مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: WWW.UYHQT.COM

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ( 1-قىسىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 04:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرە تۇتىمى!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 07:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى باب بىرىنچى پارگىراف

  كۆز –قاراشتىكى پەرق: نامراتلار باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ كۆلەم يارىتىدۇ



***1. نامراتلار ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئىش تۇتىدۇ،بايلار ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدۇ


   دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات – مەخلۇقاتلار توختىماستىن ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ،ئۆزگەرمەيدىغان بىرمۇ شەيئى يوق. سىز ھازىر كۆرىۋاتقان نەتىجە بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە غايەت زور دەرجىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بۈگۈنكى پەن – تېخنىكا تەرەققىي قىلغان،توختىماستىن ئۆزگىرىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن توغرا پەرەز قىلىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارىتا ئىش قىلىش ناھايىتى مۇھىم.كىم بۇ نۇقتىنى چۈشەنسە، شۇ بايلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغان بولىدۇ، بۇمۇ نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ مۇھىم پەرقى.



ئوخشاش ئىشقا يولۇققاندا، نامراتلار ئاۋۋال ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قارايدۇ، پايدىسى كۆز ئالدىدىلا بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ ھەمدە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ.پەقەت نەتىجىسى ئېنىق ئەمەس ياكى جەزملەشتۈرگىلى  بولمىسا، نامراتلار ھەرگىزمۇ قىلمايدۇ.



   بايلار بولسا ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، ئۇلار تەرەققىيات قارىشى بۇيىچە ھازىرقى ئەھۋالنى كۈزىتىدۇ، رېئاللىقنىڭ ئىنچىكە ئۆزگىرىشلىرىدىن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىلىشكە تىرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق تارىختىكى تەجىرىبە ۋە قانۇنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ، ھەمدە بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بايلار ئىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا تەييارلىق قىلىپ ئاساس سېلىپ بولىدۇ،ئىشلار تەرەققىي قىلىپ پىشىپ يىتىلگەندە ئۆزلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، مۇتلەق ئەۋزەللىك بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.



   بۇ ۋاقىتتا ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر بايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرۈپ ئۆزلىرىمۇ بۇنىڭدىن ئازراق نەپكە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، بىراق چوڭ بايلىق ئاللىقاچان ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ كەتكەن بولىدۇ.



ئىشنىڭ نەتىجىسگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر ئېشىپ قالغان ئازغىنە «گۆش» ئۈچۈن قان بولۇشقان ۋاقىتتا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان بايلار ئاللىقاچان كىيىنكى قەدەملىك «ۋەزىيەت مۆلچەر» نى يۈرگۈزۋاتقان بولىدۇ.

   كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، نەتىجىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر دائىم «ئەگەشكۈچى» ئوبرازىنى يارىتىدۇ، ئۇلار ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىنئەگىشىپ،بايلاردىن «ئېشىپ قالغان» نەرسىلەرنى تىرىپ ماڭىدۇ،شۇڭلاشقا ئۇلار يەنىلا بايلىق يولىدىكى لەززەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.



   ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىدا  كۆلىمىئانچە چوڭ بولمىغان بىر تىككۈچىلىك ماشىنىلىرى زاۋۇتىنىڭ سېتىش مىقدارى بارغانسىرى تۆۋەنلەپتۇ، سودىسىمۇ بارغانسىرى كاساتلىشىپتۇ. زاۋۇت باشلىقى جېكمۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە بازار ئەھۋالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىپتۇ،بۇ خىل ئەھۋالدا تىككۈچىلىك ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيىتتى.


شۇنداق قىلىپ جېك ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ،كۆزىنى كەلگۈسىدىكى بازارغا تىكىپتۇ. كىيىن قايسى ئىشنى قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جېك ئۇرۇشتىن كىيىن يارىدارلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. ھەم كەسىپنى ئۆزگەرتىپ يارىدارلار ئىشلىتىدىغان كىچىك چاقلىق ئورۇندۇق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى كەسىپ ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ.



زاۋۇتنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن، جېك ئىشلەپچىقارغان كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلار  بازارغا كىرىپتۇ. بۇ ۋاقىت دەل دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا توغرا كەلگەچكە، ئۇرۇشتا يارىلانغان نۇرغۇن ئەسكەرلەر ۋە خەلقئاممىسى بۇ خىلدىكى كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلارنى بەس – بەستە سېتىۋاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلار بازاردىكى «جىددى مال» غا ئايلانغان، چۈنكى باشقا سودىگەرلەر بۇنداق ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىمىگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلار پەقەت جېكنىڭ زاۋۇتىدىلا بولۇپ ،ئەينى چاغدا ئېھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك تەييار مال بار ئىدى. بۇ  ھال جېكنىڭ زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلارنى ئامېرىكىدا سېتىپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە چەتئەللەرگىچە سېتىش ئىمكانيىتىگە ئىگە قىلدى.



جېكنىڭ ئوغلى كىچىك چاقلىق ئورۇندۇق سودىسىنىڭ ناھايىتى قىزىپ كەتكەنلىكىنى، كىرىمنىڭمۇ بارغانسىرى يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتمىدى. ئۇ دادىسىدىن تەلىم ئېلىپ: «ئۇرۇش ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى،كىچىك چاقلىق ئورۇندۇق بازىرىمۇ تويۇناي دەپ قالدى، ئەمدى زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ.كىيىنكى 50 – 30 – يىلغىچە بازاردا يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟» دەپتۇ.



   جېك قايتۇرما سۇئال قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوغلىنى ئىلھاملاندۇرۇپ: «ئۇرۇشتىن كىيىن كىشىلەرنىڭ كۆز –قارشىدا يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.



   ئوغلى جاۋاب بېرىپ:«كىشىلەر  ئۇرۇشتىن بىزار بولدى،ئۇرۇشتىن كىيىن كىشىلەر چوقۇم ھاياتنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» دەپتۇ.



   «ئۇنداقتا بۇ گۈزەل تۇرمۇش نېمىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ساغلام بەدەنگە تايىنىدۇ.قارىغاندا كىشىلەر كەلگۈسىدە چوقۇم بەدەن ساغلاملىقىنى ئۆزىنىڭ قوغلىشىش نىشانى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم ھازىردىن باشلاپ چېنىقىش سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى قىلىشىمىز كېرەك.»



شۇنداق قىلىپ جېكنىڭ زاۋۇتىدىكى كىچىك ئۇرۇندۇقئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈسكۈنىلەر چېنىقىش سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە ئۆزگەرتىلىپ، كىيىنكى قېتىملىق بازارنىڭ يۇقىرى دولقۇنى ئۈچۈن تەييارلىق قىپتۇ. 30 يىل ئەمەس، پەقەت ئۇرۇشتىن كىيىنكى10 نەچچە يىلدىلا چېنىقىش سايمانلىرى بازاردا مودا بولۇشقا باشلاپتۇ.ھەم ئوزۇن ئۆتمەستىن  بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلىنىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا چېنىقىش سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىرلا زاۋۇت بولۇپ، جېك جەمەتى بۇ كەسىپتە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەچكە مىليادېرلار قاتارىغا ئۆتكەن.



  يۇقىرىدىكى ھېكايىدىن بىز كۆرۈۋالالايمىزكى، جېك بولسا تىپىك «ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۈرىدىغان»ئادەم، ئەكسىچە باشقا سودىگەرلەر پەقەت ئۇنىڭ «ئەگەشكۈچىسى» .باشقا سودىگەرلەر مەلۇم بىر ساھەدە «ئالىدىغان پايدا بار» لىقىنى بىلىپ قول سالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، جېك ئۆزىنىڭ نەزىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تىككەن. ئېنىقكى بۇ خىلدىكى بايلىق تالىشىش مەيدانىدا جېك ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى بىلەن كۆپلىگەن رەقىبلىرىنى يەڭگەن.



ھەقىقەتەن،ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرەلىگەنلىكى سەۋەبلىك، جېك تىككۈچىلىك ماشىنىسىنىڭ ئۇرۇشتىن كىيىنكى بازارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلارنى ئىشلەپ چىقارغان؛ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرەلىگەنلىكى سەۋەبلىك، جېك كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلارنىڭ سودىسى ياخشى بولۇۋاتقان، كۆپچىلىك ھەممەيلەن بۇ كەسىپكە مەبلەغ سېلىپ پايدا تالىشىۋاتقان چاغدا بۇ ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ،مۇددەتتىن بۇرۇن چېنىقىش سايمانلىرىغا مەبلەغ سالغان؛ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرەلىگەنلىكى سەۋەبلىك، جېك بازاردا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللەپ مىليادېرغا ئايلىنالىغان.



كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىق يولىدا ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش بولسا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدىلىك. بولۇپمۇ رىقابەتكە تولغان،توختىماستىن ئۆزگىرىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش بولسا پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللەپ، شاللىنىپ كەتمەسلىكنىڭ كاپالىتى؛ پەقەت ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛پەقەت ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندىلا ئاندىن بايلىق يولىدا باش كۆتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.

جۇڭگو –چەتئەللەردىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگەقارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئالاھىدىلىك بار. دۆلىتىمىزدە شاڭگاڭلىق ئوقەتچى خو يىڭدۇڭ بازارنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ ۋە ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى بەلگىلەيدۇ.



   11 –نۆۋەتلىك ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن، خويىڭدۇڭ ئۆزىنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات – ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ،مېھمانسارايچىلىق كەسپى بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى مېھمانسارايچىلىق كەسپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە پايدا بوشلۇقى بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان. شۇنداق قىلىپ خويىڭدۇڭ ئىسلاھات – ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە مېھمانساراي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان.



   1979 – يىلى 1 – ئايدا 56 ياشلىق خويىڭدۇڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ،گۇاڭدۇڭدا بىر بەش يۇلتۇز دەرىجىىك مېھمانخانا –بەيتىيەنئې (ئاققۇ )مېھمانخانىسىنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خويىڭدۇڭ بۇنىڭغا 13مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، يەنە بانكىدىن 36 مىليون 310 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئالماقچى بولغان.



   دۆلىتىمىزدە 20 –ئەسىردىكى 70 – يىللارنىڭ ئاخىرى 80 – يىللارنىڭ بېشىدا مېھمانساراي قۇرۇش(بولۇپمۇ بەش يۇلتۇلۇق مېھمانساراي قۇرۇش) نىڭ تەرتىپى ناھايىتى مۇرەككەپ، جەريانى ناھايىتى مۈشكۈل بولۇپ، بۈگۈنكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايىتتى. سىياسىي ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ بولغاندىن سىرت، يەنە ماددى، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلەتتى.



بىر چوڭ مېھمانساراي قۇرۇشتا 100 مىڭ خىلغا يېقىن بىزەكچىلىك ماتېرىياللىرى ۋە زۆرۈر بويۇملارغا ئېھتىياجلىق بولاتتى. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى شارائىتىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مال مەنبەسى ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، ئىزدىگەن نەرسىنى ئاساسەن تاپقىلى بولمايىتتى. ھەتتا يۇيۇنىدىغان قاچىنىڭ پۇرۇپكىسىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىمغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىغا چايداننىڭ پۇرۇپكىسىنى ئىشلىتەتتى. ئەڭ مۈشكۈل يېرى، ئۇ ۋاقىتلاردا ھەر قانداق نەرسىنى ئىمپورت قىلسا ھەر خىل قىزىل تامغىلارنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.



   جەريانى ناھايىتى مۈشكۈل بولغان مۇنداق مېھمانساراي كەسپىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياختۇرمايىتتى .بىراق خوڭيىڭدۇڭ قەتئىي ھالدا بەيتىيەنئې (ئاققۇ)مېھمانسارىيىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خوڭيىڭدۇڭنىڭ قارارى ۋە تاللىشى ناھايىتى ئاقىلانە بولغان.بەيتىيەنئې مېھمانخانىسى (دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىنكى تۇنجى شاڭگاڭ مەبلىغىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا، ھەمدە تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا) كەڭ تۈردىكى ئېتىبارغا ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھايىتى ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.



   كۆزى كىچىك ئادەم دائىم كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە ياكى ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئىش تۇتىدۇ،ئەزەلدىن ئىشنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىياتىنى ئويلىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە پايدا بوشلۇقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئاشۇ بايلار(مەسىلەن: يۇقىرىقى مىسالدىكى خوڭيىڭدۇڭ) ئەزەلدىن كۆز ئالدىدىكى قىسقا ۋاقىتلىق مەنپەئەت ۋە يوقىتىشلارغا پىسەنت قىلمايدۇ، ئەكسىچە نەزىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تىكىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ۋە ئىشنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە قاراپ ئۆزىنىڭ پىلانىنى تۈزىدۇ.



بۇ پىلان ۋە قارارلار كىيىن چوقۇم سىرتقى مۇھىتنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، بىراق پەرەز قىلىنغان ۋەزىيەت توغرىلا بولىدىكەن، نەچچە يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئوزۇن ۋاقىتتىن كىيىن، بۇ قارار ۋە پىلانلار ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بايلىقنى ئىزدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بايلىق ئۆزلۈكىدىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.

   شۇنىڭ ئۈچۈن بايلاردىن بولۇشنى ئويلىغاندا، چوقۇم كۆزئالدىدىكى كىچىككىنە نەتىجىگە قاراپ ئىش قىلىدىغان ئادەتنى تاشلاش، مەسىلىلەرگە تەرەققىيات نەزىرى بىلەن قاراپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا  ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى بەلگىلەشنى ئۆگىنىش كېرەك.



بايلىقنىڭ بايانى:

   ۋەنشىياڭگورۇھى پايچېكلار مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى لۇگۇەنچىيۇ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن:«ئىلگىرىكى ئەۋزەللىكنى ھازىرقى ئەۋزەللىك قاتارىدا كۆرۈشكە بولمايدۇ،ھازىرقى ئەۋزەللىكمۇ كەلگۈسىدىكى ئەۋزەللىككە تەڭ ئەمەس. چۈنكى ،دۇنيادىكى ھەرقاندا شەيئى تىنچ،ئۆزگەرمەس ئەمەس، ئۇلار توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى پۇراقلىق پىچىنە –پىرەنىكلەر ئەتە تەمسىز ھەم قاتتىق بولۇشى،شۇ سەۋەپتىن كىشىلەرئۇنى ياقتۇرماسلىقى  مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن، بايلىق يولىدا ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتكە قارىماسلىقىمىز،ئەكسىچە نەزىرىمىزنى تېخىمۇ يىراقلارغا قويۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا  ئاساسەن قول سېلىشىمىز كېرەك.»




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 07:43 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 01:12:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى يوللىغاندا ھەركۈنى بىر پارىگىراپتىن بۆلۈپ يوللىساق مۇۋاپىقمۇ ياكى بىر باپنى بىرلىك قىلىپ بىراقلا يوللىساق مۇۋاپىقمۇ؟ كۆرسەتمە بەرسەڭلار شۇ بويىچە يوللىساق بۇلاركەن.

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 01:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى باب ئىككىنچى پارگىراف



***2. نامراتلار قۇرۇق خىيال قىلىشقا ئامراق، بايلارئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامراق




   ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا باي بولۇش، پۇلدارلاردىن بولۇش چۈشىنى كۆرۈش نورمال ئىش. بىراق يۇقىرىغا ئۆرلەش يەنىلا يۇقىرىغا ئۆرلەش، ئارزۇ يەنىلا ئارزۇ. ئەگەربۇلار پەقەت قۇرۇق خىيال باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇلار ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان «بەڭگىنىڭ خىيالى» غا ئايلىنىدۇ.


   ھالبۇكى بۇ نۇقتىنى نۇرغۇنلىغان نامراتلار چۈشەنمەيدۇ. ئۇلاردا  كەمچىل بولغىنى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەركەت. ئۇلار ھەمىشە بىر ئىزىدا تۇرۇپ رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان خىياللارنى قىلىشنى ياكى ئايىغى چىقماس«چۈشلەر» نى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئاسماندىن ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا گۆشنان چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈندە كۆكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشىنى،چەكسىز بايلىقلارغا ئېرىشىشنى، ئۆز بايلىقى بىلەن شۆھرەت قازىنىپ داڭلىق ماشىنا ۋە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلارغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.بىراق ئۇلار پەقەت ئويلاش باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قېلىپ، ئويلاپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشمايدۇ. خۇددى مايۈن ئېيىتقاندەك «ئاخشاملىرى نۇرغۇن يوللاردا مېڭىشنى ئويلايدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئەسلىدىكى يولىدا ماڭىدۇ.»


   ئەمما بايلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى ۋە كەلگۈسىگە قارىتا مۇۋاپىق پىلان تۈزىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.


   بېرىد پىنسىيەگە چىققان ئەنگىلىيەلىك ئوقۇتقۇچى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى كونا نەرسىلەرنى رەتلەۋاتقاندا بىر مەشىق دەپتەرنى بايقاپتۇ. توپا بېسىپ كەتكەن بۇ خاتىرە دەپتەرگە يېزىلغىنى بېرىد پاركىن بالىلار باغچىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان باھار پەسىللىك ماقالە بولۇپ، ماقالە تېمىسى«كەلگۈسىدە مەن بىر...» ئىدى.




   50 يىل بۇرۇنقى نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى ساقلىنىشى بېرىدنى ناھايىتى خۇشال قىپتۇ. ئۇ ئەسلىدە بۇ نەرسىلەرنى گىرمانلار لوندوننى بومباردىمان قىلغاندا پاكپاكىز يوقىلىپ كەتكەن دەپ ئويلايىتتى،ئويلىمىغان يەردىن 50 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار يەنىلا ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى.




   بېرىد قىزىقىپ توپا باسقان دەپتەرنى ۋاراقلاپتۇ، دەسلەپتە بالىلارنىڭ قەلەم ئىزلىرىئۇنىڭ دىققىتىنى  ئىختىيارسىز جەلپ قىپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن بالىلارنىڭ ئاجايىپ – غارايىپقا تولغان،مول مەزمۇنلۇق تەسەۋۋۇرلىرى بېرىدنى مەھلىيا قىپتۇ. مەسىلەن: بىر كىچىك بالا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە فرانسىيە زوڭتۇڭى بولىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ؛ بىد ئىسىملىك بالا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ؛ بەزى بالىلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىن ھايۋاناتلارنى كۆندۈرگۈچى بولىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى؛بەزى بالىلار كىيىن ئۆزلىرىنىڭ ئاۋىئاتسىيە باشقۇرغۇچى بولىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى... بۇ ئاجايىپ –غارايىپ تەپەككۇرلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى بولسا، دېيىۋ ئىسىملىك ئەما بالا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ئەنگىليە ئىچكى كابېنتىنىڭ ۋەزىرى بولىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى، سەۋەبى ئۇنىڭ قارىشىچە ئەنگىليە ئىچكى كابېنتىغا ئەزەلدىن بىر ئەما ئەزا كىرىپ باقمىغان ئىدى.


   ئەينى يىللاردىكى بۇ ماقالىلەرنى ئوقۇپ بېرىدنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز بىر خىيال پەيدا بوپتۇ: نېمىشقا بۇ ماقالىلەرنىڭ ئىگىلىرىنى تېپىپ، ئۇلارغا 50 يىل بۇرۇنقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان – ئاشۇرمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويمايمەن؟



   بېرىد ئويلىغانلىرىنى ئەمەلىيەتتە قىلىپ يەرلىكتىكى بىر گېزىتخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ،گېزىتنىڭ باش بېتىگە بىر ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپتۇ. نەچچە كۈن ئۆتمەستىن بېرىد ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا  ئالىملار،سودىگەرلەر، ھۆكۈمەت خادىملىرى بارئىكەن، تېخىمۇ كۆپلىرى بولسا سالاھىيىتى، ئورنى يوق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار خېتىدە ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسىنى بەكمۇ بىلگۈسى بارلىقىنى، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ھېلىقى مەشىق دەپتەرگە ئېرىشىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.


   بېرىدئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادرىسىغا ئاساسەن مەشىق دەپتەرلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بېرىدنىڭ يېنىدىكى مەشىق دەپتەرلىرى ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپتۇ، بىراق ھېلىقى ئەنگىليە ئىچكى كابېنتىدا ۋەزىر بولماقچى بولغان دېيىۋ ئىسىملىك بالىدىن خەت كەلمەپتۇ. بېرىد كۆڭلىدە بۇ بالىنى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىنلىقىنى ئويلاپتۇ، چۈنكى 50 يىل ۋاقىت ئۆتتى، بۇنچىلىك ئوزۇن ۋاقىتتا ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.


   بېرىد مۇئەللىم دېيىۋنىڭ مەشىق دەپتىرىنى بىر شەخسىي يىغىپ ساقلاش ئورنىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقاندا،  ئىچكى كابېنىتنىڭ مائارىپ مېنىستىرى بلانكېتتىن كەلگەن بىرپارچە خەتنى تاپشۇرۋاپتۇ. بلانكېت خېتىدە مۇنداق يازغان ئىدى: «ھېلىقى دېيىۋ ئىسىملىك بالا مەن بولىمەن، سىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ساقلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىراق مەن بۇ خاتىرە دەپتەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس،چۈنكى مەن ئۆز ئارزۇيۇمنى يازغان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى، مەن ئەزەلدىن ئۇنى ئۇنتۇپ باقمىدىم، ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باقمىدىم. 50 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئاللىقاچان غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.مەن بۇ يەردە بۇ خەت ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقداشلىرىمغا ئېيتىپ قويماقچى،پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى غايىسىنى ئۇنتۇپ قالمىساق، ھەمدە قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىمىزنىڭ غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلساقلا، مۇۋەپپەقىيەت ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ ئىشىكىمىزنى چېكىدۇ.»





ئوتتۇزدىن كۆپرەك ئادەم ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى غايىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. كۆپچىلىك قارىماققا خالىغانچە سۆزلەپ قويغان، سۆزلەپ بولغاندىن كىيىنلا غايىمۇ قىممىتى يوق قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.



پەقەت بلانكىېتلا ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى غايىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان،ھەمدە ئىزچىل ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدا ئەنگىليەدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ تۇنجى قارىغۇ ۋەزىرىگە ئايلانغان. ھەركەتلىنىش كۈچىبىر قەدەر يۇقىرى بولغان بلانكېتقا سېلىشتۇرغاندا،ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى خىيالغا پېتىپ قالغان، دەل خىيال قىلىشنى ياخشى كۆرگەچكە،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى پەقەت«نامسىز داشقال» لارغا ئايلىنىپ، ئىلگىرىكىدەك نامراتلار قاتارىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن.






   تېكساس شىتاتىدىكى مىليارىد يۈەنلىك مال – مۈلۈككە ئىگە بولغان نېفىت سودىگىرى باك. شالتئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىلىرىنى سۆزلىگەندە: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھەرگىز تەس ئەمەس، ئاۋۋال سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك،ئاندىن ھەركەتكە كېلىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئىككىنچى قەدەمنى ئالمىسىڭىز، سىز مەڭگۈ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىزغا ئېرىشەلمەيسىز.»دىگەن.يۇقىرىدىكى ھېكايىدىكى بلانكېت ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ پەرقى: بلانكېت ئىزچىل ئىككىنچى قەدەمنى ئالدى، بىراق ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى پەقەت بىرىنچى قەدەمدىلا تۇرۇپ قېلىپ ئىككىنچى قەدەمنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.


   بۇ دەل بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى: نامراتلار قۇرۇق خىيال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،بايلار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ نامراتلار «گەپنىڭ خوجىسى،ھەركەتنىڭ قۇلى»، ئەمما بايلار بولسا ھەم گەپنىڭ خوجىسى ھەم ھەركەتنىڭ خوجىسى.




دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق. 2006 – يىلى ئەنگىليە كارخانىچىلار مۇكاپاتى«شىجائەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن 23 ياشلىق لېبكا.فىلىپ دەل مۇشۇنداق ئەمەلىي ھەركەتچى. 2004 – يىلى21 ياشلىق فىلىپ ئېنگىلىزتىلى ۋە سەنئەت تارىخى ئۆگىنىۋاتقان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.



ئۇ بوۋىسى بىلەن بولغان تاسادىپىي بىرنسۆھبەتتىن بىلدىكى، ئەنگىليەنىڭ خېز پورتىدا ئىلگىرى كىشىلەر ئۆزلىرى گېزىت ياساپ دوستلىرىغا سوۋغا قىلىش مودا بولغان.




بوۋىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلارغا بولغان ئەسلىمىسى فىلىپتا ئىگىلىك يارىتىش ئىلھامىنى قوزغاپتۇ.ئۇ كۆڭلىدە مۇنداق ئويلاپتۇ: ئەگەر ھازىر بىر خاسلاشقان گېزىت چىقارساق، ئۇنىڭ  بازاردىكى يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپلا قالماستىن،يەنە نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.




   ئىگىلىك يارىتىش خىيالى تۇغۇلغاندىن كىيىن فىلىپ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پۈتۈن زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئىگىلىك تىكلەشكە سەرپ قىلىپ، ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغان گېزىتنى ئىشلەشكە كىرىشىپتۇ.


   ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن ياۋروپادا پۇقرالار ئۈچۈن گېزىت لايىھەلەپ بېرىدىغان بىرمۇ گېزىتخانا يوق ئىدى. فىلىپ يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بازار تەكشۈردى، تەتقىق قىلدى،ھەمدە بىر يۇمشاق دېتال ۋە تور بەت لايىھەلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەقلىدىي خاسلىقتىكى گېزىت شەكلىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.


   توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق فىلىپ سودىگەرلەرنىڭ كۆپ مىقداردىكى مەبلىغىگە ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ ئەنگىلىيەدىكى پۇقرالارنىڭ خاسلىقىغا يۈزلەنگەن گېزىتخانا - «سىز گېزىتكە چىقتىڭىز» چەكلىك شىركىتى لوندون شەھەر مەركىزىدىكى بىر سودا بېناسىدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى.




   «سىز گېزىتكە چىقتىڭىز» چەكلىك شىركىتى مەخسۇس شەخسىيلەر گېزىتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، خېرىدارلار ئۆزىنىڭ ئسمى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى گېزىتكە چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى،سۈرەتلىرىنى باش بەتكە چىقىرالايدۇ. ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن بىر پارچە خاسلاشقان گېزىتكە ئېرىشەلەيدۇ.




گېزىتنىڭ مەزمۇنىدا روژدېستوۋ بايرىمى،تۇغۇلغان كۈن تەبرىكنامىسى قاتارلىق ئادەتتىكى تېمىلار بولغاندىن سىرت، تېخىمۇ كۆپ ياشلار قىزىقىدىغان غەلىتە تېمىلار بار.كىشىلەر پەقەت گېزىت قېلىپىغا خەۋەردىكى باش پىرسۇناژنىڭ ئىسمى، يېشى، تۇرۇشلۇق جايى قاتارلىق ئاساسى ئۇچۇر ۋە سۈرىتى قاتارلىقلارنى كىرگۈزسىلا، ئۆزى ۋە دوستلىرىنى باش بەتتىكى نۇقتىلىق شەخىسكە ئايلاندۇرالايدۇ.






توردا بۇ خىلدىكى خاسلاشقان گېزىتنى زاكاز قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنىلا بېسىپ چىقارغىلى،ھەمدە تىز خېرىدارغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بارلىق ھەق 20 – 14 فوندىستىرلىڭ بولىدۇ.شىركەت ھەر ھەپتىدە بىر تۈمەن ئەتراپىدا گېزىت بېسىپ چىقىرالايدۇ، ئايلىق تىجارەت سوممىسى 45 مىڭ فوندىستىرلىڭغا يېتىدۇ.







«كۈندىلىك خەۋەرلەر» بۇنىڭغا نىسبەتەن باھالاش ئېلىپ بېرىپ: «‹سىز گېزىتكە چىقتىڭىز›تور بېتى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئويۇنىدىنمۇ بەكرەك ياشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى،ئادەتتىكى كىشىلەرگە ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ چولپان بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.»دىگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ دەل شۇنداق، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى گېزىت بازارغا چىققاندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، ھەمدە لېبكا. فىلىپمۇ بىر كېچىدىلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.






بىرئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن نۇرغۇنلىغان خېرىدارى بار شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان لېبكا. فىلىپنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدىكى  ھەركەتلىنىش كۈچىگە باغلىق.دەل مۇشۇنداق ھەركەتلىنىش كۈچى بولغاچقا، لېبكا. فىلىپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش خىيالىنى رېئاللىققا باشلاپ كىرەلىدى، ھەمدە تەڭ قۇرداشلىرىنىڭ ئېرىشىشى تەس بولغان بايلىققا ئېرىشتى.




   ئەگەر فىلىپ پەقەت قۇرۇق خىيال قىلىشنىلا ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ خىيالىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرمىسا، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ئىگىلىك يارىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر فىلىپ پەقەت خىيال قىلىپ ھەركەتلەنمىگەن بولسا ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان شىركەتنى قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر فىلىپ پەقەت خىياللا قىلىپ،ھەركەت قىلمىسا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.


   كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، باي بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا، قۇرۇق خام – خىيالچىلار مەغلۇب بولىدۇ، ھەقىقىي ھەركەت قىلغۇچىلار غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولغان دوستۇم، خىيالنى ئاز قىلىڭ، غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەركەتنى كۆپرەك قىلىڭ! پەقەت خام – خىيالنى تاشلاپ، ھەركەتنى باشلىغاندىلا، سىزئاندىن بايلىق دەرۋازىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئىگە بولالىشىڭىز مۇمكىن.






   ئېسىڭىزدەبولسۇن: گۈزەل بولغان تەسەۋۋۇرلارمۇ ئويلىنىش باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قالسا، ئۇ يەنىلا قۇرۇق خام – خىيال بولىدۇ؛ مۇكەممەل بولغان پىلانمۇ ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلاندۇرۇلمىسا، ئۇمۇ قىممىتى يوق قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ، مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.



بايلىقنىڭ بايانى:

   ئامېرىكا مېھمانساراي كەسپىنىڭ سەركىسى، «مېھمانساراي پادىشاھى» دەپ نام ئالغان شېلتون ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مېنىڭچە چوڭ ئىشلارنىڭ يىتەكچىسى- غايىدۇر. مەن دەۋاتقان غايە بىلەن خام – خىيال ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ. خام خىيال كۈندۈزى ئۇخلىماي چۈش كۆرگەندەك مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىلەر دەۋاتقان سىرلىق ۋەھى ئەمەس.مەن دەۋاتقان غايە بولسا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قىزغىنلىق، زېھىن ۋە ئۈمىدنى ئارقا تىرەك قىلغان بىر خىل تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە تەپەككۇردۇر» .





غايە بولغان ئىكەن چوقۇم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىش كېرەك. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، يەنە غايىنى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاش كېرەك. پەقەت قۇرۇق خام – خىيال بىلەن خوشلاشقاندىلا بايلىق ئىشىكى ئاندىن سىزگە قاراپ ئېچىلىدۇ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىز مۇمكىن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 01:32 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 05:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى باب ئۈچۈنچى پارگىراف


***3.نامراتلار ئىش قىلىشتا قارا كۈچكە تايىنىدۇ، بايلار ئىش قىلىشتا ئەقىل –پاراسىتىگە تايىنىدۇ


   كۆپچىلىك ھەممەيلەن ئىش قىلىشتا ئۇسۇلغا ئېتىبار بېرىش لازىملىقىنى بىلىدۇ. ئۇسۇل ئوخشىمىغان ئىكەن، ئىشنىڭ نەتىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيىتقاندا،نامراتلار ئىش قىلغاندا ئەزەلدىن كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئويلىنىپ باقمايدۇ، بىر ئىش ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغاندا، ئۇلار ياخشىراق ئويلىنىپ باقماستىنلا قىلىشقا كىرىشىدۇ،نەتىجىدە ئارتۇقچە جاپا تارتىپ، قىلغان ئىشى ئۈنۈملۈك بولمايدۇ.


   ئەمما بايلار ئىش قىلشتىن بۇرۇن كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئويلىنىۋالىدۇ، ئەتراپلىق پىلان تۈزۈيدۇ، ئىش قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تاپقاندىن كىيىن ئۇلار ئاندىن قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇنداقتا قارا كۈچكە تايىنىپ قىلغاندا ئىسراپ بولغان ۋاقىت ۋە زېھىننى تىجەپلا قالماستىن، يەنە ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاز ئىش بىلەن يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


   ناھايىتى ئېنىقكى، ئىش قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى مۇھىم. پەقەت كاللىنى ئىشلەتكەندىلا، ئىش قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ۋە قول سېلىش نۇقتىسىنى تاپقاندىلا ئاندىن بىر ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.




   كۆپرەك دىققەت قىلسىڭىزلا، سىز قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەن بايلارنىڭ ئەقىل ئىشلىتىپ ئىشقىلىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ قارا كۈچكە تايانمايدىغانلىقىنى بايقايسىز.




مەسىلەن:مەكدولاندنىڭ ئىشچىلىقىدىن ئۇنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان كروك؛ بىر سەرەڭگە ساتىدىغان كىچىك بالىدىن ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە سايمانلىرى «يىجىيا»نىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلانغان ئېدۋار. دۇپلاد؛داڭلىق سودىگەر شاڭ شۆلۇ قاتارلىقلار.




   كېپ.جىل 1855 – يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى بىر ئادەتتىكى سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 16 ياش ۋاقتىدا دادىسى ۋەيران بولۇپ كەتكەچكە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ناچارلاشقان، كېپمۇ مەجبۇرىي ئوقۇشتىن توختاپ، جەمئىيەتكە چىقىپ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان.




  ئۇنىڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ھەم مول تەجىرىبىسى بولمىغاچقا، تاپقان بىرىنچى خىزمىتى تەلىپى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان مال ساتقۇچىلىق ئىدى.




   رىقابەتناھايىتى كەسكىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا كېپ نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرگەئالماشقان،ئىلگىرى يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كىچەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىپ باققان. كېپ ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش خىزمەت قىلغان،ھەر كۈنى خېرىدار بىلەن شىركەت ئوتتۇرىىسىدا قاتراپ، كۈن بۇيى ئارام ئالمىغان.




   گەرچە خىزمەتتە ناھايىتى كۈچىگەن بولسىمۇ، كېپنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغاندەك نەتىجىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن. مۇشۇ تەرىقىدە توپتوغرا 24 يىل ئىشلىگەن كېپ يەنىلا نەتىجە قازىنالماي، ئاۋۋالقىدەكلا بىر شىركەتنىڭ مال ساتقۇچىسى بولۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمۇ ئاساسەن يوققا چىققان.




   بىر قېتىم كېپ بىر زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان پۇرۇپكىنى سېتىشقا مەسئۇل بولغان، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى پۇرۇپكا گەرچە بەك كۆزگە ئىلىنىپ كەتمىسىمۇ، بىراق خېرىدارلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشىپ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولغان.




كىپ جىل  پۇرۇپكىنىڭ بۇنداق بازارلىق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى خوجايىندىن سوراپتۇ. خوجايىن كېپقا بۇ خىل پۇرۇپكىنىڭ بىر قېتىم ئىشلىتىلدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى، ئىشلىتىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئىكەن، سېتىلىشنىڭمۇ تەبئىيلا تىز بولىدىغانىقىنى، خېرىدارلارنىڭمۇ قايتا – قايتا سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. خوجايىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كىيىن ،يەنە ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا ئەگەر ‹‹ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىنلا تاشلىۋىتىلدىغان» تەننەرخى ئەرزان مەھسۇلات كەشىپ قىلالىسا، سېتىلىشىنىڭ چوقۇم ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.


   كېپ.جىل خوجايىننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىل مال ساتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش يۈرسىمۇ، بىراق تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى...ئويلاپتۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، نېمىشقا ئۆزى «ئىشلىتىپلا تاشلىۋىتىدىغان»مەھسۇلات كەشىپ قىلىپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر ئىش قىلمايدۇ؟


بۇلارنى ئويلىغان كېپنىڭ كۆڭلى ئارام تاپماي، نەچچە كۈنگىچە ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدەپتۇ.


   بىر كۈنى كېپ. جىل  ئىڭىكىنى يۆلىگىنىچە قايسى مەھسۇلاتنىڭ«ئىشلىتىپ بولۇپ تاشلىۋىتىش» كە

ماس كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرسا، ئېلىپ بولالمىغان ساقاللىرى ئۇنىڭ قوللىرىغا سانجىلىپتۇ،بۇ سانجىلىش ئۇنىڭ ساقال ئالغان ۋاقىتتىكى ئاۋارىچىلىقلىرىنى ئېسىگە ساپتۇ.




   ئەلۋەتتە ئەرلەر ھەممىسى بۇرۇتىنى ئېلىشقا مۇھتاج، ساقال – بۇرۇت ئالغاندا تىغ ئىشلىتىشكە مۇھتاج بولىدۇ. بىراق ئەينى ۋاقىتتا بازاردا سېتىلىدىغان ساقال تىغى تۇتقۇچى بار چۇۋۇغىلى بولىدىغان تىغلار بولۇپ، بۇ خىل تىغلارنى ئىشلەتكەندە تېرە ياكى بىلەي تاشنىڭ ئۈستىدە بىلەپلا قالماستىن، يەنە يانغا سوپۇن قاچىلانغان ئىستاكان ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە تېرە زەخمىلەنسە سۈرىدىغان قان توختاتقۇچ دورىنىمۇ ئېلىپ يۈرۈشكە توغرا كىلەتتى.ئىشلىتىشكە ئەپسىز ھەم بىخەتەر ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرئۆزلىرى ساقال ئېلىش خىيالىدىن ۋاز كېچىپ، قەرەللىك ھالدا ساتراچخانىغا بېرىپ ساقال ياسىتاتتى، ھەتتا بەزىلەر ساقاللىرىنى ياساتماي، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرلەرنىڭ چاڭگا ساقاللىق ئوبرازىنى ياراتقان ئىدى.


   بۇ باش ئاغرىقى كېپ. جىلغا بىر ئەقىل ۋە ئىلھام ئاتا قىپتۇ: نېمىشقا تېخىمۇ قولايلىق،تېخىمۇ ئۆتكۈر بولغان ساقال تىغىنى تەتقىق قىلىپ چىقمايمەن؟




   بۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن، كېپ دەرھال دۇكاندىن تىغ ياساشتا ئىشلىتىدىغان پىچاق،قىسقۇچ،ھەمدە پولات بىس قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، ئۆيدىن سىرتقا چىقماي تىغ تەتقىقاتىنى باشلاپتۇ. نۇرغۇن قېتىملاپ ئويلىنىشتىن كىيىن، كېپ تىغنى تىرنىغا ئوخشاش «T» شەكىللىكجازىغا ئورنىتىپتۇ، ئۇنىڭ تۆۋىنىگە يۇمىلاق شەكىللىك تۇتقۇچ ئورنىتىپتۇ.




تۇتقۇچنىڭ يۇقىرى تەرىپى بىس قويىدىغان ئوقۇر بوپتۇ. تىغ ناھايىتى نىپىز بولغان بىستىن ياسىلىپتۇ، ئوقۇرنىڭ ئىككى تەرىپىگەن ىپىز مېتالدىن قىسقۇچ ئورنىتىپ، بىسنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىغا ئورنىتىپتۇ. مۇنداق بولغاندا پەقەت تىغ بىسى چىقىرىلسىلا، تىغنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا تىغنىڭ بىسى يۈز بىلەن مۇقىم بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، ھەم ساقال – بۇرۇتنى پاكىز ئالغىلى بولاتتى، ھەم ئاسانلىقچە يۈزنى كېسىۋالمايىتتى. ھەمدە ئوقۇرغا سېلىنغان تىغ بىسىنى چۇۋۇغىلى،ئالماشتۇرغىلى ۋە ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن تاشلىۋەتكىلى بولاتتى.


   ئۆزى لايىھەلىگەن ساقال تىغىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئىشلەپ چىقارغاندىن كىيىن، كېپ تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ تۈرىگە مەبلەغ سېلىشنى ئېيتىپتۇ. 1901 – يىلى كېپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ 24 يىللىق مال ساتقۇچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان جىل سۇغۇرتىلانغان تىغ شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپتۇ.


1902 – يىلى كېپ. جىل ئۆزى لايىھەلىگەن تىغلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلاپتۇ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن مەھسۇلاتلار سېتىلماپتۇ. قايتا – قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق كېپ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلماسلىقىدىكى سەۋەبنى بىلىپتۇ، ھەمدە مەسىلىگە نۇقتىلىق ھالدا بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپتۇ.


   مەھسۇلاتقا قارىتا ئىزچىل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە ئېلان تەشۋىقاتى ئارقىلىق كېپ ئاخىرى يېڭى تىپتىكى تىغنىڭ بازىرىنى ئېچىپتۇ، ھەمدە ئاخىرى ئامېرىكىدىكى كەڭ خېرىدارلارنىڭ قەلبىدە بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگەللەپتۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كېپ.جىل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىپتۇ،ھەمدە بۇ خىل تىغنى مىليوندىن ئارتۇق ئەرلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىغا ئېرىشتۈرۈپ،سېتىش سوممىسىمۇ ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ.





   مەيلى تىنچلىق مەزگىللىرى بولسۇن ياكى ئۇرۇش مەزگىللىرى بولسۇن، كېپ. جىل ئۆزىنىڭ ئەقىل–پاراسىتىگە تايىنىپ سودا پۇرسىتىنى تۇتۇۋاپتۇ – دە، بارغانسىرى كۆپلىگەن بايلىققا ئېرىشىپتۇ.




   بۈگۈنكى كۈندە، جىل تىغلىرى پۈتكۈل يەر شارىدا سېتىلىپ، ئاللىقاچان دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ساقال ئېلىش قورالىغا ئايلانغان. ئامېرىكىدىكى بازار ئىگەللەش نىسبىتى%90 دىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدىكى بازار ئىگەللەش نىسبىتىمۇ %70گە يەتكەن.




   كېپ.جىلنىڭ  ئۆمۈرلۈك سەرگۈزەشتىلىرى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ بىزگە نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى ئېچىپ بەردى: نامراتلار قارا كۈچكە تايىنىپ ئىش قىلىدۇ، بايلار ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىدۇ. دەل قارا كۈچكە تايانغانلىقى سەۋەبلىك، كېپ توپتوغرا 24 يىل مال ساتقۇچى بولۇپمۇ ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىدى؛ دەل تەپەككۇر قىلىشنى،كاللا ئىشلىتىشنى بىلگەچكە، كېپ. جىل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېخىمۇ بىخەتەر بولغان يېڭى تىپتىكى تىغنى لايىھەلەپ چىقىپ، ئاخىرىدا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بارغانسىرى كۆپلىگەن بايلىققا ئېرىشتى.


   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر كېپ يەنە بۇرۇنقىدەك قارا كۈچكە تايىنىپ باش كۆتۈرمەي ئىش قىلغان بولسا، ئۇ يەنە 40 ياشتىن ئاشقان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ مال ساتقۇچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى باشلىيالامتى؟ ئۇ يەنە يېڭى تىپتىكى تىغنى تەتقىق قىلىپ ئۇنى بازارغا سالالامتى؟ ئۇ يەنە مەھسۇلات سېتىلماي تۇرۇپ قالغان قىيىن شارائىت ئاستىدا، مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، توختىماستىن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلالامتى؟ ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامتى؟


   ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. مۇمكىن بولمايلا قالماستىن ئۇ يەنە داۋاملىق ئۆزىنىڭ مال ساتقۇچىلىق خىزمىتىنى قىلىپ، نام – ئاتاقسىز ھالدا بىر ئۆمۈر ياشايىتتى.




   بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، قارا كۈچكە تايىنىپ ناھايىتى ئەستايىدىل خىزمەت قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. خۇددى 40 ياشتىن ئاۋۋالقى كېپ. جىل كۈندە ناھايىتى جاپالىق خىزمەت قىلىپ، ناھايىتى ئالدىراش ئۆتسىمۇ، بىراق يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانغا ئوخشاش.




   شۇنىڭ ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولغان دوستلار بايلىق يولىدا چوقۇم ئەقىل –پاراسەتكە تايىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم، ھەرگىزمۇ قارا كۈچنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.




بايلىقنىڭ بايانى:

   ماقال–تەمسىللەردە: «بايلار ئەقىلگە تايىنىپ تاماق يەيدۇ، نامراتلار كۈچىگە تايىنىپ ياشايدۇ.» دىيىلگەن. داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى ئۇستازى ناپالىيون. شېر ئىلگىرى«تەپەككۇر بايلىقى» دىگەن بىر پارچە كىتابنى يازغان. بايلارنىڭ باي بولۇشىدىكى سەۋەب دەل ئۇلارنىڭ كاللا ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا دىققەت قىلغانلىقىدا، ھەمدە «ماھارەتتە پەملىك» بولۇپ، مول بولغان «تەپەككۇر كاپىتالى» غا ئىگە بولغانلىقىدا.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 06:04 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 07:25:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى باب تۆتىنچى پارگىراف



***4. نامراتلار مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ، بايلار مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيدۇ





   «مېنىڭ ئىش ھەققىمنىڭ باشقا خىزمەتداشلىرىمدىن تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب مەندە يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولمىغانلىقى ئۈچۈن.»



   «ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىچىدە مېنىڭلا كۈنۈم ناھايىتى ئېچىنىشلىق. كىممۇ مېنى بىر پۇلى، ھوقۇقى،قابىلىيىتى بار دادىسى بولمىسۇن دەپتىكەن؟»




   «بۇ قېتىمقى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مەغلۇب بولۇشىدا سىياسەت تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، ھەمدە باشقىلارنىڭ ياردىمى بولمىغاچقا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم تەسكە چۈشتى!»



   .....

   رېئال تۇرمۇشتا بىز دائىم يۇقارقىدەك سادالارنى ئاڭلاپ قالىمىز، ئۇلار بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ياكى مەغلۇب بولسا دائىم ھەرخىل باھانە – سەۋەبلەرنى ئىزلەپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇنداق ئادەملەر بايلىق يولىدا ئازراق مەغلۇبىيەتكە يولۇقسىلا،بىرىنچىلەپ ئويلايدىغىنى ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئۇلارنىڭ كالىسىدا نۇرغۇنلىغان سەۋەب ۋە باھانىلەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى بايلىقنى رەت قىلىش قىلمىشى ئۇلارنىڭ بايلىق بىلەن بولغان تەقدىرداشلىق قىسمىتىنىڭ يوقلۇقىنى بەلگىلىگەن.


   ئوخشاش مەسىلە ۋە ئوخشاش مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا، بايلار پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيەدە بولىدۇ. ئۇلار باھانە – سەۋەبلەرنىڭ ئىشنىڭ راۋان ھەل قىلىنىشىغا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى، پەقەت پۈتۈن زېھنى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇللارنى تاپقاندىلا ئاندىن مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇپ،ئەڭ ئاخىرقى غالبىيەتچى بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.


   تەيۋەنلىك داڭلىق كارخانىچى، تەيسۇ گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، تەيۋەننىڭ «تىجارەت ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن ۋاڭ يوڭچىڭ دەل مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا ئاكتىپ ھالدا ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيدىغان زەردار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


   ۋاڭيوڭچىڭ 1917 – يىلى تەيبېيدىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى چاي تېرىش بىلەن ئائىلىسىنى ئارانلا قامدايىتتى. ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن،بالىلارنىڭ چوڭى بولغان ۋاڭ يوڭچىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن چايزارلىققا بېرىپ ئىشچى بولغان، كىيىن بىر كىچىك گۈرۈچ دۇكىنىغا بېرىپ شاگىرت بولغان.


   ھالبۇكى ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ بىر ئۆمۈر گۈرۈچ دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئۆتكۈسى يوق ئىدى.



شۇنداق قىلىپ  تىجارەت قىلىش جەريانىدا ئۇ گۈرۈچ دۇكىنى خوجايىنىنىڭ دۇكاندىكى تىجارەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل كۈزىتىپتۇ، ھەمدە بۇنى ئۆزىنىڭ تىجارەت قارشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر يۈرۈش تىجارەت ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ چىقىپتۇ.



   بىر يىلدىن كىيىن 16 ياشلىق ۋاڭ يوڭچىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى مۇھىم قارارنى، يەنى ئۆزى خوجايىن بولۇپ تىجارەت قىلىش قارارىنى چىقىرىپتۇ.



ئۇ دادىسى تەرەپ – تەرەپتىن قەرز ئېلىپ كەلگەن 2100 يۈەن پۇلنى دەسمى قىلىپ جىيايىدا بىر كىچىك گۈرۈچ دۇكىنى ئېچىپتۇ،ھەمدە ئىككى ئىنىسىنى دۇكانغا ياردەملىشىشكە چاقىرىپتۇ.




   ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ گۈرۈچ دۇكىنى ئېچىشى ناھايىتى قىيىن ئىدى، چۈنكى خېرىدارلار ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ گۈرۈچ سېتىۋالاتتى، ئائىلىلەردە ھەر كۈنى گۈرۈچ يىگەچكە،ئۇلارنىڭ گۈرۈچ سېتىۋېلىش دەۋرىيلىكى قىسقا ئىدى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ گۈرۈچ سېتىۋالىدىغان مۇقىم دۇكانلىرى بار ئىدى. يېڭى ئېچىلغان دۇكاننىڭ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشى ناھايىتى تەس ئىدى.


   ۋاڭيوڭچىڭ ئاچقان دۇكان ناھايىتى كىچىك ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىدا يەنە ياپونلارنىڭ چوڭ دۇكىنى،ئەتراپتا باشقا نۇرغۇنلىغان كونا دۇكانلار بار بولۇپ، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم خېرىدارلىرىغا ئىگە ئىدى. قاتمۇ قات توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا،ۋاڭ يوڭچىڭ ھەرگىزمۇ ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزىنى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرمىدى. ئۆزىنىڭ گۈرۈچ دۇكىنىنىڭ تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىش،تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ئۆز دۇكىنىنىڭ گۈرۈچىنى تونۇشتۇرۇپ سېتىشىنى قارار قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ سېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ۋاڭ يوڭچىڭ ناھايىتى تەسلىكتە بىر نەچچە خېرىدارغا ئىگە بولىدۇ.


   گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ سودىسى ناھايىتى ناچار ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ۋاڭ يوڭچىڭ توختىماستىن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيىتتى. ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى گۈرۈچلەرنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى باشقا دۇكانلارغا قارىغاندا ياخشى بولمىسا، ئىلگىرى جاپا تارتىپ تاپقان بىر نەچچە خېرىدارمۇ چوقۇم ئەسلىدىكى دۇكانلارغا بېرىپ گۈرۈچ سېتىۋالاتتى. بۇنداق بولغاندا، بىر نەچچە خېرىدارنىمۇ تۇتۇپ تۇرالمىغان يەردە، قانداقمۇ تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە تارتالىسۇن؟


   مۇشۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن، ۋاڭ يوڭچىڭ زېھنىنى گۈرۈچنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە سەرپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شال ئاقلانغاندىن كىيىن ئاۋۋال يولغا يېيىلىپ قۇرۇتۇلاتتى، ئاندىن گۈرۈچ ئايرىلىپ چىقىرىلاتتى. بۇنداق ئايرىلىپ چىققان گۈرۈچنىڭ سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، گۈرۈچ شېكىرى، قۇم ۋە كىچىك تاشلارغا ئوخشاش نەرسىلەر ئارلىشىپ قالاتتى.


   گەرچە بۇ خىل ئەھۋال گۈرۈچ ساتىدىغانلار ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان نورمال ئىشقا ئايلىنىپ غەلىتە بىلىنمىسىمۇ، بىراق ۋاڭ يوڭچىڭ بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنداق گۈرۈچنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، خېرىدارلار سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۆيىگە ئاپىرىپ يەنە ئىلغايتى. بۇ ھال خېرىدارلارغا ناھايىتى ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلەتتى .شۇنداق قىلىپ ئۇ مەخسۇس گۈرۈچ شېكىرى، قۇم ۋە كىچىك تاش قاتارلىقلارنى ئايرىپ تاشلىغاندىن كىيىن، ئاندىن ئىلغاپ پاكىزلانغان گۈرۈچنى خېرىدارلارغا سېتىپ بېرىپتۇ.


   ھەر قانداق خېرىدار ئوخشاش پۇل خەجلەپ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ،شۇ سەۋەبتىن ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ بۇ تەدبىرى ئۇنى نۇرغۇن خېرىدارلارغا ئېرىشتۈرۈپتۇ. ھالبۇكى دۇكان سودىسىنىڭ ياخشىلىنىشى يەنىلا ناھايىتى قىيىن ئىدى.ۋاڭ يوڭچىڭ سۈپەتنى ھەرقانچە ياخشىلىغان بىلەنمۇ،پەقەت خېرىدارلار كېلىپ گۈرۈچ سېتىۋالغاندا ئاندىن سېتىپ چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ،بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يەنىلا ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ.



كونا شەكىلدىكى سېتىش ئۇسۇلى ناھايىتى پاسسىپ ئىدى. نۇرغۇن قېتىملاپ ئويلىنىش ئارقىلىق ۋاڭ يوڭچىڭ پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا ئۆتىدىغان ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ.


   خېرىدارلار گۈرۈچ سېتىۋالغىلى كەلگەندە، ۋاڭ يوڭچىڭ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن گۈرۈچ يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، خېرىدارلار بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ.



ۋاڭ يوڭچىڭ ئۆز قولى بىلەن گۈرۈچنى خېرىدارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن، ئالدىن ئالا تەييارلاپ قويۇلغان قەلەم ۋەدەپتەرنى ئېلىپ خېرىدارنىڭ ئۆيىدىكى گۈرۈچ كۈپىنىڭ سىغىمىنى خاتىرىلىۋالىدىكەن،ھەمدە خېرىدارلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىدىكەن،



مەسىلەن:ئائىلىدىكى ئادەم سانى، كۈندىلىك گۈرۈچ ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىقلار.


ۋاڭ يوڭچىڭ ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغاندىن كىيىن، خېرىدارغا كىيىنكى قېىتىم گۈرۈچ دۇكىنىغا بېرىپ گۈرۈچ سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ھېسابلاپ تەييار قىلىپ قويغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىلا گۈرۈچ يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدىكەن. بۇ خىلدىكى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، ھەمدە ناھايىتى ئەتراپلىق بولغان مۇلازىمەن ئەلۋەتتە خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ.


  ئويلىغانلىرىنى قىلىدىغان ۋاڭ يوڭچىڭ خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ھەربىر خېرىدارنىڭ ھەر ئايلىق گۈرۈچ ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ھەر قېتىملىق يەتكۈزگەن گۈرۈچنى ئىشلىتىدىغان ۋاقىت قاتارلىقلارنى ھېسابلاپ بولغاندىن كىيىن، خېرىدارلار ئۆيىدىكى گۈرۈچنى يەپ بولۇشتىن 3 – 2 كۈن بۇرۇن گۈرۈچنى خېرىدارلارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. مۇشۇ تەرىقىدە ۋاڭيوڭچىڭنىڭ دۇكىنىنىڭ نامى ئېغىزدىن –ئېغىزغا تارقىلىپ، مۇقىم خېرىدارلىرىمۇ بارغانسىرى كۆپىيىپتۇ، سودىسىمۇ تەبئىيلا بارغانسىرى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپتۇ.


   ئەمدىلا 10نەچچە ياشقا كىرگەن ۋاڭيوڭچىڭ رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغان گۈرۈچ دۇكىنىدا ئۆزىگە تەۋە بولغان ئورۇنغا ئېرىشتى، بۇنىڭدا قانداق سىر باردۇ؟ ئەقىللىق ئوقۇرمەن چوقۇم بۇ سىرنىڭ ئۇ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدى.


   دەل بۇ خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا، ۋاڭ يوڭچىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ سېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە خېرىدارنى قولغا كىرگۈزگەن؛ دەل مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا، ۋاڭ يوڭچىڭ گۈرۈچنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خېرىدارلار توپىنى كېڭەيىتمەكچى بولغان؛ دەل مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا،ۋاڭ يوڭچىڭ گۈرۈچنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىشتەك ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن خېرىدارلىرىنىڭ چۆپقەتلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرغان؛ دەل مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا،ۋاڭ يوڭچىڭ بىر گۈرۈچ دۇكىنىدىكى شاگىرتتىن خوجايىنغا ئايلانغان، ھەمدە تەيۋەندىكى  بارماق بىلەن سانىغۇدەك بايغا ئايلانغان.


   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ۋاڭ يوڭچىڭ مەسىلە ۋە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ، خېرىدارلارنىڭ بولماسلىقىنى ئۆزىنىڭ دۇكىنىنىڭ يېڭى ئېچىلغانلىقىدىن،باشقا دۇكانلار كونا بولغاچقا خېرىدارلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن دەپ قارىسا؛ سودىسىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى باشقا دۇكانلارنىڭ مەبلىغى كۆپ، ئۆزىدە مەبلەغ قىس دەپ قارىسا،ئۇنداقتا ئۇ كىيىن سودىدا مۇۋاپىقەيەت قازىنالامتى؟


   ئەلۋەتتە قىلالمايدۇ! ماقال – تەمسىللەردە: «سۇ كېلىشتىن بۇرۇن توغان سال» دىيىلگەن. ھەربىر مەسىلىنىڭ ئۆزىنىڭ يىشىش ئۇسۇلى بار، مەسىلىگە سەۋەب ئىزدىگەندىنكۆرە،مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىگەن ياخشى. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا،ئاندىن ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.




   بايلىق ئىزدەش يولىدا ۋاڭ يوڭچىڭغا ئوخشاش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەيدىغان بايلار كۆپ، مەسىلەن: جىلى گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى شۇفۇ، مېڭنىيۇ سۈتچىلىك گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى نىيۇگېنشېڭ، جۇڭگولۇق مۇھاجىر باي لى جىياچېڭ قاتارلىقلار.ئۇلارنىڭ ئىش –ئىزلىرى بىزگە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ بەردى:نامراتلار باھانە – سەۋەب كۆرسىتىدۇ، بايلار مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەيدۇ.


   شۇنىڭ ئۈچۈن، باي بولماقچى بولغان دوستۇم. ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، سىزدە بايلاردىن بولالايدىغان يوشۇرۇن ئېلمېنىت بارمىكەن؟


بايلىقنىڭ بايانى:

   نامراتلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھامان باھانە – سەۋەب ئىزدەيدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ۋاز كېچىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆز-ئۆزىنى بەزلەش پىسخىكىسى خۇددى ئەپيۇنغا ئوخشايدۇ،دەسلەپتە ئادەمنى يىنىك، ئارامبەخش قىلىدۇ،بىراق خۇمار بولغاندىن كىيىنلا ئادەمنىڭ روھىنى ۋە ئىرادىسىنى بوشاشتۇرىدۇ،نامراتلارنى بىخۇدلاشتۇرۇپ نامرات ھالىتىدىن قانائەتلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.



بۇ ھال بايلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئەخمىقانە قىلمىش، چۈنكى ئۇلار ئەڭ مۇكەممەل باھانىنىڭمۇ ھېچنىمىگە پايدىسى يوقلۇقىنى بىلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىش بولسا مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپىدىغان ياخشى ئۇسۇل، شۇنداق قىلغاندىلا باش كۆتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 07:34 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 11:30:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى باب بەشىنچى پارگىراف


***5.نامراتلار بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئالىدۇ، بايلار بىر قەدەم مېڭىپئالدىدىكى ئون قەدەمنى پىلانلايدۇ




  بىزدە «ئاياللارنىڭ چېچى ئوزۇن ئەقلى قىسقا»دەيدىغان ماقال بار .ئېنىقكى بۇ بىر جۈملە سۆز ئاياللارنى  كەمسىتىش مەنىسىنى ئىپادىلىگەن. ئەمەلىيەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان چېچىمۇ ئوزۇن،ئەقلىمۇ ئوزۇن بولغان قابىل ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىككى قولىغا تايىنىپ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان بايلىقلارنى ياراتقان. ھازىرقى  جەمئىيىتتە ئەقلى قىسىقىلار ھەرگىزمۇ ئاياللار ئەمەس، ئەكسىچە نامراتلاردۇر.ئۇلاربىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئالىدۇ.ئۇلار مەلۇم نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىمەكچى بولسا، چوقۇم باشقىلار مېڭىپ تەييار قىلىپ قويغان يولدا ماڭىدۇ.ئۇلارنىڭ پىلانلاش ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆمىرىنى پاتپاراقچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنالماي،بىر ئۆمۈر نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.





  نامراتلارنىڭ بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئېلىشىدىكى سەۋەب كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ راھەت – پاراغەتكە بېرىلگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇلار «خوتۇن، بالا، ئىسسىق يوتقان» تىپىدىكى راھەت تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ،ھورۇن بولغاچقا كۈنى ئۆتسىلا كۇپايە،ئاخىرىدا خوتۇن – بالىلىرى تاشلاپ قاچقاندىلا ئاندىن چۆچۈپ ئويغىنىپ،ئۆزىنىڭ نەزەر – دائىرىسىنىڭ تارلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.




   ھەر بىر ئادەمدە ئازدۇر – كۆپتۇر راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش ئىستىكى بولىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ تەبئىتى. ھالبۇكى بىر ئادەمدە باي بولۇش ئىستىكى تۇغۇلغان ئىكەن، چوقۇم راھەت –پارغەتكە بېرىلىش ئويىنى بويسۇندۇرۇش كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاشۇ بايلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەر ۋاقىت شىجائەت ۋە جاسارەتكە تولغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىققا بولغان قىزىقىشى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇپ، خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرە توپلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئوۋغا ئاتلىنىشقا تەييار تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ.




   پۇرسەت پەقەت تەييارلىقى بار كىشىلەرگە مەنسۇب بولىدۇ، بايلار ھەمىشە «بىرلا چاقناپ»يوقاپ كېتىدىغان بايلىق پۇرسىتىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. ئەمما نامراتلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بايلىق ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كۆرۈشكە ئامالسىز قېلىپ ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويىدۇ.




   ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، دوستى ئۇنىڭغا قىش ۋاقتىدا كومپيۇتېرنىڭ مائوسىنى ئىشلەتكەندە قولنىڭ ئاسانلا توڭلاپ قالىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ بېرىپتۇ، ئۇ بۇنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپتۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپى تېخنىكىسىغا تايىنىپ بىر جۈپ ئادەتتىكى پەلەي بىلەن مائوسقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپتۇ، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن مائوس بىر USB ئېغىزى ئارقىلىق ئىسسىيدىغان بوپتۇ، بۇنىڭ بىلەن قولنىڭ توڭلاش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل بوپتۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى ،بايلىق كىشىلەردىن يىراقتا ئەمەس، ئۇ كىشىلەرنىڭ يېنىدىلا، مەسىلە سىزدە ئۇنى بايقايدىغان كۆزنىڭ بولۇش –بولماسلىقىدا.




   بايلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەرگىزمۇ بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە بىر قەدەم مېڭىپ ئون قەدەم پىلانلاش كېرەك. ئەگەر نامراتلار باي بولماقچى بولسا،بايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە كۆز قىزارتىپ تۇرۇشقىلا بولمايدۇ، چوقۇم ئۇلارنىڭ بايلىق ئىزدەشتىكى ئەقلىنى ئۆگىنىش كېرەك. كۆپلىگەن ئەمەلىي مىساللار ئىسپاتلىدىكى، بايلىققا قاراشتىكى نەزەر – دائىرە ئوخشاش بولمىسا، قولغا كەلتۈرىدىغان بايلىقمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.




   جاڭنەنچۈن بولسا فېنجوڭ ئاخباراتچىلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇ جۇڭگونىڭ بىنا سىرتىدىكى ئېلانچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇغان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل ئۇنىڭ <بىر قەدەم مېڭىپ ئون قەدەم پىلانلاش>تەك ئۆزىگە خاس نەزىرىدىن كەلگەن.



   بىر قېتىم ئۇ بىر دوستى بىلەن سودا ئىشى توغرۇلۇق سۆزلەشكىلى بارغان، ئۇلار لېفىتقا چىققاندا ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغانلىقىنى، مۇھىتنىڭ ناھايىتى تىنچ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئىش ئۇنى چوڭقۇر ئويلاندۇرغان: جۇڭگودا  لېفىتنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، لېفىتقا چىققاندا كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوق،بۇنداقتا لېفىتنىڭ ئىچىگە بىر قىسىم «مەنزىرە» بولىدىغان ئېلانلارنى چاپلاشقا بولامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولسا بۇ لېفىتقا چىققانلارنىڭ زېرىكىشلىك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشىگە پايدىلىق،ھەمدە ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.





جاڭ نەنچۈن بۇ سودا پۇرسىتىنى بايقىغاندىن كىيىن  تىزلىكتە ئۆزىنىڭ بىنا ئېلانچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپتۇ.بۇنىڭ بىلەن جاڭ نەنچۈننىڭ شىركىتى ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىپ،2005 – يىلى 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئامېرىكىنىڭ ناسىداك شەھىرىدە شىركىتىنىڭ پايچىكىنى بازارغا سېلىپتۇ.




   جاڭنەنچۈن بۇ ئىشقا يۈرۈش قىلغان ۋاقىتتىلا، فېنجوڭ ئاخباراتچىلىقىنىڭ ئۇنى ھامان بىر كۈنى مىليادېرغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان. ئەكسىچە ھەر كۈنى لېفىتقا چىقىدىغان ئاشۇ كىشىلەر نېمىشقا بۇ سودا پۇرسىتىنى بايقىيالمايدۇ؟ بۇ دەل نەزەر –دائىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. چۈنكى نامراتلار پۇتىنىڭ ئاستىنىلا كۆرىدۇ، ھەرگىزمۇ «ئون قەدەم» نېرىدىكى «گۈزەل مەنزىرە» لەرنى كۆرەلمەيدۇ.




   ئەلۋەتتە بايلارنىڭ ئۆزىگە خاس نەزىرى ھەرگىزمۇ تۇغۇلۇشىدىن بار بولغان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا تەپەككۇر قىلىشقا، كۈزىتىشكە ماھىر بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.بىلىشىمىز كېرەككى،تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارنى قىلىشتا كۆڭۈل قويمىغاندا، چوڭ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئەقىل – پاراسەت بىلەن قىلغىلى بولمايدۇ.




   نامراتلار كۆز ئالدىدىكى نەق پايدىنى كۆرۈشكە ئامراق، ئۇلار كەلگۈسىدىكى چوڭ پايدىنى كۆرەلمەيدۇ، بىز بۇنى بىر خىل تىراگىدىيە دېيىشكە مەجبۇرمىز. ئۇلاردا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچ كەمچىل بولغاچقا، يىراقتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈشكە ئامالسىز قالغان.




   ھەقىقى ۋەقەلىككە ئاساسەن يېزىلغان مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سودا ھېكايىسى بار:



   مەلۇم بىر شەھەردە  كىيىم – كىچەك ئىشلەيدىغان ئىككى زاۋۇت بولۇپ،بىرىنىڭ مەبلىغى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا شەھەردىكى باشلامچى كارخانا ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئانچە نامى چىقمىغان بولۇپ، بۇ كارخانىنى بىلىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ ئەمەسكەن.




   بىر قېتىم،ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ  سودىگەرلىرى بۇ «چوڭ زاۋۇت» نى تېپىپ كىيىم زاكاس قىلىپتۇ. ياپونىيەنىڭ زاكاس تالونى 400 مىڭ يۈەن، ئامېرىكىنىڭ 100 مىڭ يۈەن ئىكەن. ئامېرىكىلىق سودىگەر، ئەگەر بۇ تۇنجى قېتىملىق مال ياخشى ئىشلەنسە ئۇلاربىلەن ئوزۇنغىچە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، ھەر يىلى مىليون يۈەندىن ئارتۇق  مال زاكاس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. «چوڭ زاۋۇت» نىڭ خوجايىنى <ياپونىيە سودىگىرىنىڭ زاكاس مېلىنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن، ئامېرىكېلىق سودىگەر گەرچە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ،بىراق «قۇرۇق تېرە تاراقشىتقان» بولۇشى مۇمكىن> دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ.ھەم كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرۈپ،ياپونىيە تەرەپنىڭ زاكاس مېلىنى قوبۇل قىپتۇ.




   «كىچىك زاۋۇت» «چوڭ زاۋۇت» نىڭ ئامېرىكىلىق سودىگەر بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىنى ئاڭلاپ،دەرھال

دۆلەت ئىچىدىكى ئۇششاق – چۈششەك زاكاسلارنى قايتۇرۋېتىپتۇ، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئامېرىكىلىق سودىگەرنىڭ مال زاكاس تالۇنىغا ئېرىشىپتۇ. ھەمدە سۈپىتى ۋە مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ۋەزىپىنى ئورۇنلاپتۇ. ئامېرىكىلىق سودىگەر بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى بولۇپ كەلگۈسى ئون يىلدىكى بارلىق زاكاسنى بۇ «كىچىك زاۋۇت» قا بېرىپتۇ.



ئامرىكىلىق سودىگەر ئۈچۈن زاكاس مال ئىشلەشكە تايانغان «كىچىك زاۋۇت» ناھايىتى تىزلا تەرەققىي قىپتۇ.زاۋۇتنىڭ ھەر يىللىق زاكاس سوممىسى 10 مىليوندىن ئېشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «چوڭ زاۋۇت» نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، مەزكۇر جايدىكى باشلامچى كىيىم – كىچەك زاۋۇتىغا ئايلىنىپتۇ.




   مەيلى ئادەم بولۇش ياكى ئىش قىلىشتا بولسۇن، چوقۇم نەزەرىمىزنى يىراقلارغا قويۇشىمىز كېرەك.شىركەت مال زاكاس قىلغان خېرىدارنى تاللىغاندىمۇ كىيىنلىكنى ئويلاش، شەخس ئۆزىنىڭ كەسپىنى تاللىغاندا تېخىمۇ يىراقلارغا نەزەر سېلىش كېرەك. بەزى خىزمەتلەرنىڭ مۇئاشى يۇقىرى بولسىمۇ بىراق تەرەققىيات ئىستىقبالى يوق، بەزىن خىزمەتلەرنىڭ ئىش ھەققى تۆۋەن بولسىمۇ بىراق ناھايىتى ئىستىقباللىق. يىراققا نەزەر سالىدىغان كىشىلەر چوقۇم ئىستىقباللىق خىزمەتنى تاللايدۇ،




چۈنكى پەقەت «تورنى كەڭ ھەم ئوزۇن يايغاندىلا ئاندىن بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتقىلى بولىدۇ».

   ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.



بايلىقنىڭ بايانى:

   نامراتلار بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئالىدۇ،شۇڭلاشقا ئۇلار تەبئىيلا باي بولۇشنىڭ نۇرغۇن پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ .خۇددى  ئىبرەتلىك قىسسىلەردە ئېيتىلغاندەك «جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ ھامان بىر كۈنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قاپسىلىپ قالىدۇ.»


   بايلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئالاھىدە ئىقتىدارى يوق، پەقەت ئۇلارنىڭ نەزەر – دائىرىسى نامراتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يىراقلارغا تىكىلىدۇ. بايلار ھەمىشە ئىشنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ، بىراق نامراتلار ھەمىشە ئىشلارنى كېچىكىپ بىلىپ، كېچىكىپ ھېس قىلىدۇ،شۇنداق قىلىپ بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىمۇ  بارغانسىرى چوڭىيىپ بارىدۇ. ئەگەر نامراتلار ئۆزىنىڭ نامراتلىق تەغدىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەن،چوقۇم بايلارنىڭ <بىر قەدەم مېڭىپ ئون قەدەم كۆرەلەيدىغان > ئىقتىدارىنى توختىماستىن ئۆگىنىشى، تۇرمۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشى، بۇ ئارقىلىق بايلىققا ئېرشىشى كېرەك.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-27 11:38 AM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 02:31:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى باب ئالتىنچى پارگىراف



***6.نامراتلار پۇلنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كىچىكلىتىدۇ،

بايلار پۇل خەجلەپ مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ





   نامراتلار پۇلنى چوقۇم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان جايغا خەجلەش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خىل قاراش ئېنىقلا خاتا. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا شۇنداق بىر نەرسە بار، ئۇنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ، ئۇ بىۋاستە بايلىق يارىتالمايدۇ، ئۇ بىر شەكىلسىز يوشۇرۇن بايلىق بولۇپ، ئەگەر ئۇ بولمىسا سىزنىڭ كەسپى قابىليىتىڭىز قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ بايلىق توپلىشىڭىز يەنىلا تەسكە چۈشىدۇ. بۇ نەرسە دەل كىشلىك مۇناسىۋەتتۇر.



   نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ بىر مۇھىم پەرقى: نامراتلار ئازراقلا پايدىنى دەپ دوستىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، بىراق بايلار ھەمىشە پۇل خەجلەپ كىشلىك مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىدۇ.



   جاڭشىنگېن  خاڭجۇدىكى چوڭ بىر قەلەمچىلىك زاۋۇتىنىڭ  خوجايىنى، ئۇ موي قەلەم بىلەن توپتوغرا 15 يىل ھەپىلەشكەن بولۇپ، ئۇنى بىر ئەخلاقلىق سودىگەر دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.




جاڭ شىنگېننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئۇ 1989 –يىلى خاڭجۇدا ئەمدىلا ئىش باشلىغان ۋاقىتتا ئەھۋالى ناھايىتى ناچار ئىدى، ھەتتا ئوتۇن – كۆمۈر ئالغۇدەكمۇ پۇلى يوق دەرەخ قوۋزاقلىرىنى قالايىتتى.



   شۇنداق بولسىمۇ، جاڭ شىنگېن ئەزەلدىن تىرىشىشنى توختىتىپ قويمىغان. ئۇ ھەر كۈنى خاڭجۇدىكى ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، پۇرسەت بولسىلا ئۆزى ياسىغان موي قەلەمنى باشقىلارغا تونۇشتۇراتتى. نۇرغۇن قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقتىن كىيىن، جاڭ شىنگېن ئاخىرى ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئىگە بولدى.



   بىرقېتىم جاڭ شىنگېن خۇاڭلوڭ تاماقخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر رەسىم كارىدورىدا مو يقەلەملىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ سېتىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتىۋاتاتتى. بۇ رەسىم كارىدورىنى خاڭجۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇ كۈنى خاڭجۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن ئىنىستىتتۇت باشلىقى جوۋۋېنچىڭمۇ بۇ جايدا رەسىم كۆرۈۋاتاتتى،




جاڭ شىنگېن جوۋۋېنچىڭنىڭ تەقى –تۇرقىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا توخۇ پېيىدىن ياسىغان موي قەلەمدىن بىرنى سوۋغا قىپتۇ، جوۋ ۋېنچىڭمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بوپتۇ. ھەم بۇ قەلەمنى ئەستايىدىل كۈزەتكەندىن كىيىن، جوۋۋېنچىڭ جاڭ شىنگېننىڭ ياسىغان قەلىمىگە قىزىقىپ قاپتۇ.



  جاڭ شىنگېننىڭ قارىشىچە، جوۋۋېنچىڭ ئۇنىڭ قىممەتلىك ئادىمى بولۇپ،پايدىلىنىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئادەم ئىدى.



   كۆپ قېتىملىق قەلەم كۆرگەزمىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلىپتۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ جاڭ شىنگېننىڭ قەلىمىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن،جوۋ ۋېنچىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقسىز قەلەم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بۇ قەلەم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، جاڭ شىنگېن سەنئەت مەكتەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىسىنى تونۇپ،تېخىمۇ كەڭ بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىپتۇ.



   ئەين ىۋاقىتتا جاڭ شىنگېننىڭ قەرزى بار بولۇپ، يۈكى ئېغىر ئىدى. ئۇنىڭ بۇ رەسسام دوستلىرى بۇنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى سوۋغا قىپتۇ. جاڭشىنگېن بۇ داڭلىق كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىنى سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇپتۇ.



   قەرزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ناھايىتى يىنىكلەپ قاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا جوۋۋېنچىڭ ئۇنى  ھەقسىز ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بىلەن تەمىلەپتۇ، شۇنداق قىلىپ جاڭ شىنگېن ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئىگە بوپتۇ.



   بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق جاڭ شىنگېننىڭ خاڭجۇدا نامى چىقىپتۇ. ھەر كۈنى ئۇنىڭ دۇكىنىغا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، ھەتتا چەتئەلدىن خېرىدارلار كېلىدىغان بوپتۇ. ئۇنىڭ سودىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ، ئىككى زاۋۇتقا ئىگە بوپتۇ،ھەمدە يىلدا 50 مىڭ يۈرۈش خاس رەسساملىق قەلىمى ساتىدىغان چوڭ كارخانىغا ئايلىنىپتۇ.



  جاڭ شىنگېننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قارىماققا <مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ قېلىش >تەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ ئارزۇ –ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان ۋاقىتتا ھەر كۈنى رەسىم كارىدورلىرىنى ئايلىنىپ يۈرەتتى. قەلەم سوۋغا قىلىشتىن ئىبارەت قارىماققا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يېتىدىغان بۇ ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق جاڭ شىنگىن  كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.




   بىر كىشىلىك مۇناسىۋەت تەتقىقاتچىسى مۇنداق بىر سۆزنى قىلغان: «ئەگەر سىز ياراملىق كىشىلەرنى  يېنىڭىزغا تارتماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۇنىڭغا بەلگىلىك ماددى ئىلھام بېرىشىڭىز كېرەك،چۈنكى،قۇرۇق رەھمەت ئېيتىش يىتەرلىك ئەمەس،ئەگەر ماددى جەھەتتىكى ئىلھاملاندۇرۇش بولمىسا، كىشىلەرنىڭ باشتىن ئاخىرىغىچە سىزگە ھەمدەم بولىشى مۇمكىن ئەمەس>>


.


ئامېرىكادۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى: «مەن بىرىنچى خانىم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا ئۆگىنىۋالغان ئەڭ مۇھىم دەرسىم شۇكى، دۇنيا سەھنىسىدىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىت ىناھايىتى زور دەرىجىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى شەخسىي مۇناسىۋەتكە بېقىنىدۇ. ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەر بولسىمۇ، پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ مۇناسىۋىتى بولسىلا، ئۇنداقتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.» دىگەن.



   نامراتلار كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرىدۇ. ئازراقلا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالاش – تارتىش بولسا كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ.بۇنىڭ بىلەن پايدىنى ئاز ئېلىپ چىقىمنى كۆپ تارتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمايدۇ.ھازىرقى جەمئىيەتتە <يەككە قەھرىمان> ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ. پۇل بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زىچ باغلىنىش بار.ئەگەر سىز  بايلارنى كۈزەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە سەرپ قىلغان ۋاقتى ۋە پۇلى قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ بايلىقىنىڭمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز.



   ئەگەر بىر نامرات باي بولماقچى بولسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ كۆز – قارشىنى ئۆزگەرتىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كىشلىك مۇناسىۋەت تورىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.



   نۇرغۇنلىغان بايلار باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلمىگەن، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەب ئۇلار كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دەسمى سېلىشقا ناھايىتى ئېتىبار بەرگەن. بىر ئۆمۈر نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان ئاشۇ كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى قۇرۇشنى چۈشەنمىگەن.



   شەخىسنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بۇ چەكلىك كۈچ ئەتراپتىكى دوستلارنىڭ كۈچى بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت ئەڭ تىز سۈرئەتتە يىتىپ كېلىدۇ. چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدىغان بۇ دەۋردە دوستلىرى بولمىغان كىشىلەر ئەڭ بۇرۇن شاللىنىپ كېتىدۇ،يىتەرلىك كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى ئورناتقان كىشىلەر بولسا يەنىلا بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ.



   مۇنداق بىرگەپ بار: سىز قانداق ئادەم بولماقچى بولسىڭىز كۆپرەك شۇنداق ئادەملەر بىلەن بىللە بولۇڭ. كۆپىنچە نامراتلار بايلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدۇ، بىراق بايلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار پەقەت نامرات تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق قانچە بارغانسىرى شۇنچە نامراتلىشىدۇ. ئەگەر بىر نامرات ئادەمنى بايلارنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكىگە تاشلاپ قويسا، ئوزۇن مەزگىللىك ئارلىشىپ ياشاش ئارقىلىق ئۇمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بايلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.



   پائۇل-مىكروسوفت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، «فوربىس» ژورنىلىنىڭ بايلار رەت تەرتىپىدە ئۇ ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، شەخسىي بايلىقى 210 مىليارىد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.



   نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بىردەمدىلا مىليادېرغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ناھايىتىتەلەيلىك ئادەم دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شۇنچىلىك تىز تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ يېنىدا  كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئەڭ ياخشى بولغان بېل.گېيتىسنىڭ بولغانلىقىدا. پائۇل ياش ۋاقتىدا بېلنى چوقۇم كاتتا بايلاردىن بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان، شۇڭا ئىزچىل ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىگىلىك ياراتقان. ئۇلار بوستوندا مىكروسوفت شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرغان،تىزىملىتىش ئۇچۇرىدا بېل. گېيتىس باش دېرىكتور،پائۇل مۇئاۋىن باش دېرىكتور بولغان.



   پائۇلنىڭ شەخسىي ئىقتىدارى بېل. گېيتىسقا يەتمەيدۇ، بىراق ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بولغان تونۇشى ئۇنى يەنىلا دۇنيادىكى بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرغان.



   بايلىققا ئېرىشىش چۈشىنى كۆرۈۋاتقان بارلىق كىشىلەر، تىزدىن ئويغىنىڭلار!


ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن چوقۇم ماددى جەھەتتە بەلگىلىك مەبلەغ سېلىش لازىم. ئەگەر ىسز بىر پۇلدارغا ئايلانماقچى بولسىڭىز، چوقۇم بايلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلىشىڭىز،بايلارغا ئوخشاش ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭكىشىلىك مۇناسىۋىتىدىكى قىممەتلىك ئادەملەرنى ئىزدىشىڭىز كېرەك.



بايلىقنىڭ بايانى:

   كىشىلىك مۇناسىۋەت بولسا پايدىلىنىش قىممىتى بار شەكىلسىز بايلىق. كىشىلەر قىستا – قىستاڭ بولغان چوڭ كوچىدا تۇرسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا سىزنىڭ ئېچىشىڭىزنى ساقلاۋاتقان بىر چوڭ ئالتۇن كان بولغان بولىدۇ.بايلارنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىسىمۇ ناھايىتى تىزلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ قۇدرىتىدىن پايدىلانغانلىقىدا. ئەگەر ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىڭىز بولسا، يېقىن كەلگۈسىدە بايلىق سىزگە قاراپ كېلىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-27 02:42 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 03:06:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!مەن بۇ تەرجىمە كىتاپنى تۈنۇگۈندىن باشلاپ ئۇقۇۋاتىمەن،لىكىن تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم،مەن بەك چوڭ تەسىرات ئالدىم،ئىگىلىك تىكلەش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى.
مەن تولۇق ئوتتۇرنى جىياڭسۇ ۋۇشىدا ئۇقۇغان،ھازىر شىيامىندا.
مېنىڭچە بولغاندا كۈندە بىر پارگىرافتىن يوللىساڭلار ياخشىمىكىن،شۇنداق بولغاندا ئالدىرماي چۈشىنىپ ئۇقۇغىلى بولدۇ،بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم.بۇ كىتاپ بەك ياخشىكەن ،بولسا نەشىر قىلغان بولسا،ئوقۇپ بولۇپ ساقلىۋالسام بوپتىكەن.جاپا چەكتىڭلار،مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 04:50:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahgulum129213 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 03:06 PM
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!مەن بۇ تەرجىمە كىتاپنى  ...

ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام!
بۇ كىتاپنىڭ سىزگە ئوخشاش  ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىغا مۇئەييەن تۈرۈتكىلىك رۇلى بولسا،ئارىمىزدىن  ھەقىقى بايلار،كارخانىچىلار كۆپلەپ يىتىشىپ چىقسا ئەنە شۇنىڭ ئۆزى بىزنىڭ ئەمگىكىمىزگە بىرىلگەن مۇكاپاتتۇر.
بىر ياخشى كىتاپنىڭ ئادەمنىڭ تەقدىرىگە ،ھاياتلىق مۇساپىسىگە بولغان تەسىرى ناھايتى زور بولىدۇ.چۈنكى  مەنمۇ ئوننەچچە يىل بۇرۇنلا ‹‹ باي دادام ،نامرات دادام ›› ناملىق يۈرۈشلۈك كىتاپلار ۋە خېئولنىڭ ‹‹ مۇۋاپىقەيەت دەستۇرى ›› ناملىق كىتابىنىڭ تەسىرىدە خىزمىتىمنى تاشلاپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرىپ كەتكەن ئىدىم.بۇ كىتاپنىڭمۇ ئەنە شۇ ئىسىل كىتاپلارغا ئوخشاش سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىڭىزگە ھەمرا بولىشىغا تىلەكداشمەن.

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش