مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: WWW.UYHQT.COM

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ( 1-قىسىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 05:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىرىنچى باب ئون بىرىنچى پارگىراف



***11. نامراتلار ھازىرقى تەڭسىز ھالەتتىكى بىخەتەرلىكنى تاللايدۇ، بايلار ئۆزگىچە يول تۇتۇپ بايلىق توپلايدۇ


   بايلىق ئىزدەش يولىدا ئەگەر ئالدىڭىزغا ئىككى تاللاش مەسىلىسى ئۇچرىسا، سىز قايسىنى تاللايسىز؟



A.  باشقىلار نۇرغۇن قېتىملاپ ماڭغان، نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن يول (بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى، بىراق ناھايىتى چەكلىك).



B.  ئۆزى  يول ئېچىپ بايلىق توپلاش يۇلى(گەرچە غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇش ئېنىق ئەمەس، بىخەتەرلىكى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق غەلبە قازىنىپلا قالسا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشكى بولىدۇ).



   تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر Aجاۋابنى تاللايدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بىخەتەرلىكنىڭ  نۇرغۇن بايلىققا قارىغاندا جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ چوڭ. ئۇلار بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغان شارائىت ئاستىدا ناھايىتى ئاز مەنپەتكە ئېرىشىشنى خالايدۇكى، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ نۇرغۇنلىغان بايلىققا ئېرىشىشنى خالىمايدۇ.

   ناھايىتى ئېنىقكى بۇ خىل كىشىلەر رىئال تۇرمۇشتا ئۆزىنى قوغداپ، تەڭسىز ھالەتتىكى بىخەتەرلىككە رازى بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۈنۈملۈك ئىش قىلمايدۇ،ھېچقانداق رولى يوق بولۇپ، قارىغۇلارچە كۆپ سانلىققا ئەگىشىدۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ماڭغان يولغا قىستىلىپ كىرىپ مەغلۇپ بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىز قەتئىي ھالدا ھۆكۈم قىلالايمىزكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشى باي، پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشەلمەيدۇ.



   بۇنداق خۇلاسىنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب، بايلارنىڭ ئالدىغا بۇنداق مەسىلە قويۇلسا، ئۇلار ئىككىلەنمەستىن Bجاۋابنى تاللايدۇ. بايلار بايلىق رىقابىتى يولىدا پەقەت ئۆزى قول سېلىپ يول ئاچقاندىلا، ئاندىن پۇرسەتنى ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزى يول ئېچىپ بايلىق ئىزدەشكە رازىكى، باشقىلار تەكرار ماڭغان يولدا مېڭىشنى خالىمايدۇ.

   بۇ دەل نامراتلار ۋە بايلارنىڭ پەرقى: نامراتلار تەڭسىز ھالەتتىكى بىخەتەرلىكنى تاللايدۇ،بايلار ئۆزى يول ئېچىپ بايلىق توپلايدۇ.



   قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو – چەتئەللەردە ياشىغان بايلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھىغا ۋە باشقىلار ماڭغان يولدا ماڭمايدىغان تىرىشچانلىق روھىغا ئىگە. سۇنىڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى جاڭ جىندوڭ ئەنە شۇنداق ئۆزى يول ئېچىپ بايلىق توپلاشقا  ماھىر بايلارنىڭ بىرى.



   1984 – يىلى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن جاڭ جىندوڭ نەنجىڭ جىنلۇ رايونى سانائەت شىركىتىگە ئىشقا چۈشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدە «سودا دېڭىزى» غا سەكرەيدىغان قىزغىنلىق ئەۋج ئالغان بولۇپ، جاڭ جىندوڭمۇ بۇ ئېقىمغا ئەگىشىپ سىناپ باقماقچى بولىدۇ. ئۇ خىزمەتتىن سىرت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھاۋا تەڭشىگۈچ قوراشتۇرىدىغان ئىشنى كۆتۈرە ئالىدۇ، ھەم بۇ مەزگىلىدە جاڭ جىندوڭ 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلايدۇ.



   1990 – يىلى27 ياشلىق جاڭ جىندوڭ ئۆزىنىڭ 6 يىللىق سىتاژدىكى مۇقىم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ،سودا دېڭىزىغا سەكرەپ ئىگىلىك ياراتماقچى بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ پۇل تاپقىلى بولىدىغان ساھە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ساھەسى بولۇپ، بازارنىڭ توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋېزور، كىرئالغۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئىگىلىك ياراتماقچى بولغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ كەسىپنىڭ سودىسىنى قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى، بىراق جاڭ جىندوڭ ھەرگىزمۇ بۇ توپقا قېتىلمىدى.ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇ باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان قارارنى چىقاردى .يەنى ئۇ ۋاقىتلاردا بازىرى ھازىرقىدەك ئىتتىك بولمىغان، «دۆلەتمەنلەر مەھسۇلاتى» غا تەۋە بولغان ھاۋا تەڭشىگۈچ مەخسۇس تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولىدۇ.



   شۇنداق قىلىپ، جاڭ جىندوڭ قايناق بازاردىن يىراق بولغان نەنجىڭ نىڭخەي يولىدىن كۆلىمى 200كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان دۇكاندىن بىرنى ئىجارىگە ئالىدۇ، ھەمدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى مەخسۇس توپ تاقىتىش شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سۇنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش سەپىرىنى باشلايدۇ.



   ئەينى ۋاقىتتىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتىنىڭ رىقابىتى ناھايىتى كەسكىن بولغاچقا،تىز سۈرئەتتە بازار ئىگەللەش، كۆلەمنى كېڭەيتىش   ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، جاڭ جىندوڭ ئۆزى يول تېپىپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن يېڭىچە تىجارەت شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۇنجى قېتىم «يەتكۈزۈش، قوراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش» بىرگەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، ھەمدە 300 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان قوراشتۇرۇش ئەتىرىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلار خېرىدارلار ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ھەقسىز قوراشتۇرۇپ بېرەتتى. بۇ خىل مۇلازىمەت شەكلى ئەينى ۋاقىتتىكى نەنجىڭدە، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يوق ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى تىزلا ئىستىمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، سۇنىڭ شىركىتى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى.



   تۆۋەن باھادا مۇقىم مال كىرگۈزۈش يولىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،جاڭ جىندوڭ مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى.1991 – يىلى جاڭ جىندوڭ يەنە بىر قېتىم يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەر بىلەن «تەتۈر يۆنىلىشتىكى ھەمكارلىق» شەكلىنى ئورنىتىپ، ئاۋۋال ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەرنى سودا مەبلىغى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ كونكېرىت مەزمۇنى: ‹ تىجارەتچى سودىگەر تىجارەتنىڭ بوش مەزگىللىرىدە ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ،تىجارەت قىزىغان ۋاقىتلاردا ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەرنىڭ ئېتىبار باھاسىغا ۋە مۇقىم مال مەنبەسىگە ئېرىشىدۇ › دىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ خىلدىكى «سودا سۇس چاغلاردا سودىگەرلەر زاۋۇتنى قوللاش، سودا قىزىغاندا زاۋۇت سودىگەرلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش» شەكلىدىكى زاۋۇت –سودىگەر ھەمكارلىقى سۇنىڭ شىركىتىنى باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ ئېرىشىشى مۇمكىن بولمىغان مال مەنبەسى ئەۋزەللىكىگە ئېرىشتۈرگەن.



   1992 –يىلى، «تونۇر» دەپ نام ئالغان نەنجىڭدە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ بازىرى چىقىشقا باشلىدى،ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قاتار تەييارلىقلارنى قىلىپ ئاللىقاچان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت جەھەتتە كۈچلەنگەن سۇنىڭ شىركىتى ئەينى ۋاقىتتىكى چۈنلەن ھاۋا تەڭشىگۈچلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ چوڭ تىجارەتچىسىگە ئايلاندى، بۇ ھال نەنجىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ بازىرىدا سۇنىڭ شىركىتىنىڭ نامىنى بىر دەمدىلا چىقىرىۋەتتى.



   ئۈچ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، سۇنىڭ شىركىتى يەككە مەھسۇلات، يەككە ماركىغا تايىنىپ يىللىق سېتىش سوممىسى 3 مىلياردقا يېتىدىغان كۆلەم شەكىللەندۈردى. بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتا نەنجىڭدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سەككىز چوڭ كارخانىنى چۆچۈتىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىشىپ سۇنىڭ شىركىتىنى ۋەيران قىلماقچى بولۇپ، بۇ سەككىز كارخانا ھەرقانداق مالنى بىر تۇتاش سېتىۋالدىغانلىقىنى، ئەگەر قايسى زاۋۇت سۇنىڭ شىركىتىنى مال بىلەن تەمىنلىسە، شۇ خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.



«سەككىز كارخانىنىڭ بىرلىشىشى» ئېلىپ كەلگەن بېسىم جاڭ جىندوڭ ۋە سۇنىڭ شىركىتىنى مەغلۇپ قىلالمىغان، «كۆلەملەشكەن تىجارەت، زاۋۇت –سودىگەر ھەمكارلىقى، كەسپىي مۇلازىمەت» دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەۋزەللىككە تايىنىپ، سۇنىڭ شىركىتى بۇ بىر مەيدان رىقابەتتە يەنە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ يىلىلا سېتىش سوممىسىنى ئۈچمىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ %182 ئاشۇرغان، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ  سودىگەر ، نامىغا ئېرىشكەن.



   2003 –يىلى، كەسپى ساھەدە «ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سودىسىنى قىلىش تەس» دىگەن سادالار ياڭرىغان، ھالبۇكى جاڭ جىندوڭ باشقا سودىگەرلەرگە ئوخشاش تار دائىرىدە قىستىلىپ قالمىغان، ئەكسىچە ئۇ يەنە يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە «C3 شەكلى» (يەنى كومپيۇتىر، خەۋەرلىشىش، ئائىلە ئېلېكتىرئۈسكۈنىلىرى بىرلەشكەن ئۇنىۋېرسال تىجارەت شەكلى) نى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇپ،سۇنىڭ شىركىتىنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى دەۋرىنى باشلىغان. جاڭ جىندوڭنىڭ بۇ يول ئېچىپ ئىلگىرلەش تەدبىرى سۇنىڭ شىركىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ ئىچىدىن باش كۆتۈرگۈزۈپ، كۆلىمىنى تېخىمۇ چوڭايىتقان.



   بۈگۈنكى كۈندە، سۇنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى  دۆلىتىمىزدىكى چوڭ زەنجىرسىمان دۇكانلارنى قۇرۇپ چىقىپ، كۆلەم جەھەتە  گومېي چوڭ تىپتىكى ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى چاتما دۇكانلىرىدىن قالسىلا 2-ئۇرۇنغا ئۆتتى.  جاڭ جىندوڭ پەقەت 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ‹سۇنىڭ ›نى كۆلىمى 200 كۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان،10 نەچچە خىزمەتچىسى بار، مەبلىغى 100 مىڭ يۈەن بولغان كىچىك دۇكاندىن 600 دىن ئارتۇق زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنى، 90000 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولغان،يىللىق سېتىش سوممىسى 610 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان زەنجىرسىمان سېتىش كارخانىسىغا ئايلاندۇرغان. جاڭ جىندوڭ ئۆزىمۇ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا خىزمەتچىسىدىن مىليونېرلار قاتارىغا ئۆتكەن ۋە ئۆز ساھەسىنىڭ سەركىسىگە ئايلانغان.



   جاڭ جىندوڭ ۋە سۇنىڭنىڭ بۈگۈنكىدەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى ناھايىتى زور  دەرىجىدە جاڭ جىندوڭنىڭ يېڭى يول ئېچىش روھىغا تايانغان. دەل يېڭىدىن يول ئېچىپ ئىلگىرلەش روھى بولغاچقا، ئۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ ئىگىلىك ياراتقان؛ يېڭى يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلالىغاچقا، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى «بازىرى بوش ›› دەپ قارالغان ھاۋا تەڭشىگۈچ تىجارىتىنى تاللىغان؛ يېڭى يول ئېچىشقا ماھىر بولغاچقا، ئۇ تۇنجى قېتىم «يەتكۈزۈش،قوراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش» بىر گەۋدە قىلىنغان مۇلازىمەتنى يولغا قويغان؛ يېڭى يول ئېچىشقا ماھىر بولغاچقا، ئۇ «تەتۈر يۆلىنىشلىك ھەمكارلىق، تىجارەتچىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە كىرگۈزۈش» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق تىجارەتچى –ئىشلەپچىقارغۇچى ئىككى تەرەپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان تىجارەت شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛دەل يېڭى يول ئېچىش روھى بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «C3 شەكلى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۇنىڭنى توختىماستىن تەرەققىي قىلدۇرغان؛ يېڭى يول ئېچىشقا ماھىر بولغاچقا، ئۇ ئاندىن بايلىق كانىنى ئاچالىغان.



   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر جاڭ جىندوڭ بىخەتەر بولغان شۇ ھالىتىگە شۈكرى قىلغان بولسا،ئۆزىنىڭ 6 يىللىق مۇقىم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرەمتى؟ ئۇ يەنە «سەككىز كارخانا بىرلىشىشى» نىڭ زەربىسى ئاستىدا پۇت دەسسەپ تۇرالامتى؟ ئۇ ۋە سۇنىڭنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسى بولامتى؟

   كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.



   شۇنداق،بايلىقنى قوغلىشىش جەريانىدا پەقەت ھازىرقى ھالىتىگە قانائەت قىلىپ، ئۆزى يول ئېچىپ بايلىققا ئېرىشىدىغان ئىقتىدار ۋە تىرىشچانلىق بولمىسا، ئۇنداقتا بايلىق ئىلاھى سىزگە قاراپ كەلمەيدۇ. پەقەت يېڭىلىق يارىتىشقا، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، بايلىق يولىدا تېخىمۇ تىز، تېخىمۇ يىراققا ماڭغىلى بولىدۇ.



بايلىقنىڭ بايانى:

   ھازىرقى ھالىتىڭىزگە قانائەت قىلىش، كونا قائىدىلەر بۇيىچە ئىش قىلىش سىزنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالدا چوڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمەسلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىشى مۇمكىن، بىراق بۇ ھال سىزگە بايلىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئەگەر بايلاردىن بولماقچى بولسىڭىز،چوقۇم تەڭسىز ھالەتتىكى بىخەتەرلىكتىن قۇتۇلۇشىڭىز، ئۆزىڭىزدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى ۋە يېڭى يول ئېچىش ئىقتىدارى يىتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك.




مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان <<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر


تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام





بىرىنچى باب (ئون بىر پارگىراف) نى  تۇلۇق يوللاپ بولدۇم.



ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 06:41:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 10:25:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىنىڭ پىسخىكىسىدىكى تۈرلۈك  توسالغۇسىنى يېڭىشىگە يارىدەم بىرىدىغان ئېسىل ئەسەر بوپتۇ بۇ !
بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ خەلقىمىزگە سۇنۇلۇشى  ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ئەزىزلەرگە تەشەككۈر!
تىزراق نەشىر قىلىنغان بولسا ئېسىل ئىش بولاركەندۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:49:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SAL يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 10:25 AM
كىشىنىڭ پىسخىكىسىدىكى تۈرلۈك  توسالغۇسىنى يېڭىشىگە يا ...

سىزگىمۇ تەشەككۈر!
بىز بۇ كىتاپنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەقىقى بايلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەم قانداق بولىشى كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتۇق .شۇنداقلا يەنە پۇلى يوقلارنىڭلا ئەمەس بەلكى نۇرغۇن پۇلى بار بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقى بايلاردىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇق .نامراتلىق ئادەمنى خارۇ-زار قىلىپلا قالماي يەنە يۈرەكلەرنى قېتىتىپ قان-قېرىنداشلىق رىشتىسىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن...نامرات ياشىغاندىن كۈرە كۆپرەك پۇل تېپىپ ياخشىلىق يوللىرىغا سەرىپ قىلساق ،قولنى-قولغا تۇتۇپ قۇدرەت تاپساق  ياخشىكەن...
بىز بۇ ئىككى قىسىم كىتاپنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەم روھى نامراتلىقتىن قۇتۇلىشىغا مۇئەييەن دەرجىدە ياردىمى بولغۇدەك دەپ قاراپ تەرجىمە قىلدۇق.

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيىتىنى قۇتلۇقلاپ شۇنداقلا بەزى دوستلىرىمىزنىڭ كىتاپخانىلارغا بارالماي  ياكى ‹ھازىر كىتاپنىڭ باھاسى بەك قىممەت ›دەپ كىتاپ سېتىۋالماي،شۇ ۋەجىدىن ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇماي قېلىشىنى ئويلاپ تور ئارقىلىق ئېلان قىلدۇق .تورداش قېرىنداشلارنىڭ بۇ كىتاپنى ئەستايىدىل كۈرۈپ چىقىشىنى ۋە ئۆزى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىش پىكىرى كۆپ بۇۋاتىدۇ.شۇڭا بۇ ھەقتىمۇ ئويلىنىۋاتىمىز.

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلارنىڭ يۈرىكى يوغان،گەدىنى قاتتىق بولىدۇ.نامراتلار قۇل مىجەز بولۇپ كېتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:02:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلارنىڭ يۈرىكى يوغان،گەدىنى قاتتىق بولىدۇ.نامراتلار قۇل مىجەز بولۇپ كېتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:06:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوڭزىنىڭ: ‹‹پۇخرالار ئاچچىقسۇ-جىياڭيۇ،ئاش،ئوتۇن-خوتۇننىلا ئويلايدۇ...››دېگىنىدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوڭزىنىڭ: ‹‹پۇخرالار ئاچچىقسۇ-جىياڭيۇ،ئاش،ئوتۇن-خوتۇننىلا ئويلايدۇ...››دېگىنىدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 04:22:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسراپخۇرلار تۇخۇ تەبىئەتلىك بۇلىدۇ، تۇخۇ ئالدىدا دان بۇلسىمۇ تاتلاپ چېچېپ يەيدۇ، ھۇرۇنلار ئۇچكە تەبىيەتلىك مىكى دەيمەن، ئۇچكە ئۇخلىسىمۇ جاڭگەل چۇشەيمىش، ھۇرۇنلارمۇ دايىم ئىشلەمەي باي بۇلۇشنى ئۇيلايمىش،
خۇشامەتچىلار ئىت تەبىئەتلىك، ئىتقا ئۇخشاش ئىگىسىدىن نەرسە تىلەپ قىلمىغىنى قالمايدۇ،
پارخۇرلار چۇچقا تەبىيەتلىك، ئۇلار چۇچقىدەك نىجىس نەرسىلەرنى يىيىشكە ئامراق. بىخىللار قاغا تەنىيەتلىك، قاغىدەك تاپقىنىنى يەرگە كۇمىدۇ،

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 08:41:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 04:22 PM
ئىسراپخۇرلار تۇخۇ تەبىئەتلىك بۇلىدۇ، تۇخۇ ئالدىدا دان ...

بۇ ئوخشىتىشىڭىز بوپ قالىدىكەن،سىز تىلغا ئالغان بۇ خۇسۇسىيەتلارنىڭ ھەممىسى ھەم نامراتلاردا تېپىلىدىكەن.مەن كىتاپنىڭ باش قىسىمىنى ئازراق ئوقۇغان ۋاقتىمدا ‹بۇ كىتاپ بىرەر باينىڭ پۇلىنى كۆپرەك خەجلەپ قويغان بىر ئاقنانچىنىڭ بايانىمۇ نېمە؟›دەپمۇ قالغان ئىدىم.بىراق ئوقۇغانسىرى بۇ قارىشىمدىن يېنىپ كەتتىم.چۈنكى كىتاپتىكى نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي مىساللار ،لوگىكىلىق سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن.شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ كىتاپنى ئەستايىدىل كۈرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش