مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: زۇبەييا

ناتونۇش قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى (زۇبەييا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91969
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 05:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە مەنا بارلىقىنى تازا بىلەمىدىمغۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91969
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 05:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . داۋامىنى توت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن  شۇنداقتىمۇ مەن بۇنى زادى نىمە دەپ ئاتىشىمنى بىلمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 07:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەنمىدىم

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 08:39:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    داۋامى.........




               كۈنلەرنىڭ نىمىشقا مۇشۇنداق بىر بىرىدىن زىرىكەرلىك  ، بىزارلىق ، ئىچىدە ئۆتۈدىغانلىقىنى بىلمەيمەن .  پەقەت بىرلا بىلىدىغىنىم  ھەممە ئىشلارغا ئۆزۈمنىڭ  سەۋەپچى ئىكەنلىكىنى ،  ھىچكىمدىن ، ھىچنىمىدىن ئاغرىنىشقا قىلچە ھەققىم يوق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن .  ئۆزۈمچە بىلىش توغۇرلۇق گەپ قىلىۋاتقانلىرىمدا   تەنلىرىم شۈركەنگەندەك ، ئۆزۈمدىن يىرگىنىۋاتقاندەك بىر خىل  بىئاراملىق تۇيغۇسىغا چۆمۈۋاتىمەن .  قاچانلاردىن بېرى مۇشۇنداق ۋەيرانە ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمنى ، نە بىر ئارزۇ - ئارمانسىز ، ئەقىدە - ئىتىقادسىز ياشاپ كىلىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن . مەن ئىككى يىلدىن بېرى شۇنداق بىر تار دائىرىدە ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمنى ئىلىپ بىرىۋاتىمەن .بۇ تارغىنە تۆت  بۇرجەكلىك ھايات سەيناسى مىنى ھەردائىم چالغىتىپ كەلمەكتە . ‹‹ دەرىسخانا  __ كۈتۈپخانا __ ياتاق __ ئائىلە ››  يەنە ‹‹ ئائىلە __ ياتاق __  كۈتۈپخانا __ دەرىسخانا›› تۈنۈگۈندىن بېرى شۇنداق ئىدى . بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى . ئەتىمۇ ھەم شۇنداق بولۇشىغا ئىشەنچىم كامىل  ....

       مەن يۈرىكى يوق ئىنسانمەن . يۈرىكىمنى قاچانلاردا ئىھتىياتسىزلىقىمدىن چۈشۈرۈپ قويغان ياكى يۈتتۈرۈپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن . بەلكىم مەلۇم بىر چاغلاردا ئۇنى ئۆزۈم خالاپ تۇرۇپ ، بىلىپ تۇرۇپ  تاشلىۋەتكەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن ئەلۋەتتە . يۈرەكسىز ئىنسان نىمىنى بىلىشى مۇمكىن ؟ نىمىنى ئويلىيالىشى مۇمكىن ؟! شۇڭا ھازىر مەندە ئۆزۈمنىڭ شۇ بىچارىلىقىغا ئىچىنىدىغانمۇ  ، ئۇلارنى ئويلايدىغانمۇ تۇيغۇ يوق . . . .

      ئون توققۇز يىلدىن بۇيان ياشاپ كىلىۋاتقان مەن مانا مۇشۇنداق بىر ‹‹ئادەم›› . كىشىلەرنىڭ ماڭا ئاڭلىتىپمۇ ئاڭلاتماي تۇرۇپمۇ بەرگەن باھالىرى ھەر خىل .مىنى تۇنجى كۆرگەن ئادەم مىنىڭ يول مالغاندىكى بىشىمنى تىك كۆتۈرۈپ ھەممىلا نەرسىگە ناھايىتى بىپەرۋالىق بىلەن كۆزۈمنىڭ قىرىدا قاراپ قويۇپ ئاجايىپ مەغرۇرلۇق ۋە ئىشەنىچ بىلەن ماڭغان ھالىمنى كۆرگىنىدە مىنى شۇقەدەر ھاكاۋۇر ، ئاتىكاچا ، يوغانچىدەك ھىس قىلىشىدۇ . ئەمما بارا -بارا مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىپ سىرىتقىي جەھەتتىن بولسىمۇ ئاز - تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىرىدا بولسا مىنى ‹‹ غەمسىز ، جانلىق ، چاقچاقچى ، ئوچۇق مىجەز ، جۈشقۇن ›› دىيىشى تۇرغانلا گەپ  . ئەمما مەن نە ئۇلارنىڭ ئىيىتقىنىدەك ھاكاۋۇر ياكى خۇشخۇي ئەمەسمەن . راستىنى دىگەندە ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيمەن . ئىلگىرى باشقىلارنىڭ مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ماڭا بەرگەن باھالىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتىم . ھازىر دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە مەيلى ئۇلار نىمىلا دىيىشمىسۇن ھەممىگە ھەممىگە شۇ قەدەر ئىپادىسىز بىپەرۋا قارايدىغان بولدۇم . ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئويلىسام مەندە نە بىر پۇشايمان ياكى ئۆكۈنۈش ۋە ياكى خۇشال بولۇش ، پەخىرلىنىش ھىسىيياتى يوق . تىخى نەچچە ئاي ئىگىرى مەن دادامدەك بىر ئادەمگە ئاشنا بولۇش قىسمىتىدىن  ۋاز كەچكەن ئىدىم . توغرىسىنى دىگەندە بۇنى قىسمەت دىگىلىمۇ بولمايدۇ . چۈنكى بۇ ئىشلارنى خالاش ياكى خالىماسلىق ھوقوقى ئۆزۈمنىڭ قولىدا ئىدى . مەندە ئۇ ئادەمگە نىسبەتەن قىلچە نەپرەتلىنىش ياكى بىزار بولۇش تۇيغۇسى يوق . ئۇنىڭ بىلەن مەن توردا تونۇشقان ئىدىم . ئۇ كۈلەرنى ئويلىسام ماڭا خۇددى چۈشتەكلا بىلىنىدۇ  . . .
        بىر كۈنى كەچلىك تەكراردىن چۈشۈپ  قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كىيىن  كود - كود ۋە ئۈندىدارىمنى ئاچتىم . ئۈندىدارىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ساۋاقداشلىرىم ، ‹‹دوستلىرىم›› ، تاسادىبىر ئۇچراپ قىلىشساق ئاتايىتىن ئەھۋال سوراپ كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئورنىغا ‹‹ ئىڭەك سالىمى ›› قىلىپلا ئۈن - تىنسىز ئۆتۈپ كىتىدىغان   تونۇشلىرىم  بولۇپ بىرمۇ ناتونۇش ئادەملەر يوق ئىدى .  قىززىق ! ئىككى كۈن تورغا چىقمىسام  ھىچبىر ‹‹ ئادەم ›› ئىتى بارىنىڭ يادىغا كەلمەپتىمەن . تۇيۇقسىزلا بۇ بىمەنە خىيالىمدىن مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم . بىر بىرىگە ھاجىتى چۈشمەي تۇرۇپ ئۇدۇل ئىشىكلىك خوشنىلر ئىزدەشمەيدىغان  مۇشۇنداق سوغۇق  دەۋىردە مەنپەئەت كۆزلىمەي تۇرۇپ ئىشىكسىز قەلىبلەر ئىزدەشسۇنمۇ ؟ !
سالونلاردىن يوللانغان ھەرخىل تىمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ  ھىچقايسىسى دىققەت ئىتىبارىمنى قوزغىيالمىدى . ئىچىم سىقىلىپ تىلىفۇنۇمنى تاشلاپ قويۇپ كىتاپ ئوقۇشقا باشلىدىم . ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى  بىلمەيمەن . بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ياتاقتىكى قىزلارنىڭ بەزىلىرى شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن ، يەنە بەزىلىرى ئورۇنلىرىدا يوق ئىدى . ‹‹ئەتىمالىم تىلفۇن سۆزلەشكىلى كارىدورغا چىقىپ كىتىپتۇ دە ›› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . سائەتكە قارىسام ئون ئىككىگە ئاز قاپتۇ . كىتابنى قويۇپ  تىلىفۇنۇمنى ئىتىۋىتىش ئۈچۈن  قولۇمغا ئالدىم  . ئىكران قۇلۇپىنى ئىچىپ   ئۈندىدارىمنىڭ تىخىچە ئوچۇقلىغىن كۆردۈم . قارىسام  ناتونۇش بىرى  يىقىن ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەپ  قوشۇشنى ئىلتىماس قىپتۇ . باش سۆرىتىدە  بۇغداي ئۆڭ ، يالپا يۈز ، دادامدەك چوڭلا بىر ئادەمنىڭ رەسىمى تۇرىدۇ .  سالاھىتىنى تونۇشتۇرىدىغان جايغا  يىزىلغان ‹‹  ئاپپاق قىز ، تىخىچە ئۇخلىماپسىغۇ ؟›› دىگەن خەتلەرنى كۆرۈپ نىرۋام قىرىققا چىقتى . ئۇنى قوشماي تۇرۇپ ئۇچۇر قايتۇردۇم  . كىمۇ سەن ؟!!
‹‹ئۆزۈڭگىمۇ ئاز ، كىچىدە تورغا چىققاننىڭ دۆلىتى بۇ ، ئوبدان بولدى ! قايسىدۇر بىر ئايرىمخانىلاردا قۇچاقلاپ ئولتۇرغان مەينەت كۈچۈكلىرىگە ئوخشىتىپ قالغاندۇ تايىنلىق ؟! ›› دىگەن ئوي لىپپىدە كاللامغا سايە تاشلاپ ئۆتۈشى ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى . ‹‹ ئاچچىقىڭىز نىمانچە بەك يامان ؟ ئوخشايدىكەنمىز جىمۇ! ››
‹‹قېرىغىنىنى تۇيمىغان ياۋا كالا . بىكارلا ھارام تىل ئاڭلايدىغان بولدۇڭ  . ئىچىم پۇشۇپ تۇراتتى . بۇمۇ بولغىنى . ھەممە دەردىمنى سەندىن ئالاي ›› مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇنى قوشماقچى  بولۇپ تۇرىشىم ئۇ يەنە خەت ئىۋەتتى . ‹‹ ھەر ئىككىلىمىز ئۇخلىماپتىمىز . ماڭا ئوخشاش ئۇيقىڭىز كەلمىگەن ئوخشايدۇ . پاراڭلىشىپ قالساق قانداق ؟ ھى ھى ھى ...››شۇ چاغدىكى ھالىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن چىقىۋاتقان ھاياسىزلىق پۇراقلىرى  سەپرايىمنى ئۆرلىتىپ  ئۇيقۇمنى قاچۇردى . جاھاندا بار ئەڭ يامان تىللار بىلەن تىللاپ تازا ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولۇپ سۆزسىزلا ئۇنى قوشتۇم .



داۋامى بار ...........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇبەييا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 08:49 PM  


دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 782 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 08:52:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاندىكى ئەڭ سەت تىل بىلەن تىللىسمۇ ئاز ھېلىقى كالا گۆشىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1318
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 11:54:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 08:52 PM
جاھاندىكى ئەڭ سەت تىل بىلەن تىللىسمۇ ئاز ھېلىقى كالا گ ...

ۋاي خۇدايىم، نېمانداق قىززىق گەپ قىلىسىز! ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن~
ھەممە كىشىگە ئىنساب بەرسۇن خۇدايىم!

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100065
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:38:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ؟

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 01:46:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   داۋامى ..........


        ئىشلار مانا مۇشۇنداق باشلاندى . ئۇنى قوشۇپ تىللاش ئۈچۈن خەت يىزىۋاتسام ئۇنىڭدىن خەت كىلىپ بولدى .
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
گەپنىڭ بىسمىللاسىدا خۇدانىڭ سالىمىنى قىلغىنىنى كۆرۈپ سەل پەس كويغا چۈشتۈم ۋە يىزىۋاتقان خىتىمنى ئۆچۈرىۋىتىپ جاۋاپ قايتۇردۇم .
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . كىمۇ ؟
__ ئىسمىم تۇرسۇن . سېزنىڭچۇ ؟
ئىسمىمنى دەپ بېرىشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن ئادىتىم بويىنچە پاراڭنى داۋاملاشتۇردۇم .
__ مىنى تونۇمسىز ؟
__ ياق . تونۇشۇپ قالايلىمىكىن دەپ قوشتۇمغۇ ئاپئاق ؟ قانداق قوشۇلامسىز ؟ ھى ھى ھى ...
خەتنىڭ ئاخىرىغا كالچىيىپ ھىجاراۋاتقان قونچاقتىن ئىككىنى قوشۇپ يوللاپ قويۇپتۇ . ئاچچىغىم مىڭەمگە تەپتى .
__ كۆزۈمدىن ھازىرلا يوقال ! قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان بەدىرەڭ قارا چوشقا !! ...
ئۆزۈمنىڭمىغۇ قىز بالا بولغىنىم بىلەن ئاجايىپ سەپىرا خۇيۇم بار . يەنە نىمىلەرنىدۇر يىزىپ تىللاش ئۈچۈن خەت يىزىۋاتسام ئۇنىڭدىن خەت كەلدى .
__ پاھ ئاجايىپقۇ سىز ؟!  مىجەزىمىز بەك ئوخشايدىكەن جىمۇ ! ئۆزىڭىزنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ كۆيدۈرىۋالامسىز نىمە ؟ . __ جۈملە ئاخىرىدا يەنە شۇ ھىجاراپ تۇرغان قونچاق . مەن بىرنىمە دەپ بولغۇچە ئۇ يەنە كەينى - كەينىدىن بەش پارچە سۈرەت يوللىدى. سۈرەتلەرنى ئاچتىم . ئەللىك ياشلارغا يىقىنلاپ قالغان ، قارىۋاي ، ھەددىدىن زىيادە سىمىزلىكىدىن قوش ئىڭەكلىرى بوغاز پاقىدەك خالتىلىشىپ چىققان بىرىنىڭ ، خۇددى ياۋروپالىقلاردەك يىشىغا ماس كەلمىگەن بىر خىل شەكىلدە تەنتەربىيە كىيىمى كىيىپ  دېڭىز بويلىرىدا سۇ كىچىۋاتقان ، پىلغا مىنىپ چۈشكەن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى بەش پارچە رەسىمى . رەسىملەر قىلچىمۇ كىرىشتۈرۈلگەندەك ئەمەس . ھەممىسى ناھايىتى  تەبىئىي تارتىلغان سۈرەتلەر . بۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭدىن يەنە خەت كەلدى .
__ بۇلار مىنىڭ رەسىمىم . سىزمۇ بىرەر پارچە رەسىمىڭىزنى ئىۋەتسىڭىز كۆرۈپ باقسام قانداق ؟
__ كەم بولا ، نەدىكى كەلسە - كەلمەس تايىنى يوق ئادەملەرگە رەسىمىنى ئىۋەتىپ بىرىدىغانغا كەشى كوچىدا چۈشۈپ قالغان ئاپامنىڭ قىزى يوق !__  دىدىم مەن جاۋاپ قايتۇرۇپ .
__ ۋاي بەك ئاقسامۇ يا سىز ؟ __ يەنە شۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان كۈلگەن چىراي ئىپادىسى .  . . .
__ مۇمكىن بولسا نىمە ئىش قىلىدىغىنىڭىزنى ، مۇبارەك ئىسمىڭىزنى ئىيتىپ بىرەمسىز ئاچچىقى يامان قىز ؟
__ ئىسمىم سورىماڭ گۈل ، ئوغۇرلۇق قىلىمەن . گەپ بارمۇ ؟!!
ئۇ مىنىڭ يازغانلىرىمغا جاۋابەن بىرمۇنچە كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قويۇپتۇ . يەنە شۇ بىزەڭلەرچە كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ جۇدۇنۇم ئۆرلىدى . ئۇنىڭدىن يەنە خەت كەلدى .
__ نىمە دەيدىكىن دىسەم قارىڭە دەۋاتقان گىپىڭىزنى ؟ ماتىرىيالىڭىزدا 19 ياش ، *** ئالىي مەكتەپ دەپ تۇرمامدۇ ؟
       شۇ چاغدا زادى نىمىلەرنى ئويلىغانلىقىم يادىمدا يوق . ئۇنى ھەق دادىغا يەتكۈچە ناھايىتى سەت بىزەپ تىللار بىلەن تىللىدىم . ئەمما ئۇ ھىچبىر گىپىمگە ئېرەن قىلماستىن بىزەڭلەرچە جاۋاپ قايتۇرىۋەردى .
شۇنداق قىلىپ ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم . ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۆزى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ خېلى چوڭ باشلىقى ئىمىش.چوڭى ئون ئالتە ياش ، كىچىكى سەككىز ياشلىق  ئىككى قىزى بار ئىكەن . تۇرمۇشنىڭ ھىچبىر تەرىپىدىن غىمى يوق ئىكەنلىكىنى ، ئەگەر مەن خالىسام ‹‹ دوست ›› بولۇپ ئۆتكۈسى بارلىقىنى ئېيىتتى .
‹‹ دوست ›› بولامىش !! سىنى ئاشنا قىلىۋالاي دىگەن گىپىغۇ بۇ ؟!مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭغا خەت قايتۇردۇم .
__ ئاشنا بولىدىغانغا مەن سىنىڭ ئايرىمخانىلاردا قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ئازگالچى مەينەتلىرىڭدىن ئەمەس . ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقال !!!
   خەتنى يىزىپ بولۇپ ئىرەنسىزلا تىلىفۇننى تاشلاپ قويدۇم . ئىچ - ئىچىمدىن بىر ئاچچىق يىغا ۋە قانداقتۇر بىر نەپرەت تۇيغۇسى قىياندەك يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە.دادامدەك بىر ئادەمنىڭ ھىچبىر ئايانماستىنلا ماڭا مۇشۇنداق گەپ قىلىشى جان جىنىمغا ئۆتۈپ تولىمۇ ھار كەلگەن ئىدى. . . ماڭا نىمە كۈن بۇ ؟! مەيلى قايسى ھالغا چۈشۈپ قانچىلىك بۇرۇقتۇرمىچىلىق ۋە چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پىتىپ كىتىشىمدىن قەتئىي نەزەر ئون توققۇز يىل ئىلگىرى ئاپام قانداق تۇغقان بولسا مانا ھازىرغىچە شۇ پىتى پاك ياشاپ كىلىۋاتمامتىم ؟ ئۇنىڭ ماڭا بۇنچە تىزلا ناھايىتى يۈرەكلىك ھالدا بۇ گەپلەرنى قىلىشىنىڭ تېگىگە يىتىش تەس ئەمەس . ئۇ مىنىڭ ماتىرىيالىمنى كۆرگەن ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغىنىمنى بىلگەندىن كىيىن تەپتارتمايلا ماڭا بايىقىدەك گەپلەرنى دىگەن بولۇشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يىقىن . بۇنىڭ سەۋەبىنى كىمدىن كۆرەي ؟ كىچىلەپ ياتاققا قايىتماي قىلىدىغاننى قىلىپ ئالىدىغىنىنى ئىلىپ بولۇپ ئەتىسى بويىنى سۇغا سىلىۋىتىپلا ھىچنىمە كۆرمىگەن ئاق بالىخاندەك دەرىسكە چىقىدىغان ،  كۇلۇبمۇ - كۇلۇب قاتراپ بىرەرى نىمە ئىش قىلىسىز دىسە ئاغزىنى تولدۇرۇپ ئىلىپ پالانى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ شۇ مەكتەپتىكى پۈتۈن قىزلارنىڭ ئابرويىغا نىجاسەت سۇۋاپ كۆنۈپ كەتكەن مەينەتلەردىن كۆرەيمۇ؟!ۋە ياكى يىرىم كىچىدە قىسىپ ئۇيقۇمنى ئۇخلىماي خەقنى تىللايمەن دەپ يەتكۈچە ئاچچىق يۈتۈپ پارتىلاپ كىتەي دەپ قالغان ئۆزۈمدىنمۇ؟  

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107097
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 490
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:48:12 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت  دەيسىز  بالدۇر  ئۇخلاڭ  ئاپتور  

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 03:00:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                 مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدىم . چوڭ قىزى ئون ئالتە ياشكەن . مەن بولسام ئون توققۇز !!ئۇف.... ئاللاھىم بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن !!!...

ئۇنى ئۈندىدارىمدىن يۇيۇۋەتتىم . ئارىدىن تۆت - بەش كۈن ئۆتۈپ كەتتى . مىنىڭ ھالىم يەنە بۇرۇنقىدەك . ھىچكىمگە ئارتۇق گىپىم يوق. دەرىستىن چۈشۈپ كۈتۈپخانىغا كىرىمەن ، ياتاققا قايتىپ كىتاپ ئوقۇيمەن ، ئۆيگە بارىمەن . ھەممەئىشلار زەررىچە بولسىمۇ ئۆزگەرمىگەن .قىلىپقا چۈشكەن ، بۇرۇقتۇرمىلىق ۋەبىزارلىققا تولغان غېرىبانە تۇرمۇش . . .

      بىر كۈنى ياتاقتا ئادىتىم بويىنچەبىر قولۇمدا قەلەم چۆرگىلىتىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىۋاتسام  تېلىفۇنۇم سايراپ كەيپىمنى بۇزدى . ئىكراندا مەن ھىچقاچان كۆرۈپ باقمىغان ‹‹ياۋا ››نۇمۇردىن بىرى تۇراتتى . كىملىكىنى دەماللىققا بىلەلمەي سەل سىپايىلىك بىلەن تىلىفۇننى ئالدىم .

ــــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .

ــــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالووم قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇردىڭىزما ؟ـــ مەن ھىچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان قوپال ھەم بوم ئاۋاز . بىر چىرايلىق ئەسسالام دەپ تىلىفۇننى ئالسام قەستەن ئاۋازىنى سوزۇپ چىقىرىپ خۇددى كونا ئۈلپەتلىرىدەك گەپ قىلىشلىرى نېرۋامغا تەگدى . قوپاللا سورىدىم :

ــــ ئۆزلىرى؟!

ــــ مەن ھېلىقى تۇرسۇنجان دەيدىغىنى ، يادىللىرىغا كەلدىممائاپپاق قىز بالا؟ــــ بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇيۇم دىگەن تۇتتى ئەمما ...

ــــ قايسى تۇرسۇنجان ؟!!

ــــ ھېلىقى ئۈندىدارلىرىدىكى تۇرسۇنجان . يادىللىرىغا كەلدىممۇيا؟ بەك ئىتتىكلا يۇيىۋىتىپ قاللا لىكىن . يەنە بىر بىرىمىزگە لازىم بولۇشۇپ قالارتۇق ؟!

نىمىسىنى دەي ئەمدى . ئۈندىدارىمنى تىلىفۇن نۇمۇرۇمغا ئالغىنىم يادىمغا كەلدى . ئۇنى نىمىلەرنى دەپ قانچلىك بىزەپ تىللار بىلەن تىللىغىنىم يادىمدا يوق . ئەمما ئۇ كۈندە ئىككى - ئۈچ قىتىمدىن تىلىفۇن قىلىپ بىشىمنى ئايلاندۇرىۋەتتى . مەن بىلەن بىر كۆرۈشكۈسى بارمىش ، ماڭا قىلچە يامان نىيىتى يوقمىش . ئەگەر خالىسام تۇنجى كۆرۈشۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە ماڭا بىر ئۈزۈك سوۋغا قىلماقچىمىش ...

بۇ ئىپلاس ھاياسىز ئادەمدىن شۇنچىلىك بىزار بولدۇمكى ...مۇشۇئاجىز  ھەم گال تىللىرىم بىلەن شۇ ۋاقىتلاردىكى روھىي ھالىتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . بىر نەچچە قىتىم ئۆيدىكى ۋاقتىمداتىلىفۇن قىلىپ مىنى ئاپاملارنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلدى . مۇشۇنداق يىرگىنىشلىك تۇيغۇلار بىلەن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى . مەن ئۇنىڭ مىنى بۇ قەدەر ئاۋارەقىلىشلىرىغا پەقەتلا چىدىمىدىم . نۇمۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتسەم ئىشخانىسىنىڭ تېلىفونىدا تىلىفون قىلدى . ئۇنىمۇ قارا تىزىملىككە تىقتىم .بىرىنى  تىقىۋەتسەم يەنەبىرى بىلەن ئۇنىمۇ تىقىۋەتسەم باشقا نۇمۇرلاردىن تىلىفۇن قىلىپ يۈرۈپ زىرىكىشلىك ھىس قىلساممۇ تىنىچ تۇرمۇشۇمنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى . ئۇنىڭ ماڭا دىگەنلىرىدىن ئاجايىپ خورلۇق ھىس قىلدىم . مەن خۇددى ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقىدەك مىنى بۇ قەدەر ئەخمەق قىلىشىغا چىداپ تۇرالمىدىم .بىر كۈنى پەقەت بولمىغان يېرىگە كەلگەندە قەتئىيلا چىدىمىدىم ۋە ئۇنىڭ كۆرۈشۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم . ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تولىمۇبىمەنە ئىش قىلغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن . ئەتىسى مەن دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن ئۇمەكتىپىمنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئادەتتە قانداق كىيىنىدىغان بولسام كۆرۈشۈشكىمۇشۇنداق چىقتىم . بۇرۇنقىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى ھەر ئىھتىماللىقلار ئۈچۈن تەييارلىق سۈپىتىدە ئىچ كىيىمىمنىڭ بۇلۇتىغا ۋە سومكامنىڭ  كەينى يانچۇقىغا ناھايىتى زىچ ھالدا ئەللىك نەچچە تال يىڭنىنى ئىلىشقا ئىنتايىن ئەپلىك قىلىپ تىزىپ چىقتىم .



داۋامى بار........

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇبەييا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 03:36 AM  


دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش