مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazila998

كۆڭۈلسىز نىكاھ ( نازىلە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 880
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت نازىلە ھەدە.ھىيتلىق تەييارلىقلار بولسا قىلىشىپ بەرسەم تىز تىز پۇتتۇرۋەتسىڭىزچۇ.ئاياغلاشقانسىرى بەك پەيزى چىقىۋاتىدۇ.تۇغۇتۇم يىقىنلىشىپ قالغان.ئاخىرىنى كۆرەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم.خاپا بولمايسىز ھە ئالدىرىتىپ قويدۇم.بەكلا پەيزى چىقىپتۇ ما بۆلىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئاچچىقىمدا بىر كىرگەن ما تىمىغا . ياخشى داۋامى يوللىنىپتۇ. داۋاملىق تىرشىڭ. ھەممىنى بىراقلا يىزىپ پۈتۈرۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92559
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 926
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشقا بەك يېقن ئەسەركەن

دوسلار يا خشڭمۇ

ئاتۇش قىزى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5951
يازما سانى: 909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11427
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 830 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز!  ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.  داۋامىنى كۈتىمەن.

ئاتۇش قىزى

توۋا قىلىڭ!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4168
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز!  ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.  داۋامىنى كۈتىمەن

بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!

اللاھتىن بەختىمنى تىلەيمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8106
يازما سانى: 2261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19797
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 1422 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە يۇق ئاخىرى

ھەيرانمەن ئىنساننىڭ نادانلىقىغا،
كۇلىمەن كۇڭۇلنىڭ ساراڭلىقىغا.
يىغلايمەن ئازاپنىڭ ئاچچىقلىقىغا،
قانمايمەن ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىغا.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6894
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 33985
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3018 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29863
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6072
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 2871 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خانىم نىمە دىسەم بولا،مۇشۇنداق« ئاخىرى بار››دىگەن تېمىدىن سىزمۇ زىرىككەن بولغىيدىڭىز ئۆز ۋاختىدا ھە،  خېلى گەپ قىلاي دىگەن بىراق،دىمەيمەن ،تاتلىق خانىم ،ئاخىرىنى يوللىۋېتىڭە خوش بوپ كىتەي،ئەسىرىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، سىزمۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا  ياخشىدەك قىلسىز،سىزنى تونىمىغاچقا شۇنداق دەۋاتىمان ھە،قوپال سۆزۈمنى كەچۈرۈڭ،قولىڭىزغا ھەم ،ئائىلە تۇرمۇشىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،تۇرمۇشىڭىزغا بەخت تىلەيمەن.

ئەسقەر  تۇراپ

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3260
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31357
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3610 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 12 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
     سەت ھاقارەتلەرگە چىدىمىغان مۇبارەكنىڭ قولى ئىشقا بارمىدى ، ئۇنىڭ خىيالىچە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەشۇ ئالۋاستىنى تىپىپ چاچلىرىنى بىردىن - بىردىن يۇڭداپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسا ئاندىن دەردى چىقاتتى ، بىراق بۇ ئالۋاستىنى نەدىن تاپسۇن ، يا تىلىفۇنغا قارشى تەرەپنىڭ ئادرىسى چىقمىسا  ، ئىچى ئاچچىق بولۇپ كەتكەن مۇبارەك يۈزلىرىنى ئالقانلىرى بىلەن تۇتقانچە ئۈن سىلىپ يىغلىۋەتتى
       - مۇشۇنداقمۇ رەزىل ئادەملەر بولامدۇ  ، نومۇس قىلماي ئۆيۈمگە تىلىفۇن قىلىپ  مىنى    «جىگدە يىلىمى » « رودىپاي  » « جوبو » دەپ تىللاۋاتىدۇ تىخى « قوسۇۇغۇمدا خالىقنىڭ بالىسى بار » دىگىنى نىمىسى ئەمدى قىلغان بۇزۇقچىلىقىدىن پەخىرلىنىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ بۇ رەسۋا ؟ ئۆينى بىكار قىل دەيدۇ تىخى ئۇف  ۋاي يۈرۈگۈم - مۇبارەك ئوڭ قولى بىلەن سول مەيدىسىگە يەڭگىل ئۇرۇپ قويدى ،
     مۇبارەك بۇ يەكشەنبىنى مۇشۇنداق كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بەكمۇ تەستە كەچ قىلدى ، ئەتىسى ئاران ئورنىدىن تۇرغان مۇبارەك ئىشقىمۇ كىچىكىپ باردى ، لىكىن ئىشخانىدا قولى پەقەت ئىشقا بارمىدى ، ئاخىر ئۇ ئېرىغا يەنە تىلىفۇن قىلدى ، تەلىيىگە تىلىفۇن ئۇلاندى
       - ۋەي ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ - تىلىفۇندىن خالىقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى
       - ياخشى ئۆزىڭىزچۇ ؟ تۈنۈگۈن تىلىفۇن قىلسام تىلىفۇنىڭىز ئىتىككەن  - مۇبارەكنىڭ بۇرنى زىڭڭىدە ئىچىشتى - دە كۆزلىرىگە يىغا يامىشىپ ئاۋازى تىترەپ چىقتى - قاچان قايتىپ كىلىسىز ؟
      - نىم بولدى ؟ ئاۋازىڭىز بىر قىسمىلا چىقىۋاتىدۇ ، ئاغرىپ قالمىغانسىز ؟  مىنى سىغىنىپ يىغلاۋاتامسىز - يە؟ - مۇبارەك ئۆزىنى ئاران - ئاران تۇتۇپ ئولتۇردى ، ئەگەر بۇ يەر ئىشخانا بولماي ئۆي بوپ قالغان بولسا خالىقنى نىمىلەرنى دەركىن تاڭ ،
     - ئازراق زۇكام بوپ قاپتىمەن ، شۇڭا ئاۋازىم مۇشۇنداق بوپ قاپتۇ
     - دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دورا يەڭ ، سىز ئاغرىپ قالسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن -دىدى خالىق كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا - مەنمۇ مۇشۇ ئۈچ - تۆت كۈن ئىچىدە ئۆيگە بېرىپ بولىمەن ، ئاڭغىچە ئۆزىڭىزنى ياخشى كۈتۈڭ
بارغاندا كۆرۈشىلى ئەمىسە خوش
     - ماقۇل خوش ئەمىسە - مۇبارەك تىلىفۇننى قويدى ئاندىن پاتىمەگە تىلىفۇن قىلىپ سىرتتا بىللە ناشتا قىلىشنى ئىيتىپ ئىشخانىدىن چىقتى ، ئۇ ئىككىسى بىنا ئالددىلا ئۇچۇرشۇپ ئىدارە يىنىدىكى كىچىككىنە بىر ئاشخانىغا كىردى - دە ناشتا قىلىشتى، ئارلىقتا مۇبارەك پاتىمەگە تۈنۈگۈن ئۆيىگە كەلگەن  تىلىفۇن  توغۇرلۇق
بىرنىمۇ قالدۇرماي يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تولۇق سۆزلەپ بەردى ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان پاتىمەنىڭ ئاغزى ئىچىلىپلا قالدى
       - ماڭا قارا مۇبارەك ، مەن ساڭا بىر مەسلاھات بېرەي ، بىز ھازىر تىلىگىراف ئىدارىسىغا بېرىپ تۈنۈگۈن ئۆيۈڭگە كەلگەن تىلىفۇننىڭ نۇمۇرىنى تاپايلى ، شۇ ئارقىلىق ئۇ بۇزۇقنى تىپىپ ئەدىپىنى راسا بىرەيلى ، بولامدۇ ؟ مۇشۇنداق قىلىپ تۈنۈگۈنكى قوساق كۆپۈكىڭنى چىقىرمىز تازا
      - شۇنداق قىلساق بولامۇ ؟
      - بولامۇ دىگەن نىمە گەپ ، ئەلۋەتتە بولىدۇ ، يۈرە
     ئۇلار تىلىگىراف ئىدارىسىغا كىلىپ بىر تونۇشى ئارقىلىق تۈنۈگۈن مۇبارەكنىڭ ئۆيىگە كەلگەن تىلىفۇنلارنى سۈرۈشتە قىلغانتى ، بەكمۇ ئەپسۇس بۇ يىراق بىر شەھەردىكى ئاممىۋى تىلىفۇن بولۇپ چىقتى ، ئۇ ئىككىسى تىلىگىراپ ئىدارىسىدىن بىشىنى ساڭگىلاتقانچە سالپىيىپ چىقىشتى ، ئەمدى خالىقنىڭ كىلىشىنى كۈتۈشتىن باشقا ئامال قالمىغانتى ،

      خالىق كەلگۈچە مۇبارەك بۇ كۈنلەرنى بىر خىل بىئاراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى ، دىگەندەك خالىق ھەپتىنىڭ تۆتىجى كۈنى ئۆيگە كىلىپ بولدى ، كەچلىك تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن مۇبارەك بۇ گەپنى نەدىن باشلاپ دىيىشنى بىلمەي بىر ھازا ئولتۇردى ، بۇرۇنمۇ ئەنۋەر بىلەن مۇشۇنداق كۈندەشلىك سەۋەبىدىن تولا جىدەل قىلىپ ئاجىرشىپ كەتكەن بولغاچقىمىكىن بۇ  گەپنى دىيىشتىن سەل ئىككىلىنىپ قالدى ، ياق ئارسال بولما مۇبارەك ، بۇ قىتىمقى ئىش بۇرۇنقىغا ئۆخشىمايدۇ ، بۇ قىتىم خەخ ئۆيۈڭگە تىلىفۇن قىلىپ سىنى شۈنچە تىللىغان تۇرسا تىخى نومۇس قىلماستىن  < قوسۇغۇمدا خالىقنىڭ بالىسى بار > دىگەن تۇرسا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرساڭ بولماس ، غەيرەت قىل مۇبارەك . ئاخىر مۇبارەك غەيرەتكە كەلدى :

      - خالىق ، سىز بىلەن ئازراق پاراڭلىشاي دىگەنتىم

      - نىمە ئىشتى قىنى دەڭ

     - يەكشەنبە كۈنى ئۆيگە بىر ئايال تىلىفۇن قىپتىكەن - مۇبارەك گەپ قىلغاچ خالىقنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇردى - مىنى بەك ھاقارەتلەپ تىللىدى ئاندىن < قوسۇغۇمدا خالىقنىڭ بالىسى بار > دەيدۇ  مەن بۇنى ئاڭلاپ بەكلا چۆچۈپ كەتتىم بۇ زادى نىمە گەپ - مۇبارەك ئۆزىنى تەستە تۇتىۋىلىپ ئولتۇردى

       - كىمكەن ئۇ ؟ - خالىق تىلىۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپ پەرۋاسىز ھالدا سوردى

       - كىملىكىنى مەن نەدىن بىلەي - ئارقىسىدىن مۇبارەك تىلىگىراف ئىدارىسىغا بارغان ئىشنىمۇ دىمەكچى بولدىيۇ خالىقنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاغزىنىڭ ئۇچىغا كەلگەن گەپنى يۈتىۋەتتى

        - ئەمىسە كىمدۇ ئۇ ؟ - خالىق ئويلانغاندەك قىلىپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن - بىزنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىمىزغا كۆزى قىززىرۋاتقانلاردىن بىرەسى چىدىماي قىلغان ئىش ئوخشايدۇ قەدىرلىكىم ، خاتىرجەم بولۇڭ ، ماڭا ئىشىنىڭ ، مەن ھەرگىزمۇ سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن

       مۇبارەك بۇنىڭغا ئىشەنسۇنمۇ ، ھازىرچە ئىشەنمەيمۇ ئامال يوق ، كۈندەشلىك سەۋەبىدىن ئەنۋەر بىلەن  ئاجىرشىپ قىزى يىتىم بولدى ، ئەمدى يەنە شۇنداق ئىش بوپ قاسا قىزىغا ئوغلى قوشۇلمامدۇ ؟ ئۆز ۋاختىدا ئەنۋەرگە بىھۇدە گۇمانخورلۇق بىلەن قارغان ، لىكىن ھازىرقى ئىش ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، مۇبارەك راستىنلا خورلانغاندەك ھىس قىلدى ، شۇنداقتىمۇ مۇبارەك ئۆزىنى ئاران - ئاران تۇتىۋالدى ، نىمىشقىمۇ بۇرۇن ئەنۋەرگە مۇشۇنداق سوغۇق قانلىق قىلمىغان بولغىيدى ،

       سىز ماڭا ئىشەنمەمسىز ؟ - خالىق مۇبارەكنىڭ مورىلىرىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى - سىزنىڭ خاپا بولۇشلىرىڭزمۇ شۇنداق ئوماقكەن چىرايلىغىم ، مىنىڭ گۈلۈم خاپا بولماڭ ، ئۇنداق تىلىفۇنلارغىمۇ ئىشىنىپ يۈرمەڭ ماڭا ئىشىنىڭ ئېرىڭىزغا ئىشىنىڭ - خالىق ئۇنىڭ چاچلىرىنى پۇراپ ئاستا باغرىغا باستى

     خالىق بۇ قىتىم ئۆيدە ئىككى ئايدەك تۇرۇپ قالدى  ، ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە تىجارەت ئىشى بىلەن سەپەرگە چىقىپ كەتتى ، خالىق كىتىپ ئۈچۈنچى كۈنى كەچ سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا ئۆيگە يەنە تىلىفۇن كەلدى ، تىلىفۇننۇ مۇبارەك ئالدى

      - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

      - سىز تىخى يەنە مۇشۇ ئۆيدىمۇ ، نىمانداق بىزەڭ خوتۇن بۇ ، خالىققا رودىپايدەك چاپلىشىپ ئولتۇرغۇچە ئۆينى بىكارلىسىڭىز بولمامدۇ ،

      - سەن زادى كىم نوچى بولساڭ كىملىكىڭنى بىر دىگىنە

      - مىنىڭ كىملىكىمنىچۇ ئاۋۇ خالىقتىن سورساڭ شۇ ئوبدان دەپ بېردۇ ،

      - قانداق نومۇسنى بىلمەيدىغان بۇزۇق نىمە بۇ ............

      - ھەي كىم بۇزۇقكەن - مۇبارەكنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى ئاغزىدىلا قالدى - سەن ساق بولغاندىكىن بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىپ ئولتۇرماي بۇ ئۆيدىن يوقال - مۇبارەكنىڭ بىشىدىن بىر قاپاق مۇزدەك سۇ قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ جالاقلاپ تىترەپ كەتتى ھەم تىلىفۇننى قويۋەتتى ، ئۇنىڭ چىرايى ئۆم سۆرۈن تاتىرىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇ بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن ئۆزىنى سەل توختىتىۋىلىپ ئېرىغا تىلىفۇن قىلدى ، ئېرىنىڭ تىلىفۇنى ئالدىراش چىقىتى ، مۇبارەك توختىماي تىلىفۇن قىلىۋەدى ، ئېرىنىڭ تىلىفۇنىمۇ ئالدىراش چىقىۋەدى ، مۇبارەكنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنى تەسۇۋۇر قىلىش بەكلا تەس ، ئالاھەزەل يىرىم سائەتلەردىن كىيىن ئاندىن تىلىفۇن ئۇلاندى

      - نىمە قىلىۋاتىسىز - مۇبارەك ئېرىغا ئاچچىق بىلەن توۋلىدى

      - نىم بولدى نىمە دەپ بىكاردىن ماڭا توۋلايسىز - دىدى خالىقمۇ زەردە بىلەن توۋلاپ  

      - ھېلىقى بۇزۇق بايام يەنە تىلىفۇن قىپتۇ ، - مۇبارەك ئۈن سىلىپ يىغلىۋەتتى   

      - سىزمۇ تىللىسىڭىز بولمامدۇ - دىدى خالىق تىزلا يۇمشاپ مۇلايىم تەلەپپۇزدا  - زادى كىمدۇ بۇ خاپا بولمىڭە ئاپپىغىم ، سىز بۇنداق يىغلىسىڭىز مەن چىدىماي قالىدىكەنمەن - خالىق بىر مۇنچە تاتلىق گەپلەر بىلەن مۇبارەكنىڭ ئاغزىنى جىملىدى  ، بىراق ئىش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى ، بىر ھەپتىدىن كىيىن خالىق قايتىپ كەلدى شۇ كۈنى كەچتە ئۆيگە يەنە تىلىفۇن كەلدى ، بۇ قىتىم تىلىفۇننى خالىق ئالدى

      - ۋەي

      - بامۇ سىز قەدىرلىكىم ، يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ؟ مىنى شۇنداقمۇ تاشلىۋىتەمسىز  - تىلىفۇندىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى چىقتى ، خالىق تاتىرىپ كەتتى

      - كىم سىز ؟

       - كىم دەيسىزغۇ بۇ ................ خالىق تىلىفۇننى تىزلا قويۋەتتى

       - كىمكەن - سورىدى مۇبارەك خالىققا گۇمان نەزەرى بىلەن قاراپ

       - خاتا ئۇرۇپ قاپتۇ - جاۋاپ بەردى خالىق مۇبارەكنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ - ئاڭغىچە خالىقنىڭ تىلىفۇنى سايراپ كەتتى ، خالىق تىلىفۇنىنى ئىلىپ بولغۇچە مۇبارەك تارتىپلا ئالدى ، قارشى تەرەپتىن يەنە شۇ بۇرۇنقى ئاۋاز

         - نىمانداق گەپ قىلىۋاتسام تىلىفۇننى قويۋىتىسىز

          - ھەي رەسۋا پاسكىنا نومۇسنى بىلمەمسەن - دىدى مۇبارەك زەردە بىلەن

         - ۋاي - ۋۇي  يەنە سەن بۇدۇشقاق ئىكەنسەنغۇ ، ئەجەپ گەپ ئۆتمەيدىغان نىمىكەنسەن .......... تىلىفۇننى خالىق دەرھال تارتىۋالدى ھەم تىزلا ئىتىۋەتتى  - شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيدە ئۈچۈنچى دۇنيا ئۇرشى پارتىلىمىدى لىكىن باشقىسى ھەممىسى بولدى ، مۇبارەك ئاغزىنى قويۋىتىپ جاھاندىكى ھەممە يامان گەپ بىلەن خالىقنى تىللاپ ئانىسىندىن تۇغۇلغانغا تويغۇزىۋەتتى ، خالىقمۇ باشتا چىرايلىق گەپلەر بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئەپۇ سوردى ، بۇمۇ بولمىغاندىن كىيىن ۋاقىراپ - جاقىراپ بىسىم ئىشلەتتى ئاخىرى يالۋۇرۇپمۇ باقتى ، ياھ پانا ،  7 - ئايدا كەلگەن كەلكۈننىمۇ توسىۋالغىلى بولاتتى بىراق بۇ مۇبارەكنىڭ ئاغزىنى توسىيالمىدى بىر كىچە جىدەل بىلەن ئۇخلىيالمىغان مۇبارەك ئەتىسى ئىدارىغا تىلىفۇن قىلىپ قويۇپ ئۆيدە ئارام ئالدى ، خلىقمۇ سىرتقا چىقمىدى ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ كەيپىياتى شۇچىلىك ناچار ، ئىچى سىقىلىپ كەتكەن مۇبارەك چۈشكە يىقىن ئانىسى بار ئۆيگە باللىرىنى كۆرگىلى يىنىپ كەلدى ، چۈشتە كەلگەنچە كەچلىك تاماقنىمۇ شۇ ئۆيدە يەپ ئاندىن ئۆيگە قايتتى ، ئۇ ھويلا ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كىلىشىگە خالىقنىڭ بىرسى بىلەن تىلىفۇندا سۆزلەشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى لىكىن نىمە دىگىنىنى پەرىق قىلغىلى بولمايتتى ، ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن مۇبارەكنى كۆرگەن خالىق سەل ھودۇقتى ھەم تىزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى-دە < بىر دوستۇم تىجارەت توغۇرلۇق تىلىفۇن قىپتىكەن ، مەن بېرىلا كىلەي > دەپلا چىقىپ كەتتى



       داۋامى بار  

  

        


كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3260
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31357
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3610 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 12 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلا دوسلۇرۇم ، ئالدىنقى كۈنى خىلى كۆپ يازغانتىم يوللاي دەپ بولغۇچە توك ئۆچۈپ قىلىپ يازغان نەرسەم يوق بولدى ، قىرىشقاندەك يىللىق خىزمەت باھالىشى دەپ خىزمىتىم ئالدىردش بوپ قالدى ، ھېيت ئالدىرشى تىىخى ، مىنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشلارنى بەك سۆرەپ قويغان بىلەن خوشۇم يوق ئىدى ، بۇ قىتىم مۇشۇنداق بوپ قالدى ، كەچۈرۈڭلا  ، بۇنىڭ ئاخىرىنى يىزىپ بولالمىغانچە ئۆزەممۇ بەكلا جىلە بوپ قالدىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 11 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش