www.4tadu.com
  • سانا ئىچىڭ يانا ئىچىڭ - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/82360471.html

    سانا ئىچىڭ يانا ئىچىڭ

    كىمىكى ئىككى يېرىم مىسقال سانانى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا، ئادەمنىڭ بېلىنى كۈچلەندۈرىدۇ.(بۇنى مەن سىناقتىن ئۆتكۈزگەن،بەل ئاغرىقلىرىغىمۇ بەك پايدا قىلىدۇ)؛ئەگەر قەنت بىلەن قوشۇپ يېسە ، بەدەندىكى سوغۇقلۇقنى ھەيدەيدۇ؛ ئەگەر شېكەر قوشۇپ ئىستىمال قىلسا كۆكرەكنى ھەر خىل كېرەكسىز ماددىلاردىن تازىلايدۇ،ئىشتىھانى ئاچىدۇ؛ ناۋات بىلەن قوشۇپ يېسە سەزگۈ ئەزالارنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ؛ئەگەر ئۇنىڭغا ماي بىلەن بىرگە بىر ئاز شېكەرنى قوشۇپ يەپ بەرسە، ھەر قانداق ئۇششاق ئاغرىقلارغا مۇپتىلا بولماستىن ، ھەمىشە سالامەت تۇرىدۇ؛ئەگەر ماي بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىنسا سەپرانى(مۇشۇ يېرى تازا قايىل قىلارلىق ئەمەس، بەلكى ئالمىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن) قوغلاپ ، تېرىدىكى ئاقكېسەلنى يوقىتىدۇ ۋە مەيدىدە تۇرۇپ قالغان ھەر قانداق كېرەكسىز ماددىلارنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ؛مۇبادا ئىنەك سۈتى بىلەن ئىچىپ بەرسە چىراينىڭ رەڭگىنى ئېچىپ ، بەدەننىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.ئەگەر تۆگە سۈتى بىلەن ئىچىپ بېرىلسە ھەر دائىم كۆڭلى خۇشخۇي تۇرىدۇ،ئىستىسقانى ھەيدەيدۇ؛ئەگەر خورما بىلەن يېيىلسە ئاچلىقتىن قىينالمايدۇ.مۇبادا ئانار سۈيى بىلەن ئىچىلسە ئادەمگە قۇۋۋەت پەيدا قىلىدۇ، كۆكرەكنى تازىلايدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ كۆكرەك ئاغرىقىنى ساقايتىدۇ(بۇنىمۇ سىناقتىن ئۆتكۈزگەن)ھەر خىل كېسەل ۋە دەردلەرگە گىرىپتار بولمايدۇ(بۇرۇنلاردا شۇنداق پايدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن)؛ئەگەر تاتىم سۈيى بىلەن ئىچىلسە قېرىندىكى ھەر خىل زىيانلىق قۇرتلارنى چۈشۈرۈپ بەدەندىكى زەئىپلىكنى تۈگىتىدۇ.

    يۇقارقىلار لەززەت سىرلىرىدىن ئېلىندى،بىر قىسىم يەرلىرى قىسقارتىلدى.

    ئەمدى بۇ شۇنچە كېسەلگە پايدا بېرىدىغان سانا ھەققىدە چۈشەنچە بېرىمىز؛

    بۇ سانا سانا ئۆسۈملۈكىنىڭ يۇپۇرمىقى بولۇپ، ئەرەبچە ۋە پارسچە سانائى مەككى ،ئوردۇچە ۋە ئۇيغۇرچە سانا دېيىلىدۇ. ئازراق پۇرىقى بار ۋە تەمىمۇ سەل ئاچچىق.

    بۇنىڭ پارماكولوگىيەلىك تەسىرى ئىچىنى سۈرۈش ۋە باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇشتۇر.

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛

    خۇسۇسىيىتى: غەيرى تەبىئىي سەپرا، سەۋدا ، بەلغەم خىلىتلىرىنى سۈرۈش؛مېڭىنى تازىلاش،قان تازىلاش، تېرىنى پارقىرىتىش،توسالغۇلارنى ئېچىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش،قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش.بەزى كىتابلاردا يەنە بەدەننىڭ چوڭقۇر جايلىرىغا سىڭىپ كىرىش خۇسۇسىيىتىنىمۇ قوشۇپ تىلغا ئالىدۇ.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

    ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، تۇتقاقلىق(سەرئى)، شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش)، جۇنۇن، ساراڭلىق،كونا باش ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى،زىققە، قۇلۇنجى(ئۈچەي تۇسۇلۇش)،بۇغۇم ئاغرىقى، تەپ، تارتىشىش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش، تېرە سويۇلۇپ كېتىش، قىچىشقاق ، دانىىورەك قاتارلىقلار؛

    سانا تەركىبلىك بىر نەچچە ساددە رېتسىپ؛

    قىزىلگۈل بىلەن ئىچىپ بەرسە ، بۇۋاسىرغا پايدا قىلىدۇ؛

    سانا ، قىزىلگۈل، يېڭى سېغىلغان كالا سۈتىنى شېكەر بىلەن (يەنى سانا 6-12گرام، قىزىلگۈل 3-6گرامغىچە ئېلىپ ) ئىچىپ بەرسە غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

    سانادىن ئۈچ گرامنى تالقان قىلىپ ھەسەل بىلەن بىللە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئارقا-ئارقىدىن ئىچىپ بەرسە رېماتىزىمغا پايدا قىلىدۇ؛

    سانانى سۈت بىلەن ئىچۈرسە بالىلارنىڭ ئىچىنى كەلتۈرىدۇ؛

    7-10گرام سانانى دەملەپ ئىچىپ بەرسە قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ؛

    سانانى مامرانچىنى بىلەن سىركىگە چىلاپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە قىچىشقاق، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ۋە تېرە سويۇلۇپ چۈشۈش كېسىلىگە ،داغ، بەھەق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    سانا 10گرام، سىركە50مىللىلىتىر،شاھتەررە 10گرام،موزا6گرام ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ،يۇيۇنسا يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ،

    سانا 6گرام، ئۇستىقۇددۇس 10گرام،ئىگىر6گرام،سىياداندىن 10گرام ئېلىپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى:3-10گرام؛

    زىيانلىق تەسىرى: قورساقنى غولدۇرلىتىدۇ، كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ؛

    تۈزەتكۈچىسى: بادام يېغى، قىزىلگۈل،تۇز؛

    ئورۇنباسارى: تۇربۇت، سېرىغ ھېلىلە؛

    سانانى مىقدارى بويىچە ئىچسىڭىز قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ، ئەگەر جىق ئىچسىڭىز قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.

    كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت تور خاتىرىسى.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!