يۈرەك قان تۇمۇرلىرى توسۇلۇش
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 991 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سەۋەبى: قانغا غەلىز بەلغەمنىڭ ياكى غەيرى سەۋدانىڭ ئارىلىشىشىدىن قان قۇيۇقلىشىپ يۈرەكنىڭ قىل قان تۇمۇرلىرىدا ھەتتا كۆك قان، قىزىل قان تۇمۇرلاردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۇسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ ياكى سەپراغا غەيرى سەۋدانىڭ ئارلىشىشىدىن تۇمۇر تارىيىپ تۇسۇلۇشقا سەۋەب بۇلىدۇ.
ئالامىتى: كېسەل كىشى ھەرىكەت قىلغاندا پەستىن ئېگىزگە مېڭىۋاتقاندا ياكى تۇيۇپ تاماق يېگەندە ياكى غەزەپلەنگەندە يۈرەك ساھىسىدە بىرئاز ئىچىشىش ھەم سانجىق پەيدا بولغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. كېسەلنىڭ كالپۇگى بىرئاز كۆكۈرۈش تىل گىزى كۆكۈشكە مايىل بۇلۇش چىراي تاتارغاندەك بۇلۇپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: قاننىڭ قۇيۇقلىشىپ غەلىز بەلغەمدىن بولسا بادىرەنجى بويا شەربىتى كۈندە 3 ۋاخ تاماقتىن بۇرۇن 30 گرامدىن 50 گرامغىچە بىرىش لازىم.
تاماقتىن كېيىن ھەببى ئايارەنجى كەچتە بىرقىتىم 1 دىن 3 دانغىچە بىرىلسە بولىدۇ.
قاننىڭ قويۇلۇپ قېلىشى سەۋدادىن بولسا ئەرقى بادىيان بىلەن مەتبۇخ ئەفتىمۇن بېرىش ھەم مۇنزىج ھەم مۇسھىل بىرىش ئۇندىن كېيىن ئەبرىشىم شەربىتى، گاۋزىبان شەربىتى بېرىش بىلەن بىرگە كېسەلنىڭ ئەھۋالغا قاراپ خېمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، مۇپەرھى ياقۇت برىش لازىم. قان تۇمۇرنىڭ تاريىۋىلىشىدىن توسالغۇ پەيدا بولسا داۋائى خىيار شەنبەر، خېمىر مەرۋايىت، خېمىر سەندەل قاتارلىق دۇرلارنى دىينار شەربىتى بىلەن بىرگە بىرىش لازىم.
غىزاسىغا: يەڭگىل سىڭىشلىك غىزالارنى بىرىش مايلىق يەللىك، سۇغۇقلۇق غىزالاردىن پەرىز قىلىش لازىم.