شىنخۇا تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
3- ئاينىڭ 15- كۈنى جۇڭگو بۇيىچە ئەڭ ئېگىز، دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېگىز بىنا ــــــ شاڭخەي مەركىزى سارىيى پۈتتى، بۇ بىنا پات يېقىندا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.
ئىگىلىنشىچە، بۇ بىنانىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 632 مېتىر بولۇپ، قۇرۇلما ئېگىزلىكى 580 مېتىر كېلىدىكەن، يەر يۈز 127 قەۋەت، يەر ئاستى بەش قەۋەتكەن، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 576 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىشخانا، مېھمانخانا، سودا-ساراي، مەنزىرە كۆرۈش نۇقتىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن بىر ۋېرتىكال شەھەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بىنا جىنروڭ سارىيى، يەر شارى پۇل مۇئامىلە مەركىزى بىلەن بىرلىكتە شاڭخەيدىكى يېڭى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا رېكوردىنى يېڭىلايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى 119 قەۋەتتىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا بىۋاستە يېتىپ بارىدىغان تېز سۈرئەتلىك لېفىت بولۇپ، بۇ لېفىتنىڭ سېكونتلۇق سۈرئىتى 18 مېتىرغا يېتىدىكەن، 55 سېكونتتىلا 119- قەۋەتتىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىققىلى بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved