تۇخۇم ئىستېمال قىلىشتىكى ئالتە خىل خاتا ئۇسۇل
يانفوندا كۆرۈش
تۇخۇم يېيىشلىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك. ئەگەر تۇخۇم ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى توغرا بولمىغاندا، بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى بۇ مەھسۇلات <<ئەخلەت>> كە، ھەتتا «زەھەر» گە ئايلىنىدۇ.
1. خام تۇخۇمدا تۈرلۈك باكتېرىيە بولۇپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
2. بەك پىشقان تۇخۇم ئاسان ھەزىم بولمايدۇ؛
3. تۇخۇم بىلەن پۇرچاق سۈتىنى بىللە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. پۇرچاق سۈتىنى بىلەن تۇخۇمنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى ئالاھىدە ماددا تىرىپسىن تۇخۇم ئېقى تەركىبىدىكى تۇخۇم ئاقسىلى بىلەن بىرىكىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى يوقىتىۋېتىدۇ؛
4. تۇخۇم بىلەن شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرماسلىق كېرەك، چۈنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا لىسىن كىسلاتاسى شەكىللىنىپ، تۇخۇم تەركىبىدىكى پايدىلىق ئامىنو كىسلاتاسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ ھەمدە بۇ خىل ماددا قان ئۇيۇتۇپ، بەدەنگە خەتەر يەتكۈزىدۇ؛
5. تۇخۇم قورىغاندا تېتىتقۇ سالماسلىق كېرەك. تۇخۇم تەركىبىدىكى ناترىي گىلوتاماتنى شەكىللەندۈرىدۇ، تېتىتقۇدىمۇ ناترىي گىلۇتامات بولۇپ، ئەگەر تۇخۇمنى قورۇغاندا تېتىتقۇ سېلىنسا، تۇخۇم تەركىبىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ناترىي گىلۇتاماتنى شەكىللەندۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، تۇخۇمنىڭ تەمىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛
6. پىشقان تۇخۇمنى سوغۇق سۇغا سالسا، ئاسانلا بۇزۇلىدۇ.