.چۈنكى ئۇنىڭدا پەقەت ئۈچ دانە كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە ئىجارە ئالغان ئادەتتىكى  ئۈچ ئېغىز ئۆيلا بار ئىدى. دەسلەپتە ئىچ كىيىم ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغاندا، كىيىملەرنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ئاستا ئىدى.ئەسلىھەلەرنىڭ ئاددى بولۇشى بىر سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەينى ۋاقىتتا زاۋۇتتا ئىچ كىيىم كەسپىنى چۈشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ھالبۇكى

خۇاڭ يۈسۇبۇ قىيىنچىلىقلاردىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ كونا موتوسىكىلىتىنى مىنىپ جىنخۇا شەھىرىنى ئايلىنىدۇ، ھەمدە بىر قىسىم ئاۋات جايلاردىن سودىگەر ئىزدەيدۇ.  توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى بىر نەچچە سودىنى پۈتتۈرۈپ ئازراق پۇل تاپىدۇ.




   خۇاڭيۈسۇ ھەرگىزمۇ شۈكرى قىلدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. بىر يىلدىن كىيىن ئۇ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن 800 كۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ نەچچە ئون دانە  تىككۈچىلىك ماشىنىسى سېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.بۇ ۋاقىتتىكى خۇاڭ يۈسۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن، ئۇ شىركەتنىڭ ئىچ كىيىم لايىھەلىگۈچىسى ۋە تېخنىك خادىمى ئىدى، ھەتتا رېمونتچىلار قىلىدىغان ئىشنىمۇ قىلاتتى. ئۆزى رېمونت قىلالمايدىغان ئەسۋابلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ بۇزۇلغان سايمانلارنى كۆتۈرۈپ، ئىچ كىيىمچىلىك بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان گۇاڭجۇغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇراتتى. كىرا ھەققىنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇ ۋاگوندا نەچچە سائەتلەپ ئۆرە تۇراتتى،ئەگەر زادى بولالمىسا ئورۇندۇقنىڭ ئاستىلىرىدا مۈگىدىۋالاتتى.



   ئوزۇن ئۆتمەستىن، خۇاڭ يۈسۇ ياۋروپاغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ. بۇ سەپەر ئۇنىڭ نەزەر–دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. ياۋروپا ئىچ كىيىمچىلىكىدە لايىھەلەنگەن ئىچكىيىملەر ناھايىتى نەپىس بولۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئىچ كىيىملەر بىلەن خەلقئارا سەۋىيىدىكى ئىچ كىيىملەرنىڭ ناھايىتى چوڭ پەرقى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.


ئۇ ياۋروپادىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىچ كىيىمنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قويۇپ، خەلقئارا سەۋىيە بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشنى قارار قىلىدۇ.1997 – يىلى خۇاڭ يۈسۇ تۇنجى قېتىم چەتئەللىك خېرىدارنىڭ  زاكاسىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ماللىرى خەلقئارا بازارلارغا كىرىپ ،خۇاڭ يۈسۇنىڭ يانچۇقىدا چەتئەل پۇللىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.



   كارخانا كۆلىمىنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كارخانا رەھبىرى سالاھىيىتىدىكى خۇاڭيۈسۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە نەزەر – دائىرىسىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش لازىملىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ پۇل خەجلەپ كارخانا دېرىكتورلىرى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، رەھبەرلىك سەنئىتى ۋە سېتىپ چىقىرىش ئىستىراتىگىيىسىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ.


توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى (EMBA ) تاماملايدۇ. خۇاڭ يۈسۇنىڭ كارخانىسى چوڭىيىپ زورايغاندىن كىيىن، ئۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ،  «ياشى» نىڭ يېڭىچە ئۆزىگە خاس بولغان

1 + 1سېتىش شەكلىنى قوللىنىدۇ، ھەمدە شاڭگاڭدىكى كىنو ئارتىسى ۋېن شىلۇنى ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «ياشى» شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارئىچىدە تۇنجى قېتىم چولپانلارنى ئوبراز ۋەكىللىكىگە تەكلىپ قىلغان كارخانا بولۇپ قالىدۇ. خۇاڭ يۈسۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، پۇل خۇددى دوملىما توپقا ئوخشاش ئۇنىڭ كارخانىسىغا ئېقىپ كىرىپ 2006 – يىلىدىكى بىر يىللىق سېتىلىش مىقدارى بىر مىليارىد 600 مىليونغا يېتىدۇ.




   بايلىق ھەرگىزمۇ قار گۈللىرىگە ئوخشاش ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇق خىياللارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ تەلەيدىن ئۈمىد كۈتكەندىن كۆرە،ئۆزى بىر ئاز – بىر ئازدىن ئىش قىلغان ئەۋزەل. ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ۋە كاپىتالىنى جۇغلاپ مۇئەييەن چەككە يەتكەندىن كىيىن بايلىق ئۆزلۈكىدىن كېلىشكە باشلايدۇ. يەنە ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا پۇرسەتنى يارىتىش ۋە بايقاش، كەلگۈسىدىكى بايلىقلارنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك.




بايلىقنىڭ بايانى:

باي بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئاۋۋال چوقۇم «تەلەيدىن ئۈمىد» كۈتۈشتەك پۇرسەتپەرەسلىك پىسخىكىدىن ۋاز كېچىش كېرەك. بولۇپمۇ جەمىيەتتە مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئامىتى كېلىپ مىليونىرغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى ئەپقاچتى گەپلەر پەيدا بولغاندا چوقۇم سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىش، يەنى بۇ گەپلەرنىڭ ئىشىنىشكە بولدىغان–بولمايدىغانلىقىغا، قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە، يامان غەرەزلىك پۇرسەت ئوغرىلاش قىلمىشى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى چوقۇم ئۆزى مۇنداق ئېقىمغا ئەگەشمەسلىكىكېرەك.

ئۆزىنىڭ قولىدىكى بايلىق ۋە شارائىتنى تولۇق چۈشىنىش، ھەمدە بۇ شارائىتلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تاللاش، ئۆزىنىڭ بايلىق يولىغا بىر نىشان بەلگىلەش كېرەك. ئەمەلىيەت جەريانىدا توختىماستىن ئۆگىنىش،توختىماستىن ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆزىنىڭ قالايمىقان مۇبالىغە قىلىش پىسخىكىسى ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزىدە تېخنىكا ۋە بىلىم جۇغلانمىسى شەكىللەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.

شۇنىمۇ تەكىتلەشكېرەككى، گەرچە تەلەيگە تايىنىش ئىشەنچىلىك بولمىسىمۇ، بىراق ئاران ئېرىشكىلى بولىدىغان پۇرسەت كۆرۈلگەندە ھەرگىزمۇ ئىككىلەنمەسلىك، قول سالدىغاندا قول سېلىش، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە يوقاپ كېتىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 02:29 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 10:58:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچۈنچى باب بەشىنى پارگىراف



***5.نامراتلار «مۇمكىن ئەمەس» دىيىشنى ياختۇرىدۇ، بايلار «مەن قىلالايمەن»دىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ


ئامېرىكىلىق بىر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان: «باي بولۇش سىز  تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئاسان». ھالبۇكى بىز ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە نامراتلارنىڭ سانى ھامان بايلارنىڭ سانىدىن كۆپ، بۇ زادى قانداق ئىش؟



جەمەتىنىڭ مال – مۈلكىگە ۋارسلىق قىلغان ئاشۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەۋلاد بايلاردىن باشقا بايلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق قول ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇلاردا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىقتىدار يوق، ئۇلاردا بار بولغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بولسا ئاكتىپ روھى ھالەت ۋە قەتئىي ئىرادە،خالاس. ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە «مۇمكىن ئەمەس» دىن ئىبارەت بۇ سۆزنىڭ بولۇشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس.



نامراتلارنىڭمۇ غايىسى بولىدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىدە غايىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالايدىغان ئەمەلىي ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، ھەمىشە ئۆزلىرىنى«ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاۋاتىمەن» دەپ ئويلايدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا نامراتلارنىڭ بايلارغا ئايلىنىش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ ۋە ھەرخىل بولىدۇ،بىراق ئۇلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمىغاچقا ياخشى پەيتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بىر پەيلاسوپ مۇنداق دىگەن: «مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭ.» بىر ئادەم ئۆزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەندە، ئۇ ھەر قانچە چوڭ تەلەيگە«ئۈسۈۋالغان» تەغدىردىمۇ يەنىلا بېكار.





نامراتلار ئىش قىلغاندا ھەر قاچان ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان تەرىپىنى كۆرىدۇ، بايلار بۇنىڭ ئەكسىچە بىر ئىشتا ناھايىتى كىچىك بولغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى كۆرسىمۇ قول سېلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ.بۇ خۇددى ناھايىتى تار بولغان قىيادا مېڭىۋاتقان ماشىنىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر شوپۇر ئۆزىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى يولنىڭ يان تەرىپىدىكى تىك قىيالارغا قويسا، ئېھتىمال ھەقىقەتەن ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن؛ ئەكسىچە شوپۇر ئۆزىنىڭ دىققىتىنى كەڭ كەتكەن يوللارغا قويسا، چوقۇم خەتەردىن ئۆتۈپ بىخەتەر جايلارغا كىلەلەيدۇ.



مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشىشىدۇ،ئەگەر سىز دائىم ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىسىڭىز،ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت ھەقىقەتەن سىزدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ – دە، بىر ئۆمۈر نامراتلىقنىڭ سايىسى ئىچىدە ياشايسىز. ئەگەر سىز مەيلى كىچىك ياكى چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى يوشۇرۇن ئىلھاملاندۇرۇپ «مەن قىلالايمەن»دىسىڭىز،ئۇنداقتا ئوزۇنغا قالماي سىز ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايسىز، ھەمدە بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالايسىز.




«ۋەنكې» نىڭسابىق باش لېدىرى ۋاڭشى ئىلگىرى شىنجىندىكى بىر شىركەتنىڭ ئوبوروت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. بىر كۈنى ئۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يىلانسىمان يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغاندا، يول بويىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ كۆلەمدىكى يەم – خەشەك زاۋۇتلىرىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سەزگۈر بولغان سودا ئېڭىغا تايىنىپ بۇ جايدا پۇل تاپىدىغان پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەم – خەشەك زاۋۇتىغا كىرىپ باشقۇرغۇچى بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلاپتۇ.ھەم پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ بۇ جايدىكى كۆممىقوناقلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئامېرىكا ۋە تايلاندتىن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ. ۋاڭشى باشقۇرغۇچىدىن: «سىلەر نېمىشقا بىۋاستە شەرقى شىمالنىڭ كۆممىقوناقلىرىنى سېتىۋالمايسىلەر؟ بۇنداقتا تېخىمۇ ئەرزان بولمامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.



باشقۇرغۇچى جاۋاب بېرىپ: «بىز توشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايمىز.» دەپتۇ. ۋاڭشى شۇ زامان  ئۆزىنىڭ توشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇ زاۋۇت بىلەن كۆممىقوناق بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى تۈزۈپتۇ.



ئەمەلىيەتتە ۋاڭشى شەرقى شىمالدىن شىنجىنغا بولغان قاتناش ھەققىدە ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ يەم – خەشەك زاۋۇتىدىن چىقىپ چىۋەن پىرىستانىغا بېرىپ شەرقى شىمالنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى سوراپتۇ، ئۇ جايدىكىكىشىلەر ۋاڭشىغا شىنجىندىن شەرقى شىمالغا بولغان قاتناش يولىنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ۋاڭشى بۇ سەۋەبلىك ئۈمۈدسىزلەنمەپتۇ. ئۇ يەنە گۇاڭجۇ يىراق ئوكيان شىركىتىگە كېلىپ، دالىيەندىن چىۋەنگە بارىدىغان سۇ يولى ئېچىش مۇمكىنچىلىكى بار – يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ.يىراق ئوكيان شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى گۇاڭجۇ سۇ قاتنىشى ئىدارىسىدىن باشقۇردىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ۋاڭشى يەنە گۇاڭجۇ شۇ قاتنىشى ئىدارىسىگە كېلىپ بىر قاتار مۇناسىۋەتلەردىن كىيىن ئاخىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭشىنىڭ كۆممىقوناق سودىسى رەسمىي باشلىنىپ ئاز بولمىغان پۇلغا ئېرىشىپتۇ.




ۋاڭشىنىڭ زاۋۇت بىلەن ناھايىتى «يىنىكلىك بىلەن» توختام تۈزۈشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ كاللىسىدا مەسىلە بارلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەتئىيلىك بىلەن «دۇنيادا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوق » دەپ قارىغانلىقىدا.




دەل مۇشۇنداق «مەن قىلالايمەن»دەيدىغان قەتئىي ئىرادە بولغاچقا، ۋاڭشى مۆجىزە يارىتالىغان. ناپالىئوننىڭ مۇنداق بىر ھېكىمەتلىك سۆزى بار: «غەلبە ھەمىشە ئەقىللىق بولغان تەرەپتە ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ئىشەنگەن تەرەپتە بولىدۇ» .باي بولۇش جەريانى خۇددى ئوزۇن مەزگىللىك جەڭگە ئوخشايدۇ، قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشەنچ ئەقىللىق بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ. قارىماققا ئەقىللىق كۆرۈنگەن ئاشۇ ئادەملەر ھەرگىزمۇ ۋاڭشىغا ئوخشاش «مۇمكىن ئەمەس» ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان جاسارەتكە ئىگە ئەمەس،ئۇلار سۇ قاتنىشى ئىدارىسى ھەرگىزمۇ كۆممىقوناق توشۇش ئۈچۈن سۇ يولى ئېچىپ بەرمەيدۇ دەپ قارايدۇ.




«ئۆتكۈر بولۇش»ھەمىشە ئادەمگە ئىشنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلاندۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققان، بۇ ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىگە قورقاق سالغان .ئەمەلىيەتتە بۇلار ھەرگىز يەشكىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. ئۇلار ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا باي بولىدىغان پۇرسەتنىمۇ كەتكۈزۈپ قويغان.




نۇرغۇنلىغان نامراتلار ئەسلىدە ناھايىتى ئاددى بولغان ئىشلارنى ناھايىتى مۇرەككەپ ئويلاپ،ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ – دە، ئاخىرىدا نامراتلىق پاتقىقىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىلمىگەن ئىشلارغا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەمدە بىر خىل قورقۇنچ ھېسىياتى بولىدۇ، بىراق بايلار بۇ خىل قورقۇنچنى يىڭەلەيدۇ،ئۇلار ئۆزلىرىگە دائىم«مەن قىلالايمەن، مەن چوقۇم قىلالايمەن» دەيدۇ. نامراتلار بۇ خىل قورقۇنچ سەۋەبلىك مەغلۇب بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يوقىتىپ قويىدىغان نەرسىلەر ئاللىقاچان ئاز قالغان، بۇ ۋاقىتتا يەنە ئۆزىگە ئىشەنمەي ھەممىدىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ بايلىق يولى ھەرگىزمۇ قۇرۇق خىيالدىن بارلىققا كەلگەن ئەمەس، ئەكسىچە جاسارەت بىلەن مېڭىشتىن ھاسىل بولغان!



1975 –يىللىرى،تىراپ 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن نىيويورك پويىز ئىستانىسىسىغا يېقىن جايلاشقان بىر كونا مېھمانخانىنى سېتىۋالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كوچا رايونىنىڭ ئاۋاتلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ھەممە جاي چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. باشقا ئۆي – مۈلۈك سودىگەرلىرى تىراپنى ئېزىپ قاپتۇ، بۇ «چۆلدەرەپ قالغان» جايدا چوڭ بىنا قۇرۇش ساراڭنىڭ ئىشى دەپ قارىغان.



گەرچە تىراپنىڭ ئەتراپىنى گۇمانلىنىش ۋە قارشى تۇرۇش سادالىرى قورشاپ ئالغان بولسىمۇ،بىراق ئۇ يەنە ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى بوشاشتۇرماي، ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئاۋۋال كېيىن گورۇھىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە بۇ تۈرنى ئېچىشقا ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ، ئاندىن ھۆكۈمەتكە 40 يىللىق باجنى ئازايتىش ئېتىبار قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ قەرز بېجىرىپتۇ. تىراپ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ئىككى ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ سودىسى راۋانلىشىشقا باشلاپتۇ. تىراپنىڭ نەزەر –دائىرىسى ئۆزگىچە ئىدى، ئۇ سېتىۋالغان بۇ بىر پارچە يەر كىيىن نىيويورك شەھىرىدىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ، تىراپنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنىڭغا پارلاق نەتىجە يارىتىپ بېرىپتۇ.



تىراپ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بىر تاشلاندۇق جاينى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان چاغدا،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنى ئۆز – ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تاپقانلىق دەپ قارىغان.ھالبۇكى تارىخ ئۇلارغا ئاخىرقى غەلبىنىڭ ئۆزىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە مەنسۇب ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. تىراپ دەل مۇشۇخىل روھ ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. تىراپ پەقەت ئىككى ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان، بۇنچىلىك كۈچلۈك ئىرادىسى بار ئادەم قانداقمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسۇن؟




نامراتلار پەقەت جاسارەت بىلەن باشقىلار«مۇمكىن ئەمەس» دىگەن ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالىغاندىلا، ئاندىن باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ باي بولىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلەيدۇ – دە،بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.




20 –ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا، پىركاداڭ ئۆزىنىڭ كەسپىنى تايلاندقا كېڭەيىتمەكچى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا تايلاندلىقلارنىڭ ئىدىيىسى بىر قەدەر بېكىنمە بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ مىللىي كىيمىنىلا كىيەتتى، ئىلگىرى بىر قانچە كىيىم سودىگىرى تايلاندقا بېرىپ كىيىم ساتماقچى بولۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا قۇرۇق قول قايتىپ كەتكەن ئىدى. بىراق پىركاداڭ ئۆزىنىڭ چوقۇم تايلاندلىقلارنى زامانىۋى كىيىم – كىچەكلەرنى كىيىشكە كۆندۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، ئۇ ھەمىشە ئۆز – ئۆزىگە يوشۇرۇنچە: «مەن قىلالايمەن، مەن چوقۇم قىلالايمەن.» دىگەن.





پىركاداڭ باشلىنىشتىلا تايلاندتا چوڭ تىپتىكى كىيىم – كىچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن، بىراق زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، چوپچوڭ كۆرگەزمە زالى قۇرۇق قالغان. بۇ قېتىمقى ئوڭۇشسىزلىق پىركاداڭنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرالمىغان، ئۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئەسلىدىكى كىيىم – كىچەكلەرگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تايلاندلىقلارغا ماس كېلىدىغان كىيىم –كىچەكلەرنى لايىھەلەپ چىققان. ئۇ ئۆزى لايىھەلەپ چىققان يېڭى كىيىم – كىچەكلەرنى ئېلىپ تايلاند كىيىم – كىچەك بىرلەشمە جەمئىيىتىگە كەلگەندە، ئۇ بۇ جايدىكى بىرەرمۇ خىزمەتچىنىڭ زامانىۋىي كىيىم كىيىپ خىزمەتكە چىققانلىقىنى بايقىمىغان.پىركاداڭ بىلەن بىللە كەلگەن خىزمەتدېشى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا: «كىيىم – كىچەك بىرلەشمىسىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ زامانىۋىي كىيىملەرنى كىيمىسە، ئۇنداقتا ئاددى –ساددا تايلاند خەلقىدىن ئاغرىنمىساقمۇ بولغىدەك! بىز يەنىلا قايتىپ كىتەيلى.»دەپتۇ. پىركاداڭ يەنىلا ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغان ھالدا: «ماڭا ئىشەن، ئىنىم!تايلاندلىقلار چوقۇم زامانىۋىي كىيىملەرنى كىيىدىغان بولىدۇ.» دەپتۇ.





پىركاداڭ غەلبىلىك ھالدا كىيىم – كىچەك بىرلەشمىسىدىكى بىر چىرايلىق خانقىزنى ئۆزى لاھىيىلىگەن زامانىۋىي كىيىمنى كىيىپسىناپ بېقىشقا ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. بۇ خانقىز ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنىڭ ئورنىغا پىركاداڭنىڭ زامانىۋىي كىيىملىرىنى كىيىپ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا پەيد ابولغاندا، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ گۈزەل تۇرقىغا مەھلىيا بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈندە مۇشۇنداق چىرايلىق كىيىم بىلەن خىزمەتكە چىقىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. پىركاداڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىللە كەلگەن سۈرەتچىگە خانقىزنىڭ سۈرىتىنى تارتقۇزۋاپتۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن پىركاداڭ تايلاندتىكى بىر قانچە داڭلىق كىيىم – كىچەك سودىگەرلىرىبىلەن ئەتراپلىق پىكىرلىشىش ۋە ھېلىقى رەسىمنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىپ، ئۇلارغا زامانىۋىي كىيىملەرنىڭ تايلاندتىكى گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پىركاداڭنىڭ زامانىۋىي كىيىم –كىچەكلىرى تايلاندتا تىز سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلاپتۇ.




ئۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تايلاندلىقلارغا زامانىۋىي كىيىم – كىچەك سېتىش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش دەپ قارىغان.ھالبۇكىپىركاداڭ بۇنى قىلالىغان، چۈنكى ئۇ شۇنى چۈشىنىدۇكى، پۇرسەت دەل «مۇمكىن ئەمەس»نىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشلاردا زور سودا پۇرسىتى يوشۇرۇنغان بولىدۇ.




سىز ئۆزىڭىزنىڭ نامرات ھالىتىدىن ئاغرىنغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراپ بېقىڭ:مەندە بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغان جاسارەت بارمۇ – يوق؟ مەن شىجائەت بىلەن «مەن قىلالايمەن» دەپ ئۆزۈمكە بولغان ئىشەنچ ساداسىنى ياڭرىتالايمەنمۇ؟


بايلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول پۇتىمىزنىڭ ئاستىدىلا، ئەگەر ئىزچىل قىيىنچىلىقنى تەكىتلىسەك،ئۇنداقتا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز.




ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان يولدا تەۋرەنمەي مېڭىڭ. شۇنداق قىلسىڭىزلا سىز ھاياتىڭىزدىكى شانلىق مۆجىزىلەرنى يارىتالايسىز!



بايلىقنىڭ بايانى:

بايلار تەۋرەنمەس ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ بىراق نامراتلار ئۆزىنىڭ قىلالايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ھەر قانداق ئىشنى قىيىن چاغلايدۇ. ئەمەلىيەتتە پەقەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىرىنچى قەدەمنى ئالالىساقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا مۈمكىنچىلىك بولىدۇ. ئەگەر بىزدىمۇ بايلارنىڭ  پىسخىك ھالىتى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسى ئارقىلىق «مۇمكىن ئەمەس» نى «مۇمكىن» گە ئايلاندۇرالىساق،ئۇنداقتا بۇ دۇنيا چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، بايلار بارغانسىرى كۆپىيىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 11:06 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109417
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:13:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، ئېسىل تېمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 11:55:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئۈچۈنچى باب ئالتىنچى پارگىراف


***6.نامراتلار جاپا تارتماي ئېرىشىشكە ئامراق، بايلار ئىشلىرىنى مەخسۇس پىلانلاپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ




بىز ئاۋۋال بىر ھېكىمەتلىك ھىكايىنى كۆرۈپ باقايلى:

   بۇرۇننىڭ–بۇرۇنىسىدا ناھايىتى قابىلىيەتلىك، خەلققە كۆيۈنىدىغان بىر پادىشاھ ئۆتكەنئىكەن.ئۇنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن باشقۇرۇشى ئارقىسىدا پۇقرالار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پاراۋان،باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.




   ھالبۇكى،پادىشاھ ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، پۇقرالارنىڭ يەنە تىنچ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ دۆلىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىگە ياردەم قىلىپ پۇقرالارنى باياشات، ئەمىن قىلىشنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ.





   پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى چۈشۈرۈلۈپ نەچچە كۈن ئۆتمەستىنلا، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئارسىدىكى بىر ئۆلىما ئۈچ پارچە قېلىن كىتابنى كۆتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھازىر بوپتۇ، ئۇ ۋەزمىنلىك بىلەن  «پادىشاھ ئالىيلىرى، ئالەمدىكى باي بولۇشقا ئائىت بارلىق ئىلىملەر مۇشۇ كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن. پەقەت خەلقىمىز بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگەتسىلا،ئۇلارنىڭ پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» دەپتۇ.





   پادىشاھ ھەم قېلىن ھەم ئېغىر بولغان بۇ كىتابلارنى كۆرۈپ، پۇقرالارنىڭ بۇلارنى ئوقۇپ تۈگەتكىدەك ۋاقتىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ بېشىنى چايقاپتۇ، ھەمدە بۇ ئۆلىمانى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.




   نەچچە ئايلىق تىرىشىش ئارقىلىق بۇ ئۆلىما ئىلگىرىكى ئۈچ پارچە كىتابنى بىر كىتاب قىلىپ يىغىنچاقلاپتۇ. ئۇ بۇ يىغىنچاقلانغان كىتابنى پادىشاھقا تەغدىم قىلغان ۋاقىتتا،پادىشاھ يەنىلا رازى بولماي بېشىنى چايقاپ، ئۇنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.





   ئىككى ئايدىن كىيىن ئۆلىما بىر پارچە نىپىز قەغەزنى پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ، پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال ھالدا: «ناھايىتى ياخشى، مېنىڭ پۇقرالىرىم پەقەت مۇشۇ قىممەتلىك ئەقىل – پاراسەتكە تايانسىلا، ئۇلارنىڭ چوقۇم پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» دەپتۇ.




ئارقىدىنلا بۇ ئۆلىمانى كاتتا ئىنئاملار بىلەن تارتۇقلاپتۇ.

   كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆلىمانى پادىشاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشتۈرگەن بۇ نىپىز قەغەزگە نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلگۈسى كەپتۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇنى كۆرۈپلا ھەيران قاپتۇ،



ئەسلىدە قەغەزدە ناھايىتى ئاددى بولغان ‹‹ جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق›› دىگەن بىر جۈملە سۆز بار ئىكەن.



   ھېكايىدىكى بۇ ئۆلىما دەسلەپتە ھېچقانداق تەتقىق قىلماي تۇرۇپلا ئۈچ پارچە كىتابنى پادىشاھقا سۇنۇپ ئۆتكەلدىن ئۆتمەكچى بولغان، نەتىجىدە رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. جاپا تارتماي ئېرىشىش، پۇرسەت ئوغرىلاش ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كىيىن، ئۆلىما پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىق قىلىشنى باشلىغان، ھەمدە كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۆلىمامۇنداق بىر نۇقتىنى ھېس قىلغان: ئالەمدە جاپا تارتماي ئېرىشكىلى بولىدىغان ھىچقانداق نەرسە يوق، مېھنەت قىلماي تۇرۇپ ھالاۋەت كۆرۈشنى ئويلاش ئېنىقلا ئەخمەقنىڭ ئىشى!





   ھېكايىنىڭ خاتىمىسىدە ئۆلىما ئۆزىنىڭ جاپا تارتىپ كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئارقىلىق پادىشاھنىڭ كاتتا ئىنئامىغا ئېرىشكەن، بۇ نۇقتىمۇ ئۆلىما خۇلاسىلەپ چىققان نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن: جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق!




   شۇنداق،خۇددى دۇنيادا ھەقسىز  تاماق بولمىغىنىغا ئوخشاش، دۇنيادا جاپاتارتماي ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە يوق. ھالبۇكى رىئال تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرھەمىشە جاپا تارتماي بىر كېچىدىلا باي بولۇشتەك پىسخىكىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغان، شۇڭا ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا باي بولغىلى بولىدىغان ئىشلارغا ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ.





   مەسىلەن:بىز دائىم «ئۆيىڭىزدىن چىقماي تۇرۇپلا بىر ئاينىڭ ئىچىدە سىزنى مىليونىرغا ئايلاندۇرۋىتىدىغان تۈر»، «كۆپ پۇل، كۆپ زېھىن ۋە ناھايىتى ئىنچىكە ھۈنەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپلا ئەركىن پۇل تاپالايسىز» دىگەندەك بايبولۇش ھەققىدىكى  ئېلانلىرىنى كۆرۈپ قالىمىز، بۇ ئېلانلار دەل جاپا تارتماي ھالاۋەت كۆرۈشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان.





   ئەمەلىيەتتە ئازراقلا كاللىمىزنى ئىشلەتسەك، بۇ دۇنيادا بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىمىز. قەدىمدىن – ھازىرغىچە، ھەر قانداق بىر باي بۇ خىلدىكى ئېلانلارغا ئىشىنىش سەۋەبلىك باي بولمىغان. بايلار بۇنداق نەرسىلەرگە ئىشەنمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە قارىشى تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پەقەت بەدەل تۆلىگەندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

   بۇ دەل بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى: نامراتلار جاپا تارتماي ئېرىشىشكە ئامراق،بايلارمەخسۇس پىلانلاپ ئۆز-ئۆزىنى كۈچلەندۇرىدۇ.





  ياپونىيەدىكى داڭلىق دۆلەت ھالقىغان گورۇھ سەنياڭ ئېلېكتىر ماتورى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جىڭجى موبىيەن  بايلارنىڭ مەخسۇس پىلانلاپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىشىدىكى تىپىك ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.




   جىڭجى موبىيەن بىر نامرات كېمىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋاقىتلىرىدا دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى سەۋەبلىك كىچىكىدىلا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن.





   1925 –يىلى، ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن جىڭجى موبىيەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىككىنچى كۈنى يۇرتىدىن ئايرىلىپ يېزىنىسى سوڭشىيا شىڭ جىجۇنىڭ «سوڭشىيا ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى ياساش ئورنى» دا كىچىك شاگىرت بولغان.




   گەرچە يېزىنىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، جىڭجى موبىيەن ھەرگىزمۇ ئىشلىمەي تۇرۇپ ئېرىشىشتىن ئۈمىد كۈتمىگەن، ئەكسىچە سوڭشىيا شىڭ جىجۇغا ئوخشاش كارخانىچى بولۇشقا ئىرادە باغلىغان. جىڭجىمو ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم بىرئاز – بىر ئازدىن تىرىشىش ئارقىلىق پىلانلىق ھالدا ئىش كۆرۈش لازىملىقىنى بىلەتتى.





   شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا تىرىشقان. كەچ ۋاقىتلىرى ھەمدە دەم ئېلىش كۈنلىرى باشقا شاگىرتلار ئۇخلاۋاتقان ياكى ئويناۋاتقان چاغدا، ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى كېچىلىك مەكتەپكە بېرىپ ئۆگىنىش قىلغان. مۇشۇنداق سەككىز يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جىڭجىمو رېمونتچىلىق، سودا بوغالتىرلىقى قاتارلىق ئاساسى ماھارەتلەرنى ئىگەللىگەن.





   خىزمەت نەتىجىسى ۋە شەخسىي ساپاسى ياخشى بولغانلىقى سەۋەبلىك، جىڭجىمو 19 ياش ۋاقتىدىلا زاۋۇت باشلىقىلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن، كىيىن توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق ياساش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سوڭشىيا شىركىتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەخسكە ئايلانغان.





   1949 –يىلىنىڭ بېشىدا، ئىگىلىك يارىتىش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈككەن جىڭجىمو ئىستىپا بېرىپ 24 يىل خىزمەت قىلغان سوڭشىيا شىركىتىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ يېزىنىسى سوڭشىيا شىڭ جىجۇغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھەرگىزمۇ كىچىك زەربە ئەمەس ئىدى.





   ئىككىنچى يىلى، جىڭجىمو چوڭ ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە شەنياڭ ئېلېكتىر ماتورى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ شىركىتىنى ئۈچ چوڭ ئوكيان – تىنچ ئوكيان، غەربى چوڭ ئوكيان ۋە ھىندىئوكيانغا يۈزلەنگەن چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق شىركەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. خوجايىنغا ئايلانغان جىڭجىمو بۇنىڭدىن قىلچە مەغرۇرلانماي،ئىزچىل تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئىشقا ۋاقتىدا كېلىپ، ھەر دائىم شىركەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا باشلاپتۇ.




   سەنياڭ شىركىتىدە جىڭجىمونىڭ يەنە «ئايدا 48 قېتىم كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ئادەم» دىگەن لەقىمى بار. بۇنداق لەقەمنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب، جىڭجىمو ئەڭ ئىلغار تېخنىكىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈندە ئۈچ – تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئارام ئالىدىغان ۋاقتى يوق.




   جىڭجىمونىڭ توختىماستىن تىرىشىشى ۋە ئاقىلانە رەھبەرلىكى ئاستىدا، سەنياڭئېلېكتىر ماتورى شىركىتى كەسكىن بازار رىقابىتىدە ناھايىتى تىزلا باش كۆتۈرۈپچىققان، ھەمدە ئىسمى –جىسمىغا لايىق ئۈچ ئوكياندىن ھالقىغان گورۇھقا ئايلانغان.




   جىڭجىمو ئۆزىنى «مەڭگۈ ھېرىپ قالمايدىغان سازاڭ» غا ئوخشاتقان، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ كۈچلىنىشنى پىلانلىغان. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇ بىر كىچىك شاگرتتىن دۇنياغا داڭلىق كارخانىچىغا ئايلانغان.




   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر جىڭجىمو پەقەت جاپا تارتماي ئېرىشىشنى ئويلاپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرمىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسى بولامدۇ؟ بۈگۈنكى دۇنيادا يەنە«سەنياڭ» دىن ئىبارەت بۇ ماركا بولامتى؟




   جاۋاب ئېنىقلا «ياق.» ھەر قانداق ئىشنى قىلغاندا

(بولۇپمۇ پۇل تېپىپ باي بولۇش) تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.

ئەگەر ھەمىشە جاپا تارتماي ھالاۋەتكە ئېرىشىشنى ئويلاپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلغاندا، بايلىق ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.




   شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈملۈك دوستلار! تىزراق ئويغىنىڭلار! ھەرگىزمۇ ھەمىشە ئۆزىگە لاتارىيە بېلىتىدىن بەش مىليون چىقىدىغان كۈننى ئويلاشقا، ھەمىشە ۋاقىتنى ماجىياڭ ئۈستىلىدە ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. توختىماستىن مىدىراۋاتقان K سىزىقىغا قاراپ باي بولۇشنى ئويلاشقا، ياكى بىر مەيدان قىمار ئويناپ مىليونىر بولۇشنى ئويلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ! بۇ خىلدىكى جاپا تارتماي ئېرىشىشنى ئويلايدىغان، بىر كېچىدىلا باي بولۇشنى ئويلايدىغان پىسخىكا دەل سىزنىڭ بايلىق يولىڭىزدىكى توسقۇنلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



پەقەت بۇ خىلدىكى پىسخىكىنى يېڭىپ،بايلارنىڭ مەخسۇس پىلانلاپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشىنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن سىز غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.



   ئېسىڭىزدە بولسۇن: جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.





بايلىقنىڭ بايانى:

   ھەقسىز تاماققا ئېرىشىشنى، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىدىن بەھىرلىنىشنى ئويلايدىغان ئادەم ھامان دەۋر تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ. بىر ھەقىقىي باي ھەرگىزمۇ ئاسماندىن گۆشنان چۈشۈشى  ياكى گۆشناننىڭ ئۇدۇللا ئالقىنىغا كىرىپ قېلىشىدەك گۈزەل خىياللارنى قىلمايدۇ .ئۇ بۈگۈنكى غەلبىنىڭ تۆنۈگۈنكى تىرىشچانلىققا، ئەتىدىكى غەلبىنىڭ بۈگۈنكى پۇختا پىلانلاپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 12:04 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 04:15:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۈچۈنچى باب يەتتىنچى پارگىراف


7.نامراتلار موللاق ئاتسا تۈگىشىپ كېتىدۇ، بايلار موللاق ئاتسا شىجائىتىنى نامايان قىلىدۇ



بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى ھەرگىزمۇ غەلبە قازانغاندىكى خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەندە ئەمەس، بەلكى مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندىكى ئازابقا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدا.



ئەگەر بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى بىر قېتىملىق  يىقىلىپ چۈشۈشكە ئوخشاتساق، كىشىلىك ھاياتتىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە مەيلى نامراتلار ياكى بايلار بولسۇن نۇرغۇن قېتىملىق يىقىلىپ چۈشۈشنى باشتىن كەچۈرىدۇ.ئوخشىمايدىغان يېرى، نامراتلار يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىن ھېچقانداق ساۋاققا ئىگە بولمايدۇ، داۋاملىق يىقىلىپ ئاخىرى «ھوشىدىن كېتىپ قالىدۇ»؛ بايلار يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن بىر قېتىملىق كىشىلىك ھايات تەجىرىبىسىگە ئىگە بولىدۇ،ھاياتقا بولغان قاراشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ،«يىقىلىش» نى ئۆزىنىڭ شىجائىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا نۇرغۇن بايلىققا ئىگە بولىدۇ.



مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەزى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئاددى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەم ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئىشلار يېقىنلاپ كەلگەن ۋاقىتتا ئېھتىمال بىر ئادەمنى چوققىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۋېتىشى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ چوققىسىدا پارلاۋاتقان كىشىلەرنى ھەممە نەرسىسىدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، نامراتلار ھەمىشە ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ، بىراق بايلار بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ،بار بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەن ھامان يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.



لى بىڭجې 1938 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى«سامسۇڭ سودا جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ«سامسۇڭ» دىن ئىبارەت بۇ ماركىنى تاللىشىدىكى سەۋەب كورىيەلىكلەر «ئۈچ» رەقىمىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ،«يۇلتۇز» ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يورۇقلۇققا ۋەكىللىك قىلاتتى.



لى بىڭجې ئىگىلىك يارىتىشنى باشلىغان ۋاقىت دۇنيادا ئىقتىسادى كىرىزىس يامراۋاتقان مەزگىل بولۇپ، ياپونىيەلىكلەر كورىيە چېگىرىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ تالان – تاراجىنى يۈرگۈزۋاتاتتى،بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كورىيەلىكلەر يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ سىرتلارغا بېرىپ جان ساقلاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ سەۋەب تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان يەرلەر ئاق قېلىپ تاشلىنىپ قالغان، ئارقىدىنلا يەر باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلاپ ھەتتا بىركۋادرات مېتىرى 25 كورىيە پۇلى  بولغان تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. كۆپ مىقداردىكى يەرلەرنى تېرىيدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ بىركۈرە ئاشلىقنىڭ باھاسى بىر كوي 15 پۇڭغا  چىققان. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن لى بىڭجې كۆڭلىدە چوت سوققان، ئەگەر بۇ يەرلەرنى سېتىۋالسا، ئۇنداقتا ھەر 50 كوي مەبلەغ ئارقىلىق 8 كوي 45 پۇڭ ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى سودا ئىدى، شۇنداق قىلىپ لى بىڭجې بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان.



لى بىڭجې ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ،ئىگىلىك تىكلەش بانكىسىنىڭ زور مىقداردىكى قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن، ھەمدە بۇ پۇلغا 130 مىڭ كۋادرات مېتىر يەرنى سېتىۋېلىپ يەرگە بولغان مەبلەغ سېلىشنى باشلىغان.ئوزۇن ئۆتمەستىن ئۇ ئالتە مىليون كۇۋادىرات مېتىر يېرى بار چوڭ پومشىچىكقا ئايلانغان. ھالبۇكى لى بىڭجې تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋاتقان چاغدا مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇزقىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، ئەسلىدە ئۇرۇشنى تىزئ اخىرلاشتۇرۇشنىڭ چوتىنى سوققان ياپونىيە جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش تەييارلىقىنى كېڭەيتىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇشنى قوللاش ئۈچۈن، بارلىق بانكىلارنىڭ مەبلىغىنى توڭلىتىۋەتكەن.



بانكىنىڭ قوللىشى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، لىبىڭجې ئۆزىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى سېتىپ قەرز قايتۇرغان. ئۇ بانكىنىڭ قەرزىنى تولۇق قايتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ، بىردەمدىلا ئىگىلىك يارىتىشنى باشلىغاندىكى دەسلەپكى ھالىتىگە قايىتقان.



شۇنچە زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان لى بىڭجې گەرچە ئازابلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئازاب ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان. ئۇ شۇنى چۈشىنەتتىكى، ئىش قىلىشتا جەزمەن ھەر تەرەپتىن كەلگەن بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلار بولۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى قىيىنچىلىق ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس، ئەكسىچە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان.



لى بىڭجې ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپلا قالماستىن،يەنە مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئالغان. ئۇ شۇنى چۈشىنىپتۇكى، بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت باشنى چۆكۈرۈپ سودا قىلىش يىتەرلىك ئەمەس ئىدى، يەنە چوقۇم دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى كۈزىتىش ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىنى تەڭشەپ تۇرۇشى لازىم ئىدى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن پۇت دەسسەپ تۇرغىلى بولاتتى.



لى بىڭجې ئالتە مىليون كۋادرات مېتىر يەرگە ئىگە «چوڭ پومشىچىك» تىن بىردىنلا ھېچنىمىسى يوق«سالپا – ساياق» قا ئايلىنىپ قالغان، بۇ ئەلۋەتتە غايەت زور «يىقىلىش ». ئەگەر ئادەتتىكى ئادەملەر بۇنداق زور مەغلۇبىيەتكە يولۇقسا ئاللىقاچان ۋەيران بولغان بولاتتى، بىراق لى بىڭجې ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ قەيسەرلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرگەن.


بۇقېتىمقى «يىقىلىش» نىڭ ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇ تېخىمۇ شىجائەتكە تولغان.كىيىنكى قېتىم بۇنداق

«يىقىلىش» قا دۇچ كەلسە، ئۇچوقۇم زور شىجائەت بىلەن يۈزلىنەلەيدۇ،ئەلۋەتتە.




نامراتلاردا بايلارغا ئوخشاش بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كەمچىل، ئۇلار يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىن مېڭىسىمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ زەخمىلىنىدۇ، ھەتتا زەربىنىڭ ئىزى قېلىپ كىيىنكى قېتىم ئوخشاش مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا نېمە قىلىشىنى بىلمەي داۋاملىق يىقىلىدۇ.



جوبىس ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن تىك تۇرالايدىغان ئادەملەرلا ئاندىن بەختسىز سەرگۈزەشتىسىنى بايلىققا ئايلاندۇرالايدۇ. ئەگەر ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن دەس تۇرالمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئوڭۇشسىزلىق بىر قېتىملىق ئاپەتكە ئايلىنىدۇ » .



جوبىسنىڭ بۇ سۆزلىرى نامراتلاردا مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا بولۇشقا تىگىشلىك كىشىلىك ھايات پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىپ

بەردى .تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇ بەزىدە كىچىك ئاۋارىچىلىق،بەزىدە كىچىك «يىقىلىش»، يەنە بەزىدە «موللاقلاپ يىقىلىش» شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن،ئوڭۇشسىزلىق يىتىپ كەلگەندە ھەرگىزمۇ قورقۇشقا بولمايدۇ، شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى،ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىق ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما ئوڭۇشسىزلىق بىزگە قالدۇرغان قورقۇنچ ياكى ئىلھام ئوزۇن مەزگىل قەلبىمىزدە ساقلىنىدۇ.



بايلار كاج تەلەي بىلەن ئوڭ تەلەينىڭ بىر –بىرىگە ئالمىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار بىر ئادەمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئىزچىل راۋان بولمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئىزچىل ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىلا ئۆتمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. بۇ خۇددى بىزنىڭ تەبئىي مۇھىتىمىزدا كېچە بولغان ئىكەن قاراڭغۇلۇقنىڭمۇ بولىدىغانلىقى، باھار ۋە ياز بولغان يەردە ئەتىياز ۋە قىشنىڭمۇ بولغانلىقىغا ئوخشايدۇ. بايلار يىقىلىپ چۈشكەندە ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن ئاغرىنمايدۇ، پەلەكنىڭ تەتۈرلۈكىنى تىللاپ يۈرمەيدۇ، ئۇلار پەقەت تەڭرىدىن سورايدۇ: مەن نېمىشقا بۇنداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايمەن؟ ئۇلار ئازاب ۋە ساۋاقلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مۈرىسىدىكى ئوڭۇشسىزلىقنىڭ توپا – چاڭلىرىنى پاكىز قېقىۋېتىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.



نامراتلار ئازراقلا قىيىنچىلىققا يولۇقسا ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئادەم قاتارىدا كۆرىدۇ .بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس،ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا يولۇققان ئوڭۇشسىزلىق ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئېغىر ئەمەس. ئۇلار ئىش ھەققىنىڭ بىر – ئىككى كۈن كىيىن تارقىتىلغانلىقى، ياكى ئۆزىنىڭ زۇكام بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۇپرىتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بايلار «يىقىلىش» تىن يېتىشىپ چىققان، نامراتلارمۇ ئوخشاشلا «يىقىلىش»تىن يېتىشىپ چىققان. بىراق ئوخشىمايدىغىنى بايلار «يىقىلغانسىرى» بايلىق قوغلىشىشقا بولغان شىجائىتى ئېشىپ بارىدۇ، نامراتلار «يىقىلغانسىرى» ئىشنى قاملاشتۇرالمايدۇ.




شۇنداق بىر ئادەم ئۆتكەن، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆز ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ يىتىم بالا سالاھىيىتى بىلەن چوڭ بولغان، ئۇ نورمالئائىلە تەربىيىسى كۆرمىگەن. خاراكتېرى كىچىكىدىنلا ئەركىن بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ قالاتتى. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۆزىنى تېخىمۇ بىلمەي ئاخىرىدا مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. كىچىكىدىن باشلاپ ھەرخىل «يىقىلىش» نى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئادەم دەل ئالما شىركىتىنىڭ باش لېدىرى جوبىس.



1975 – يىلى 20ياشلىق جوبىس نىيويوركقا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش ھاياتىنى باشلىغان.1981 –يىلى جوبىس ئىستىراتىگىيە جەھەتتىكى خاتالىق ۋە ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدىكىدا ۋۇلغۇش سەۋەبلىك شىركەتنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ئۆزىمۇ بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغان، يەنى ئالما شىركىتىدىن ئىستىپا بەرگۈزۈلۈپ چىقىرىۋېتىلگەن.شىركەتتىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كىيىن، جوبىس بىر قىسىم ۋەيران بولغۇچىلارغا ئوخشاش ئىگىز بىنادىن بىرنى تېپىپ سەكرىۋالمىغان.



ئەكسىچە بولكىسىنى چاينىغاچ بىرتەرەپتىن قانداق قىلىپ قايتىدىن باشلاشنىڭ غېمىنى قىلغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. تولۇق بىر يىللىق ئويلىنىشتىن كىيىن ئۇ ئاخىرى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپقان، يەنى ئۇ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغان كومپيۇتېرنى شەخىسلەشكەن دەۋرگە ئېلىپ كىرىشنى قارار قىلغان. چۈنكى ئۇ چۈشىنەتتىكى، ئەگەر كومپيۇتېر ھەر بىر ئائىلىگە كىرسە چوقۇم غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتاتتى.



جوبىس ئەينى ۋاقىتتىكى خوجايىنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئېيىتقان.ئالما شىركىتى يىغىن ئېچىپ مۇھاكىمە قىلغاندىن كىيىن ئاخىرى ئۇنىڭ پىلانىنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە ئۇنى قايتىپ كېلىپ شىركەتنىڭ باش دىرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان.قايتىدىن باشلىغان جوبىس شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىگە خاس بولغان بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش مىليادىرغا ئايلانغان.



ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا خۇددى جوبىسدەك بايلارغا ئوخشاش نەدە يىقىلساق شۇجايدا ئورنىمىزدىن تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ۋاقىتلىق مەغلۇبىيەت تېگى كۆرۈنمەس سازلىققا ئايلىنىپ ئادەمنى تېخىمۇ چۆكۈرىدۇ. نامراتلار چوقۇم جوبىسنىڭ مەغلۇبىيەتكە قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇ يىقىلغاندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ «يارا ئېغىزى» غا قاراپ ياش تۆكمىگەن، ئەكسىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئۆزىنى تەڭشەپ ئوڭۇشسىزلىقنى ئۆزىنى ئىلھاملاندۇردىغان بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ جاسارەتلىك قىلغان، ھەمدە ئاخىرىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.



بايلىقنىڭ بايانى:

بىر داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت يىتەكچىسى ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مەغلۇبىيەت بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز،ئۇ ھەرگىزمۇ گۆركار ئەمەس؛مەغلۇبىيەت پەقەتلا ۋاقىتلىق يوقىتىش، ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئازاب ئەمەس؛مەغلۇبىيەت پەقەتلا ۋاقىتلىق ئەگرى يوللاردا مېڭىپ قېلىش،ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئۆلۈم غارى ئەمەس ». بىز مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە مۇئامىلە قىلساق، بايلىق بىزگە قاراپ بارغانسىرى يېقىنلايدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 04:26 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110287
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-9-29
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 05:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانچۇق ۋە مېڭىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەرسىگە نىسبەتەن، بايلار ۋە نامراتلارنىڭ پوزىتسىيىسى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. نامراتلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،يانچۇقىغا ئازراق نەرسە قوشۇلسا خۇش بولۇپ قېن – قېنىغا پاتمايدۇ، يانچۇقىدىن ئازراق نەرسە چىقىپ كەتسە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايدۇ. بىراق بايلارنىڭ قارىشىچە، نامراتلارنىڭ بۇنداق ھەرىكىتى ناھايىتى ئەخمىقانىلىق، ھەمدە  كىچىك بالىنىڭ ئىشىدەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى بايلار بايلىقنىڭ ئەقىللىق مېڭىدىن كېلىدىغانلىقىنى، بىلىمنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.شۇنداقلا بايلىققا ئېرىشىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، يانچۇقنى پۇلغا تولدۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنىمۇ بىلىدۇ.سەۋەبى -مېڭە بىلىم بىلەن تولۇقلانغاندىلا  يانچۇقمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تولۇقلىنىشقا باشلايدۇ.
.............
بۇ قۇرلار ماڭا بەك يارىدى.يانچۇققا ئەمەس مېڭىگە كۆڭۈل بۆلۈش بەك مۇھىم ئىكەن .ئەمما مېڭىگە كۆڭۈل بۆلۈش يەنى مېڭىمىزنى بىلىم بىلەن تۇلۇقلاش ئۈچۈن يەنىلا پۇل كېرەككەن.شۇنىڭ ئۈچۈن باي بولۇش كېرەك ئىكەن.چۈنكى مېڭىمىز بىلىم بىلەن تۇلۇقلانسىلا يانچۇقىمىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن.
بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە يەتكۈزگىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 07:14:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۈچۈنچى باب سەككىزىنچى پارگىراف


8. نامراتلار باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، بايلار باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ

   نامراتلار پۇل تېپىشقا كەلگەندە چاغلىق بولسىمۇ، بىراق دائىم ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ چاغلايدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئازراق تەنقىد بولسىمۇ ئۇلارقوبۇلقىلمايدۇ. قانچە يۈزىنى ئايىغانسىرى ئۇلار شۇنچە نامراتلىقنىڭ پاتقىقىغا پاتىدۇ.ئۇلار باشقىلارنىڭ قارشى پىكىرىنى ئۆزىگە بېرىلگەن زەربە دەپ ئويلايدۇ،نەتىجىدە ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمايدۇ.



   بايلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، پۇلىسى قانچە كۆپ ئادەمنىڭ پىسخىكىسى شۇنچە تۇراقلىق بولۇپ،باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تەنقىدىگە توغرا قارىيالايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ماختىشىغا يولۇققاندا كۈلۈپلا قويىدۇ، بىراق تەنقىدكە ئۇچرىغاندا چىن يۈرىكىدىن قۇلاق سالىدۇ. بۇ تەنقىد ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ ئۇلار مۇۋاپىق قوبۇل قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلاردا بايلار ئاكتىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە پىكىربېرىشىنى، ئۆزىنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى، ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تازىلاپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.




   بۇدەۋردە بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىقى ئۇنىڭ ئەقلىي كۈچىگە باغلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش –ماسلىشالماسلىقى،ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرالىشىغا باغلىق. بىر ئادەمنىڭ تونۇش ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ، ئۆزىگە توغرا مۇئامىلە قىلمىقى ناھايىتى تەس، باشقىلارنىڭ پىكىرى سىزگە ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ توغرا تونۇتىدۇ،مۇۋاپىق پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە ئۇ سىزنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.



   ساۋ يۆزې بولسا دۇفۇ بوتقىسى سېتىش ئارقىلىق باش كۆتۈرۈپ چىققان مىليادىر. 2003 – يىلى ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش يولىنى باشلىغان. مۇشەققەتلىك تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى 2004 – يىلى باھار پەسلىنىڭ ئالدىدا بازارغا كىرگەن. ساۋيۆزې ئۆزىنىڭ دۇفۇ بوتقىلىرىنىڭ ناھايىتى بازار تېپىشىنى ئۈمىد قىلغان،بىراق ئۇنىڭ تاپشۇرۋالغىنى كۆپلىگەن زاكاز قەغەزلىرى ئەمەس، بەلكى تەرەپ–تەرەپتىن كەلگەن تەنقىد ۋە ئاغرىنىش بولغان.




   نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ساۋيۆزېنىڭ دۇفۇ بوتقىلىرىنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن قورسىقى ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ساتەرمەنلەر پۇل تاپالمىغانلىقتىن مال قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، قەرز ئىگىلىرى ساۋيۆزېنى ۋەيران بولىدۇ دەپ قاراپ قەرزسۈيلەشنى باشلىغان. ھالبۇكى ساۋيۆزېغا نىسبەتەن بۇلار ھەرگىزمۇ چوڭ زەربە ئەمەس بولۇپ ، ئەڭ چوڭ زەربە بولسا ئىستىمالچىلاردىن كەلگەن ئاچچىقلىنىش ۋە ئاغرىنىش ئىدى .ئەگەر ئىستىمالچىلارنىڭ قوللىشى بولمىسا، ساۋيۆزېنىڭ ئىگىلىك يارىتىش چۈشى بەربات بولاتتى. تەنقىد ۋە گۇمانلىنىشقا دۇچ كەلگەندە ساۋيۆزې ھەرگىزمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى، ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ ئاخىرىدا بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بايقىدى. ئەسلىدە ئىستىمالچىلارنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىشىدىكى سەۋەب ساۋيۆزې كونىراپ كەتكەن دۇفۇلارنى ئىشلىتىپ بوتقا ئېچىتقان، شۇنىڭ بىلەن بوتقا ئېچىش جەريانىدا بىرخىل باكتىرىيە ھاسىل بولۇپ، ئىستىمالچىلار بۇ خىل باكتىرىيە بولغان دۇفۇ بوتقىسىنى يىگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى ھېس قىلغان.



   ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىۋالغاندىن كىيىن، ساۋيۆزې كۆڭۈل قويۇپ دۇفۇ بوتقىسى ئېچىتىش تېخنىكىسىنى يېڭىلاش تەتقىقاتىنى باشلىغان. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك، 2005 – يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزگەرتىپ ياخشىلانغاندىن كىيىنكى دۇفۇ بوتقىلىرىنىڭ بازىرى ناھايىتى ياخشى بولغان.



   ساۋيۆزېنىڭ دۇفۇ بوتقىلىرىدىن مەسىلە چىقىپ ئىستىمالچىلارنىڭ تەنقىدى ۋە ئاغرىنىشىغا ئۇچرىغاندا، ساۋيۆزې ھەرگىزمۇ خۇدىنى يوقىتىپ قويمىغان، ئەكسىچە جاسارەت بىلەن تەنقىدنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.ئاندىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەسلىدىكى كەمچىلىك ۋە مەسىلىلەرگە خاتىمە بېرىپ قايتا ئورنىدىن تۇرغان، ھەمدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.



   باشقىلار پايدىلىق تەنقىدلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، كۆپ قىسىم نامراتلار بۇنىڭغا توغرا قارىمايدۇ، ھەتتا قايىل بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىمىز قىلىشىمىز كېرەك،باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدۇ. يەنە بىر خىل نامراتلاربولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ،بىراق ئاڭلاپ قويغاندىن كىيىن كۈلۈپلا قويىدۇ – دە، بۇ گەپ ئۇلارنىڭ«ئوڭ قۇلقىدىن كىرىپ سول قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ.» بايلار كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ھەتتا تەنقىدىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا چوڭقۇر ئويلىنىش ئېلىپ بېرىپ پايدىلىق پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ.




   بايلارنىڭ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى ھەرگىزمۇ ئۇلاردا مۇستەقىل كۆز – قاراشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلاردا مەسىلىلەرنىڭ ھەقدارغا قاراڭغۇ،كۈزەتكۈچىلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. نامراتلار دائىم ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرى تەرەققىي قىلىپ«سەكراتقا چۈشۈپ»قالىدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن ھوشىنى تاپىدۇ. ھالبۇكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاللىقاچان كېچىككەن بولۇپ، ھېچقانداق ئىشنى قىلىشقا ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ.



   بىر ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ھەر قانچە يۇقىرى بولسىمۇ يەنىلا چەكلىك بولىدۇ،«كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ، ئۈچ ئادەم بىر يەرگە كەلسە جۇگېلىياڭ بولىدۇ.» پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ئەقل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ، ئۆزىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ. شۇندىلا بايلىق يولىدا تېخىمۇ شىجائەت بىلەن ماڭغىلى، غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.



  سوڭشىيا شىڭجىجۇ «ياپونىيە تىجارەت ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن، گەرچە شىركەتتە ئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كارخانا ئىچىدە ھېچقانداق كىبىرى يوق بولۇپ،تۆۋەن قاتلامدىن كەلگەن خىزمەتچىلەرنىڭ تەنقىد – پىكىرىنى قوبۇل قىلىشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى.



  سوڭشىيا شىڭجىجۇ دائىم ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارغا مۇنداق دەيتى: «سىز بۇ ئىشقا بولغان قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ. ئەگەر سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟» .بىر قىسىم ياش باشقۇرغۇچىلار دەسلەپتە ئۇنىڭ ئالدىدا سۆزلەشكە پېتىنالمىغان، بىراق ئۇلار سڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ئەستايىدىل چىراي ئىپادىسىنى كۆرگەندىن كىيىن تەسىرلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۆز –قاراشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بايان قىلىشقا باشلايدۇ. سوڭشىيا شىڭجىجۇ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىگە ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ئۇ دائىم ئۇلارنىڭپىكىرىنى ناھايىتى زېھن قويۇپ ئاڭلاپ خاتىرىلىۋالىدۇ.



  سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ۋاقتى بولسىلا زاۋۇت قابېرىپ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالىدۇ. ئۇ ئىشچىلارغا كۆز –قاراشلىرىنى ئەركىن ھالدا بايان قىلغۇزىدۇ، قارىشى تەرەپنىڭ قانچىلىك ئەزۋەيلىشىگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايدۇ. سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ھېكىمەتلىرىدىن بىرى بولسا «كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر – ئىككى جۈملە سۆزى توغرا بولىدۇ.»



  سوڭشىيا شىڭجىجۇ ياپونىيەنىڭ داڭلىق كارخانىچىسى بولسىمۇ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ. بىراق بەزى نامراتلار ئازراق ماختاشقا ئۇچرىسىلا جاھاندا ئۆزىنى بىر چاغلاپ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالمايدۇ، ئاكتىپلىق بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشقۇ يوق گەپ.



   بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ماددى جەھەتتىكى پەرق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ چوڭى روھى ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى پەرق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



   توماس بولسا IBM نىڭقۇرغۇچىسى، ئۇ دائىم قىزغىنلىق بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرى ۋە رازى بولمىغان تەرەپلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ يەنە خىزمەتچىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرىغا ھەتتا باش لېدىرغا بىۋاستە ئۆزىنىڭ كۆز – قاراشلىرىنى ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، بۇنىڭ بىلەنئوزۇنغا قالماي شىركەتتە «سۆز ئەركىنلكى» دەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەنگەن.خادىملارنىڭ پىكىرىگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش ئۈچۈن شىركەتتە يەنە مەخسۇس ئادەممەسئۇل بولغان پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىنىپ، ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭ دانە پىكىركارتىسى تاپشۇرۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، توماس يەنە قىممىتىبارتەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان خادىملارنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى شىركەتنىڭ تۈزۈمى سۈپىتىدە قوللانغان.



   بىرقېتىم،بىر ياش خىزمەتچى توماسنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى تەكلىپتىن بىرنى ئېيىتقان. توماس بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولغان، بىراق ئۇنىڭدامۇكاپات بويۇمى قىلغىدەك نەرسە يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ بىر باناننى تاپقان، ھەمدە بۇنى مۇكاپات بويۇمى سۈپىتىدە ئۇ خىزمەتچىگە بەرگەن. قىزىق يېرى،بانان شۇنىڭدىن كىيىن IBM شىركىتىدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان.



   توماس ۋە سوڭشىيا شىڭجىجۇدا مۇنداق بىر ئورتاقلىق بار، يەنى ئۇلار باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشقا ناھايىتى ماھىر، بۇ يەنە كېلىپ كۆپ قىسىم بايلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى.ئەگەر نامراتلار ئۆزىنىڭ نامرات ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا،ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ ئۆزىنىلا مەركەز قىلماسلىقى، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى كېرەك، باشقىلارنىڭ تەنقىدى ۋە پىكىرىنى چوقۇم ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتى ۋە مەجبۇريىتى قاتارىدا كۆرۈشى كېرەك، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، بايلىق ئاندىن يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ.

   

بايلىقنىڭ بايانى:

ئاكتىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پىكىرى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىغاندا يەنە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، سىز كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىزمۇ، باشقىلار سىزگە كۆڭلىدىكى گەپنى قىلمايدۇ. پىكىر ئاڭلىغان ۋاقىتتا، چوقۇم ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىگە،بەدەن شەكلىگە دىققەت قىلىش، كۆڭۈل قويغان تەرزدە قارشى تەرەپكە نەزەر سېلىش كېرەك. شۇندىلا قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ پىكىرىنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىپ،ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى چىن ئويلىرىنى سۆزلەيدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 07:24 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 11:48:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۈچۈنچى باب تۇققۇزىنچى پارگىراف



***9.نامراتلار مەسئۇلىيەتنى بېسىم دەپ چۈشىنىدۇ، بايلار مەسئۇليەتنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ





   ھەر بىر ئادەمنىڭ دۇنيادا ئۆزىگە تەۋە بولغان مەسئۇليىتى بولىدۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا،نامراتلار مەسئۇليەتتىن قورقىدۇ، ئۇلار مەسئۇليەتنى بېسىم ۋە يۈك دەپ چۈشىنىپ،ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى توسالغۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىلدىكى قورقۇش پوزىتسىيىسى نامراتلارنىڭ مەسئۇليەتتىن قورقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن،ھەتتا ئۇلارنى مەسئۇليەتتىن قاچىدىغان قىلىپ قويىدۇ – دە، ئۇلار ناھايىتى تىزلا بايلىق رىقابىتىدە مەغلۇب بولىدۇ.





ئەكسىچە، بايلار مەسئۇليەتنى خۇشاللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلار مەسئۇليەتنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ قاراپ توختىماستىن تىرىشىدۇ.





   قەدىمدىن–ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە ئۆتكەن بايلارنىڭ ھەممىسىدە مەسئۇليەت ئېڭى بولىدۇ، ئۇلار مەسئۇليەتنى ئۆزىنى ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قاتارىدا كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بايلىق نىشانىغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ.






   ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەندىن كىيىن، جاۋمىڭ بېيجىڭدىكى بىر ماشىنا سېتىش شىركىتىگە كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئاۋارىچىلىق ۋە جاپالىق،بىراق ئىش ھەققى تۆۋەن ئىدى، ئەمما مەسئۇليەت ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان جاۋمىڭمې ھنەتكەشلىك بىلەن خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلىگەن.






   بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ نەرسە – كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغدا، جاۋمىڭ تۇيۇقسىز ئەنگىليەدىن كەلگەن بىر پارچە فاكىسنى تاپشۇرۋالىدۇ.ئېنگلىز تىلى ئاساسى ياخشى بولمىغان جاۋمىڭ فاكىستىكى بىر نەچچە تاق سۆزنىلا تونۇغان،شۇنداق قىلىپ ئۇ دەرھال خوجايىنغا تېلفۇن قىلىپ بۇ ئىشنى دوكلات قىلماقچى بولغان،بىراق خوجايىننىڭ تېلفۇنى ئېتىك بولۇپ ئالاقىلىشالمىغان.








   مەسئۇليەت ئېڭىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، جاۋمىڭ  ئېنگلىزتىلى لۇغىتىنى تېپىپ فاكىس مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلاپتۇ، ھەمدە قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.ئىككىنچىكۈنى خىزمەتكە چىققاندا خوجايىن بۇ ئىشنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ،جاۋمىڭنى نەق مەيداندا ماختاپتۇ. چۈنكى جاۋمىڭ فاكىسقا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرغاچقا،شىركەت پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللەپ بىر نەچچە كۈچلۈك رىقابەتچىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، بىر چوڭ سودا پۇرسىتىگە  ئېرىشكەن ئىدى.






   جاۋمىڭ بۇ سەۋەبلىك خېلى كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ مۇشۇ سەۋەبلىك خوجايىننىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپتۇ، ھەمدە ئوزۇن ئۆتمەستىن سېتىش نازارەتچىلىكىگە ئۆستۈرۈلۈپ يىللىق مائاشى مىليون يۈەندىن ئېشىپتۇ.






   پەقەت تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە جاۋمىڭنىڭ يىللىق مائاشى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سېتىش نازارەتچىلىكى ئورنىغا چىقالىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇنىڭدا كۈچلۈك مەسئۇليەت ئېڭىنىڭ بولغانلىقى، مەسئۇليەتنى تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەپ، ھەربىر ئىشنى ياخشى قىلىشقا تىرىشقانلىقىدا.






   ئەگەرجاۋمىڭ مەسئۇليەتنى بېسىم ئورنىدا كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن فاكىس بىلەن كارى بولمىغان بولاتتى؛ ئەگەر جاۋمىڭ مەسئۇليەتتىن قورقۇپ ئۆزىنى قاچۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ فاكىسنى تەرجىمە قىلىپ، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرمىغان بولاتتى؛ ئەگەر جاۋمىڭدا مەسئۇليەت ئېڭى بولمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ خوجايىننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ يىللىق مۇئاشى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.






   بۇ دەل بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى: نامراتلار مەسئۇليەتنى بېسىم ئورنىدا كۆرۈپ،ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ، ئۇلاردا مەسئۇليەت ئېڭى كەمچىل؛ ئەكسىچە بايلارنىڭ مەسئۇليەت ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،ئۇنى ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش يولىدىكى تۈرتكىلىك كۈچى قاتارىدا كۆرىدۇ.






   نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىلىق «پولات – تۆمۈر پادىشاھى» ئاندىرو. كارنىگ مەسئۇليەت ئېڭى كۈچلۈك، مەسئۇليەتنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قاتارىدا كۆرىدىغان بايلارنىڭ ۋەكىلى.






   ئاندىرو.كارنىگ 14 ياش ۋاقتىدا پىتىسبورگدىكى داۋىي تېلگېراف شىركىتىدە خەت توشۇغۇچى بولغان. ئۇ خىزمەتتە بەكمۇ ئەستايىدىل بولغاچقا ناھايىتى تىزلا شىركەتتىكى بازىرى ئىتتىك خادىمغا ئايلىنىدۇ.






   بىرقېتىم،ئوخىئو دەرياسىنى يار ئېلىپ كېتىپ سىتۋېر بازىرىدىكى تېلگېراف سىملىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ. ئاندىرو. كارنىگ بۇنى كۆرۈپ شىركەتنىڭ ئادەم كۈچىنىڭ يىتىشمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تېلگېراف خادىمىنى ئېلىپسىتۋېر بازىرىغا كەپتۇ. ھەم  كېمىدىن پايدىلىنىپ خەت توشۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ. خوجايىن بۇ سەۋەبلىك ئۇنى تارتۇقلاپ،  ھۇقۇقىنى ئۆستۈرۈپ مائاش قوشۇپ بېرىپتۇ.






   بىركۈنى سەھەردە، پىتىسبورگ تۆمۈر يول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سىكوت ئەپەندىم  تېلېگراف شىركىتى تېخى ئىشقا چۈشمىگەندە يىتىپ كەپتۇ. كارنىگ ئۆزى يالغۇز ئۇنى كۈتۈۋاپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ 15 پارچە تېلېگرامما يوللاپتۇ. شۇ كۈنى چۈشتە سىكوت ئەپەندىم يەنە تېلېگرامما يوللىغىلى كەپتۇ، ھەمدە كارنىگنىڭ ئىسمىنىbئاتاپ ئۆزى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى ئېيتىپتۇ.






   ئوزۇن ئۆتمەستىن تۆمۈر يولنىڭ تېلېگرامما مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مەخسۇس تېلېگرافسىمى ئورنىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپتۇ. سىكوت كارنىگنى خۇسۇسىي تېلېگراف خادىمى قوشۇمچە كاتىپلىققا كۆرسىتىپ، تېلېگرامما يوللاش ۋە شىركەتنىڭ مالىيەسىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل قىپتۇ.






   بىرقېتىم كارنىگ سىكوت ئىدارە باشلىقىغا كەلگەن جىددى تېلگېراممنى تاپشۇرۋاپتۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق يېزىلغان ئىدى: پويىز ئالتودا تۆت سائەت توسۇلۇپ قالدى، ئىدارە باشلىقى جىددى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.  قاملاشمىغان يىرى،  ئىدارە باشلىقى سىكوتسىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ ئالاقىلەشكىلى بولمايىتتى. بىراق ،ۋاقتىدا تەڭشەش بۇيرۇقى بېرىلمىگەندە ئېھتىمال پويىزلارنىڭ ئۆز– ئارا سوقۇلۇپ كېتىشىدەك چوڭ خەتەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى.






   بۇنداق قىيىن ئەھۋال ئاستىدا ھېچكىمدىن سادا چىقماپتۇ، چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا ئىدارە باشلىقىدىن باشقىلار ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەڭشەش بۇيرۇقى چۈشۈرسە خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇش خەۋپى بار ئىدى. كۆپچىلىك ھەممەيلەن ئىككىلىنىپ ۋە جىددىيلىشىۋاتقان چاغدا، كارنىگ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىمزاسى بىلەن تەڭشەش بۇيرۇقى بېرىپ، بۇ ئارقىلىق بىر قېتىملىق خەتەردىن ساقلىنىپ قاپتۇ. بۇ ئىشتىن كىيىن سىكوت ئەپەندىم كارنىگنى مەسئۇليەتچانلىق ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك دەپ ماختاپتۇ.






   ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە سەزگۈرلۈكىگە تايانغان كارنىگ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپتۇ.سىكوت ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇنىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكى خىزمەت ئورنى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كىيىن سىكوت ئەپەندىم يۆتكىلىپ كەتكەندىن كىيىن،كارنىگ پىتىسبورگ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپتۇ.






   1865 – يىلى كارنىگ تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا كىرىشىپتۇ. ئۇ ئىلگىرى – كىيىن پىتىسبورگ رېلىس شىركىتى، پاراۋوز ياساش شىركىتى ۋە تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ،پولات – تۆمۈر كەسپىگە كىرىشكە باشلاپتۇ.








   19 –ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كارنىگ پولات – تۆمۈر شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات – تۆمۈر كارخانىسىغا ئايلىنىپ، كارنىگ ئۆزىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بېيىغا ئايلىنىپتۇ.






   بىر ئاددى تېلېگراف خادىمىدىن دۇنيانىڭ «پولات – تۆمۈر پادىشاھى» غا ئايلىنىش سەرگۈزەشتىسى ئارقىلىق، كارنىگ پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ رىۋايەت خاراكتېرلىك ھاياتىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن. ناھايىتى ئېنىقكى، ئاندىرو. كارنىگ بولسا مەسئۇليەت ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك ئادەم.





ئۇ مەسئۇليەتنى بېسىم ئورنىدا كۆرمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئوخىئو دەرياسى يار ئېلىپ كەتكەندە  ئاكتىپلىق بىلەن كېمىدىن پايدىلىنىپ تېلېگرامما توشۇپ شىركەتنىڭ چوڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان ؛ مەسئۇليەتنى تۈرتكىلىك كۈچ قاتارىدا كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇ تېخى خىزمەتكە چۈشىدىغان ۋاقىت كەلمەستىلا خېرىدارلارنى كۈتىۋېلىپ،ئۇلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلغان، بۇ ئارقىلىق ئۇلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ھاياتىدا ناھايىتى چوڭ ياردەملەرگە ئېرىشكەن؛ كۈچلۈك مەسئۇليەتچانلىقى بولغانلىقى سەۋەبلىك، كارنىگ خەتەرلىك پەيىتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆز رەھبىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن؛  مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ غايەت زور كۆلەمدىكى

پولات – تۆمۈر كارخانىسىنى قۇرۇپ چىقىپ ئىسمى –جىسمىغا لايىق «پولات – تۆمۈر پادىشاھى» غا ئايلانغان.






   ھەقىقەتەن،بىر ھەقىقىي باي چوقۇم يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىققا ئىگە ئادەم. ئۇ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىن تارتىپ جەمئىيەتكىچە مەسئۇل بولالايدۇ. پۈتۈن دۇنياغا داڭقى پۇركەتكەن كارخانىچى، «تەڭگە يۇلتۇزى»شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى موباك ئىجتىمائىي مەسئۇليەتچانلىق ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان باي.






   سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، موباك ئوقۇش پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ تازلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. تازلىق قىلغان ۋاقىتلاردا موباك ھەمىشە ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ بۇلۇڭلىرىدىن چاڭ – توزان بېسىپ كەتكەن تەڭگە پۇللارنى تېپىۋالاتتى.






   موباك تېپىۋالغان پۇللارنى ساۋاقداشلارغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، ئوقۇغۇچىلار خۇشياقمىغان تەلەپپۇزدا بۇ پارچە تەڭگىلەرگە ھېچقانداق نەرسە سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى،يېنىدا تۇرسىمۇ ناھايىتى ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالغاچقا، شۇڭا بۇلارنى تاشلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.






   موباك تاشلىۋىتىلگەن تەڭگە پۇللارنى جۇغلاشقا باشلاپتۇ، شۇنداق قىلىپ بىر ئاي ئۆتكەندەئۇ ئۆزىنىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى پۇل جۇغلىغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقاپتۇ!بۇ ئويلىمىغان كىرىم ئۇنى ناھايىتى خۇشال قىپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۇلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپتۇ.






   شۇنداق قىلىپ، موباك تەڭگە پۇللارنى يىغقانسىرى كۆپىيىپتۇ. ئۇ نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق تەڭگە پۇللارنى يىغقان ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ تەڭگە پۇللارغا ئېتىبار بەرمەسلىك، قەستەن تاشلىۋېتىشىدەك ئەھۋالنى دۆلەت بانكىسى ۋە مالىيە مېنىستىرلىكىگە خەت يېزىپ ئىنكاس قىلماقچى، بۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەمدە ئۇلارغا تەكلىپ بېرىپ، جەمئىيەتتىكى تەڭگە پۇللارنى قەدىرلىمەيدىغان، كىچىك سوممىدىكى تەڭگە پۇللارنى خالىغانچە تاشلىۋىتىدىغان ئەھۋاللارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيىتمەكچى بوپتۇ.






   مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ناھايىتى تىزلا موباكنىڭ خېتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ،ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى، ھەريىلى تەخمىنەن 105 مىليارىد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تەڭگە پۇللارنىڭ تاشلىۋىتىلدىغانلىقىنى، ئىلگىرى كۆپقېتىم كىشىلەرگە تەڭگە پۇللارنى قەدىرلەشنى چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان ياخشى ئۇسۇلنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ.






   گەرچە بۇ جاۋاب موباكنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كىچىك سوممىدىكى تەڭگە پۇللارنى قەدىرلەش ئىدىيىسىنى يىلتىز تارتقۇزۇشتىن ۋاز كەچمەپتۇ.





1991 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن موباك «تەڭگە يۇلتۇزى» شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ،مەخسۇس تەڭگە پۇل ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپتۇ. موباك نەچچە دانە ئاپتوماتىك پۇل ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ ھەر قايسى چوڭ تاللا بازارلىرىغا ئورنىتىپتۇ، خېرىدار پەقەت قولىدىكى تەڭگە پۇلنى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سالسىلا ماشىنا ئۇلارغا ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلار بۇ ئىسپاتنى ئېلىپ تاللا بازىرىنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسىدىن نەق پۇلغا ئالماشتۇرۋالسا بولىدۇ. پۈتكۈل جەريانغا پەقەت %9 لىك رەسمىيەت ھەققى كېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى موباك ۋە تاللا بازىرى نىسبەت بۇيىچە ئۆلۈشىدۇ.






   موباكنىڭ«تەڭگە يۇلتۇزى» شىركىتى تىجارەت باشلىشىغىلا تىجارىتى ناھايىتى قىزىپ كېتىپتۇ،تەڭگە پۇل ئالماشتۇرغىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ.موباك ئۆزىنىڭ دەسلەپكى خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بۇنىڭدىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىپتۇ، ھەمدە تاللا بازىرى ۋە ئىستىمالچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپتۇ.






   پەقەت يەتتە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، موباكنىڭ «تەڭگە يۇلتۇزى» شىركىتى پۈتكۈل ئامېرىكىنىڭ 8900 جايدىكى چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىغا 11800 دانە ئاپتوماتىك تەڭگە پۇل ئالماشتۇرۇش زەنجىرسىمان دۇكىنى تەسىس قىلىپ، ئامېرىكىدا مۇئەييەن كۆلەم شەكىللەندۈرۈپتۇ. ھەمدە ناسداكتىكى نامى چىققان بازارلىق شىركەتكە ئايلىنىپتۇ،موباك ئۆزىمۇ بىرلا دومىلاپ مىليادىرغا ئايلىنىپتۇ.






   موباكتىن ئىبارەت ئەينى ۋاقىتلاردا باشقىلار نامرات دەپ مەسخىرە قىلىدىغان بۇ كىچىك شەخىسنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي مەسئۇليەت ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئۇنىڭدا مەسئۇليەت ئېڭى بولمىسا،مەسئۇليەتنى بىر خىل بېسىم ئورنىدا كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ دۆلەت بانكىسى ۋە مالىيە مېنىستىرلىكىگە خەت يېزىپ كىچىك سوممىلىق تەڭگە پۇللارنىڭ ئىسراپ بولۇش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛



ئەگەر ئۇ مەسئۇليەتتىن قورقۇپ،مەسئۇليەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر كىچىك ئىشتىن چوڭ سودا پۇرسىتىنى بايقىيالمىغان بولاتتى؛ ئەگەر مەسئۇليەتنى تۈرتكىلىك كۈچ قىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئىگىلىك يارىتىش يولىغا مېڭىپ ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان بولاتتى.






   كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىقنى قوغلىشىش جەريانىدا مەسئۇليەت ئېڭى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل بولۇپ، پەقەت مەسئۇليەتنى تۈرتكىلىك كۈچ قىلىپ،جاسارەت بىلەن مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ بايلىق توپلاش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.






   شۇنىڭ ئۈچۈن، بايلاردىن بولۇشنى ئويلىشىۋاتقان نامرات دوستۇم ، ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇليەت ئېڭىنى يىتىلدۈرۈڭ، مەسئۇليەتنى ئۆزىڭىزگە تۈرتكىلىك كۈچ قىلىپ،مەسئۇليەتچان ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ!






   مەسئۇليەت ئېڭى ئىگىلىك يارىتىشتىكى كاپىتال، ھەرقانداق ئوقۇش تارىخىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئەۋزەللىك. مەسئۇليەت ئېڭى ئادەمنىڭ باي بولۇش پۇرسىتىنى بايقىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. مەسئۇليەت ئېڭى يىتىلدۈرۈش يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.








بايلىقنىڭ بايانى:

بايلار شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇكى، بارلىق ئامالنى قوللىنىپ ئۆزىنى قاچۇرغان تەقدىردىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا يۈزلىندىغان رىئاللىققا چوقۇم يۈزلىنىش، ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. مەسئۇليەتنى بېسىم ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىن كۆرە، باشلىنىشتىلا مەسئۇليەتنى تۈرتكىلىك كۈچ قاتارىدا كۆرۈپ ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىش ۋە ئۇنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش لازىم.





شۇنى بىلىش كېرەككى: مەسئۇليەتنى تۈرتكىلىك كۈچ قاتارىدا كۆرىدىغان،مەسئۇليەت ئېڭى بار ئادەم ھامان تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ، ئەكسىچە ئاشۇ مەسئۇليەتنى بېسىم ئورنىدا كۆرىدىغان، مەسئۇليەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئادەمنىڭ پۇرسەتكە ئېرىشمىكى تەسكە توختايدۇ، ھەتتا پۇرسەتتىن قۇرۇق قالىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-3 11:59 AM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش