ئاچ قورساقلىق ئادەم بەدىنىدىكى پارازىتلارنى ھەيدەشكە پايدىلىق ئىكەن
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، قورسىقى ئاچىدۇ، بۇ ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغان تونۇش. ئەمەلىيەتتە، كۆپلىگەن تەتقىقاتلار ئارقىلىق، ئاچلىقنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەرەپلىرى بار ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان. دۇنيادىكى تۆتتىن بىر قىسىم ئادەم ئۈچەي-ئاشقازان پارازىت قۇرۇتى بىلەن يۇقۇملانغان. پارازىتلار بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئادەتتە ئىشتىھاسى بىنورمال بولۇش، كۈنسايىن ئورۇقلاپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مانچېستېر ئۇنۋېرسېتىتى(University of Manchester)نىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەشنىڭ سەۋەبى ئەسلى ئادەم ئىممۇنېت سىستېمىسىنىڭ پارازىت قۇرتلار بىلەن جەڭ قىلىشىدىكى بىر «پەمى» بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئورگانىزىملارنىڭ پارازىت قۇرتلارنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەم قىلىدىكەن.
بىر قېتىملىق تاساددىپى ھادىسە تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.
تەتقىقاتچىلار مەلۇم تەتقىقاتقا قاتناشقان پىدائىيلارنىڭ تاماقتىن كېيىنكى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، بىر پىدائىينىڭ ئۆت خالتا تارىيىش-قىسقىراش دەرىجىسى باشقىلاردىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۆت خالتىسىنىڭ تارىيىش-قىسقىرىشى يۇقىرى بولسا قورساق ئاسانلا تويغاندەك بولۇپ، گالدىن تاماق ئۆتمەي، ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تەن ئېغىرلىقى يىنىكلەپ بارىدىكەن. تەتقىقاتچىلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەندە، ئەسلى مەزكۇر ئەرنىڭ يېقىندا ساياھەتكە چىقىپ ئۈچەي-ئاشقازان پارازىت قۇرۇتى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان. شۇ ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار ئاچ قورساق ۋاقىتتا ئۆت خالتىسى بىلەن پارازىتلار ئوتتۇرىسىدىكى يۇشۇرۇن مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىپ يۇقارقى يەكۈننى چىقارغان.
2008-يىلى «ھۈجەيرە مىتابولىزىم» قەرەللىك ژۇرنىلىدا بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاشقازان ئاچلىق فاكتورى ئەسەبىيلىشىشكە قارشى تۇرالايدىكەن ۋە ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن. 2011-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكا «نېرۋا ئىلىمى» ژۇرنىلىدا بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدا، ئاشقازان ئاچلىق فاكتورى ئادەملەردە بىر ۋاق تاماق بىلەن غىزالىنىش تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.