رۇسىيە 5-ئەۋلاد سۇ ئاستى پاراخوتىدا ئىشلىتىدىغان يېڭى تىپتىكى يۇقىرى ئۇلترا ئاۋاز سۈرئەتتىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۇنجى قېتىم ئاتتى .
جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكا ئۇچۇر تور بېتىنىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا ئاخبارات تور بېتىنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائەت تارمىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى «زىركون» يېڭى تىپتىكى يۇقىرى ئۇلترا ئاۋاز سۈرئىتىدىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۇنجى قېتىم سىناق ئېتىشنى تاماملىغان.
«زىركون» يۇقىرى ئۇلترا ئاۋاز سۈرئىتىدىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۇنجى قېتىم سىناق ئېتىش قۇرۇقلۇقتا ئاتىدىغان قۇرۇلما بىلەن تاماملانغان. مەزكۇر تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇر سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا Ma5-6 ئەتراپىدا دەپ قارىلىدۇ. يېڭى سىناق قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيە تەتقىق قىلىۋاتقان 5-ئەۋلاد يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتىغا سەپلىنىدۇ.
رۇسىيە ئۇچۇر ۋە تېلېگراف ئاگېنتلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر قىلىپ، «زىركون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ يەنە «ئېمپراتور پېتىر» ناملىق يادرولۇق چارلىغۇچى پاراخوتقا سەپلىنىدىغانلىقىنى ھە دە 2022-يىلى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
«زىركون» يۇقىرى ئۇلترا ئاۋاز سۈرئىتىدىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى تەخمىنەن 248 مىل (تەخمىنەن 400 كىلومېتىر) كېلىدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved