ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1774 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • DIL 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەراقانداق ناخشىنى چېنىپ قالمىغۇدەك Kara ok قىلىدىغان دىتال بارمىدۇ؟

  • مىسران 2015-3-19 01:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممەيلەننىڭ يىتىپ كىلىش ئ‍الدىدىكى نۇرۇز بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن

  • باغاق 2015-3-17 23:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم. سىلەردە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ مۇزىكىلىرىى بامىدۇ.463889607چ چ؛

  • ئەخمەق 2015-3-10 23:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋا ي ئەقلىڭىزگە بارىكاللا مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەپ ئويلىغان ، بىراق ئۇ يەر بۇ يەرلەر بىلەن قېرىشىپ تۇرسام تۇرۇپ  ...

  • مەمەتكا 2015-3-9 11:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    13899194030

  • بويناق 2015-3-8 22:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    رويال ھەۋەسكارلىرى QQ تۇپىغا كىرشىڭلارنى قارشى ئالمەن 431648422

  • شاھيار520 2015-3-5 16:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھۆرمەتلىك دوسلار قانداق ئەھۋالىڭلار ئالدى بىلەن مەن ھەممىڭلارنىڭ ئىشىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تىنىڭلارنىڭ س.....

كۆرۈش: 422|ئىنكاس: 9

گىتتار ناخشىسىنى ئاۋازغا ئېلىش ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

1155

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   7.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 17:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىتتار ناخشىسىنى ئاۋازغا ئېلىش ھەققىدە چۈشەنچە


بەختىيار ھۈسەن




گىتتارنى چېلىپ تۇرۇپ ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتى رايۇنىمىزدا ناخشىلارنىڭ پاۋۇز قىسمىغا كۆپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.يەنە گىتتارنى تىرىك چېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كونتاكىت ئاۋاز مەنبەسىنىڭ ياردىمىدە كۆپلەپ لېرىك،جۇشقۇن مىلودىيەلەر چىقۋاتىدۇ،بۇلۇپمۇ دىيارىمىزدىكى ياش كومپازىتور كېرەمجان مۇھەممەتئەلى ئەپەندى ئاكورتلاشتۇرغان كۆپ قىسىم مۇزىكىلاردا كونتاكىت ئاۋاز مەنبەسىنى ILya قاپاق گىتتار ئاۋاز تۈسىنى مۇزىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە تەسىرى كۈچى ھېسىياتىغا ئاساسەن گىتتار ئاۋاز تۈسىنى يېقىنقى زامان مۇزىكىچىلىقىمىزدا روشەن ئىپادىلەپ بېرىۋاتىدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن گىتتارنى چېلىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتى رايۇنىمىزدا ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ مەسىلە بولسا بەلكىم ناخشىچىللىرىمىزنىڭ يانداش مۇزىكىلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە بۇلسا كېرەك. ئەگەردە مۇشۇنداق گىتتارنى يانداش قىلىپ ناخشا ئېيتىپ بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئاۋازلارنى ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ  تۆۋەندە بىز مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ باقساق.


1.گىتتارنى چېلىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىپ بىرلا ۋاقىتتا ناخشا ئېيتىپ ئاۋازغا ئالغاندىن كېيىنكى ئاۋاز سۈپىتى  گىتتار ئاۋازىنى ئالدىن ئاۋازغا ئېلىپ ئاندىن ناخشىنى ئاۋازغا ئېلىپ ئۈنۈملىگەندىكى ئاۋاز سۈپىتىگە قارىغاندا قايسى ئۇسۇل ياخشى؟

ئەلۋەتتە كۆپ قىسىم مۇزىكانىتلار ئالدى بىلەن گىتتارنى ئاۋازغا ئېلىۋىلىپ ئاندىن ئادەم ئاۋازىنى ئاۋازغا ئالساق ياخشى دەپ قارايدۇ،شەخسەن مېنىڭ پېكىرىمچە بولغاندا شارائىت يار بەرگەن ئاساستا گىتتاربىلەن ئادەم ئاۋازىنى بىرلا ۋاقىتتا ئاۋازغا ئالغاندا ناخشا ئېيتقۇچىنىڭ ھېسىياتى بىر قەدەر ياخشى ئەينەن چىقىدۇ دەپ قارايمەن، بىراق يانداش گىتتار مۇزىكىسىغا ناخشىنى ھېسىياتلىق ئىپادىلەپ ئېيتىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئاۋاز ئالغاندىن كېيىنكى ئاۋاز سۈپىتىدە بولسا ئەلۋەتتە گىتتار ئاۋازى بىلەن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىم ئايرىم ئاۋازغا ئېلنغاندا ئاۋاز سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە چوڭ تىپتىكى ئاۋاز ئېلىش ئۆيلىرىدە ئۈسكۈنە ۋە مۇھىت شارىئىتى يۇقىرى بولسا ۋە شۇنىڭغا لايىق ئاۋاز تەڭشىگۈچى خادىمنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا گىتتار ئاۋازى بىلەن ئادەم ئاۋازىنى بىرلا ۋاقىتتا ئاۋازغا ئېلىپ تەڭشىگەندىمۇ ئاۋاز سۈپىتى ياخشى چىقىدۇ. لېكىن رايۇنىمىزدىكى كۆپ قىسىم مۇزىكانتلارنىڭ شارائىت ۋە سەۋىيە دەرىجىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا گىتتار ئاۋازى بىلەن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىم ئاۋازغا ئېلىپ تەڭشىسەك بەلكىم بىزنىڭ رايۇنىمىزنىڭ ھازىرقى زامان مۇزىكىچلىقىمىزدىكى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدۇ دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مۇزىكانتلىرىمىزنىڭ تەجىربىسى ۋە قاتتىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ  مۇكەممەل بۇلىشى ۋە ماستىرلاشتىكى سەۋىيەگە بىردەك چېتىلىدۇ.

2.گىتتار ئاۋازىنى ئاۋازغا ئېلىشنىڭ نەچچە خىل ئۇسۇلى بار؟ قايسىسى ئەڭ ياخشى؟

1.مىكرافون ئارقىلىق ئاۋازغا ئېلىش 2.ئاۋاز كېڭەيتكۈچ ئارقىلىق ئاۋازغا ئېلىش

مەن كۆپ ئۇچراتقان مۇزىكانتلىرىمىز گىتتار ئاۋازىنى ئاۋازغا ئالغاندا بىر دانە مىكرافون ئارقىلىق ۋە ياكى گىتتارنىڭ ئاۋاز مەنبەسىىنى كېڭەيتكۈچ (拾音器)ئارقىلىق ئاۋازغا ئالغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردۈم. بىراق توردىن كۆرگەن ماتىرىياللىرىمغا ئاساسلانغادا گىتتار ئاۋازىنى مەخسۇس تىرىك سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئالىدىغان ئىككى دانە مىكرافون ۋە ياكى ئوخشاش تىپتىكى ئىككى دانە مىكرافون بىلەن ئاۋازغا ئېلىپ تەڭشىگەندە گىتتار ئاۋازىنى ئەينەنلىكى ۋە سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ،يۇقىرى،ئوتتۇرا ،تۆۋەن ئاۋاز رايۇنلىرىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم ۋە ئۆزۈممۇ سىناپ باقتىم.

ئىككى مىكرافوندىن پايدىلىنىپ گىتتار ئاۋازىنى ئاۋازغا ئالغاندا مىكرافوننىڭ ئارلىقى ۋە قۇيۇلۇش ئورنى گىتتار ئاۋازىنى ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ نازۇك قىسىملىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئادەم ئاۋازىنى ئاۋازغا ئالىدىغان مىكرافون گىتتار ئاۋازىنى ئاۋازغا ئالىدىغان مىكرافونلار بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق بۇلىشى كېرەككەن.تۆۋەندىكى ئۈلگە رەسىممۇ بۇنىڭ ئىپادىسى:

01.png

02.png

03.png


3. گىتتار يانداش قىلىنغان ناخشىنى قانداق ئۈنۈملەيمىز؟

گىتتار يانداش قىلىنغان ناخشىنى ئۈنۈملەشتە ئاساسىي جەھەتتىن گىتتار ئاۋازىنى ھەم ئادەم ئاۋازىنى ئوخشاش ئۈنۈملەپ چىقىمىز، شۇڭا بىر يوللۇق ئېلىنغان گىتتار ئاۋازى ۋە ئادەم ئاۋازىنى يېيىلىش دەرىجىسىدىن بولسۇن ۋە ياكى EQقىممىتى بولسۇن. ئانا لېنتا بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن ئاۋاز سۈپىتىنىڭ چەتنەپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.ھەرگىزمۇ پەقەت ئادەم ئاۋازىغا قارىتا ۋە ياكى گىتتار ئاۋازىغا قارىغا تەڭشىسەك بولمايدۇ.چۇقۇم ھەر ئىككىلا جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ تەڭشەپ چىقىشىمىز كېرەك.

دوسىتلارغا تەكلىۋىم: گىتتار ئاۋازغا ئالغاندا ئاۋاز كېڭەيتكۈچتىن پايدىلىنىپ ئاۋازغا ئېلىشنى بەك كۆپ ئىشلەتمەي مىكرافون ئارقىلىق كۆپرەك ئاۋازغا ئالساق، بۇنداق بولغاندا گىتتارنىڭ ئەينەنلىكى تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى. ئەمدى مۇزىكىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاۋاز كېڭەيتكۈچ ئارقىلىق ئاۋازغا ئالمىسا بولمايدىغان شارائىتتا بۇنى سىزگە زورلاپ بۇلالمايمەن.

2014-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى

بەختىيار ھۈسەن

كورلا شەھرىدە يېزىپ تاماملاندى.

520.jpg
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
makan + 20

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 20   باھا خاتىرىسى

تەتىلگىمۇ ئاز قالدى، لېكىن مۇشۇ زېرىكىپ قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمە جۇمۇ  

34

تېما

31

دوست

2935

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   96.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 15:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن بولسا داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر تىمىلانى يوللاپ تۇراسىز ..........
مۇزىكامەن ئۈچۈن ئىشتىياق،شۇنچىلىك شىرىن ھەم گۈزەل..............

13

تېما

23

دوست

1224

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   11.2%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 19:54:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز
ئالاقىلىشىپ تۇرساق :1453563392 QQ
يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

15

تېما

3

دوست

706

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

升级   41.2%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 23:42:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز   بەختىيار  بامۇ يا ؟
سالام ماكانداشلار.....ياخشى تۇرۋاتامسىلەر

27

تېما

1

دوست

1155

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   7.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 02:41:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەت يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 23:42
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، ياخشى تېمىلارنى داۋاملى ...

رەخمەت، با مەن ... جۈمە كۈنى كەلگەن تېخى
تەتىلگىمۇ ئاز قالدى، لېكىن مۇشۇ زېرىكىپ قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمە جۇمۇ  

27

تېما

1

دوست

1155

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   7.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 02:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Zulpikar3665 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 19:54
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، ياخشى تېمىلارنى داۋاملى ...

رەخمەت، QQ:793597172  ئۈندىدار:793597172
تەتىلگىمۇ ئاز قالدى، لېكىن مۇشۇ زېرىكىپ قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمە جۇمۇ  

17

تېما

41

دوست

1733

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

升级   100%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 11:02:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما يوللاپسىز . بارىكاللا . ماكان تورى سىزگە رەخمەت ئىېيتىدۇ .

0

تېما

0

دوست

23

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

升级   46%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 19:33:00 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yaxshi yizilip tu!

11

تېما

2

دوست

800

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

升级   60%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 20:04:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسېز رەھمەت

4

تېما

2

دوست

411

جۇغلانما

ئوتتۇراھال ئەزا

Rank: 3Rank: 3

升级   70.33%

يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 11:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز   بەختىيار  بامۇ يا ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


Archiver|WAP|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى ( 新ICP备13002498  

GMT+8, 2015-3-29 16:41 , Processed in 0.734394 second(s), 51 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش