玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چىقىدىغان مۇزىكىنى نۇرغۇن دوسلار ئۈ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوخشىمايدىغا

6591 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئ‍ۆزىنىڭ "تەلمۇرۇپ يار " (كۆرگۇم كېلىدۇ) ، "سېغىنىش " ، "كېلەرمۇ خوشال كۇنلەر "، "خا

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

سالام دوستلار، ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر، يىڭى تىپتىكى YAMAHA ماركىلىق رىياللارنىڭ بولۇپمۇ y

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەنئەتكار ئۇستازلار ،KORG 600 دى

سېغىمى كىچىك ئەمما ناھايىتى قولايلىقكەن ، ئىشىلتىپ بېقىشىڭلانى تەۋسىيە قىلم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

مەن ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ ، مەن ناخشا تېكىستلىرىمگە مۇزىكا ئىشلەيد

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

كۈندە بىزنى بەخت يوقلىسۇن (ناخشا تېكىستى) زۇنۇن

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1911 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 7955|ئىنكاس: 146

كومپىيوتۇردا مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىشنى 0 دىن باشلاپ ئۈگۈنۈ.....

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كومپىيوتۇردا مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىشنى 0 دىن باشلاپ ئۈگۈنۈش



2-قىسىم


بەختىيار ھۈسەن



ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ماكان تورىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا كەمىنە بەختىياردىن ئوتلۇق سالام يوللايمەن.

ئالدىنقى قېتىم ‹كومپىيوتۇردا مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىشنى 0 دىن باشلاپ ئۈگۈنۈش› دەرىسلىكىنىڭ 1-قىسمىنى ئوڭۇشلۇق يوللاپ دوسىتلارنىڭ ياخشى پىكىرىگە ئېرىشتىم.ھەم بۈگۈن ئۇشبۇ 2-قىسمىنى يوللاش ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىدا زامانىۋىي مۇزىكا ئىشلەش،ئاكورتلاشتۇرۇش خىزمىتى مۇزىكانت ياشلارنى قىزغىن ئۈگۈنۈش دولقىنىغا باشلاپ كىردى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا مۇھەممەت بەگ قېرىندىشىمىزنىڭ يوللىغان سىن كۆرۈنۈشلۈك دەرىسلىكى دوستلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغائېرىشتى. شۇڭا مەنمۇ بىر تەرەپتىن يېزىقچە ئىپادىلەش ئارقىلىق دوسىتلىرىمىزغا يەنە بىر يەتكۈزۈشنى ئويلاپ قالدىم. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى،خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇنلارنى تۈزۈتۈپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بۈگۈنكى 2-ساندا سۆزلەيدىغىنىمىز Cubase5دېتالىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز ئېلىش جەريانى ۋە Cubase 5دە ئالدىن قاچىلانغان قىستۇرما دېتاللاردىن پايدىلىنىپ تەڭشەشنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.



1. ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاۋاز كارتىسىنى كومپىيوتۇرغا تۇنۇتۇپ ، ئاۋاز كارتىسىغا مىكرافوننى چېتىپ رەھبەردېتالنى قوزغۇتىمىز.قوزغالغاندىن كىيىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كونتىرول سۇپىسىدىكى Devicesتىزىملىكىگە كىرىپ ئەڭ ئاستىدىكى Devise Setupنى چېكىمىز.

01.png

2.DeviseStup كۆزنىكى ئېچىلغاندىن كېيىن رەسىمدىكى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلغان يەردىن سىز ئىشلىتىۋاتقان ئاۋاز كارتىسىنى رەھبەر دېتالغا تۇنىتىمىز،يەنى بۇنداق بولغاندا رەھبەر دېتال سىزنىڭ ئاۋاز كارتىڭىزدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئاۋاز كىچىكىش ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسى بۇيىچە ئاۋاز كارتىسىنىڭ يوللاپ بەرگەن ئەڭ يۇقىرى مۇلازىمىتى بىلەن مەشغۇلات قىلىدۇ.ۋە يەنە سىز تاللاپ بەرگەن ئاۋاز كارتىسىدىن ئاۋازلارنى كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش بۇيرىقىنى بەرگەن بۇلىسىز.

02.png

3. ئاۋاز كارتىسىنى تۇنۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئەمدىلىكتە قۇرۇلۇش ھۆججىتىدىن بىرنى ئاچىمىز يەنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكFileتىزىملىكىدىن  New Project نى تاللايمىز.ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن ئەڭ يۇقىرقى كۆزنەكنى تاللىساق بىزگە قۇپقۇرۇق قۇلۇش ھۆججىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ، باشقا كۆزنەكلىرى بولسا رەھبەر دېتالدىن بىزگە تەۋسىيە قىلغان قۇرۇلۇش ھۆججىتى بۇلۇپ بىرلا قېتىمدابىر قانچە ئوخشىمىغان ئاۋاز يوللىرىنى  بىرلا ۋاقىتتا ئالدىن ئېچىش قاتارلىقلار.بىز ئاۋاز قۇرۇق بولغان قۇرۇلۇش ھۆججىتىدىن بىرنى ئاچايلى. ئەمدىلىكتە سىزگە ھۆججەتنى ساقلاش ئورنىنى تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ،سىز كومپىيوتۇردىكى خالىغان مۇقىم بولغان دېسكا رايۇنىدىن بىرنى تاللاپ بۇلۇپ مۇقىملاشتۇرۇش(OK,确定) 你好باسسىڭىز بۇلىدۇ.

سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


4.قۇرۇق قۇرۇلۇش ھۆججىتىنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئېچىلغان بەتتىكى سول تەرەپتە يول قۇرۇش كۆزنىكى بار.ئالدى بىلەن ماۋۇسنى شۇ يەرگە ئەكىلىپ ماۋۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چەكسەك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ. ئالدى بىلەن بىز Add Audio Trackنى تاللىساق بىزگە Audioئاۋاز يولىنىڭ قۇرۇلۇش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاۋاز يولىدىن بىرنى قۇرىمىز شۇنداقلا MONOھالەتتە ئاۋاز يولى قۇرىمىز.بۇ مىكرافوندىن رەھبەر دېتالغا ئۈنگە ئېلىپ ئەكىرىدىغان ئاۋاز يولىنى كۆرسىتىدۇ. 2-قېتىم يەنە بىر قېتىم ئاۋاز يولى قۇرىمىز ھەمدە ئاۋاز يول تەڭشىكىدىن Stereo ئاۋاز يولىنى تاللاپ Stereoئاۋازيولىنى قۇرىمىز. بۇ بولسا بىز ئاۋاز ئالىدىغان ناخشامۇزىكىلارنى ئەكىرىدىغان يول.
ئاۋاز كارتىسىدىن پايدىلىنىپ بىۋاستا ئاۋاز ئالغاندا بىز ئاۋاز ئالىدىغان يولنى تاق يوللۇق يەنى monoيولدا ئالىمىز.يانداش ناخشا مۇزىكىلارStereoيولغا ئەكىرىمىز. چۈنكى مۇزىكىلار ئىشلەنگەندىن كىيىن Stereoھالەتتە ئىشلىنىپ چېقىدۇ.بىز ئادەم ئاۋزىنى MONO ھالەتتە ئەكىرىپ Stereoھالەتكە تەڭشەپ مۇزىكا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يەنە ئەمگەك مېۋىمىزنى Stereoھالەتتە چىقىرىمىز. (Monoئاۋاز ۋە Stereoئاۋازلار نىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى مۇنبەردە بار بۇ جەھەتتە شۇ تېمىلارنى بىر كۆرۈپ چىقساڭلار)

07.png
08.png
09.png   

5.ئەمدى بولسا بىز بايا ئاچقان Stereo يولغا بىز ئاۋازغا ئالماقچى بولغان يەنى بىز ئېيتماقچى بولغان ناخشىمىزنىڭ مۇزىكىسىنى ئەكىرىمىز. مۇزىكىنىڭ تېزلىكىنى ئاستىدىكى كونتىرول سۇپىسىنىڭ تېزلىك تەڭشەش رايۇنىغا مۇزىكىنىڭ تېزلىكىنى كىرگۈزىمىز،بۇنداق بولغاندا Delay,Revrebدېگەنگە ئوخشاش ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ مۇزىكى تېزلىكى بىلەن ماس قەدەمدە ئۈنۈم يارىتىشىغا پايدىلىق ۋە ئۇنىڭدىن سىرىتمۇ نۇرغۇن ئەۋزەل تەرەپلىرى كۆپ.ئاندىنMONO يولنىڭ تەڭشەش كۆزنىكىدىكى ئاۋازغا ئېلىش چىرىقىنى (قىزىل رەڭدە يېنىپ تۇرغىنى)ۋە تىڭشىغۇچقا مىكرافوننىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش چىقىرىنى(سۇس سېرىق رەڭدە يېنىپ تۇرغىنى) چىكىپ ئېچىپ قۇيىمىز ئاندىن يۇقىردىكى كونتىرول سۇپىسىدىن ئاۋازغا ئېلىشنى باشلاش چىرىقى(قىزىل يېنىپ تۇرغان چىراق)نى چەكسەك ناخشا ئاۋاز غا ئېلىش باشلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش:رەھبەر دېتالنىڭ كونتىرول تاياقچىسى مۇزىكا باشلىنىش نۇقتىسسغا ئەكىلىپ بۇلۇپ ئاندىن ئاۋاز ئېلىشنى باشلاڭ.ۋە شۇنداقلا مىكرافوننىڭ ئاۋاز كارتىسىغا ياخشى چېتىلغانلىقى ۋە مىكرافون تىڭشىغۇچلاردىكى ئاۋازلارنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئاۋاز ئېلىشنى باشلاڭ،قالغان ئاۋاز ئېلىش ئۆيىنىڭ تەلىپىنى 1-قىسىمدا سۆزلەپ بولغان شۇ بۇيىچە دېققەت قىلسىڭىز بۇلىدۇ.

10.png
11.png

6. ئاۋاز ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مۇزىكا تۈگىشىگە كومپىيوتۇر تاختىسىدىكى بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز مۇزىكا توختايدۇ.مۇزىكا قويغاندا يەنە بىر قېتىم باسسىڭىز مۇزىكا قويىلىدۇ.ئەمدى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاۋاز يولىنىڭ كونتىرول كۆزنىكىدە e شەكىللىك كۆزنەك بار بىز شۇنى چەكسەك بىزگە شۇ يولغا بېرىلىدىغان ئۈنۈملەش كۆزنىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
رەسىمدەكۆرسىتىلگەندەك ئۈنۈملەش كۆزنىكى 4بۆلەككە بۈلۈنگەن، يەنى1-قىستۇرما دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ئۈنۈملەش رايۇنى(مۇقىم بولغان قىستۇرما دېتاللار مۇقىم دەرىجىدە تەڭشەش رايۇنى)2-EQسان سېفىرلىق ئۈنۈملەش رايۇنى.3-قىستۇرما دېتاللار مۇقىم ئۈنۈمى ئەركىن دەرىجىدە بولغان FXئۈنۈملەش رايۇنى.4-ئاساسىي يول كونتىرول رايۇنى.

12.png
13.png

7. بىز يۇقىردا ئالغان ئاۋازنى تەڭشەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن mono ئاۋاز يولىدىكى ئۈنۈملەش كۆزنىكىنىڭ قىستۇرما دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ئۈنۈملەش كۆزنىكىگە ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ قىستۇرما دېتاللارنى ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.مەن ئالغان ئاۋازغا ئالدى بىلەن رەھبەر دېتالنىڭ ئۆزىدە بار بولغان قىستۇرما دېتاللىرىدىن پايدىلاندىم تۆۋەندىكىدەك 1-قىستۇرما دېتال Dynamics تۈرىدىكى MultibandCompressor  بۇ قىستۇرما دېتالنى قوزغۇتۇپ ئۆزىنىڭ تەڭشەكلىرىدىن بىرنى تاللاپ قويدۇم. بۇ قىستۇرما دېتال يەنى ئاۋازغا ئالغان ئاۋازنىڭ 4خىل ئاۋاز  EQمىقدارىنى تەڭشەش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قىسىم ئالاھىدىلىككە ئىگە.

14.png
15.png

8.EQمىقدارىنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تۈزۈتۈپ تەڭشەش ئۈچۈن EQكۆزنىكىدىكى Studio EQ دېتالىنى 2-قىستۇرما يولىغا ئاچتىم ھەمدە ئۆزىدە بار بولغان تەڭشەكلىرىنى ئىشلەتتىم.(ئۆزەڭلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشەپ ئىشلەتسەڭلار بۇلىدۇ)

16.png
17.png

9.EQسان سېفرلىق تەڭشەش رايۇنىغا مەن ئەرلەر ئاۋازىنىڭ تەڭلىشىلى ۋە مىكرافوندىن كىرگەن ئاۋاز بۇيىچە تەڭشەش ئېلىپ باردىم. بەلكىم دوسىتلارنىڭ ئويلاپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن كۆپ قېتىم EQنى تەڭشەپ كەتتى دەپ، بۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭشىسەڭلار ياكى ئىشلەتسەڭلار بۇلىدۇ.مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مۇشۇ رايۇنلاردا ئىشلىتىلدىغان ئەمەلىي مەشغۇلات.

18.png

10.ئەمدى بىز FXئۈنۈم يولىغا ئۈنۈم قوشۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن  ئاۋاز يولىنىڭ كونتىرول كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى قۇرۇق بوش ئورۇنغا ماۋۇسنى ئەكلىپ ماۋۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چەكسە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك چېقىدۇ.بىز كۆزنەك ئىچىدىن Add Fx Channel Trackنى چەكسەك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ سول تەرەپتىكى بىرىنجى تاللاش ئورنىغا بىز بەرمەكچى بولغان FX ئۈنۈمىنى تاللايمىز. ئوتتۇردىكى تاللاش ئورنىغا بەرمەكچى بولغان ئۈنۈمنىڭ Stereoياكى mono ھالەتتە ئىجرا بۇلىشىنى تاللايمىز. ئەڭ چەتتىكىسى بولسا Stereo ياكى mono ھالەتنى كۆرسىتىش ئورنى. Stereoبولسا LRھالەتتە mono بولسا M ھالەتتە كۆرسىتىش بېرىدۇ.تاللاپ بولغاندىن كىيىن بىز مۇقىملاشنى چەكسەك بۇلىدۇ. مەن ئىككى تال FX ئۈنۈم يولى ئاچتىم ئايرىم ئايرىم ھالدا REvernce ۋە Stereo Delay قىستۇرما دېتالنىڭ ئۆزىنىڭ تەڭشەكلىرىنى تاللاپ مۇقىملاشتۇردۇم . ئاندىن ئۈنۈملەش كۆزنىكىدىكى FXئۈنۈملەش رايۇنىغا ئىككى قىستۇرما دېتالنى تاللاپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئېچىش بۇيرىقىنى بەردىم(رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆك رەڭدە يېنىپ تۇرغان كىچىك كۆزنەك).ھەمدە ئەركىن ھالدا FX مىقدارىنى ئېھتىياجمغا ھەمدە مۇزىكا بىلەن يېيىشىش نۇقتىسىدىن مۇقىملاشتۇردۇم.

سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


11.ئەمدى ئۈنۈملەش كۆزنىكىنىڭ قىستۇرما دېتاللار ئارقىلىق ئۈنۈملەش رايۇنىنىڭ 3-يۇلىغا DeEsserقىستۇرما دېتالىنى ئاچتىم. بۇ بولسا چىش تاۋۇشىنى گۈزەللەشتۈرۈش، چىش تاۋۇشنىڭ مىقرارىنى كونتىرول قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.شۇنداقلا ئېھتىياجىمىزغا قاراپ مىقرارىنى بەلگىلىسەك بۇلىدۇ.

26.png
27.png

12.ئەمدى بولسا ئالغان ئاۋازنىڭ يۇقىرى يەرلىرىنى قىسىش تۆۋەن يەرلىرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن  VSTDynamicدېتالدىن پايدىلاندىم.ھەمدە ئۆزىدە بار بولغان تەڭشەكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈنۈملەرنى تەڭشىۋالدىم.

سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


13. ئەمدى بولسا ئاۋاز يولىدىكى شاۋقۇنلارنى تۆۋەنلىتىش سۈزۈش ئۈچۈن. قىستۇما دېتاللاردىن Gateقىستۇرما دېتالىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ تەڭشەكلىرىدىن پايدىلىپ نورمال دەرىجىدە ئاۋاز يولىدىكى شاۋقۇن ئاۋازلارنى سۈزۈپ،ئاۋازنى سۈزۈكرەك چېقاردىم. بۇنداق بولغان ئاۋاز بىزگە ئاۋالقىدىن سۈپەتلىكراق ئاڭلىنىدۇ.
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


14.ئەمدى بىزنىڭ ئالغان ئاۋازىمىز تاق يوللۇق ئاۋاز يەنى mono ئاۋازبولغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۇ ئاۋازنى يېيىشتۈرۈپ Stereo ھالەتكە يېيىش ئۈچۈن دېتاللار تىزىملىكىدىن Spatial نىڭ ئىچىدىكى mono tu Stereoدېتالىنى قوزغاتىمىز. بۇ دېتالنىڭ بىزگە ئاۋازنى يېيىپ كەڭرى چىقىرىشقا پايدىلىق.

سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


15.ئەمدى بولسا مۇزىكىنى سەل ئۇچۇقراق چىقىرىش ئۈچۈن  مۇزىكا يولىدىكى ئۈنۈملەش كۆزنىكىنى ئېچىپ EQسانلىق سېفىر ئارقىلىق ئۈنۈملەش رايۇنىغا يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋاز رايۇنىنى سەل كۆتۈرۈپ قويدۇم( ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭشىسەك بۇلىدۇ)

34.png

16.ئەمدى ئاۋاز مۇزىكىلارنى ئۈنۈملەپ بولدۇق ئەمدى بىز مۇزىكىنى رەھبەر دېتالدىن چىقىرىشتا،رەھبەر دېتالنىڭ چىقىرىش يولىنى ئاچىمىز يەنى كومپىيوتۇر تاختىسىدىكى F3كۇنۇپكىتىسى باسساق رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك چىقىدۇ . بۇنىڭدا ئەڭ چەتتىكىسى بولسا ئاساسىي يول يەنى Stereo outيولى .بىز بۇ يولنىڭ تەڭشەش كۆزنىكى ئاچقاندىن كېيىن ئەڭ ئاستىدىكى ئاسىسىي ئۈنۈملەش يولىغا  قىستۇرما دېتال تىزىملىكىدىن Dynamicsنىڭ ئىچىدىكى Limiter دېتالىنى ئېچىپ ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بۇيىچە ناخشا ھەم ئاۋازغا بىرلا ۋاقىتتا مۇقىملاشتۇرۇش،يەنى مۇزىكا بىلەن ئاۋازنىڭ يۇقىرى يەرلىرىنى قىسىپ تۆۋەن يەرلىرىنى كۆتۈرۈش بۇيرىقىنى بەرسەك، بىز تەڭشىگەن ئاۋازلاردىكى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن رايۇنلىرىنى نورمال دائىرە ئىچىگە ئەكىرىپ مۇزىكىنى جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق.

سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


17. ئەمدى بولسا مۇزىكىنى چىقىرىش باسقۇچى. مۇزىكىنى چىقىرىش ئۈچۈن،قۇرۇلۇش بېتىدىكى ئاۋاز بىلەن مۇزىكىنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ تاللاپ كۇنۇپكا تاختىسىدىن Pھەرىپىنى باسساق بىز چىقارماقچى بولغان ئاۋاز ۋە مۇزىكا دائىرىسىنى تاللاپ بېرىدۇ. ئاندىن كونتىرول سۇپىسىدىكى Fileتېزىملىكىدىن Exportنى تاللاپ شۇ كۆزنەك ئىچىدىكى  Audio Mixdownنى تاللىسساق يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. مۇشۇ يەردە بىرئىشنى سۆزلەپ ئۆتسەم Importبولسا ئەكىرىشنى كۆرسىتىدۇ يەنى مۇزىكا ئاۋازلارنى مۇشۇ كۆزنەكنىڭ ئىچىدىن Audio File نى تاللىق ئاۋاز ئەكىرىمىز Exprotبولسا رەھبەر دېتالدىن سېرىتقا ئاۋاز چىقىرىمىز. ئەمدى شۇ چىقىرىشتا رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.كۆزنەكتىكى 1-رايۇن چىقارماقچى بولغان ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ ھۆججەت نامى.2-رايۇن ساقلىماقچى بولغان رايۇن.3-چىقارماقچى بولغان شەكلى يەنى(Mp3,Wav)قاتارلىقلار.
شۇلارنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن Exprotنى چېكىۋەتسەك ئاۋاز چىقىشقا باشلايدۇ.100%بولغاندىن كېيىن ساقلىغان رايۇندىن چىقارغان ئاۋاز ھۆجىجىتىنى قۇيۇپ ئاڭلىساق بۇلىدۇ.

سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


يۇقىردا سۆزلىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى بولسا ئۆزۈمنىڭ تەجىربىللىرى.كۆپ قىسىم تەڭشەكلىرى بولسا ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىغا يەنى ئالغان ئاۋازنىڭ تۈسىگە قارىتا تەڭشىلىش باسقۇچلىرى.دوسىتلىرىمىز مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىپ تەڭشەپ كۆرسەڭلار بۇلىدۇ.يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىم بولسا ئۇستازلارنىڭ خاتا بۇلۇپ قالغان يەرلىرىنىڭ تۈزۈپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.ھەمدە قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

تۈگىدى.

ئاخىرىنى داۋاملىق يوللايمەن.

باشقۇرغۇچىلار ئىنكاس يازغاندىن كېيىن تېما كۆرۈلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان بولساڭلار. ناھايىتى ياخشى بۇلاتتى. بۇنداق دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى ھەممىمىزگە ئېنىققۇ دەيمەن. رەھمەت سېلەرگە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +30 يىغىش سەۋەبى
makan + 30 ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

تەتىلگىمۇ ئاز قالدى، لېكىن مۇشۇ زېرىكىپ قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمە جۇمۇ  
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-26 06:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرىسلىكتە تورخانىدا تەييارلىغىم ئۈچۈن تورخانىغاسەپلەنگەن كومپىيوتۇر سەپلىمىسىدىن پايدىلاندىم. ئاۋاز كارتىسىنى تەڭشەش رايۇنىغا ياخشىراق دېققەت قىلساڭلار.(يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە)
تەتىلگىمۇ ئاز قالدى، لېكىن مۇشۇ زېرىكىپ قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمە جۇمۇ  
ۋاقتى: 2014-4-28 14:01:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئىش قىپسىز،ئەجرىڭىزگە كۆپ تۈشەككۈر
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
ۋاقتى: 2014-4-28 17:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ .
ۋاقتى: 2014-4-28 20:14:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،ئىسل دەرىسلىك بوپتۇ
ۋاقتى: 2014-4-29 01:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،                    
ۋاقتى: 2014-4-29 03:17:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا!!!!
ئاستا ماڭساڭمۇ توختاپ قالما!!!
ۋاقتى: 2014-4-30 02:15:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،         بارىكاللا!!!!
ۋاقتى: 2014-4-30 18:59:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،ئىسل دەرىسلىك بوپتۇ。
.
ۋاقتى: 2014-4-30 21:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بەك ياخشى  تىمىكەن
ۋاقتى: 2014-4-30 21:38:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەھمەت
ۋاقتى: 2014-5-1 02:39:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە! بەك ياخشى تېما يوللاپسىز
قاراڭغۇلۇقتىن قاخشاپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، بى ...
ۋاقتى: 2014-5-1 02:44:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە! بەك ياخشى تېما يوللاپسىز
قاراڭغۇلۇقتىن قاخشاپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، بى ...
ۋاقتى: 2014-5-2 02:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا
ۋاقتى: 2014-5-3 01:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، بۇتېمىنى ياخشى يوللاپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-8-22 23:55 , Processed in 0.968775 second(s), 78 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش