مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazila998

كۆڭۈلسىز نىكاھ ( نازىلە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3262
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31400
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3616 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-10-29
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
katran يوللىغان ۋاقتى  2013-10-27 02:23 PM
ۋاي ھەدە، ھەجەپ تەقەززا قىلدىڭىزغۇ كىشىنى، مۇبارەكنىڭ ...

بىۋاستە مۇنبەرگە يىزىپ يوللاۋاتىمەن ، ئەسلى بايراملىق دەم ئىلىشتا يىزىپ تۈگۈتىمەن دەپ باشلىغان ئىدىم ، بىراق بايرامدا ئىشلەپ قالدىم ئۇنىڭدىن كىيىن يىل ئاخىر بولغاچ يىللىق خىزمەت باھالىشى دەپ ئالدىراش بوپ قالدۇق ئاندىن ھېت كەلدى مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن ھىكايەم سەل ئۈزۈلۈپ قالدى ، تۈنۈگۈندىن بىرى غەيرەتكە كىلىپ كۈندە بىر بۆلەكتىن بولسىمۇ يىزىپ تۈگۈتىۋىتەي دەپ ئاز - ئازدىن بولسىمۇ يىزىۋاتىمەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 904
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 12:41 AM
بىۋاستە مۇنبەرگە يىزىپ يوللاۋاتىمەن ، ئەسلى بايرامل ...

رەھمەت.قىز بوپ قالسا يوقلىمايدىكەنسىلەدە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97960
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asma507 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 10:53 AM
رەھمەت.قىز بوپ قالسا يوقلىمايدىكەنسىلەدە؟

سىز ئەسما0996 نىڭ كوپىيسىما ؟

خەلق ، خەلق ، يەنىلا خەلق ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 904
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 10:57 AM
سىز ئەسما0996 نىڭ كوپىيسىما ؟

يوقسۇ.مەن ئەسما 507نىڭ ئەسلى نۇسخىسى.2009-يىلى تور تاقىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئىسمىم ئىدى ئەسما دىگەن.كىيىن بىر مەزگىللەدە بۇ تور دىگەن بىلەن ھەپىلەشمىگەنتىم.بۇدا تىزىملىتاي دەپ قارىسام ئەسما دىگەن ئىسىم تىزىملىتىغلىقكەن.كونا ئىسمىمنى تاشلىۋەتكۈم كەلمەي،تۇغۇلغان كۈنۈمنى قوشۇۋالغانتىم.دورۇمچۇقلۇق قىلغان يىرىم يوق.
ئەجەپ ئەسما0996نىڭ پىكىرى چىقمىسا سىز ئەدەپ قاپسىزغۇ؟

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7168
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3578 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 12:41 AM
بىۋاستە مۇنبەرگە يىزىپ يوللاۋاتىمەن ، ئەسلى بايرامل ...

جاپا چەكتىڭىز ھەدە، بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەگەر كومپىيۇتېرغا يېزىپ ئاندىن يوللىغان بولسىڭىز بىرلەشتۈرگەندە قولاي بولار ئىكەن. ھېكايىڭىز تۈگىگەندە مەن ھەممىنى تەھرىرلەپ بىرلەشتۈرۈپ قويىمەن ھەدە. داۋامىغا تەشنامىز.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97960
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asma507 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 11:06 AM
يوقسۇ.مەن ئەسما 507نىڭ ئەسلى نۇسخىسى.2009-يىلى تور تاقىلى ...

ھە مۇنداق ئىكەندە ، مەن تېخى ئەسما0996 چەكلىنىپ قالغان بولسا ئەسما 507 بولۇپ قايتا كىرگەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .

خەلق ، خەلق ، يەنىلا خەلق ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9832
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9151
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىمنىڭ ياخشى يېرىگە كەلگەندە ئېلان قىستۇرۇپ قويدىغان، سىزمۇ شۇنداق «ئىشنىڭ چوڭى چىقتى'» دەپلا توختىتىپ قويۇپسىز،،،،،،، ياخشى يېرىگە كەپتىكەن ،

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3262
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31400
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3616 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-10-29
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asma507 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 10:53 AM
رەھمەت.قىز بوپ قالسا يوقلىمايدىكەنسىلەدە؟

   ئۇنداق ئەمەس ئوماق ، ئاۋال تىنىچ ئامان يەڭگىۋىلىڭە قىز  بولسا تىخى ياخشى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ بولىدۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3262
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31400
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3616 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-10-29
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    داۋامى  :

مۇشۇ ئىش بولۇپ ئۈچ كۈندىن كىيىن ئاينۇر مۇبارەكنى ئىزلەپ مۇبارەكنىڭ ئىدارىسىغا كەلدى ھەم باشقىلاردىن سوراپ ئىشخانىسىنىمۇ تاپتى
     - سىز مۇبارەك بولامسىز ؟ - سورىدى ئاينۇر ئىشخانىغا تەكەللۇپسىزلا كىرىپ مۇبارەككە قادىلىپ تۇرۇپ ،
     - ھە ئە ، مەن مۇبارەك شۇ ، ئۆزىڭىز كىم بولىسىز ؟ - سۇئالغا سۇئال بىلەن جاۋاپ بەردى مۇبارەك بۇ ناتونۇش ئايالغا قاراپ
     - مەن كىم بولاتتىم ئاۋۇ كۈنى ئۆيىڭىزگە تىلىفۇن قىلغان ئالدىنقى كۈنى ئېرىڭىز بىلەن بىر كىچە بىللە ياتقان ئاينۇر ئاي ئاچىڭىز بولىمەن - چىرايى تاتىرىپ پۇت قولىدا جان قالمىغان مۇبارەك نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى ، ئەگەر بۇ ئىدارە بولماي باشقا يەر بولغان بولسا ئىدى مۇبارەكمۇ ئاينۇرغا ئوبدانلا تىتىغان بولاتتى .
      ئىككى رەقىپنىڭ كۆزلىرى دەممۇ - دەم قادالدى « كاساپەتنىڭ ھاياسىز چىقىر كۆزلىرى تىكەندەك ئىلىپلا تۇردىكىنا » دىگەن ئوي مۇبارەكنىڭ كۆڭلىدىن سايە سىلىپ ئۆتتى ، تىكىلىپ تۇرغان ئاينۇردا قورقۇش ، ئەندىكىش ، ئىھتىيات نومۇس دىگەن نىمىلەردىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەيتتى ئەمما ئۇنىڭ بىجىرىم چىرايىدىن ياشلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى دەقىقە ئىچىدە مۇبارەكنىڭ كاللىسسدىن لىپ قىلىپ ئۆتكەن بۇ خىيالنى مۇبارەكنىڭ ئاۋازى ئۈزۈپ قويدى
     - گەپ قىلماي تاتىرىپ تۇرسەنغۇ ؟ - ئەمدى ئاينۇر ئەلپازىنى بۇزۇپ سۆزلەپ سەنلەپ چۈشكەن ئىدى ، دەل شۇ چاغدا ئىشخانا تىلىفۇنى جىرىڭلاپ  قالدى ، مۇبارەك تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن تىلىفۇننى ئالدى تىلىفۇن قىلغان خالىق ئىدى
       - نەدە سىز ، ماۋۇ ئاينۇر دىگەن بىر نىمىڭىز مىنى ئىزلەپ بۇ يەرگە ئۇرۇشقىلى كەپتۇ يوقۇتۇڭ ماۋۇ بىر نىمىڭىزنى - مۇبارەك شۇنداق دەپ گەپنى ئۈزۈپلا تىلىفۇننى جاقلا قىلىپ قويدى ، تىلىفۇن قىلغۇچىنىڭ خالىق ئىكەنلىگىنى بىلگەن ئاينۇر تىخىمۇ قىتىپ ئىشخانىنىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ تۇردى
       - بۇ مىنىڭ خىزمەت ئورنۇم ، بۇ يەردە ساڭا ھىچنىمە دىگۈم يوق چىقىپ كەت - دىدى مۇبارەك تاتارغان چىرايى بىلەن ئاينۇرغا قاراپ ، ئاڭغىچە خالىقمۇ ئىشخانىغا ھاسىرغانچە كىرىپ كەلدى ، خالىق ئۇدۇل كەلگەنچە ئاينۇرغا قاراپمۇ قويماي مۇبارەكنىڭ ئالدىغا كەلدى - دە ئۇنىڭغا دىدى :
        - يۈرۈڭ كىتەيلى ، كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس ئىشىڭىزنى ئەتە قىلارسىز - مۇبارەكمۇ قارشىلىق قىلمايلا ئورنىدىن تۇردى
         - مەنچۇ ؟ مەن قانداق قىلىمەن ؟ - ئاينۇر تەپ تارتماستىن خالىقنىڭ ئالدىنى توستى ، خالىق ئۇنى ئىتتەرگەنچە كارىدورغا ئەپچىقىپ قويۇپ مۇبارەكنى قولىدىن سورىگەنچە ئىشىكنى تاقاپ يىنىپ چىقتى ھەم ئاينۇرغا ئەسكەرتىپ مۇنداق دىدى :
      - قانداق قىلاتتىڭ بۇزۇق ، نومۇسسىز نەگە بېرىپ دەۋا قىلساڭ قىل - خالىق قانداق تىز كەلگەن بولسا شۇنداق تىزلىك بىلەن مۇبارەكنى ئىلىپ ئۆيگە كەتتى
         ھىلىمۇ ياخشى بۈگۈن ئىدارىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يىزىغا خىزمەت تەكشۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ، شۇ قاتاردا مۇبارەك بىلەن بىر ئىشخانىدىكى ئىككى خىزمەتدىشىمۇ ئىشخانىدا يوق ئىدى ، بولمىسا بۇلارنىڭ ئالدىدا نىمە سەتچىلىك بولار ئىدى ، ھەر نىمە دىگەن بىلەن مۇبارەكمۇ ئىدارىدا خىلى ئىناۋىتى بار خىزمەتچىلەردىن سانىلاتتىى ، ئاينۇرنىڭ خالىققا ئىشەنچىسى بولمىسا مۇشۇنداق قىلالامتى ؟ ئىشەنچىسى بولغاچقا يۈرىگى توم گىپى تەيلىك ئىدى ، ئۇنىڭ قەستەن قىلىۋاتقان كۆكەمىلىكى « قىنى نىمە قىلالايتتىڭ » دىگەن بولماي نىمە ؟
مۇبارەك بەكمۇ خورلۇق ھىس قىلدى ، ئۇ ئۆيگە كىلىپلا ئۈن سىلىپ يىغلىغىنىچە « نىمە دىگەن نومۇسسىزلىق مۇشۇنداقمۇ نومۇسنى بىلمەيدىغان ئادەم بولامدۇ ................ » دىدى توۋلاپ تۇرۇپ ئىسەدىگىنىچە
     ئەسلى ئاينۇر ئالدىنقى كۈنى خالىقنى يالۋۇرۇپ  قورقۇتۇپ دىگەندەك ھىلە نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ يىنىدا بىر كىچە قوندۇرۋالدى ، ئاينۇر مۇشۇ بىر كىچىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ خالىق بىلەن مۇبارەكنى ئايرىپ مۇشۇ داچا ئۆيگە خالىققا خالىقنىڭ بايلىقىغا ئىرىشمەكچى ئىدى ،  
      - مىنىڭ ئايالىم بار ، مىنى ئۆيۈمنى تۇتقىلى قوي ، سەن بۇزۇقنى كۆرە كۆزۈم يوق - دىگەن ئىدى خالىق ئاينۇر تىلىفۇن قىلىپ « سىز بىلەن كۆرۈشكۈم بار ئىدى » دىگەن ۋاختىدا كەسكىن رەت قىلىپ
      - ئۇنداق قىلماڭ ، مەن ئىزىپتىمەن ، چىرايلىق ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ يۈزىنى بولسىمۇ قىلىڭ سىزگە چىدىمىدىم ، مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقىسى ئۇنىڭدىن كىيىن سىزنىمۇ ئىزدىمەيمەن ، ئۆيىڭىزگىمۇ تىلىفۇن قىلمايمەن مىنى ئەپۇ قىلىڭ خالىق - دىگەنتى ئاينۇر يىغلامسىرەپ تۇرۇپ
      - بولدى قىلە تولا بىشىمنى ئاغرىتماي
      - ئەگەر بۇ قىتىم كۆرۈشمىسىڭىز سىزگە چىدىماي ئايالىڭىزنى ئىزلەپ بېرىپ ئوتتۇرمىزدىكى ئىشلارنى دەيمەن ، ئۇ چاغدا پۇشايمان قىلىپ قالىسىز ، ئۇنداق قىلماڭ ، سىزگە يالۋۇراي ، ئاخىرقى قىتىم - ئاينۇرنىڭ ئەشۇ « ئايالىڭىزنى ئىزلەيمەن » دىگەن گىپىدىن چۆچۈپ قالغان خالىق مۇبارەككە يالغان ئىيتىپ بىر كىچە ئاينۇر بىلەن بىللە بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدى ، بۇ نومۇسسىزنىڭ بۇنداق قىلتاق قۇرۇپ بۇ ئىشلارنى مۇبارەككە ئۇدۇللا دىيىشىنى خالىق خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى ،
     ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم خالىقنىڭ ئايالى تۈگەپ كىتىپ بۇ خەۋەرنى ئاينۇر غا يەتكۈزۈش ئۈچۈن خالىق ئاينۇرنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاختىدا ئۆيدىكى ئۇ ھالەتتىن يىرگىنىپ يىنىپ چىققان خالىقنىڭ شۇ ئىشتىن سەل ئەقلىنى تاپقانلىقىنى يازغانتىم ، خالىق شۇنىڭچە ئوبدانلا ئەقلىنى تاپقان ، ئائىلىدە ئەردەك ئۆتكەنئىدى ، بىراق ئاينۇر شۇ ئىشتىن كىيىن بىر مەزگىل خالىقنى ئىزلىمىدى ، « جىرىم غاجاپ كۆنگەن توخۇ خۇيىنى تاشلىماپتۇ » دىگەندەك كونا خۇيىنى تاشلىماي ئالدىغا كەلگەننى نىرى تۇرۇڭ دىمەيلا ئىشىنى قىلىپ يۈرىۋەدى ، ئەمما خالىقنىڭ ئايالىنىڭ تۈگەپ كىتىپ قايتا ئۆيلەنگنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاختىدا ئەينى چاغدا خالىقنىڭ نىمىشقا خەۋەر قىلمايلا كەلگەنلىكىنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولدى - دە قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك بولۇپ يۈرۈگى پۇچۇللانغاندەك بولۇپ قالدى ، خالىقنىڭ مال دۇنياسىنى قاراپ تۇرۇپ باشقا بىر ئايالغا تاشلاپ بەرگىنىگە ئىچى ئۆرتۈنۈپ كەتكەن ئاينۇر ئۆز مەخسىدىگە يىتىش ئۈچۈن ھىچقانداق ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىدى ھەتتا تەپ تارتماي مۇبارەكنىڭ ئىدارىسىغا ئىزدەپمۇ باردى ، خالىقنىڭ قوپال سىلكىشلىرىنى پىتىغا ئىلىپمۇ قويمىدى ، ئاينۇر ئۇنىڭسىز توختاپ قالماي ئاخىر مۇبارەك بىلەن خالىقنى ئاجراشتۇرۇپ توختىدى  ،
      مۇبارەكمۇ بۇ ئاينۇر دىگەن جوبۇدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خالىقتىن ئاجراشمىسا بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىن خالىقنىڭ پۇل ئامانەت چىكىدىن يەتمىش مىڭ يۈئەنلىك ئامانەت چەكتىن بىرنى خالىقنىڭ خەۋرى يوق ئىلىۋالدى ھەم خالىقنىڭ كىملىكىنى بانكىغا ئىلىپ بېرىپ « يولدۇشۇم ياتاقتا ئىدى ، جىددى پۇل لازىم بوپ قالدى ، ئۆزى كىلەلمەي مەن كەلدىم » دەپ بانكا خادىملىرىغا يالغان ئىيتىپ يۈرۈپ پۇلنى ئالدى - دە باشقا بانكىغا ئاپىرىپ ئۆز نامىدا ئامانەت قويۋىتىپ ئاندىن خالىق نىلەن ئاجىرشىش رەسمىتى ئۆتىدى

      داۋامى بار

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 693
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8989
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1766 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-10-29
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ ،   غەيرەت قىلىڭ ،جاپا چىكىپ كىتىۋاتىسىز .ھەممىمىز سىزنىڭ ئىشلىرڭىزگە ئوتۇق تىلەيمىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش