ھەر خىل ياللۇغنى قايتۇرۇشتا...
ۋاقتى: 2016-08-07
ئاۋاتلىقى: 2836 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى: 100 گىرام يۇمغاقسۈت يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىگە 3-5 كۈن چىلاپ، ھەر ۋاقلىق تاماقتىن كېيىن سۈيىدە ئېغىزنى غەر-غەر قىلىش بىلەن بىللە، ئۈچ تال يۇمغاقسۈت يىلتىزىنى ئىككى مىنۇت چاينىغاندىن كېيىن يۇتۇۋەتسە، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغى: ئاۋۋال ئىككى بىگىز بارماق بىلەن قاڭشارنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئاستى ۋە ئۈستىگە قىلىپ قايتىلاپ 100 قېتىم (ئېچىشىش،كۆپۈش سېزىمى بولغۇچە)، كېيىن ئىككى بىگىز بارماقنىڭ ئۇچى بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بۇرۇن قانىتىنىڭ يېنىدىكى بۇرۇن ئەينىكى ئېرقچىسىنى كۈندە كەچتە 100 قېتىم ئۇۋۇلاپ بېرىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3. قۇلاق ياللۇغى: 50 گىرام يېڭى ئاندروگرافىس نېلۇپەرىنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، دىزىنفىكسىيەلەنگەن پاختا شارچىسىنى چىلاپ قۇلىقىغا تىقىپ 2-3 مىنۇت تۇرغۇزۇپ ئېلىۋېتىشنى كۈندە چۈشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئىشلەش، بۇنى ئۇدا ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، قۇلاق ياللۇغىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بولىدۇ.
4. تەمرەتكە: 2000 مىللىلىتىر ئىلمان سۇغا بەش گىرام سودا سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ، تەمرەتكە ئورنىنى سۈرتۈپ بېرىشنى كۈندە بىر قېتىم داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، تەمرەتكىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بولىدۇ.
5. ئاشقازان ياللۇغى: ئۈزۈم شەربىتى تەركىبىدە ئاق لويلا ئالكوھولى مول بولۇپ، باكتېرىيە يوقىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، ھەر قېتىمدا 30-50مىللىلىتىر ئۈزۈم شىرنىسى (شۇ قويۇپ سۇيۇلدۇرسىمۇ بولىدۇ)نى ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيە يوقىتىش ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
6. ئۈچەي ياللۇغى: سۈت كىسلاتاسى ئۈچەي باكتېرىيەسى ۋە ياللۇغىغا پايدىلىق. كۈندە 100 گىرام قېتىق ئىچىپ بېرىش بىلەن بىللە، 5-10 گىرام ھەسەل، مۇۋاپىق مىقداردا پەمىدۇر ئېستىمال قىلىپ بەرسە، سۈت كىسلاتاسىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
مەنبەسى: قانۇنچىلىق گېزىتى