شىنخۇا تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى 16- مارت سابىق زۇڭتۇڭ مۇشەرىفنىڭ چېگرىدىن چىقىپ داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلدى. مۇشەرىفنىڭ ئاقىلغۇچى ئادۋوكاتى ناشىم مۇنداق دېدى: پاكىستان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ناھايىتى ئادىل ئىش بېجىرىدۇ، مۇشەرىفنىڭ چېگرىدىن چىقىپ داۋالىنىشىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىدى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشەرىفنىڭ چېگرىدىن چىقىپ داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، مۇشەرىف چېگرىدىن چىقىپ داۋالىنىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدۇ.
بۇندىن ئىلگىرى ناشىم مۇشەرىفنىڭ دۈمبە قىسىمىنىڭ ئاغىرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچىدە داۋالىنىش شارائىتى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مۇشەرىفنىڭ چېگرىدىن چىقىپ داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نىسار ئەلىخان مۇنداق دېگەن: پاكسىتان ھۆكۈمىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىراق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بۇ قارارنى چىقىرىش توغرىسىدا ئىنچىكە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى مۇشەرىف كۆپ خىل ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى چېگرىدىن چىقىشى كونترول قىلىنىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved