تۈركىيە ئەمەلدارى 16-فېۋرال ئەنقەرەدە مۇنداق دېدى: تۈركىيە يەمەندىكى باش ئەلچىخانىسىنى ۋاقتىنچە تاقاپ، ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملىرىنى بىخەتەر چېكىندۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلدى. تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى 14-فېۋرال يېڭى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ: تۈركىيە پۇقرالىرىنى تېزدىن يەمەندىن ئايرىلىشقا دەۋەت قىلدى.
بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان، شىئە مەزھىپىدىكى قۇساي قوراللىق تەشكىلاتى 19-يانۋار يەمەن زۇڭتۇڭىنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى، توقۇنۇشتا نەچچە ئون ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. ئۇلار ئارقىدىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالدى. بۇ تەشكىلات 6-فېۋرال ئۆز ئالدىغا زۇڭتۇڭ كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچە كومىتېت قۇرۇپ، زۇڭتۇڭغا ۋە پارلامېنتقا ۋاكالىتەن دۆلەتنى باشقۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن يەمەندىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved