جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
فرانسىيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 22-مارت بېلگىيەدە ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن پارتلىتىش تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، فرانسىيە بىلەن بېلگىيەنىڭ چىگرىسى تاقالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە ئىچكى سىياسى ئىشلار مىنىستىرى كازىنافنىڭ ئېيتىشىچە، فرانسىيە چىگرا ئىچىدىمۇ بېلگىيەدە ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 1600 نەپەردىن ئارتۇق ساقچىنى ئامانلىقنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. فرانسىيە تۆمۈر يول شىركىتىمۇ پارىژ شىمالىي ۋوگزالىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 22-مارت بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى زاۋېنتېم ئايرودرومى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىغا يېقىن جايدىكى مېترو بېكىتىدە ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا فرانسيە پرېزىدېنتى ھوللاندې ۋە باش مىنىستىر ۋاللس، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرى جىددىي يىغىن ئاچقان ھەمدە قانداق قىلىپ فرانسىيەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى بولدىغان-بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved