ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1774 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • DIL 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەراقانداق ناخشىنى چېنىپ قالمىغۇدەك Kara ok قىلىدىغان دىتال بارمىدۇ؟

  • مىسران 2015-3-19 01:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممەيلەننىڭ يىتىپ كىلىش ئ‍الدىدىكى نۇرۇز بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن

  • باغاق 2015-3-17 23:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم. سىلەردە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ مۇزىكىلىرىى بامىدۇ.463889607چ چ؛

  • ئەخمەق 2015-3-10 23:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋا ي ئەقلىڭىزگە بارىكاللا مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەپ ئويلىغان ، بىراق ئۇ يەر بۇ يەرلەر بىلەن قېرىشىپ تۇرسام تۇرۇپ  ...

  • مەمەتكا 2015-3-9 11:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    13899194030

  • بويناق 2015-3-8 22:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    رويال ھەۋەسكارلىرى QQ تۇپىغا كىرشىڭلارنى قارشى ئالمەن 431648422

  • شاھيار520 2015-3-5 16:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھۆرمەتلىك دوسلار قانداق ئەھۋالىڭلار ئالدى بىلەن مەن ھەممىڭلارنىڭ ئىشىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تىنىڭلارنىڭ س.....

كۆرۈش: 568|ئىنكاس: 11

كۆپ ئىشلىتىدىغان VST ئاۋاز مەنبەلىرى ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

1155

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   7.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 18:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-14 18:22  

كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاۋاز مەنبەلىرى ھەققىدە چۈشەنچە


بەختىيار ھۈسەن



مۇقەددىمە:



بۇ قېتىم دوسىتلارغا  بىر قىسىم ئاۋاز مەنبەلىرى ھەققىدە چۈشەنچەمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى.بۇمۇ يېڭى ئۈگۈنىۋاتقان دوسىتلارنىڭ لازىملىق ئاۋاز مەنبەلىرىگە بولغان تۇنۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇشبۇ تېمىنى يوللاش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. ئەسكەرتىدىغىنىم خاتا سۆزلىنىپ قالغان ياكى كەم قالغان يەرلىرىنى ئۇستازلىرىمىزنىڭ تۈزۈتۈپ تۇلۇقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

1-تۈركۈمدىكى كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاۋاز مەنبەلىرى:


hypersonic2

تۇلۇق ئاتىلىشى:Steinberg.Hypersonic.2

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2005-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئېلان قىلغان ئورۇن: گىرمانىيە سېتىنبىرىگ شىركىتى

Hypersonic بولسا ئۆزىگە 1.7Gچوڭلۇقتىكى 1800ئاۋاز تۈسى بىلەن قورانلانغان 16يوللۇق ئاۋاز چىقىرىشنى قوللايدۇ.سىغىمى كىچىك ئاۋاز مىقدارى مول مەزمۇنلىقى بىلەن رايۇنىمىزدا كەڭ ئۇمۇملاشقان ئاۋاز مەنبەسىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن سىرىت ھەر بىر ئاۋاز مەنبەلىرىنى Hypersonic دېتالى ئىچىدىن ھەر خىل ئۈنۈملەردە ئۈنۈملگىلى بۇلىدۇ.يەنى ئۆزىدە كېرەكلىك ئۈنبىزەكلىرى بار.ئۇنىڭدىن سىرىت بۇ ئاۋاز مەنبەسىگە سەپلەنگەن پۈتۈن ئاۋاز تۈسلىرىنى ئايلانما ئاۋاز قىلىپ تەڭشەپ ئىشلەتكىلىمۇ بۇلىدۇ.
ئاۋاز تۈسلىرى جەھەتتە  بولسا ھەر خىل ئۇسلۇبلارغا ماس كېلىدىغان ئاۋاز تۈسلىرىنى تاپقىلى بۇلىدۇ.يەنە 128ئۆلچەملىك Gmئاۋاز تۈسىمۇ بار. ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ تاللاپ ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇشۇ بىر Hypersonicئاۋاز مەنبەسى بىلەن بىر مۇزىكىنى تامامەن ئىشلەپ پۈتكۈزگىلى بۇلىدۇ.
01.jpg




Plugsound Box

تۇلۇق ئاتىلىشىlugsound Box

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2006-5-26-كۈنى

ئېلان قىلغان ئورۇن:USBشىركىتى

بۇ  ئاۋاز مەنبەسى بولسا  ئۆزىگە 2Gئەتراپىدا ئاۋاز مەنبەلىرىنى مۇجەسسەملىگەن بۇلۇپ قاچىلانغاندىن كىيىن ئالتە دانە ئاۋاز مەنبەسى قىستۇرمىسى ھالەتتە قاچىلىنىدۇ. ئۇلار بولسا 1. پىئانىنو تۈرىدىكى ئاۋاز تۈسى.گىتتار تۈرىدىكى ئاۋاز تۈسى3.دۇمباق تۈرىدىكى ئاۋاز مەنبەسى4.Hip-Hopئۇسلۇب تۈرىدىكى ئاۋاز مەنبەسى5.ئېلىكتىرون تۈرىدىكى ئاۋاز تۈسى6.GMتۈرىكىدى ئاۋاز تۈسى.

بۇ ئاۋاز مەنبەلىرى يەنە ئۆزىگە ھەرخىل تۈردىكى تەڭشەكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭشەپ ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.رايۇنىمىزدا چوڭ كىچىك مۇزىكانىتلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ دېتاللاردىن پايدىلىنىپ كۆپلىگەن مۇزىكىلارنى ئاكورتلاشتۇرغان. بۇلۇپمۇ بۇ ئاۋاز مەنبەسىدىكى نەي ئاۋاز،ئۆزبەك ساز ئاۋازى،پىئانىنو ئاۋازى،گىتتار ئاۋازى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تورلاردا تارقىلىۋاتقان كۆپ ناخشىلارغا ئىشلەتكەن بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان ئاۋاز تۈسلىرى.

02.png



RealGuitar2

تۇلۇق ئاتىلىشى:RealGuita

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2006-يىلى2-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئېلان قىلغان ئورۇن:MUSICLAB

بۇ بولسا ئېلىكتىرونلۇق قاپاق گىتتار ئاۋاز مەنبەسى بۇلۇپ چوڭلىقى 200mbئەتراپىدا،soloۋە پاس چېلىشقا قولايلىق گىتتار ئاۋاز مەنبەسى.بۇندىن بۇرۇن رايۇنىمىزدا كەڭ ئۇمۇملاشقان گىتتار ئاۋازمەنبەسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇزىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تىرىك گىتتارلارنى چېلىش ئۇقۇمى بىر قەدەر كەڭ ئۇمۇملىشىپ كېلىۋاتىدۇ،بىراق يەنە كۆپ قىسىم گىتتارلارنى تىرىك چېلىشقا ئېھتىياجى تۇلۇق بولمىغان مۇزىكانتلىرىمىز يەنە كومپىيوتۇر ئاۋاز مەنبەسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.RealGuitarنىڭ Soloچېلىشقا يەنى مىلودىيە قىسمىغا چالىدىغان ئاۋاز تۈسى سىزنىڭ كونتىروللىقىڭىز ئاستىدا ئاۋازلارنىڭ قېيىشى ،ئۇلۇنۇپ چىقىشى ۋە گىتتار مىلودىيە پۇراقلىغا خاس ھەرخىل تەڭشەكلىرى بار،پاس گىتتارنىڭ بولسا سىزنىڭ ئاكورتتىڭىزغا ئەگىشىپ پاس ئۇرۇش،ئىلىپ چېلىش ،ئۆز ئۇسلۇبىڭىزغا ماسلاشتۇرۇش پاس ياساش قاتارلىق ئەۋزەل تەرەپلىرى سىزنى تولىمۇ رازى قىلدۇرىدۇ.بۇنىڭ يېڭى نۇسخسى بولسا 3.0نۇسخىسى ،ھازىرغىچە 1.0-1.5-2.0-2.5-3.0قاتارلىق نۇسخىللىرى يېڭىلىنىپ كەلدى.

رايۇنىمىزدىكى مۇزىكىلاردا كۆپ ھاللاردا بۇ ئاۋاز مەنبەسىنىڭ پاس گىتتارلىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ كەلمەكتە، بۇلۇپمۇ بەزى شوخ ناخشىلارغا گىتتار پاسلىرىنى ئۆزىڭىز ياساپ مۇزىكىغا كىرگۈزسىڭىز،مۇزىكىڭىز باشقىچە ئېچىلىپ قالىدۇ.بۇنىڭدىن سىرىت يەنە Ilyaشىركىتىنىڭ يەنە بىر گىتتار ئاۋاز مەنبەسى بار بۇلۇپ بۇ Real Guitarدىن خېلى ياخشى. ھەزرىتىئەلى مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ مەن بىلەن تېمىسىدىكى ناخشىنى كېرەمجان مۇھەممەتئەلى ئاكورتلاشتۇرغاندىكى گىتتار ئاۋاز تۈسى دەل Ilya شىركىتىنىڭ گىتتار ئاۋاز تۈسى بۇلۇپ بۇ ئاۋاز مەنبەسى Kontakitنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ ئىشلىتىدىغان ئاۋاز مەنبەسى بولغاچقا كىينكى قېتىملىق Kontakitنىڭ ئاۋاز تۈسلىرىنى سۆزلىگەن ۋاقتىمدا توختىلىپ ئۆتەي.

03.jpg



Virtual Guitarist


تۇلۇق ئاتىلىشى:Virtual Guitarist

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2003-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى

ئېلان قىلغان ئورۇن:گىرمانىيە سېتىنبىرىگ شىركىتى


بۇ بولسا 2Gچوڭلۇقتىكى گىتتار ئاۋاز تۈسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن دېتاللارنىڭ بىرى بۇلۇپ،سەپلەنگەن ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى ئاكورتقا ئەگىشىدىغان ئايلانما گىتتار ئاۋاز تۈسى، پاس گىتتار قىسمى بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان يەنە ئىلىپ چېلىنىدىغان قىسمى ئاز. بۇ گىتتار ئاۋاز تۈسى جەمى 4پارچە قىستۇرما دېتال بۇلۇپ.1-قاپاق گىتتار نۇسخىسى2-توك گىتتار نۇسخىسى 3-توك گىتتار  كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى4-باس گىتتار نۇسخسى.

بۇگىتتار ئاۋاز مەنبەسى بولسا كۆپ قىسىم لېرىك ناخشىلارغا كۆپ ئىشلىتىدىغان گىتتار ئاۋاز مەنبەسى،رايۇنىمىزدا كۆپ قىسىم دوسىتلىرىمىز ھازىرغىچە مۇشۇ ئاۋاز مەنبەسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇئاۋاز مەنبەسى ئۆزىگە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى گىتتار پاسلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇلۇپ سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەنە تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.

يۇقىردا تۇنۇشتۇرغىنىمىز بولسا Virtual Guitaristنىڭ 1-نۇسخىسى.2-نۇسخىسىدا بولسا ئاۋاز مەنبەسى بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ۋە ئىقتىدارلىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى بۇلۇپ 2-نۇسخىسىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇپ پاس ياساش ئىقتىدارى. لېكىن 2-نۇسخىسى تېخى يېشىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تورلاردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىمىز بىر قەدەر قىيىن.شۇڭا لازىملىق دوسىتلارنىڭ سېتىۋىلىپ ئىشلىتشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


05.jpg
04.jpg



EZdrummer

تۇلۇق ئاتىلىشى:Expansion Libraries for EZdrummer

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2006-يىلى 6-ئاينىڭ15-كۈنى

ئېلان قىلغان ئورۇن:Toontrackشىركىتى

EZdrummerبولسا 658mbچوڭلۇقتىكى چاتما دۇمباق ئاۋاز تۈسى مەنبەسى بۇلۇپ، ئاۋاز تۈسىنىڭ تىرىك بۇلىشى ۋەئۆزىگە ئالدىن قاچىلانغان دۇمباق رېتىملىرىنىڭ سەرخىل بۇلۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن كۆپ قىسىم مۇزىكانتلارنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشكەن چاتما دۇمباق ئاۋاز مەنبەسى. بۇ ئاۋاز مەنبەسىدە ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى چاتقا دۇمباق رېتىملىرى بار بۇلۇپ مۇزىكىنىڭ سۆرىتىگە ئەگىشىدۇ. ھەمدە ھەرقايسى دۇمباق ئاۋازلىرىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ئاۋازلارنىڭ بوشلۇققا تىزىلىشى،كۈچلۈك ئاجىزلىقىنى EQمىقدارىنى قىستۇرما دېتالنىڭ ئۆزىدىن تەڭشەش ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن سىرىت  ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ،مۇزىكىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.بۇ ئاۋاز مەنبەسىنىڭ كىشىنى خوشال قىلدۇردىغان يېرى شۇكى ئاۋازتۈسىنىڭ ئەينەنلىك،تىرىكلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرلىقى مۇزىكا جەمىيىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم مۇزىكىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققان.

بۇ ئاۋاز مەنبەسىنىڭ يەنە 6يۈرۈش كېڭەيتىلگەن ئاۋاز مەنبەسى بار بۇلۇپ(بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بۇلىشى مۇمكىن،مېنىڭ بىلىدىغىنىم 6يۈرۈش) ئىقتىدارى ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ئوخشىماسلىقلار ۋە يېڭىلىقلار نۇرغۇن. ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ تاللاپ چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.

06.jpg
07.jpg



دۇنيا مىللەتلەر ئاۋاز تۈسى مەنبەسى Ethno World4

تۇلۇق ئاتىلىشى:Best Service Ethno World 4 Pro

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2009-يىلى 11-ئاينىڭ29-كۈنى

ئېلان قىلغان ئورۇن:Best Service شىركىتى

Ethno World4 بولسا 10Gچوڭلۇقتىكى پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئاۋاز تۈسى مەنبەسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئاۋاز مەنبەسىنىڭ بىرى. ئاتىلىشىدىن بىزنىڭ ئويلىغىنىمز ئەلۋەتتە دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىغا دائىر ئاۋاز  تۈسلىرى بۇ ئاۋاز مەنبەسىگە مۇجەسسەملەنگەن دەپ،لىكىن Best Service شىركىتى بۇ ئاۋاز مەنبەسىنى ئىشلەشنى ئويلاشقاندا،خەلىقئارادا بىر قەدەر كەڭ ئۇمۇملاشقان مىللەتلەر ئاۋاز تۈسىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىگەن بۇلىشى مۇمكىن.شۇڭا بۇ ئاۋاز مەنبەسىدىكى ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك Best Service شىركىتىنىڭ ئىنسابىغا باغلىق دېيىشكە بۇلامدۇ قاندق؟  .بۇ ئاۋاز مەنبەسىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۇمباق ئاۋاز تۈسى،ئادەم ئاۋاز تۈسى،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ساز چالغۇلىرىنىڭ تىرىك ئاۋاز تۈسلىرى loopھالەتتە كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ بىز بۇنى مۇزىكىنىڭ تېزلىكى ۋە ئاۋاز مەنبەسى تەرىپىدىن مۇقىملاشتۇرغان تېزلىكى بۇيىچە مۇزىكىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ھېسىياتىغا ئاساسەن ھەرقايسى سازلارنىڭ چالغان ۋاقتىمىزدا كۆپ قىسىم ئاۋاز مەنبەلىرى شىركەت تەرىپىدىن ئۆزى ياسىغان ئاۋاز تۈسلىرى بولغاچقا ئەينەنلىك دەرىجىسى Loopھالەتتە كىرگۈزۈلگەن ئاۋازلارغا قارىغاندا تۆۋەن.بۇ ئاۋاز مەنبەسىدىكى Loopئاۋاز مەنبەلىرى بىلىشىمچە شىركەت تەرىپىدىن تىرىك چالغۇزۇپ ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلانغان ئىكەن،ئاڭلاشتىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق،لېكىن بۇ نۇقتىغا گۇمانى كۆز قاراشلار نۇرغۇن.

Ethno World4 ئاۋاز مەنبەسىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن 3-نۇسخسى ئېلان قىلىنغان 4-نۇسخىسىدا 3-نۇسخىسىغا قارىغان ئاۋاز تۈسلىرىنىڭ مىقدارى ۋە ئۇسلۇبى بىر قەدەر كۆپ. ئېسىمدە قېلىشىچە ئالدىنقى يىلى 5-نۇسخىسىنىڭ يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسى ئېلان قىلغان مەن ھازىر شۇ نۇسخسىىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ئاۋاز تۈسلىرى جەھەتتە بولسۇن نۇرغۇن جەھەتلەردە 3-ۋە4-نۇسخىللىرىدىن خېلىلا ياخشى.بەلكىم بۇندىن كېيىن داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىشى مۇمكىن.

بۇ ئاۋاز مەنبەسىنى Kontakitقا ئەكىرىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ۋە ياكى ئايرىم قىستۇرما دېتال قىلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئىشلىتىڭ.

08.jpg


Nexus2

تۇلۇق ئاتىلىشى:ReFX.Nexus2.Expansion.Pack

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2010-يىلى8-ئاينىڭ2-كۈنى

ئېلان قىلغان ئورۇن: reFX شىركىتى

Nexus2 بولسا 3.5Gچوڭلۇقتىكى ئېلىكتىرونلۇق ئاۋاز تۈسى ئاۋاز مەنبەسى بۇلۇپ،ئاساسلىقى ئېلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە باب كېلىدىغان دېتاللارنىڭ بىرى. بۇ دېتال ئۆزىگە 16تۈرلۈك  ئېلىكتىرونلۇق ئۈنۈملىگۈچنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇلۇپ،Nexusدا بار بولغان ھەممە ئاۋازلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئۈنۈملەپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى Nexusدىكى بارلىق ئاۋازلارنىڭ ھەممىسىنى ئايلانما ئاۋازلارغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز ھەمدە ئايلانما ئاۋازلارنىڭ ئايلىنىش دائىرىسى ئايلىنىش شەكلىنى ئۆزىڭىز كونتىرول قىلالايسىز،ئۇنىڭدىن سىرىت كۆپ ئاۋازلارنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھازىرقى زامان ئېلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئاكورتلاشتۇرۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ بىرى. دىيارىمىز ياش ناخشىچى ھەم ئىجادىيەتچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 90% مۇزىكىسىغا مۇشۇ دېتالدىكى ئاۋاز تۈسلىرىنى ئىشلەتكەن دەپ پەرەز قىلدىم.

بۇ ئاۋاز مەنبەسىنىڭ 28دانە كېڭەيتىلگەن ئاۋاز مەنبەسى بار بۇلۇپ بۇلارنى ئايرىم چۈشۈرۈپ  Nexus بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.

09.jpg


Stylus RMX

تۇلۇق ئاتىشىلىشى:Spectrasonics Stylus RMX

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2009-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئېلان قىلغان ئورۇن:Spectrasonics شىركىتى

Stylus RMX نىڭ دىيارىمىز midiمۇزىكىچىلىقىغا كىرىشى دىيارىمىز مۇزىكىچىلىقىغا چوڭ تۆھپە قوشقان دەپ ئېيتسام يالغان گەپ بولمايدۇ.Stylus RMX بولسا 11.5Gچوڭلۇقتىكى دۇمباق ئاۋازلىرىنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى ماتىرىيال ئاۋاز مەنبەسى بۇلۇپ،ئۇنىڭغا سەپلەنگەن دۇمباق ئاۋاز تۈسلىرىنىڭ سەرخىللىقى،ئىشلىتىشنىڭ قولايلىقى،ئۈنۈملىگۈچلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان midiمۇزىكا ساھەسىدە كەڭ ئۇمۇملاشتى. بۇ ئاۋاز مەنبەسىدىكى ھەممە ئاۋازلارنىڭ چېلىنىشىنى بىز ئۆزىمىز كونتىرول قىلالايمىز،ئۆزىمىز ئىشلىگەن مۇزىكىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا ئىشلەتسەك بۇلىدۇ. بۇ ئاۋاز مەنبەسى دىيارىمىزدىكى  midiمۇزىكانتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشلىتىدۇ.كەڭ ئۇمۇملاشقان ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

بۇ ئاۋاز مەنبەسىنىڭ جەمىئىي 26دانە كېڭەيتىلگەن ھۆججىتى بار بۇلۇپ ھەممىسىنى قوشقاندا 170Gچوڭلۇقتا،شۇڭا دوسىتلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

10.jpg


خاتىمە


يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇزىكا ئاكورتلاشتۇراشتا كېرەكلىك ئاۋاز  مەنبەلىرىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ،ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ خىزمەت تەجىربىسىدىن ئۆتكەن ئاۋاز مەنبەلىرى.شۇڭا دوسىتلارنىڭ ئاۋاز مەنبەلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللۇدۇم.ئەگەر يەنە چۈشەنمىگەن مەزمۇنلار بولسا دوسىتلارنىڭ ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ ئورتاق ھەل قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۈندىدار نۇمۇرۇم:793597172

شارائىتىڭىز يار بەرسە ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىڭ

2-يۈرۈش ئاۋاز مەنبەلىرىنى داۋاملىق يوللايمەن.ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارنىڭ سالامەت ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق،خىزمىتىڭلارنىڭ غەلبىلىك بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئامان بۇلۇڭلار.

2014-يىلى6-ئاينىڭ 14-كۈنى

مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتى

بەختىيار ھۈسەن

120.jpg
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

تەتىلگىمۇ ئاز قالدى، لېكىن مۇشۇ زېرىكىپ قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمە جۇمۇ  

34

تېما

31

دوست

2935

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   96.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:00:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمما بوپتۇ
مۇزىكامەن ئۈچۈن ئىشتىياق،شۇنچىلىك شىرىن ھەم گۈزەل..............

117

تېما

36

دوست

6107

جۇغلانما

بىكەت باشلىغى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

升级   100%

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 13:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،كۆپ ئەجىر قىپسىز،ئەمگەك تەكرارلىنىپ قالمىسۇن دەپ ئەسكەرتىشنى لايىق تاپتىم،بۇ دىتاللارنى بۇرۇن بىر تونۇشتۇرغان،لىكىن ئەينى ۋاقىتتىكى بوشلۇق سەۋەبىدىن رەسىملەر چىقماي قالدى...
بولسا يېڭى چىقىۋاتقان دىتاللار ھەققىدە توختالساق دىگەن ئۈمۈتتە.بۇرۇنقى تېمىلار:
http://www.makanmusic.com/bbs/fo ... thread&tid=4636

http://www.makanmusic.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=25

http://www.makanmusic.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=24

http://www.makanmusic.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=22

http://www.makanmusic.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=20

بۇ پەقەت بىر قىسىمى خالاس،ئەگە سىز كىيىنكى باسقۇچتا تەيارلىماقچى بولغان دەرىسلىك بۇ تېمىلاردا بولسا ئەمگەك تەكرارلىنىپ قالمىسۇن دىگەن مەخسەتتە بۇ تېمىلارنى يوللاپ قويدۇم،كۆرۈپ بېقىڭ

13

تېما

23

دوست

1224

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   11.2%

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 14:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت
يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

17

تېما

41

دوست

1733

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

升级   100%

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 00:20:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلى يېزىپسىز ، بارىكاللا . سىزدەك ئەزالىرىمىز بولغىنىدىن پەخىرلىنىمىز .

34

تېما

31

دوست

2935

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   96.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 12:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تىمىغا ئىنكاس ئاز چۈشۈپتۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىمما بوپـتۇ بولسا داۋامنى يوللاسىز
مۇزىكامەن ئۈچۈن ئىشتىياق،شۇنچىلىك شىرىن ھەم گۈزەل..............

117

تېما

36

دوست

6107

جۇغلانما

بىكەت باشلىغى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

升级   100%

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 18:40:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردىكى دىتاللارنىڭ ئىچىدە ‹hypersonic2› ۋە ‹Stylus RMX › نى تور بىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتتى،دوسلارنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمىز.

15

تېما

3

دوست

706

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

升级   41.2%

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 15:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا . سىزدەك ئەزالىرىمىز بولغىنىدىن پەخىرلىنىمىز .
سالام ماكانداشلار.....ياخشى تۇرۋاتامسىلەر

31

تېما

14

دوست

857

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

升级   71.4%

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 19:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ ئاداش

1

تېما

7

دوست

110

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

升级   40%

يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 21:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى تىما بوپتۇ

23

تېما

29

دوست

2155

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   57.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 00:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىرىندىشىم  مەن كېچىكىپرەك كۆرۈپتىمەن...ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا!
ئاستا ماڭساڭمۇ توختاپ قالما!!!

23

تېما

29

دوست

2155

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   57.75%

يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 00:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندى   سىزگىمۇ رەھمەت.....
ئاستا ماڭساڭمۇ توختاپ قالما!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


Archiver|WAP|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى ( 新ICP备13002498  

GMT+8, 2015-3-29 17:06 , Processed in 0.859397 second(s), 49 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش