5-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 460 مىڭ نەپەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپكە قايتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، 9-سېنتەبىر رەسمىي دەرس باشلايدىكەن.
26-ئاۋغۇست مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئىستىلىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ساپا مائارىپىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەلىي پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە بولىدىكەن: ھەق يىغىش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قالايمىقان ھەق يىغىش، قالايمىقان سىنىپ ئېچىش، قالايمىقان كىتاب سېتىش، قالايمىقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ ھەقلىق دەرس تولۇقلاش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved