Surface Pro 3 : خاتىرە كومپىيۇتېرلارنىڭ «قاتىلى»

تۈنۈگۈن كەچتە مىكروسوفىت Surface مەھسۇاتلىرىنىڭ بايراقدارى Surface Pro 3 نى ئېلان قىلدى. بۇ قىېتىمقى يېڭى مەھسۇلاتتا مەيلى تاشقىي كۆرۈنۈشى ياكى ئىقتىدار، سەپلىمە جەھەتتىن بولسۇن يېڭىلىقلار خىلىلا كۆپ ھېسابلىنىدۇ.


Surface Pro 3 كە 12 سۇڭلۇق 2160*1440 ئېنىقىلىقىدىكى ئىكىران سەپلەنگەن بولۇپ، كەڭلىك - ئىگىزلىك نىسبىتى 3:2 ، يەنە 4K لىق كۆرسۈتۈشنى قوللايدۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچىسىغا i3/i5/i7 قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن. 5 مىليون پېكىسللىق ئالدى، كەينى سىن كامېرا ئورنىتىلغان. Win8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان. ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى تىپتىكى Surface Pro 3 نىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن بولۇپ، بىر قېتىملىق توك قاچىلاشتىن كېيىن 9 سائەت ئىزچىل ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن. Surface Pro 3 نىڭ ھەرخىل سەپلىمىلىك نۇسخىلىرى ۋە مۇناسىپ باھالىرىنى "مىكروسوفىت Surface Pro 3 نى ئېلان قىلىش يېغىنى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ" مەزمۇنىدىن كۆرۈڭ.


Surface Pro 3 نىڭ ئېلان قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ خاتىرە كومپىيۇتېرغا بولغان ئەنئەنىۋىي قارىشىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتتى. ئىغىرلىق ۋە ھەجىم جەھەتتە iPad تىنمۇ كىچىك بولغان بۇ ئەسۋاب كومپىيۇتېر ۋە تاختىيۇتېرلارنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئېلىپ يۈرۈشكە، ھەرخىل شارائىتلاردا ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قولايلىق. Surface Pro 3 خۇددى خاتىرە كومپىيۇتېرلارغا ئوخشاشلا USB3.0 ۋە Micro SD كارتا قوللايدۇ، كۆك چىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن. ئورگان تەرەپ Surface Pro 3 باتارىيە سىغىمىنى ئاشكارلىمىغان، ئەمما "9 سائەت ئىزچىل ئىشلىتىشكە يېتىدۇ" دېگەن.


Surface Pro 3 نىڭ ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىدىكى نۇسخىسى 799 دوللاردىن (تەخمىنەن 5000 يۈەن) باشلىنىپ، يۇقىرى سەپلىمىلىك پۇلدارلار نۇسخىسى 1949 دوللار (تەخمىنەن 13000 يۈەن) گىچە بولىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل سەپلىمە ۋە باھانى iPad بىلەن سىلىشتۇرۇپ "ھەقىقەتەن سېتىۋىلىشقا ئەرزىيدۇ" دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر "خاتىرە كومپىيوتېر بىلەن تاختا كومپىيوتېرنى قانداقمۇ سىلىشتۇرغىلى بولسۇن، Surface بولسا خاتىرە كومپىيوتېر (بىر ھېسابتا دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېر)" دىيىشكەن. ئەمما ، Surface Pro 3 مەيلى نېپىزلىك، ئىغىرلىق ۋە كۆرۈنۈشتە بولسۇن iPad تىن ئۈستۈن تۇرىدۇ (توردا شۇنداق دىيلگەن).


مەھسۇلات ئېلان قىلىش يېغىنىدا مىكروسوفىت تەرەپ "Surface Pro 3 خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېر ھېسابلىنىدۇ" دەپ قايتا – قايتا ئەسكەرتكەن. دېمەك، Surface Pro 3 سەپلىمە جەھەتتە خاتىرە كومپىيۇتېرغا قاراپ يۈزلەنگەندىن سىرت، چوقۇم ئىلگىرىكى نۇسخىلىرىدا كۆرۈلگەن ئىشلىتىش قولايسىز بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا مىكروسوفىتنىڭ بەرگەن جاۋابى: ئەلالاشتۇرۇلغان Type Cover, kickstand قۇرۇلمىسى ۋە مىكروسوفىت بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان N-trig چەكمە قەلەم بولدى. يېڭى Type Cover نىڭ سەزگۈرلىكى تېخىمۇ ياخشى، سىيلىق، ماگىنىتلىك چاپلىشىش ئىقتىدارىنىڭ قوشۇلىشى ئۇنىڭ ئىكىرانغا نىسبەتەن مۇقۇملىقىنى ئاشۇرغان. دېمەك، يۇقىرىقى قۇرۇلمىلار بىلەن Surface Pro 3 ھەم كومپىيۇتېر ھەم تاختىيۇتېرنىڭ(تاختا كومپىيۇتېر) بارلىق ئىقتىدارلىرىنى تەمىنلىيەلەيدۇ.


ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، Surface Pro 3 دە ئادەتتىكى كومپىيۇتېرلاردا ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۆپ قىسىم دىتاللارنى تولۇق ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، بۇنىڭغا مىكروسوفىت ئەپ دۇكىنىدىكى تۈمەنلىگەن مېترو ئەپلەر قوشۇلۇپ، ئشلەتكۈچىدە تېخىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرالايدىكەن. يېڭى سەپلەنگەن N-trig چەكمە قەلىمى OneNote سۇپىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىكىراننى بىر چېكىش ئارقىلىقلا OneNote ھۆججىتى قۇرۇشقا، ئاندىن قەغەز يۈزىگە قەلەم بىلەن خەت يازغاندەكلا يېزىق كىرگۈزۈشكە، ھەرخىل چىرتىيوژ، رەسىملەرنى سىزىپ، قول يازما ھالىتىدە ساقلاشقا بولىدىكەن.


Surface Pro 3 بۇ يىل 5- ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدىكەن. سېتىۋالغۇچىلار مىكروسوفىتنىڭ ئورگان بېتىدە ئالدىن زاكاز قىلسا بولىدىكەن. 6- ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە كانادادىكى كىشىلەر شۇ يەردىكى مىكروسوفىت مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋالالايدىكەن. 8 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، بۇ ئاتالمىش "خاتىرە كومپىيۇتېرلارنىڭ قاتىلى" ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شياڭگاڭ رايۇنلىرىدىكى 26 شەھەردە بازارغا سېلىنىدىكەن.
تۆۋەندە Surface Pro 3 نىڭ رەسىملىرىدىن ئارىيە كۆەيلى:



خەتكۈچلەر:
21-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: IT ئائىلسى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
     6-ئايدىكى ئالما WWDC ئاچقۇچىلار يىغىنىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، iOS 10 غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ھازىر چەتئەل تاراتقۇلىرى چىقارغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالما iOS 10 دا بىر مۇھىم تەڭشە...
05-05-2016
    ئەنگىلىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار 3- ماي گۇگولنىڭ قارمىقىدىكى بىر شىركەتنىڭ بىمارلار ھېچنىمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەنگىلىيەدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدىن 1 مىليون 600 مىڭ بىمارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن.  ...
05-05-2016
    خوڭجى (Acer) بۇ ھەپتە دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىدىكى Aspire V17 Nitro Black خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرغا Win10 سىستېمىسى قاچىلانغان، سېتىلىش باھاسى 1069.99 دوللار (خەلق پۇلىغا 6935 يۈەن) دىن با...
05-05-2016
     Apple Watch بازارغا سېلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتقا بەرگەن تەنقىدى بىلەن ماختىشى ئوخشاش كۆپ بولدى. Apple Watch تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئىستىقبالى بار....
04-05-2016
    چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «دەۋر ژۇرنىلى» يېقىندا ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 50 نۇسخىدىكى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار كامېرا، تېلېۋېزور، مۇزىكا قويغۇچ، ئەقلىي يانفۇن، ئۇچ...
04-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سامسۇڭ پۇختا تېخنىكىسى ۋە غايەت چوڭ مەھسۇلات لىنىيەسىگە تايىنىپ، يەر شارى يانفون مال چىقىرىش مىقدارىدا بىرىنچىلىك ئورنىنى ئىگەللىدى. گەرچە كەينىدىن يېتىشىۋالغان ئالما خىرىس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ...
04-05-2016
    نۆۋەتتە سامسۇڭ Galaxy Note6 توغرىسىدىكى خەۋەر كۆپىيىشكە باشلىدى، لېكىن بۇ يانفوننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، ئېلان قىلىش ۋاقتى، سەپلىمىسى قاتارلىق تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان فوكۇس نۇقتىغا ئايلاندى، ھەر قېتىم يېڭى ئاشكارىل...
04-05-2016
    بىر خەلقئارا ئاسترونوملار ئەترىتى 2- ماي تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ تور نۇسخىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز يەر شارىدىن 40 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى پەتەك يۇلتۇز ئەتراپىدا چوڭ-كىچىكلىكى يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئ...
04-05-2016
    كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ ئەڭ يېڭى تەڭ ئىئونلۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلېۋىزورى ئېھتىمال خاككېرلارنىڭ، ھەتتا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى كۆزىتىشىگە ھەمدە شەخسىي مەخپىيەتلى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 2-ماي، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايروپىلان قۇياش نۇرى قۇۋۋىتى 2- نومۇر دۈشەنبە كۈنى سەھەردە پىلان بويىچە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىن ئايرىلىپ، 16 ...
Powered by Leglek