يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بارلار سۈت، تۇخۇم بىلەن ئاقسىل تولۇقلىشى كېرەك
ۋاقتى: 2016-10-21
ئاۋاتلىقى: 2136 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ئادەتتە گۆش، بېلىق، پۇرچاق قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يەيدۇ، چۈنكى بۇ خىلدىكى يېمەكلىك تەركىبىدە پۇرىن يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىغا زىيانلىق. لېكىن يەللىك بوغۇم بىمارلىرى بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىلنى قانداق تولۇقلايدۇ؟
پۇرىن ئەمەلىيەتتە يادرو كىسلاتا مولېكولاسىنىڭ تەركىبى بولۇپ، ئېرسىيەت ماددىسى كۆپىنچە ھۈجەيرە يادروسىدا بولىدۇ. سۈت كالىنىڭ سۈت بېزى ھۈجەيرىسىدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۈجەيرە يادروسى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك پۇرىن بولمىغاچقا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ئادەتتە تۇخۇم ۋە سۈت ئىستېمال قىلىپ ئاقسىل تۇلۇقلاپ بەرسە بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى