لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۈچ خىل ئاغرىقلار پۇرچاق سۈتى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك

ئۈچ خىل ئاغرىقلار پۇرچاق سۈتى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك

ۋاقتى: 2016-08-24 ئاۋاتلىقى: 2536 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يەللىك بوغۇم كېسىلى بارلار: بۇ كېسەل پۇرىن مېتابولىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە پۇرىننىڭ مىقدارى مول، ئۇنى ئېزىپ پۇرچاق سۈتىگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن پۇرىننىڭ مىقدارى باشقا تۈردىكى پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنىڭكىدىن تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقلىرى پۇرچاق سۈتىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى ناچارلار: پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ئۈچەي يولى ئېنزىمنىڭ رولى ئاستىدا يەل پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، قورساق كۆپكەن، ئىچى سۈرگەن، ھەزىم قىلىشى ناچار ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى پۇرچاق سۈتىنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

ئوپېراتسىيە قىلىنغان ياكى كېسەل بولۇپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرغانلار: بۇ مەزگىلدىكى ئاغرىقلارنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولىدۇ، ئۈچەي، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىمۇ دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ، شۇڭا بۇنداقلار تەبىئىتى سوغۇق بولغان پۇرچاق سۈتىنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.بىر قىسىم كىشىلەر سۈت ئىچكەندىن كېيىن، قورسىقى كولدۇرلاپ، ھەتتا ئىچى سۈرۈشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، سۈت تەركىبىدە لاكتوزا بولغانلىقتىندۇر، لاكتوزا بەدەن ئىچىدە پارچىلىنىپ ماددا ئالماشتۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان لاكتوزا ئىزىمىدىن پايدىلىنىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە لاكتوزا ئىزىمى كەمچىل بولغانلىقتىن، لاكتوزا ئۈچەي يولىدا ھەزىم بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورساق كولدۇرلاپ ئىچى سۈرۈشكە باشلايدۇ.بۇ تېبابەتچىلىكتە ‹‹لاكتوزىغا چىدامسىزلىق كېسەللىكى›› دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئورگانىزىمدا لاكتوزا كەمچىللىكتىن كېلىپ چىقىدىغان نورمال رېئاكسىيە بولۇپ، سۈتتىكى سۈپەت مەسىلىسى ئەمەس.

 

 

بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى