لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

ۋاقتى: 2016-08-18 ئاۋاتلىقى: 1154 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك 
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىس: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى كۆپ قوزغىلىدىغان كۈز ۋە قىش پەسلىدە شەھەر ئاھالىسى كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملانمايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن گاۋفېڭ مۇنداق دېدى: سوغۇق ھاۋا ئاسانلا قان تومۇر تارىيىش، تارتىشىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلارنىڭ قان تومۇرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ناچار بولۇپ، ھاۋانىڭ تۇراقسىز بولۇشى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى تېخىمۇ ئاسان قوزغىتىدۇ ۋە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
سۈن گاۋفېڭ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلار تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، سوغۇق ئېقىمنىڭ كىرىشى بىلەنلا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا ئاغرىقلار قېلىن كىيىنىشى، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 15 – 18 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلىشى، سىرتقا چىققاندا سوغۇق ھاۋا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىقى، شامالغا قارشى ماڭماسلىقى كېرەك.
ئۇنىڭدىن سىرت يېمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپلىك بولۇشى، كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇشى، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك، ھەددىدىن ئارتۇق ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىشى ھەم ئۇزاق ئولتۇرۇۋالماسلىقى، يېتىۋالماسلىقى، كەيپىياتىنى ياخشى ساقلاپ، بەك ھاياجانلىنىپ ياكى قايغۇرۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاماكا چېكىشنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، تاماكىنى قەتئىي تاشلىشى كېرەك.

بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى