1-باپ ئۈچۈنچى پارگىراف
***3. نامراتلار شارائىتتىن ئاغرىنىدۇ، بايلار شارائىتنى ئۆزگەرتىدۇ
كەسپىي ئارتىس بولمىغان ئادەتتىكى كىشىلەر نومۇر كۆرسىتىدىغان مەلۇم بىر پروگراممىدا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار:
بىر خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ ئىپادىسى ناچار بولغاچقا، مەسئۇلنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىزمەت ئىزدىگۈچى چۈشەندۈرۈپ: «ئەگەر سىلەر مېنى تۈر دىرېكتورى قىلساڭلار، مەن جەزمەن خىزمەتنى ياخشى قىلالايمەن.» دەيدۇ. مەسئۇل ئادەم پەرۋاسىز جاۋاب بېرىپ: «ھېچكىم سىزگە بۇ ئورۇننى بەرمەيدۇ، سىزگە لازىم بولسا ئۆزىڭىز بېرىپ ئېلىڭ.» دەيدۇ.
تۇرمۇشتا بىز دائىم مۇنداق كۆرۈنۈشكە دۇچ كېلىمىز، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، نامرات بولۇش سەۋەبىنى شارائىتقا دۆڭگەيدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كەڭ قورساق بولمىغانلىقىدىن رەنجىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. دائىم شىركىتىنىڭ تىجارىتىنىڭ ناچارلىقىنى تەكىتلەپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ بىرپۇلدار دادىسى يوقلۇقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا ئۆزىنىڭ بارلىق بەختسىزلىكىنى شارائىتقا دۆڭگەپ، سىرتقى مۇھىتتىن سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ، ئەزەلدىن سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدەپ باقمايدۇ.
ئەكسىچە،ياپونيىدىكى داڭلىق‹ كاشىئو ياپونچە كومپيۇتېر جەمئىيىتى ›نىڭ قۇرغۇچىسى جىيەنۋېي جوڭشىيوڭ بۇنىڭغا قارشى مۇنداق باھا بەرگەن.
بىر قېتىم «چاۋرى ئاخباراتى» نىڭ مۇخبېرى جىيەنۋېي جوڭشىيوڭدىن «مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشڭىزنىڭ سىرى نەدە؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن: «ئەلۋەتتە نامراتلىق! مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، نامراتلىق ئاتا – ئانام قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ چوڭ بايلىق. چۈنكى نامراتلىق كىشىلەرگە كۆرەش قىلىشنى، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەشنى ئۆگىتىدۇ،نامراتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بولسا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش! مەن ئىلگىرى دۇرۇس تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، دۇرۇس نەرسىلەردىن يىيىشنى دائىم ئويلايىتتىم...» دىگەن.
جىيەنۋېي جوڭشىيوڭ ھېچنىمىسى يوق قۇرۇق قول ئىش باشلاپ ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان،ھەمدە شىركىتىنى توكيو ئاكسىيە بازىرىغا چىققان تۇنجى شىركەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇ توختىماستىن شارائىتتىن زارلىنىشنى تاشلاپ، ئۆزىنى ئۆزگەرتكەن،مۇھىتقا ماسلىشىپ، كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان، ئاخىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بايلار قاتارىغا ئۆتكەن.
بۇ نامراتلار ۋە بايلارنىڭ پەرقى، نامراتلار دائىم ئاغرىنىدۇ، دائىم ئۆزىنىڭ ناچار شارائىتىدا توختاپ قېلىپ، بۇ ناچار شارائىتنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىمايدۇ. ئەگەر جىيەنۋېي جوڭشىيوڭ ئىزچىل ئۆزىنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن قاخشىغان، شارائىتتىن زارلانغان بولسا، شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانماي، كۈندە غايە بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ پەرق ئارىسىدا خام – خىيال سۈرگەن بولسا، ئۇنداقتا قانداقمۇ باي بولالىسۇن، قانداقمۇ ھازىرقى راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشەلىسۇن؟
توختىماستىن مۇھىتتىن ئاغرىنغاندىن كۆرە، ئۆزىنى مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتكەن ياخشى.كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، سىز زارلىنىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاراپ بېقىڭ؛ شارائىتنىڭ ناچارلىقىدىن ئاغرىنىشنىڭ سەۋەبى بەلكى سىزنىڭ شۇ شارائىتتىكى پىسخىكىڭىز ياخشى ئەمەس بولۇشى مۇمكىن؛ باشقىلارنىڭ قاتماللىقىدىن ئاغرىنىۋاتقىنىمىزدا، ئېھتىمال ئۆزىمىز بەك كەڭ قورساق بولالمىغان بولىشىمىز مۇمكىن؛شىركەت تۈزۈمىنىڭ ناھايىتى قاتتىق ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىۋاتقىنىمىزدا، ئېھتىمال ئۆزىمىز خىزمەتنى ياخشى قىلالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن؛ بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىماي باشقۇرۇشنىڭ تەسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنغان ۋاقتىمىزدا، نېمىشقا سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ باقمايمىز؟
نوڭ ئەيچىن ۋەنشىلى گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى، «فوربىس» ژورنىلى ئېلان قىلغان جۇڭگولۇق بايلارنىڭ تىزىملىكىدە ئۇنىڭمۇ ئىسمى بار. جۇروڭجى زۇڭلى جېجىياڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ: «سىز بىر ئەڭگۈشتەر! سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى نوڭ ئەيباۋ ( باۋ-گۈھەر مەنىسىدە ) دەپ چاقىرىش كېرەك ئىكەن.» دىگەن.
1945 –يىلىدىكى قەھرىتان سوغۇقتا خاڭجۇ شەھرىنىڭ سىرتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە بىر قىز دۇنياغا كەلدى، ئۇ دەل نوڭ ئەيچىن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، نوڭ ئەيچىن كىچىكىدىن باشلاپلا ئائىلىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ يەر تېرىپ، ئوت ئوتاپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكلىرىنى تېتىغان. دەل كەنىتتىكى مۇشۇنداق جاپالىق تۇرمۇش ۋە قالاقلىق ئۇنىڭغا جاپانىڭ خاتىرىسىنى قالدۇرغان، ھەمدە ئۇنىڭدا چوقۇم باي بولىمەن دەيدىغان كۈچلۈك ئىرادە پەيدا قىلغان.
1964 – يىلى19 ياشلىق نوڭ ئەيچىن چوڭ ئەترەتنىڭ كادىرىغا ئايلانغان، خىزمەتتىكى نەتىجىسى ئالاھىدە بولغاچقا پارتىيە ئەزاسى بولغان.
1975 – يىلى ئۇ تەۋەككۈل قىلىپ خاڭجۇ لەنچاۋ يىپەك زاۋۇتىنى ئۆتكۈزىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ زاۋۇت تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، زاۋۇتتا پەقەت 17دانە كونا تىپتىكى توقۇمىچىلىق ئۈسكىنىسى، 22 نەپەرپالتا-گۈرجەكلىرىنى يېڭىلا تاشلىغان ئىشچى، 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ ۋە 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز بار ئىدى.
ھالبۇكى،نوڭ ئەيچىن بۇنداق قىيىن شارائىتتىمۇ ئارقىغا چىكىنمەي ئۆزىنىڭ بايلارغا ئايلىنىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىنى باشلىغان.
ئۇ ئىشچىلارنى باشلاپ ئىلغار زاۋۇتلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ ھۈنەر ئۆگەنگەن؛‹جەڭچىلەرنى تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى›نى قوللىنىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنى ۋە يەرلىكتىكى توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى ھەمدە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولغان كىشىلەرنى زاۋۇتقا كېلىشكە تەكلىپ قىلغان؛ ئۇ يەنە ئىشچىلار بىلەن مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىشلىگەن. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ خېرىدارلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغان، ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ساتقان.
ئۇ ۋاقىتتا زاۋۇت يىپەك يوتقان تېشى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، نوڭ ئەيچىن زاۋۇتتىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ يوتقان تاشلىرىنى ساتقان. بۇ جەرياندا پويىزدا ئورۇن بولمىغاندا، تاختاينىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، پويىزدىن چۈشۈپلا ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا كىرىشكەن. كەچلىرى، بىر كېچىلىكى بەش مو بولغان مۇنچىخانىلاردىكى ئوپچە ئورۇنلاردا ياتقان.
1978 – يىلى ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ « تۇنجى پايدىسى» نى تاپقان. ئارقىدىنلا ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بېيجىڭنىڭ دوڭئەن سودا مەيدانىدا سېتىش پۇكىيى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ يىپەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى چىقىپ، شۇ يىلىلا 60 مىڭ يۈەن تاپقان، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاز سان ئەمەس ئىدى.
20 –ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا، يىپەكچىلىك دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان چاغدا، نوڭ ئەيچىن بۇنىڭدىكى يوشۇرۇن خەتەرنى كۆرۈپ يىتىپ، 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل خەجلەپ تېخنىكا يېڭىلايدۇ.ھەقىقەتەن كىيىن بازاردىكى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى شاللايدىغان ۋاقىت كەلگەندە،نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ۋەيران بولدى، تاقىلىپ قالدى، يىپەكچىلىك كەسپىمۇ پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئەمما نوڭ ئەيچىننىڭ «ۋەنشىلى» شىركىتى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىدى؛ ئەكسىچە ۋەنشىلىدە ئىشلەنگەن ھەقىقي يىپەك كىيىملەر 20 نەچچە دۆلەت ۋەرايونغا سېتىلدى.
ئارقىدىنلا نوڭ ئەيچىن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىنى ئاچتى: ئادەم ئەۋەتىپ كىيىم پادىشاھلىقى بولغان فرانسىيەنى تەكشۈردى، ھەمدە بىر داڭلىق كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىشنى يولغا قويۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ماركىسىدىن پايدىلىنىپ كىيىم ئىشلەپچىقاردى.ۋە ماس قەدەمدە «ۋەنشىلى» ئايالچە كىيىم ماركىسىنى يارىتىپ، 2000 – يىلىغاكەلگەندە «جۇڭگودىكى ئەڭ مودا ماركا» دىگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نوڭ ئەيچىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى جېجىياڭ ۋەنشىلى گورۇھى جۇڭگودىكى ئەڭ زامانىۋىلاشقان يىپەك توقۇمىچىلىقى، بوياش، تىكىش ۋە كىيىم تىكىش بىر گەۋدە قىلىنغان زاۋۇتقا ئايلىنىپ، 21 نەپەر جۇڭگو – چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا،پۈتۈن مەبلەغلىك كارخانا ۋە پاي كونترول قىلىش كارخانىلىرىغا ئىگە بولۇپ، كىيىم –كىچەك، يىپەكچىلىك، كىيىم تىكىش، بىئولوگىيە تېخنىكىسى ۋە ئۆي – مۈلۈك قاتارلىق بەش كەسىپكە قاراپ تەرەققىي قىلدى، ھەمدە شاڭگاڭ ۋە ئامېرىكىدا تارماق شىركەت تەسىس قىلدى. ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە سېتىلىپلا قالماستىن، يەنەئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنىپ، ھەر يىلدا%20 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى.
25 يىللىق كۆرەش ئارقىلىق نوڭ ئەيچىن «ۋەنشىلى» نى باشلاپ زور غەلبىگە ئېرىشتى. ئۇ ‹شارائىتتىن زارلانماي ئۆزى شارائىت يارتىش،ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش› ئىدىيىسىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئارانلا 20 نەچچە نەپەر ئادەم بولغان، لىڭىشىپ قالغان يېزا – كەنت كارخانىسىنى جۇڭگودا بارماق بىلەن سانىغىلى بولىدىغان «يىپەك پادىشاھى» غا ئايلاندۇردى.
نوڭ ئەيچىن ئاجىز بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان، ھەمدە بىر تاقىلىپ قالايلا دىگەن كىچىك زاۋۇتنى ئۆتكۈزۋالغان. بىراق شۇنچە قىيىن شارائىتتىمۇ ئۇ زارلانمىغان، تەغدىرگە تەن بەرمىگەن، ئەكسىچە ئۇ تىرىشىپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ، شۇ ئارقىلىق شارائىتنى ئۆزگەرتكەن. «كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە.»دىگەندەك، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئۇ ئاخىرى «فوربىس» ژورنىلىنىڭ بايلار تىزىملىكىگە چىقىپ، كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان پۇلدارغا ئايلانغان! ئۇنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۇنىڭ رىقابەتنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان،تۇرمۇشقا ئاكتىپ يۈزلىنىدىغان كىشىلىك ھايات پوزىتسىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
فرانكىلىن ئىلگىرى: «نامراتلىق قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى نامراتلىقنى تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قاراش ياكى قېرىغىچە نامرات ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئوينىڭ بولۇشى.»دىگەن. نوڭ ئەيچىننىڭ غەلبىسى دەل بۇ بىر جۈملە سۆزگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش.
دۇنيادا مۇكەممەل شارائىت ۋە مۇھىت بولمايدۇ، ئۇلار پەقەت نىسپىي بولىدۇ، كىشىلەر تامامەن ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؛ دۇنيادا ھەقىقىي مەنىدىكى ياخشى –ياماننى تاپقىلى بولمايدۇ، ياخشى – يامان ئوتتۇرىسىدا بىر قەۋەت چوڭ ھەجىملىك پەردە بولىدۇ، مەسىلە سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارىشىڭىزدا. بىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان شېئىرنى يادلايلى:
مەن ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيمەن،
ئەمما كەيپىياتىمنى ئۆزگەرتەلەيمەن؛
مەن تەقى – تۇرقۇمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن،
ئەمما كۈلۈمسىرىيەلەيمەن؛
مەن ئەتىنى مۆلچەرلىيەلمەيمەن،
ئەمما بۈگۈندىن ياخشى پايدىلىنالايمەن؛
مەن ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيمەن،
بىراق كەلگۈسىنى ئۆزگەرتەلەيمەن؛
مەن باشقىلارنى ئۆزگەرتەلمەيمەن،
ئەمما ئۆزۈمنى ئۆزگەرتەلەيمەن؛
مەن ھەممە ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلالمايمەن،
ئەمما مەن ھەممە ئىشتا تىرىشىمەن؛
مەيلى قانداق ناچار مۇھىتقا دۇچ كېلىڭ، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان كۆز – قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيسىز، يەنى قانچىلىك قىيىن مۇھىت بولسىمۇ، ئۆزىڭىزگە پايدىلىق مۇھىتقا ئۆزگەرتەلەيسىز.
تەغدىرىمىز ئۆز قولىمىزدا، باشقىلاردىن ئاغرىنغاندىن كۆرە، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك. ئېھتىمال بىزدە ھازىر پۇل يوق، كۈچلۈك كارخانا يوق، ياخشى شارائىتمۇ يوق .ئەمما بىز بىر ئەستايىدىل يۈرەكنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىپ بايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىسىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر شەكلىنى ئۆگىنىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشنى، ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىمىزنى ۋە باي بولۇش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. پەقەت ئۆزىنى ئۆزگەرتكەندە، جەمئىيەتكە ماسلاشقاندا، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن پايدىلانغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
بايلىقنىڭ بايانى:
غالبىيەتچىلەر ۋاز كەچمەيلا قالماستىن، ھەرگىز زارلانمايدۇ. مەيلى قانداق قىيىن مۇھىتقا دۇچ كىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئادەم چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان پوزىتسىيەدە بۇ خىل مۇھىتقا يۈزلىنىشى، بارلىق كۈچى بىلەن ھەر بىر ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك.تەغدىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، باشقىلاردىن ئاغرىنغاندىن كۆرە، پۈتۈن كۈچىمىزبىلەن تىرىشىشىمىز لازىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-22 05:24 PM