مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: زۇبەييا

ناتونۇش قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى (زۇبەييا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10969
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:30:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ،يۈركىنى يۈتتۈرۋەتكەن يالغۇز بىرلا ئەمەسكەن ،داۋاملىق يېزىۋېرىڭ ،داۋامىنى كۈتىمە

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109663
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 400
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:25:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق قالايمىقان  تاقا تۇققا رۇھىي ھالەت ئىچىگە چۇشۇپ قالغاندۇ دەپ ئۇيلىسام بۇنىڭمۇ سەۋەبى ئۆزگىچىكەن ئەمەسمۇ ؟ . . . داۋامىغا قىزىقىۋاتىمىز...

دەرت ئېيتما '  دۇئا ئېيىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110238
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 02:46:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ناتۇش قىز چىقتى . داۋامىغا تەشنامەن 。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110238
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 02:46:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ناتۇش قىز چىقتى . داۋامىغا تەشنامەن 。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103833
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 04:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزرەك يېزىڭە قىزىقىپلا قالدىم

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 09:02:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    داۋامى ............



      مەكتەپ ئالدىغا چىقىپ مەن سۈرىتىنى كۆرگەن ھېلىقى  ‹‹ياۋا كالا››نى  ھىچيەردە كۆرمىدىم . ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم . ئۇ تىلىفۇنۇمنى بىسىۋىتىپ ئۆزى قايتۇردى .
__ ۋەي ! __ تىلىفۇننى شۇنچىلىك قوپال ئالدىم .
__ نىمانچە ئاچچىقىڭىز ياماندۇ ھە سىزنىڭ ؟ ماشىنىغا چىقىپلا خۇددى مىنى  يەپ كىتىدىغاندەكلا قورقىتىسىزغۇ؟ بۇنچە چىچىلماڭ . كەينىڭىزگە قارىڭە .
كەينىمگە شۇنداق ئۆرىلىپ قارىشىمغا سىرلىرى پارقىراپ تۇرغان قاپقارا بىر نىسساننىڭ ئالدى ئىشىكى ئىچىلدى . مەن ماشىنا يىنىغا كەلدىمدە ئالدى ئىشىكنى كۈچەپ يىپىۋىتىپ ئارقا ئىشىكنى ئېچىپ ماشىنىغا چىقتىم .
__ ئاتايىن سىزنى ئالدىغا چىقىدۇ دەپ ئىشىكنى ئىچىپ ساقلاپ تۇرسام كەينىگە چىقىۋالدىڭىزغۇ ؟ __ دىدى ئۇ ماڭا قاراپ .
__ ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشنى ئۆچ كۆرىمەن . __ دىدىم مەن سوغۇقلا قىلىپ .
__ ئويلىغىنىمدىنمۇ ئۆزگىچىمۇ نىمە مىجەزىڭىز ؟__ دىدى ئۇ كۈلۈپ  .
__ ھە مىنىڭ مىجەزىم ئاشۇندا قوپال ھەم ئوسال . سىزگە كۆيۈپ قىلىپ كۆرۈشكىلى چىققان يېرىم يوق . گەپلىرىم  ھۆل تامغا ئىشەك تەپكەندەك بەك توڭ تىگىپ كىتىۋاتقان بولسا يولىڭىزغا مىڭىپ مىنى ئاۋارە قىلماڭ . سىزنى پوقتا ئىسرىق سىلىپ چىللاپ كەلگەن يېرىم يوق .  
__ ياۋپانا ... ھىچ بولمىغاندا كۆرۈشكەندە بولسىمۇ ئاشۇ چىرايلىق ئاغزىدىن زەھەر تامدۇرماس دەپ چوڭ ئۈمۈدلەر بىلەن ساقلىسام كۆرۈشەر - كۆرۈشمەي مىنى تويغۇزۇپ قويدىڭىزغۇ ئوماق __ دىدى ئۇ خىرىلداپ كۈلۈپ .
ئۇنىڭ خۇددى مىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك بىزەڭلەرچە كۈلۈشى ئوماق دىگەن گىپى بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ جىنىمغا پاتتى . ۋاللاھىم !! بۇ جاھاندا ئالدىمدىكى مۇنۇ ئادەم ___ بىر قولى بىلەن رولنى تۇتۇپ ماڭا قاراپ ئولتۇرغان ، رەسىمدە كۆرگىنىمدىن ئىككى ھەسسە چىققۇدەك سىمىز ، قارىمۇتۇق ، مايلىشىپ پارقىراپ تۇرغان يۈزى ۋە چىچى كىشىگە بىر خىل بىئارامچىلىق ھىس قىلدۇرىدىغان ، مونتىجو گاڭسىرىدىن  ئالدىغا ساڭگىلاپ چىقىپ قالغان قورسىقى كۆرگەنلا ئادەمگە  ھىلىلا تۇغۇۋىتىدىغان ھامىلدا ئايالنى ئەسلىتىدىغان ، سىمىزلىكىدىن ئەسلىدىنلا پاكار بويى تېخىمۇ پاكار كۆرىنىدىغان  ماۋۇ ئادەمدىنمۇ ئۆتە قىتمال قاشاڭ ئنساندىن يەنە بىرى بۇ جاھاندا بارمىدۇ ؟!
__ ۋاي تولا نېرۋامنى چاچماڭە، كۆڭلۈمنى  ئىلەشتۈرۈرۈپ!! __ دىدىم مەن زەردە بىلەن .
__ ھە ماقۇلە ، دىمىگەن بولاي . ئالدىغا چىقىڭە ئەمىسە .
__ نىمانداق  ئادەمنى بىزار قىلىسىز . ياق دىدىم ياق . چىقمايمەن !
__ ئەستا . ئەستا ... سىز كەينىدە ئولتۇرسىڭىز مەن ئۆزۈمنى سىزنىڭ شوپۇرىڭىزدەك ھىس قىپ قالىدىكەنمەن .
__ نىمە دىسىڭىز چاتىقىم يوق ئىشقىلىپ ئالدىدا ئولتۇرمايمەن . يەنە زورلىسىڭىز ماشىنىدىن چۈشۈپ كىتىمەن .
مەن شۇنداق دىدىم - دە ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىشقا تەمشەلدىم .
__ ۋاي بولدى . ئۇنچە قىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ ، نىمانچە جاھىل قىزبالا سىز ؟ __ ئۇ ئالدىراپ ماشىنىنى قوزغاتتى .
مەن سوغۇق نەزىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم . ئۇ يەنە ئېغىز ئاچتى :
__ نەگە باغۇڭىز بار؟
__ مەكتەپكە كىرىپ كەتكۈم بار .__ دىدىم مەن دەرىزىگە قاراپ .
__ ئەمدى ماشىنىغا چىققانكەنسىز ، ھىچ بولمىسا قارىشىپ ئولتۇرۇپ بىرەر ۋاخ تاماق يىمەي تۇرۇپ مەكتىپىڭىزگە  كىرگۈزىۋەتمەيمەن . __ دىدى ئۇ كۈلۈپ .
__ كىرگۈزۈۋەتمەيمىش ، مەن قاچان خالىسام شۇ چاغدا كىرىپ كىتىمەن . __دىدىم مەن ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ .
__ ئۇمۇ يوق ئەمەس . مەن بۇ يەرگە سىزنى خاپا قىلىشقا ئەمەس ، كۆڭلىڭىزنى ئۇتۇپ دوستلىشىپ ئۆزئارا ئەسرالىشىشقا چىققان . __ دىدى ئۇ بىر خىل تەبىئىي رەۋىشتە .
‹‹دوستلىشامىش . مەن بىلەن دوستلىشىمەن دىگۈچە چىچىپ پوقۇڭنى يىگىنا !!›دەپ ئويلىدىم مەن ئىچىمدە . ھەي مىنىڭ مۇشۇ ئاغزىمنىڭ ئەسكىلىكى . . .
     ئۇنىڭغا قارىدىم . تۇرقىدىن باشلىق سۈپەتلىكى چىقىپ تۇرغان بۇ ئادەم  مىنى ئاجايىپ  يىرگەندۈرىۋاتاتتى . نەچچە ھەپتىدىن بۇيانقى يۈزەكى چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا ئۇ ئاللىقاچان ئىقدىسادىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ناھايىتى تويۇنغان ئادەم . ئەمەل - مەنسەپ ، ماشىنا ، ئۆي ، بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا كەم ئەمەس . ئائىلە ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئىككى قىزى بارلىقىدىن باشقا ھىچنىمىنى بىلمەيمەن . ئەمما بىلىدىغىنىم ئۇنىڭ ماڭا دىگەن ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى  ماددىي جەھەتتىكى دەل مۇشۇ تويۇنىشتىن كىلىپ چىققان ھاۋايى - ھەۋەستىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى .
__ نەگە بارغۇڭىز بار ؟ __ قايتا سورىدى ئۇ مەندىن .  
__ مىنى تەكلىپ قىلغان ئادەم نەگە ئاپىرىشنى بىلمەي تەكلىپ قىلغانما ؟ __ دىدىم مەن جاۋابەن .
__ گەپ تىپىپ بەرگىلى بولمايدىكىنا سىزگە . دەيمەنغۇ ئەمدى ، كۆڭلى تارىتقان يەرلىرى بولسا دەپ سوراپ باقتىم .
__ سىز بىلەن ھىچ يەرگە بېرىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم .
__ ئەمىسە بىرەر يەرگە بېرىپ تاماق يەپ كەلسەك قانداق دەيسىز ؟
__ مەن سىزگە تاماق يەيمەن دىدىمما ؟
__ ۋاي ئاللا ، يەيمەن دىمىدىڭىز . مەن يەيلى دىدىم .
__ يىمەيمەن !
__ ھە ماقۇل يىمەڭ . مەن يىگەندە ئېچىڭىز تۇتۇپ قالامىكىن ؟ __ دىدى ئۇ كۈلۈپ .
__ ۋاي تولا  ئىچىمنى سىقماڭە .  __ ئۇنى سىلكىۋەتتىم .
__ھە ماقۇل ، ماقۇل . ئەمىسە ئايدورومغا چىقىپ تاماق يەيلى .
__ يەيلى ئەمەس يەيمەن دەڭ !ـــ  مەككارلىقىنى قارا، ئادەم كۆپ شەھەر ئىچىدە تاماق يىسەم تونۇش بىلىشلەر كۆرۈپ قالسا خەلقى - ئالەم ئالدىدا شەرمىساز بولۇپ كەتمەي  دەۋاتقانسەن تايىنلىق .  
__ ماقۇل ، يەيمەن .  بولغاندۇ ؟
يەنە شۇ كىشىنى سەسكىندۈرىدىغان كۈلۈشلەر .
دەرىزە سىرتىغا قاراپ ئولتۇرىۋاتىمەن . ‹‹ ئۇنىڭ تامىقىنى يەمدىم ؟ ياق ! يىمەيمەن . قىنى قانداق سەتلەشتۈرىدىغىنىمنى بىر كۆرسۇن ئۇ بوغاز كالا !››. مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرسام ئۇ يەنە گەپ باشلىدى .  
__ مۇھابىتىڭىز بارمۇ؟
__  قانداقتەك تۇرىدۇ ؟!
__ قارىسامغۇ يوقتەكلا . بۇ مىجەزىڭىزدە بىرەر ئوغۇل بالا سىزگە گەپ قىلىشتىنمۇ قورقىدۇ جىمۇ.
__ ھە ئاشتا شۇ !
__ ماڭا ئۇنچە قوپالمۇ تەگمەڭ ،  مىنىڭمۇ بىر ئەمەس ئىككى قىزىم بار . سىزگە يامان نىيىتىم يوق .
__ بۇ پاساھەتلىك سۆزلىرىڭىزدىن ئاجايىپ تەسىرلىنىپ كەتتىم . __ دىدىم مەن مەسخىرە تەلەپپۇزدا .
__ نىمە ئويلاۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن  ، مەندىن قورقۇۋاتىسىز .
__ قورقۇۋاتىسىز ؟ __ ئۇنىڭ گىپىنى تەكرارلىدىم مەن ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ .
__ ھەئە قورقۇۋاتىسىز . ئەجىبا ئۇنداق ئەمەس دىيەلەمسىز ؟
__  ئون توققۇز يىلدىن بۇيان ھەرقانداق ئادەم ئېتى بارىدىن قورقۇپ ئەمەس قورقۇتۇپ ياشاۋاتىمەن . بىلىپ قويۇڭ .
__ ۋاھ ، مىنىمۇ قورقۇتىۋەتكۈدەكسىز ئەمىسە .
__ قىلاي دىسەم ئۇمۇ تەس ئەمەس. __ ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىدىن ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم . ئۇ يەنىلا بايىقىدەك ناھايىتى تەبىئىي ، ئىپادىسىز رەۋىشتە ماشىنىنى بىر خىلدا ھەيدەپ كىتىۋاتاتتى .
__ راستىنى دىسەم  ئويلىغىنىمدىن چىرايلىقكەنسىز . ھەممىدىن بەك گىرىم قىلمىغان سەبى تۇرقىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم .
_ياقتۇرۇپ قالدىم ؟ مۇشۇ يىشىڭىزدا قىزىڭىزدەك ئادەمگە مۇشۇنداق دىيىشتىن نۇمۇس قىلمامسىز ؟ـــ مەن دىمەكچى بولغان ئاساسىي گەپنى تەشتىم .
ــــ ئىككى گەپنىڭ بىرىدە مىنى پۇتلىۋالدىڭىز ھە؟ ئەمىسە ئاساسىي گەپكە ئۆتەيلىمۇ ، راس گەپنى بۇنچە تىز قىلىشىمىز دەپ ئويلىمىغان ئىدىم . مەيلى ، بىر ھىسابتا بۇمۇ بولغىنى .
ئۆزۈمنى سەل بىسىۋالغان ئىدىم . مىنىڭ مەقسىدىممۇ ئارىنى ئوچۇق قىلىپ نىمە قىلىشىم نىمە دىيىشىمدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى ئۆزۈمدىن بەزدۈرۈش ، ئەمدى مىنى ئاۋارە قىلمايدىغان قىلىش ئىدى . ئۇ مىنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىۋاتقاندىن بۇيان ئۇنى ئەڭ رەسۋا تىللار بىلەن تىللاپ كىلىۋاتىمەن ئەمما بۇ تىللاشلار ئۇنىڭغا كار قىلىدىغاندەك ئەمەس. قىنى سەل يۇمشاقراق گەپ قىپ تۇرۇپ نىمە دەيدۇ شۇنىڭغا قاراپراق ئىش تۇتمايمەنمۇ .
ــــ ماقۇل قېنى ئاڭلاي . يۈرەك - باغرىمنى ئېرىتىۋىتىدىغان يەنە قانداق تەسىرلىك گەپ سۆزلىرىڭىز باركىن ؟
ئۇ ماشىنىنىڭ ھەممە دەرىزىلىرىنى ئىتىپ  يول چىتىگە توختاتتى ۋە ماشىنىدىن چۈشۈپ كەينى ئورۇندۇققا چىقتى . مەن كەينىمگە سۈرۈلۈپ ئىشىككە چاپلىشىپ ئولتۇردۇم . ناۋادا شۇ تاپتا تۇيۇقسىز ماشىنا ئىشىكى ئىچىلىپ كەتسە ئوڭدامغا يىقىلىپ چۈشۈپ كىتىشىم ئىھتىمالغا ناھايىتى يىقىن ئىدى .
ــــ قېنى ئاڭلاي !




داۋامى بار .........
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇبەييا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 09:12 PM  


دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 10:36:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى .........



ئۇ كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى :
__قاراڭ ، نىمىشقىكىن سىزنى قوشۇپ بولۇپلا شۇنچە قاتتىق - يىرىك گەپ قىلسىڭىزمۇ سىزگە بۆلەكچىلا مىھرىم چۈشۈپ قالغاندەك ھىس قىلدىم . مەن سىزدەك ئوچۇق ، جانلىق ئالاھىدە مىجەزگە ئىگە قىزلارنى ياخشى كۆرىمەن . مۇنداقچە ئېيىتقاندا خاراكتىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم . مىنىڭ توققۇزۇم تەل ، ھىچبىر نەرسىگە ئىھتىياجىم يوق ئادەممەن . ئەمما ئايالىمدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمەيدۇ . بۈگۈن سىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن سىزنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم . ئەگەر خالىسىڭىز بۇنىڭدىن كىيىن ئىزدىشىپ سىردىشىپ ئۆتسەك .  مەن سىزنى مەيلى ئىقدىسادىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ھىچنىمىدىن غەم قىلدۇرمايمەن . . .
       ئۇنىڭ يەنە نىمىلەرنى دەپ بىلجىرلىغىنى يادىمدا يوق . باشتىلا ئۇنىڭ مەقسىدىنىڭ  مەن بىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش  ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق روبىرو ھالەتتە ئىمكانقەدەر سىلىقلاپ تۇرۇپ يۈزۈمگىلا بۇ گەپلەرنى دىيىشىگە نىسبەتەن ئىدىيەمدە قىلچە تەييارلىقىم يوق ئىدى . ئاچچىقتىن خۇدۇمنى يوقاتتىم . ئۆزۈمنى ماشىنا ئورۇندىقىغا تېخىمۇ چۆكۈپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم . بىر كەمدە ئىسىمنى يىغسام ئۇ ئاشۇ بەدىرەڭ تەلەتى بىلەن مەندىن جاۋاپ كۈتۈپ قاراپ تۇرۇپتۇ.
ئۆزۈمنى ناھايىتى توختىتىۋىلىپ ئېيىتتىم :
__ ئايالىڭىز بىلەن يۈرۈپ توي قىلغانمىدىڭىز .
__ ياق .
__ ئۇ نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
__ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچى .
__ ئۇنىڭ مۇشۇ كەمگىچە يۈزىڭىزگە ئاياغ قويغۇدەك بىرەر ئىش قىلغان يېرى بارمۇ ؟
__ نىمە دەيدىغانسىز ؟ سىزچە ئۇنداق خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتارمەنمۇ ؟
__ ياخشى گەپ بولدى . ئەمىسە مەن چۈشەنگىنىمنى دەپ باقايمۇ ؟ سىزنىڭ قانداقتۇر مىنى ياقتۇرۇپ قالغان ياكى مىنىڭ سىزگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان يېرىم يوق . ئون توققۇز ياشلىق بىر قىز ئەللىك ياشلىق ئادەمگە ئەمەس ھەتتا توقسان ياشلىق  ئۆلۈككىمۇ مۇشۇنداق مىھرى ئىسسىق ، چىرايلىق  كۆرىنىدۇ . شۇ تاپتا كۆزلىرىمگە ئاجايىپ ئىپلاس بىر مەخلۇق سۈپىتىدە كۆرۈنىۋاتىسىز . سىز دەۋاتقان ئاۋۇ  ئىككى قىزىڭىز ئايالىڭىزدىن بولغان  ئۆز پۇشتىڭىز بولسىلا سىز بىلەن نەچچە ئون يىل ئۆي تۇتۇپ ئائىلىڭىزنى ئالقىنىدا چۆرۈپ جاپايىڭىزنى تارتىپ كەلگەن ھالال ئايالىڭىز ئۈستىدىن  ‹‹ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمەيدۇ›› دىيىشكە ھەققىڭىز يوق . سىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۆڭلىڭىز سۇ ئىچمەيدۇ ئەمەس، پەقەت زىرىكتىڭىز خالاس . نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ ئەمدى بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز خۇددى ئوڭ قولىڭىزبىلەن سول قولىڭىزنى تۇتسىڭىز ھىچقانداق سىزىم بولمىغاندەكلا بىر ئوخشاپ قالدى .  سىزنىڭ مەقسىتىڭىز مەندەك تىخى ھىچ ئىش كۆرمىگەن ، ئېغىزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى پۇراپ تۇرغان ساددا قىزلارنى كىچىككىنە پۇل پۈچەكلىرىڭىز بىلەن ئالداپ ئۆز نەپسىڭىزنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ دەپسەندە قىلىش . شۇنداق ئەمەسمۇ ئەجىبا ؟ گەپنىڭ ئوچۇقى __ مەنمۇ سىزدەك بىر دادىنىڭ قىزى. سىزگە ئاشنا بولالمايمەن .
   

داۋامى بار ...........

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12545
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32336
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4572 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 11:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى داۋامىلشىۋاتىدۇ،ھېكايە تىلىمۇ بەك جەلپ قىلارلىق چىقىۋاتىدۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 08:29:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە  دىگەن  ياخشى  يىزلغان ئەسەر بۇ

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 08:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ...........




    ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالدى . ھاياتىمدا يەنە بىر قىتىم ئىنساندىن ئىبارەت بۇ جانلىقنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ھەم  ئەڭ ياۋۇز مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . ئۇنىڭ بايا مەن قىزلىرىنىڭ گىپىنى قىلغان ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئادەمنىڭ ئەڭ ئاجىز بىر تەرىپى __ پىسخىكىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدىم .
__ ناۋادا مەن خالىسام مۇشۇ گۈلدەك چىرايىم ۋە ئون توققۇز ياشلىق قىزلارغا خاس نازاكىتىم بىلەن سىزنى ئازدۇرۇپ ئايالىڭىزنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بىرى قولىنى كۆسەي چىچىنى سۈپۈرگە قىلىپ تالاي بەدەللەر بىلەن تۇتۇپ كەلگەن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشقا ۋە  ئىككى قىزىڭىزنى تېرىك يىتىملىق كوچىسىدا سەرسان قىلالىشىمغا  تامامەن ئىشەنچىم كامىل  . مەن مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان . ئەگەر سىز خالىسىڭىز سىزنىڭ ئاشۇ جىنىڭىزدىن ئارتۇق كۆرىدىغان ئون ئالتە ياشلىق قىزىڭىزنى  نەچچە ئاي ئىچىدە يولدىن چىقىرىپ خەقنىڭ ئاستىغا كۆرپە قىلىپ تاشلاپ بېرەي . بۇ ئەمىلىيەتتە مەن ئۈچۈن ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس . پەقەت مىنىڭ ۋىجدانىم كۆتۈرسىلا ھەرقانداق پەسكەشلىك قولۇمدىن كىلىدۇ . سىز ئۆزىڭىزنىڭمۇ قىزلىرىڭىز ھىچ بولمىغاندا ئايال تائىپىسىدىن قېرىنداشلىرىڭىز بارلىقىنى ئۇنتۇپ تۇرۇپ ھىچبىر ئايانماستىن مەن ۋە مىنىڭ يىشىمدىكى  قىزلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئۆزىڭىزدەك پەسكەش كۆرۈپ  نابۇت قىلماقچى بولدىڭىز ھەتتا نۇمۇسسىزلارچە قىزىڭىزدەك ئادەمگە ئاشنا بولۇش تەلىۋىنى قويدىڭىز . مەن سىزنىڭ بۇ قىلغان ھاقارەتلىرىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۆچ ئىلىشقا ھەقلىقمەن . ئەمما بىلىپ قويۇڭ  ، ھېلىغۇ ھازىر ئاتا - ئانام تېخى ھايات  ھىچنىمىدىن غىمىم يوق . كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ھەرقانچە موھتاجلىقتا قېلىپ ھەتتا چاپىنىمنى سېتىپ خەجلىگۈدەك كۈنگە قالساممۇ قېنىمنى ساتسام  ساتىمەنكى  تىنىمنى ساتمايمەن !..
       مەن گىپىمنى تۈگىتىپ ئۇنىڭغا سەپسالدىم . ئۇنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقىنى نامەلۇم . ئەمما نىمىگىدۇر تىكىلىپ قاراشلىرىدىن گەپلىرىم ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم . بىراق ئۇ شۇنچە تىز ئۆزىنى ئوڭشىۋالدىكى يەنە بىردەمدىلا بايىقى بىزەڭلەرچە كۈلكىسى بىلەن ھاياسىز كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ :
__ راستىنى دىگەندە مەن سىزنىڭ بۇنداق گەپ قىلا دەپ ئەسلا ئويلىمىغان . ئەمما بۇ گەپلىرىڭىز مىنىڭ پۈتۈن ئەندىشىلىرىمنى يوققا چىقاردى .
__ نىمە؟ _دېدىم مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئەجەپلىنىپ .
__ ھازىرقى جەمىيەتتە سىزدەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلارغا ھەرگىز ئىشەنىچ قىلغىلى بولمايدۇ . ئىپپىتىنى يوقۇتۇپ بىرەردىن بالىنى چۈشۈرىۋىتىش بىر ياقتا تۇرسۇن  ھەتتا  بىر نەچچە خىل جىنسى  كىسەلنى يوقتۇرىۋالغان  بولىشىمۇ مۇمكىن . گەپلىرىڭىزگە ئاساسلانغاندا  مەن سىزنى خاتا تاللىماپتىمەن . ھى ھى ھى ....
      توۋا قىلدىم توۋا .....ئالاھىم سەن ياراتقان ماۋۇ بەندەڭ ماڭا نىمە دەۋاتىدۇ ھە ؟!!!! ...تىز بۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ كىتەي بۇنداق ئىپلاس ئادەمنىڭ قولىدىن ھەر بالالار كىلىشى مۇمكىن . . .
ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ بىلمەيمەن . ئۇنىڭ ماڭا دەۋاتقان ھايۋانىي گەپلىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن شۇقەدەر نەپرىتىمنى قوزغىدىكى ئەگەر قولۇمدىن كەلسە شۇ تاپتا بۇ نۇمۇسسىزنى بۇردا - بۇردا قىلىپ چايناپ تۈكۈرىۋەتسەم  دەردىم چىقمايتتى .  
شۇ خىيال بىلەن ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر دەپ تىللىماقچى بولۇپ ئىغىز ئاچماقچى بولۇشۇم ئو يوغان دىقماق قوللىرىنى مەن تەرەپكە ئۇزاتتى .مەن  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنىڭ ئېغىر گەۋدىسى ئاستىدا نەپىسىم قىسىلىپ بىسىلىپ قالدىم . بۇرنۇمغا  گۈپۈلدەپ تاماكىنىڭ ئاچچىق پۇرىقى ۋە قۇسۇققا ئوخشايدىغان ئىچىمال بىر سىسىق پۇراق ئۇرۇلۇپ كۆڭلۈم ئىلىشتى . ماشىنىنىڭ كىچىككىنە ئورۇندىقىدا ئۇنىڭ يوغان گەۋدىسىدىن قۇتۇلالماي بار كۈچۈم بىلەن تىپىرلىدىم . ئۇ خۇددى بوغاز كالىدەك ھاسىراپ شاپاشلىتىپ يۈزۋە بويۇنلىرىمغا سۆيۈۋاتاتتى . شۇ تاپتىكى ھالىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن . ئۇنىڭ ئاشۇ سىمىز بەدىنى ئاستىدا نەپىسىم يىتىشمەي ئۇنى مورلاپ تىپىشكىمۇ مادارىم قالمىدى . ئۇ بارغانسىرى خاقىراپ بىر قولىنى كەمىرىگە ئۇزاتتى . دەل شۇ پەيىتتە مەن ئالدىن تەييارلىۋالغان يىڭنىنى مەيدەمدىن سۇغۇرۇپ ئالدىمدە ئۇنىڭ بېقىنى ۋە بىلىكىگە كەينى كەينىدىن زەرىب بىلەن كۈچەپ تىقىۋەتتىم . ئۇ خۇددى توڭگۇزدەك چىقىراپ ئۈستىمدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە بېقىنىنى مۇجۇقلىغىنىچە ماڭا ۋارقىرىدى :
__ ئاناڭنى ، پاسكىنا !
مەن دەرھال ماشىنا ئىشىكى ئاچتىم -دە ، ئۆزۈمنى سىرىتقا ئاتتىم ۋە ئالدى كەينىمگە قارىماي قىچىشقا باشلىدىم . بايىدىن بېرى دەرىزە سىرتىغا قاراپ ئولتۇرغان بولساممۇ  كاللام جايىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ ماشىنىنى نەگە ھەيدەپ ماڭغىنىغا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن . قىچىۋاتىمەن ، ئوتتۇرىدىن رىشاتكا بىلەن ئايرىلغان بۇ يۇقىرى سۈرەتلىك يولدا مەن ياردەم تەلەپ قىلغۇدەك  نە بىر ئادەم  ياكى ماشىنا كۆرۈنمەيدۇ . ئارقامغا قايرىلىپ قارىيالمىدىم . توغرىسى ئۇنىڭ كەينىمدىن كىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قىلىشتىن قورقۇۋاتاتتىم . ئەمما قورۇققىنىم بىشىمغا كەلدى .
ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى مئاڭلاپ كەينىمگە قارىدىم . بايا ماڭا دوزاقنى ئەسلەتكەن قاپقارا  سانتانا ساداقتىن چىققان ئوقتەك  تىزلىك بىلەن كەينىمدىن كىلىۋاتاتتى . ئەتراپىمدا مەن يوشۇرۇنۇپ پاناھلانغۇدەك ھىچ بىر جاي يوق . ئامالسىز يەنىلا بار كۈچۈمنى يىغىپ جان - جەھلىم بىلەن قاچتى . ئەمما تەتۈر بىشانەم ، مەن شۇنچە كۈچىگەن بولساممۇ ئۇ ماڭا يىتىشىۋالدى .


داۋامى بار ............

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش