مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 69817|ئىنكاس: 292

كۆڭۈلسىز نىكاھ ( نازىلە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3267
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 31707
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3628 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 03:27:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                              كۆڭۈلسىز نىكاھ

                                                 ( ھىكايە )


        مۇبارەك ئۈچ نىكاھلىق بولدى ، بىراق ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدى ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە گۇمانخورلىقى ، كۈندەشلىكىنىڭ يامانلىقى ، باشقىلارغا ئىشەنچىسىز قارايدىغانلىقى ، ئۇرۇشقاق ۋاتۋاتلىقى سەۋەپ بولدى ، لىكىن بۇنى ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئەسكى مىجەزىدىن كۆرمەي ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزى تاپقان يىگىتكە بەرمىگەنلىكىدىن كۆرۈپ قاقشاپلا يۈرۈيدۇ ،
        < كونىلار نىكاھ غايىپ > دەيدىكەن ، ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىكەن ،  ھەر بىر ئادەمنىڭ ياشاش يولىدا كۆڭلىگە پۈككەن نىشان ھەم ئارزۇ ئىستەكلىرى بولغاندەك نىكاھتىمۇ كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە ، بىراق گەپ ئەشۇ كۆڭلۈڭگە پۈككەن ئادىمىڭ بىلەن بىللە  ئۆتەلەمسەن - يوق بۇ بىر گەپ ، مۇبارەكمۇ ئوقۇش پۈتۈش ئالدىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ساۋاقدىشى دىلشات بىلەن نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلىشىپ يۇرتلىرىغا قايتىشتى ،
      - ئاتا - ئانىڭىزنى قايىل قىلالامسىز ؟ - سورىدى دىلشات
      - خاتىرجەم بولۇڭ ، چوقۇم قايىل قىلىمەن
      - ئاتا - ئانىڭىز ئارلىقنى يىراق كۆرۈپ قوشۇلماسمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن
      - دىدىمغۇ خاتىرجەم بولۇڭ دەپ ، مەن ئۇلارنى چوقۇم قايىل قىلىمەن
      - ......................................................
       بۇ ئىككىلەيلەن بىر - بىرىگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرشىپ يۇرتلىرىغا قايتىشتى ئەپسۇس ، مۇبارەك يۇرتىغا قايتىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئانىسى ئۇنىڭغا خوشنا ناھىيەدىكى بىر شىرەم تۇققۇنىغا تويىنى قىللىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى توي تەييارلىقىنىڭ پۈتۈپ قالغانلىقىنى پەقەتلا مۇبارەكنىڭ خىزمەت تەخسىماتىغا قااپ قالغانلىقىنى ئېيتتى ، بۇنى ئاڭلىغان مۇبارەك خۇددى قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك بىئارام بولۇپ تولغۇشۇپ كەتتى ،
        - چىرايىڭ بىر قىسما بولۇپ تاتىرىپلا كەتتىڭغۇ ، نىمە بولدى ؟ - سورىدى ئانىسى مۇبارەكتىن ،  
        مۇبارەك نىمە دىيىشىنى بىلمىدى ، ئەمدى بولغاندا ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن ، شۇنداق بولسىمۇ دىيىشى كىرەك ئەلۋەتتە ، ئۆزەڭ ياخشى كۆرگەن كۆڭلۈڭدىكى يىگىتىڭ تۇرۇپ ، كۆڭلۈڭ چۈشمىگەن بىراۋلار بىلەن بىر ئۆيدە ئۆتۈش ئۇنداق ئاسان بولمىسا ، بۇنداق كۆڭۈلگە تالىق ئىشلاردا ياخشىراق ئويلاشمىسا قانداق بولىدۇ ؟
       - ئانا بۇ ئىشتا سەل ئالدىراپ قالدىڭلامۇ قانداق ؟ ماڭا مەسلاھاتمۇ سالماپسىلەر ،
       - بىز تۇرغان يەردە ساڭا مەسلاھەت سىلىش ھاجەتسىز ،
       - بۇنداق دىسەڭ قانداق بولىدۇ ئانا ، مىنىڭمۇ ............. - مۇبارەك گەپنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي قىزىرىپ يەرگە قاراپ تۇرۇپ قالدى  ، گەپنىڭ تىگىگە يەتكەن ئانىسى ئۇدۇللا سورىدى
       - يىگىتىڭ بامىتى ؟ بار بولسا نەلىك يىگىت ئۇ ؟
       - شۇنداق باتتى ، قەشقەردىن
       - نى.... نىمە ؟ قەشقەردىن ، نىمانداق نىرۋامنى ئۆرلىتىدۇ ماۋۇ ساراڭ قىز ، قەشقەر نەدە ، سەن نەدە تۇرۋاتىسەن ئارلىقنىڭ يىراقلىقىنى ئويلاشمىدىڭما ، سەن بۇنداق دەپ تۇرۋالدىغان بولساڭ خىزمەت تەخسىماتىڭغا قارمايلا تويۇڭنى قىلىۋىتىمەن ، ئۇ يىگىت بىلەن توي قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلما - ئانىسى ئاچچىقلانغان پىتى سىرتقا چىقىپ كەتى ، لىكىن مۇبارەك بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي ئانىسى بىلەن خىلى كۆپ تىركەشكەن بولسىمۇ ھىچقانداق پايدىسى بولمىدى ، شۇنداق قىلىپ مۇبارەك ئانىسىغا تەسلىم بولدى ، قانداق قىلىدۇ ئارانلا بىر  ئانىسى تۇرسا  ئۇ قولىغا قەغەز قەلەم ئىلىپ  يىغلاپ ئولتۇرۇپ ئائىلىدىكى بولغان ئىشلارنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ دىلشاتقا بىر پارچە خەت يىزىپ سىلىۋەتتى ...............
     يىگىت تەرەپ بۇرۇنلا ئويلۇشۇپ مۇبارەكنىڭ خزمىتىنى ئۆزلىرى بار ناھىيەنىڭ مائارىپ ئىدارىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى ، دىگندەك خىزمەت تەخسىم قىلىنىپ بىرە ئاي بولمايلا ئۇلارنىڭ تويى بولدى ، ئۆزى رازى بولمىغان تۇرمۇشىنى بىر خىل بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان مۇبارەك بىر يىرىم يىلدىن كىيىن ئوماق قىزدىن بىرنى تۇغدى ، مۇبارەكنىڭ يولدىشى  ئەنۋەر ناھىلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەيتتى ، ئۇ كىشى ئائىلىدە مەسۇلىيەتچان ، ئاق كۆڭۈل سەمىمى ئادەم ئىدى ، ئۇ مۇبارەكنى شۈنچە قەدىرلىدى ، بولۇپمۇ قىزى تۇغۇلغاندىن كىيىن تىخىمۇ كۆينىدىغان بولۇپ كەتتى ، ئەكسىنچە مۇبارەك جىدەلخور يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئەنۋەر بىلەن سوقۇشىدىغان بولۇپ قالدى ،
      يىل ئاخىرى بولۇپ قىلىپ ئەنۋەر خىلى ئالدىراش بوپ قالدى ، بەزىدە بەك كەچ قايتىدىغان ھەتتا بەزى كىچىلىرى ئۆيگە قايتالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇردى ، بۇنداق چاغلاردا مۇبارەكنىڭ ئازى بىر ئىچىلسا يۇمۇلامدىغان بۇ ئىغىز ،
       - ئاخشام نەگە بادىڭىز ؟ - ئەنۋەر تولا ئاڭلاپ قۇلىقى سىسىپ كەتكەن بۇنداق سۇئاللارغا زېرىكمەي ئولتۇرۇپ جاۋاپ قايتۇردۇ
        - ئەتە ئىچىلىدىغان يىغىن بار ئىدى ، شۇ يىغىننىڭ تەييارلىقى بىلەن كىلەلمەي قالدىم
        - تايىنلىق ئىشخانىڭىزدىكى مىكىجىنلىرىڭىز بىلەن رىستۇرانلارغە بىرىپ ئولتۇرۇپ كەلگەنسىز ھەقاچان
        - ھەي ! گىپىم بار دەپ قىلىۋەمەڭ جۇمۇ
        - قانداق قىلاتتىڭىز نومۇسنى بىلمەيدىغان ............................ - چارچاپ كەتكەن ئەنۋەر ئارتۇق گەپ تالاشقۇسى كۆلمەي ياتاق ئۆيگە كىرىپ يوتقاننىڭ بىشىغا پۈركەپ يىتىۋالاتتى ، مۇبارەكنىڭ قاچانلادا توختاپ يىتىپ قالغىنىنى تۇيماي قالاتتى ، مانا بۈگۈن جىدەلنىڭ يوغىنى چىقتى ، ناھىيەدە ئىچىلدىغان ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىنىڭ تەييارلىقى بىلەن تۆت كۈندىن بىرى چارچاپ ئاران ئۆيگە كەلگەن ئەنۋەر مۇبارەكنىڭ قار - يامغۇردەك تىللىرىغا كۆمۈلۈپلا قالدى .....................
       ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى مانا مۇشۇنداق كۆڭۈلسىز ھالەتكە كىلىپ قالدى ، ئەنۋەر بۇ تۇرمۇشتىن زىرىكتى ، چارچىدى ئۇ ھېرىپ كەلگندە ئايالىنىڭ < كەلدىڭىزمۇ > دەپ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن  قىززىققىنە بىر پىيالە چاينى  ئالدىغا ئىلىپ كىلىشىنى ، ئاغزىغا تىتىغۇدەك ياخشى بىر ۋاخ ئۆي تامىقى يىيىشنى ، ئاخشاملىرى تىنىچ ئارام ئىلىپ قىنىپقىنا ئۇخلاشنى ، ئايالى بىلەن ئىناق ئامراق ئۆتۈشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى ، ئەمما تۇرمىشى پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىنچە بولۇۋاتاتتى ئەنۋەرنىڭ نەزىرىدە بۇ ئۆينى دوزاخقا ئوخشاتسا ھەرگىز كەمىلك قىلمايتتى ، ھەي !!!!!!!!!! ئادەم ئۆي دىگەننى نىمە دەپ تۇتىدۇ ..........................
     ئايالىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي ئۆيدىن زىرىككەن ئەنۋەر بارا - بارا ئۆيگە كەمدىن - كەم كىلىدىغان بولىۋالدى ھەتتا ھەپتىلەپمۇ سىرتتا قونىدىغان بولىۋالادى ، بۇ ئىشلارغا ئىچى قان بولۇپ كەتكەن مۇبارەك ئېرى ئۆيگە كەلگەن بىر كۈنى ئاغزىنى بەك سەت بۇزۇپ تىللىۋەتتى
       - ھەي ! شوۋچى رەسۋا  نەچچە كۈندىن بىرى ئۆيگە كەلمەي نەلەدە قايسى  بۇزۇقلار بىلەن يۈردۈڭ ؟
       - ئاغزىڭنى بۇزما ساراڭ ، بولمىسا ھىلى بىكا ...........
       - بۇزىمەن تازا  قانداق قىلالاييتىڭ  ھۇ نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بۇزۇق رەسۋا ئپلاس مۇناپىق.............. قار يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان بۇ تىل ئاھانەتلەرگە چىدىمىغان ئەنۋەر مۇبارەكنىڭ كاچىتىغا كەلتۈرۈپ بىرنى سىلىۋىدى كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتتى ھەم دۈگجەگەن پىتى ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئۈسىۋالدى ، ئەنۋەر شۇ يەردىلا چاپىنىنى ئىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ، ئەتىسى مۇبارەك ئەنۋەرنىڭ ئىدارىسىغا بېرىپ بىرمۇنچە سەتلەشكەندىن كىيىن :
      -  ئاجىرشىمەن ، نوچى بولساڭ خىتىمنى بەر ، سەندەك ھايۋان بىلەن مۇشۇنداق ئۆتۈپمۇ كۈنما بۇ ماڭا
      - مىنى ئاجراشقۇسى يوق دەمسەن نىم بوپتىكەن سەن بىلەن ئاجراشماي ، مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ ، مۇشۇمۇ تۇرمۇش بولدىمۇ ، سەنمۇ بىر خوتۇم كىشى بولدۇڭمۇ ؟ ھۇ ساراڭ  - ئاڭغىچە ئەنۋەرنىڭ خىزمەتداشلىرى ھە - ھۇ قىلىپ جىدەلنى ئاجراتقان بولدى ھەم مۇبارەكنى ئۆيگە يولغا سىلىپ قويدى ، ئەتىسى بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان  ئىككى تەرەپتىكى چوڭلار  بۇ ئىككىسىگە بىرمۇنچە تەربىيە قىلىپ قايتىشتى ، بىراق ئەنۋەر باشلقىغا دەپ يۈرۈپ ئىدارىغا كەلگەن ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇشقا بېرىلگەن بىر ساننى ئۆزى ئىلىپ ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتى


        داۋامى بار ، ئىنكاس شەكلىدە يىزىلىدۇ  


         مەنبە : نازىلە  



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
XERHAN + 111 مەدەت تىلەيمەن
gulbaxikar + 100 ياخشى يېزىپسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 411   باھا خاتىرىسى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14515
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5470 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 12:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ماۋۇ قىزنىڭ ئۇقۇغان چاغدىكى يۈرگەن قەشقەرلىك يىگىتى بىلەن مۇناسىۋىتى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا كىرەك ....................كۈزىتىشىمچە مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىرى بىلەن چىقىشالمايدىكەن .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82275
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 01:23:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ساخلاپ قالدۈق

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3267
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 31707
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3628 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 01:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك تورداشلار ، مىنىڭ ئەسلى تولۇق يىزىپ يوللىۋەتكۈم بار ئىدى ، ئاخشام كەچرەك باشلاپتىكەنمەن ، بەك كىچە بوپ كىتىپ يازغىنىمنى يوللاپ تۇردۇم ، داۋامىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يىزىپ يوللايمەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 852
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 01:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-9-30 12:50 PM
ماۋۇ قىزنىڭ ئۇقۇغان چاغدىكى يۈرگەن قەشقەرلىك يىگىتى  ...

ئۇنداق قالايمىقان گەپ قىلماڭ،بىلمەي تۇرۇپ .تەكشۈرمىگەن كىشىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقوقى يوق.
بۇ ۋەقەلىك راست بولسۇن ياكى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولسۇن خۇدايىم تۆۋە دەپ ئاللاھقا تۆۋە ئىستىغپار ئىيتايلى،كەلگۈسىدە سىزنىڭمۇ قىزىڭىز بولىدۇ،بۇرۇن يۇرت ئاتلاپ كەلسە ھازىر بوسۇغا ئاتلاپ كىلىدۇ دەيدىغان گەپ بار،قىرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 852
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 01:51:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا،ئاخىرىغا تىلەكداشمەن

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9720
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5087 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 02:09:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىي تورمۇشقا يىقىن شۇنداق ياخشى ۋەقەلىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈپسىز، نورغۇن ھىكايە پوۋىستلاردا ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشىدا تولاراق ئەر پىرسۇناژ سىرتقا قارايتتى، سىز بۇ ھىكايىڭىز ئارقىلىق گۇناھنىڭ بىر تەرەپتىلا ئەمەسلىكىنى ئاياللارمۇ مەسئولىيىتىنى تولۇق تۇغرا ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ياخشى ئىچىپ بېرىپسىز،   ئاخىرىغا تەشنامەن!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97960
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2673
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 02:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-9-30 12:50 PM
ماۋۇ قىزنىڭ ئۇقۇغان چاغدىكى يۈرگەن قەشقەرلىك يىگىتى  ...

توغرا دەيسىز ، ئالىي مەكتەپ قىزلىرى تويدىن بۇرۇن ئوغۇللارغا قىزغىن بولۇپ كەتكەچكە تويدىن كىيىن شۇ بۇرۇنقى قىزغىنلىقنى ئەسلەپ تويدىن كىيىن يولدىشى بىلەن چىقىشالماسلىقى مومكىن . خۇددى بىر تۈپ كۆچەتنى باشقا يەرگە ئاپىرىپ تىككەندەكلا

خەلق ، خەلق ، يەنىلا خەلق ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1861
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 02:52:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى  2013-9-30 02:09 PM
ئەمەلىي تورمۇشقا يىقىن شۇنداق ياخشى ۋەقەلىكنى ئەكىس ئ ...

نەخ گەپ جۇما ماۋۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1861
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 02:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-30 01:50 PM
ھۆرمەتلىك تورداشلار ، مىنىڭ ئەسلى تولۇق يىزىپ يوللىۋە ...

داۋامىنى يوللاپ بولۇپ ‹جاھاندىكى ئىشلار›غا چىقىرۋىتىڭە جۇما
قىزقىپ قالدىم!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش