ئۈچىنچى باب
نامراتلار ئاچكۆز، مەسئۇلىيەتسىز كېلىدۇ، بايلارئۆز – ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ
ئۈچۈنچى بان بىرىنچى پارگىراف
***1. نامراتلار ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ، بايلار ۋاقىتنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ
مۇنداق بىر ھېكىمەتلىك ھېكايەت بار:
قەدىمكى بىر دۆلەتتە ۋاقىت ئىسىملىك بىر باي ئادەم بار ئىدى. ۋاقىت باينىڭ ناھايىتى كۆپ ئۆي قۇشلىرى ۋە باشقا ھايۋاناتلىرى بار بولۇپ،بىپايان ئېتىزلىرى ھەرخىل زىرائەت ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە تولغان ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ ساندۇقى ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ھەرخىل ئالتۇن – كۈمۈش زىننەت بويۇملىرى ۋە باشقا قىممەتلىك بويۇملارغا ، ئاشلىق ئىسكىلاتى ئاشلىققا لىق تولغان ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى بار بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ئىدى.
ۋاقىت باينىڭ بايلىقى بۇنچە كۆپ، ناھايىتى باي بولغاچقا، ئۇنىڭ نامى يىراق – يېقىنلارغا تارقىلىپتۇ،ھەتتا چەتئەللەردىكىكىشىلەرمۇ ئۇنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپتۇ. ۋاقىت باينىڭ شەۋكىتىنى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ رىۋايەتلەردىكىدەك بايلىقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى بايلار، ۋە ئارتىسلار ئۇنى زىيارەت قىلىشقا كېلىدىكەن، ئاندىن ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كىشىلەرگە ئۇنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن.
ۋاقىت باي ناھايىتى سېخى بولۇپ، ھەمىشە ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنى نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىدىكەن.نامراتلار ۋاقىت باينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ سېخى ئادەم ئىكەنلىكىگە خۇرسىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇنىڭ سېخىلىقىدىن خاتىرجەم بەھىرلىنىدىكەن .ۋە بۇ سېخىلىقنىڭ ھوزۇرۇنى سۈرۈپ بولغاندىن كىيىنلا ۋاقىت باينىڭ يەنە بىر قېتىم قۇتقۇزۇشىنى كۈتىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قەبىلە ئەلچى ئەۋەتىپ ۋاقىت باينى زىيارەت قىلماقچى بوپتۇ. ئەلچىلەر ماڭىدىغاندا قەبىلە ئاقساقىلى ئۇنىڭغا: «سىلەر بۇ قېتىم ۋاقىت باينىڭ دۆلىتىگە بارغاندا چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن ئۇنى كۆرۈشۈڭلار كېرەك، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن چوقۇم بىزگە ئۇنىڭ رىۋايەتلەردىكىدەك باي، سېخى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىشىڭلار لازىم.»دەپتۇ.
ئەلچىلەر رۇخسەت ئېلىپ ۋاقىت باينى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنىپتۇ، ھەم نەچچە كۈن يول يۈرۈپ ۋاقىت باينىڭ دۆلىتىگە يىتىپ كەپتۇ. ئۇلار كەلگەن چاغ بۇ دۆلەتنىڭ قىش پەسلى ئىكەن. ئەلچىلەر بىر ئۇرۇق، كىيىملىرى جۇل – جۇل بوۋاينى ئۇچرىتىپتۇ،ھەم ئۇنىڭدىن:«بۇ جايدا ۋاقىت ئىسىملىك بىر باي بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەمسىز؟» دەپ سوراپتۇ. بوۋاي بۇنى ئاڭلاپ: «بار، ۋاقىت دەل مۇشۇ جايدا،سىلەر شەھەرگە كىرىڭلار، كىشىلەر سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.» دەپتۇ.
ئەلچىلەر شەھەرگە كىرىپ كىشىلەرگە: «بىز چەتئەلدىن مەخسۇس ۋاقىت باينى كۆرۈش ئۈچۈن كەلدۇق، ئۇنىڭ نامى بىزنىڭ قەبىلىمىزگە يىتىپ باردى. بىز بۇ ئىلاھى سۈپەت ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشكە تەقەززا، قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىش –ئىزلىرىنى قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزىمىز.ئۇ مۇشۇ جايدا تۇرامدۇ؟» دەپتۇ
بۇ ۋاقىتتا بىر قېرى قەلەندەر توپتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ،كىشىلەر ئۇنى كۆرسىتىپ: «سىلەر ئىزدەۋاتقان ۋاقىت بوۋاي دەل مۇشۇ شۇ.»دەپتۇ.ئەلچىلەر كۆز ئالدىدىكى بۇ قەلەندەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قاپتۇ.
ئۇلار گۇمانلانغان ھالدا: «ئەجىبا بۇ ئادەم ۋاقىت بوۋاي شۇمۇ؟»دەپتۇ.
«شۇنداق مەن ۋاقىت باي بولىمەن، ئىلگىرى مەن ئەڭ باي ئادەم ئىدىم،بىراق ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ نامرات ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم»،-دەپتۇ بوۋاي ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا.
بۇنى كۆرگەن ئەلچىلەر ئوڭايسىزلانغان ھالدا: «بۇنداقتا بىز دۆلىتىمىزگە قايتىپ قېرىنداشلىرىمىزغا نېمە دەيمىز؟» دەپ سوراپتۇ.
«سىلەر قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئۇلارغا ئېيتىڭلار، ۋاقىتنى ھەرگىز ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ. مەن دەل ۋاقىتنى ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلغاچقا، ئۆزۈمنىڭ بايلىقىنى ئاسراشنى بىلمىگەچكە بۈگۈنكى كۈنگە قالدىم.»قېرى قەلەندەر پۇشايمان قىلغان تەلەپپۇزدا شۇنداق دەپتۇ.
ھېكايەتتىكى ۋاقىت بوۋاي ئەسلىدە ناھايىتى باي بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مال – مۈلۈك ۋە ۋاقىتقا ئىگە ئىدى، بىراق ۋاقىت باي ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ئاسراشنى، باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ.
ئەكسىچە ھەددىدىن زىيادە بەتخەجلىك قىلىدۇ. بۇخىل ئۇسۇل ئۇنىڭ ئاخىرىدا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،شان – شۆھرىتى يىراقلارغا تارقالغان بايدىن كوچىدىكى سەرگەردان قەلەندەرگە ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەينى ۋاقىتتا ۋاقىت بوۋاينىڭ قۇتقۇزۇشىغا تايانغان ئاشۇ نامراتلارمۇ چوقۇم نامراتلىقنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلالمىغان.
بىزدە«ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت» دەيدىغان ھېكمەت بار. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك نەتىجە،قانچىلىك بايلىققا ئېرىشىشى ئۇنىڭ ۋاقىتقا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە باغلىق.
ۋاقىتنى تاشلىۋەتكەن ئادەمنى ۋاقىتمۇ تاشلىۋېتىدۇ. يۇقارقى ھېكايىدىكى ۋاقىت بوۋاي ۋە نامراتلار دەل مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ تىپىك ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھەر بىرىمىزنىڭ قولىدا ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ بايلىق بار، پەقەت ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق ياراتقىلى، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگىلى بولىدۇ. مەيلى نامراتلار ياكى بايلار بولسۇن، بىر كۈندە ئوخشاشلا 24 سائەت ۋاقىتقا ئىگە، بىراق ئوخشىمايدىغان يېرى نامراتلار ئەزەلدىن بۇ بايلىقنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالمايدۇ، ئۇلار ھەمىشە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمايدۇ.
ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ،ۋاقىتنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ئۈن – تىنسىز قاراپ تۇرىدۇ؛ ئەمما بايلار ۋاقىتنى ئالتۇندەك قەدىرلەيدۇ، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتتىن كۈچىنىڭ بارىچە پايدىلىنىدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ چەكلىك ھاياتنىڭ چەكسىز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
تارىختا ئۆتكەن ھەر قانداق بىر باي ئادەم ۋاقىتنى ناھايىتى قەدىرلىگەن. 200 نەچچە يىل بۇرۇن ئامېرىكا تېخى مۇستەقىل بولمىغان ۋاقىتتا، ئامېرىكىلىق ئوقەتچى،مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان فرانكىلىن ئۆزىنىڭ «بايلىق يولى» ناملىق ئەسىرىدە ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا تارقالغان ئىككى جۈملە ئەقىليە سۆزنى يېزىپ قالدۇرغان، يەنى «ۋاقىت – ئالتۇن دىمەكتۇر.» ۋە «ۋاقىت – ھايات دىمەكتۇر.»فرانكىلىنمۇ ئۆز ھاياتىدا بۇ خىل ئەقىدىگە قەتئىي ئەمەل قىلغان.
فرانكىلىن ياش ۋاقتىدا بىر گېزىتخانىنىڭ قېشىغا كىتابخانا ئاچقان. گەرچە كىتابخانا چوڭ بولمىسىمۇ، ئۇ بىر ئادەمنى ياللاپ دۇكانغا قاراتقان، ئۆزى بولسا ئۆز ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كىتابخانىدا ئۆگىنىش قىلغان ياكى باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغان.
بىر كۈنى بىر ياش كىتاب سېتىۋالغىلى كىلىپ، كىتاب جاھازىسىنىڭ ئالدىدا بىر سائەتكە يېقىن ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن، ناھايىتى تەسلىكتە قارار چىقىرىپ بىركىتابنى ئېلىپ كىتابخانا خىزمەتچىسىدىن سوراپتۇ: «بۇ كىتاب قانچە پۇل؟»
كىتابخانا خىزمەتچىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىپتۇ: «بىر دوللار.»
«ئەرزانراق بەرسىڭىز بولامدۇ؟» بۇ يىگىت باھا تالىشىپتۇ.
كىتابخانا خادىمى كەسكىنلىك بىلەن: «كەچۈرۈڭ، بۇ كىتابنىڭ بېكىتىلگەن باھاسى 1 دوللار، يەنە ئەرزان قىلىشقا بولمايدۇ.» دەپتۇ.
بىر ئازدىن كىيىن ياش يىگىت يەنە سوراپتۇ: «سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار فرانكىلىن ئەپەندىم بارمۇ؟»
«ئۇ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، باشقىلارنىڭ دەخلى قىلىشىنى خالىمايدۇ.» دەپتۇ كىتابخانا خادىمى.
بىراق يىگىت فرانكىلىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشتە چىڭ تۇرۇپتۇ، كىتابخاناخادىمى ئامالسىزلىقتىن فرانكىلىن ئەپەندىنى چاقىرىپتۇ.
يىگىت فرانكىلىن ئەپەندىنى كۆرۈپلا ئېغىز ئېچىپ: «فرانكىلىن ئەپەندىم، بۇكىتابنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى قانچە پۇل؟» دەپ سوراپتۇ.
فرانكىلىن كىتابنىڭ باھاسىغا قاراپ ئويلانماستىنلا دەپتۇ: «1 دوللار 25 سىنىت.»
يىگىت چۈشەنمەستىن: «سىزنىڭ خادىمىڭىز بايا 1 دوللار دىگەن ئىدى.» دەپتۇ.
فرانكىلىن جاۋاب بېرىپ: «توغرا، بىراق سىز مېنىڭ خىزمىتىمگە كاشىلا قىلىپ ۋاقتىمنى ئالدىڭىز،بۇنىڭ ئۈچۈن 25 سىنىتنى كۆپ تۆلىسىڭىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.» دەپتۇ.
يىگىت بۇنى ئاڭلاپ فرانكىلىن چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتۇ – دە، يەنەسوراپتۇ: «ئۇنداقتا،بۇ كىتابنىڭ باھاسى ھازىر قانچە پۇل؟»
«1 دوللار50 سىنىت.» دەپتۇ فرانكىلىن كەسكىنلىك بىلەن.
يىگىت ھەيران بولۇپ: «قانداق قىلىپ 1 دوللار 50 سىنىتقا ئۆرلىدى؟ سىز بايا تېخى 1 دوللار25 سىنىت دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟» دەپتۇ.
فرانكىلىن قەتئىي ئاھاڭدا: «توغرا، بىراق كىتابنىڭ ھازىرقى توختالغان باھاسى 1 دوللار 20سىنىت.» دەپتۇ.
يىگىت <مېنى بۈگۈن نەس بېسىپتۇ> دەپ ئويلاپ،پۇلنى بېرىپ كىتابنى ئېلىپ قايىتماقچى بولغاندا،فرانكىلىن ئۇنى چاقىرتىپ: «توختاپ تۇرۇڭ، مەن سىزگە بىر سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى.» دەپتۇ. ھەم يىگىت سېتىۋالغان كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ھېلىقى ئىككى جۈملە خەتلەرنى يېزىپتۇ: «ۋاقىت –ھايات دىمەكتۇر، ۋاقىت – ئالتۇن دىمەكتۇر.»
ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قارىشىچە، نەرسە سېتىۋالغاندا باھاسىنى تالاشقانسىرى باھا چۈشىدۇ،ھالبۇكى فرانكىلىن بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ئەكسىچە باھا تالاشقانسىرى باھاسى ئۆرلىگەن. بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىراق فرانكىلىننىڭ باھانى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسى ناھايىتى يىتەرلىك، يەنى ياش يىگىت باھا تالىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئىگەللىگەن، بىراق فرانكىلىننىڭ قارىشىچە باشقىلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ كەتكەن بۇ ۋاقىت ناھايىتى قىممەتلىك.
فرانكىلىن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن:«سىز ھاياتنى سۆيەمسىز؟ ئۇنداقتا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭ، چۈنكى ئۇ ھاياتنى تەشكىل قىلدىغان ماتېرىيال.» دەل مۇشۇنداق ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭى بولغاچقا، يۇقارقى ھېكايىدىكى قىزىقارلىق ھادىسە كىلىپ چىققان. دەل شۇنىڭ ئۈچۈن، فرانكىلىن ئۆزىنىڭ چەكلىك ھاياتىدا مۆلچەرلەشكە ئامالسىز بولغان بايلىقلارنى ياراتقان.
دوستۇم،ئەگەر سىز بىر جىڭ كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر مونى ئارتۇق خەجلىۋەتسىڭىز، بۇ سىزنى بىئارام قىلسا؛ بىراق بىر كۈنىڭىز بېكار ئۆتسە سىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچىڭىزنى پىشۇرمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز تىپىك نامراتلارچە تەپەككۇر قىلغان ھېسابلىنىسىز.
سىزنىڭ ۋاقىتقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز دەل نامراتلارنىڭ ۋاقىتقا قىلغان تىپىك مۇئامىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق بولسا سىزنىڭ مەڭگۈ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئازغىنە ۋاقىتلاردىن تەركىب تاپقان. ئەگەر باياشات كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشمەكچى بولساق، ئۇنداقتا ھاياتتىكى بىر مىنۇت، بىر سېكونتقىچە قەدىرلىشىمىز، ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشىمىز كېرەك. ھەمدە ۋاقىتتىن پايدىلىنىشقا، ئۇنى باشقۇرۇشقا، ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ،ۋاقىتنىڭ خوجايىنى بولۇشىمىز كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، باي بولۇش يولىدا ھەممىدىن ئاۋۋال مۇۋاپىقەيەت نۇقتىسىغا يىتىپ بارغىلى بولىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلارغا نىسبەتەن ۋاقىت پۇلغا يارىمايدۇ، ھەتتا بەزىدە ئارتۇقچە بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار زېرىكىشلىك پەيتلەردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەيدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپ پۇل تاپالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنى بىلمىگىنى ئۈچۈن باي بولىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.شۇڭا نامرات ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق ،ئىشنى چوقۇم ۋاقىتنى قەدىرلەشتىن باشلىشىمىز كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-30 02:14 PM