www.4tadu.com
  • چۆبچىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/82640058.html

    چۆبچىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

     بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى ياماشقۇچى غولسىمان چاتقال ئۈسۈملۈك چۆبچىننىڭ يىلتىزسىمان غولى بولۇپ رەڭگى قىزىل، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە بولىدۇ.

    خېمىيىلىك تەركىبى :دېئوسىگنىن ۋە كۆپ خىل دېئوسىگىندىن تۈزۈلگەن گلۇكوزىلائامىنوكىسلاتا، ئورگانىك كىسلاتا، قەنت تۈرىدىكىلەر بار. ئۇرۇقىنىڭ يېغىدا %11.2 ياغ بار.

    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: باكتىرىيىگە قارشى تۇرۇش؛

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق؛

    خۇسۇسىيىتى: قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئارتۇق ماددىلارنى تارقىتىش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، مىكروپ ئۆلتۈرۈش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش، تەرلىتىش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: باش ئاغرىقى، سەۋدا سەۋدا خاراكتىرلىك شەقىقە، زۇكام،نەزلە،مالىخۇلىيا،ساراڭلىق،تارتىشىش،بۇۋاسىر،دوۋساق بكرەكتىكى جاراھەت، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، بالىياتقۇ ياللۇغى، بۇغۇم ئاغرىقى سېفلىس، قىچىشقاق، تەمرەتكە، سۆزنەك، خانازىر ، مۇسكۇللار ئۇيۇشۇش، سۇلۇق ئىششىق، يىرىڭلىق چاقا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    چۆبچىن تەركىبلىك بىر نەچچە ساددە رېتسىپ:

     

    چۆبچىن، يەرلىك شوخلا، ھېلىلە كابىلى قاتارلىق دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ شەربەت تەييارلىپ ئىچىپ بەرسە جاراھەتلەرگە ۋە قىچىشقاقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ؛

     

    سەرسەبىل يەنى ئۆشبە، چۆبچىن، ھېلىلە كابىلى قاتارلىقلاردىن 10گرامدىن  ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ؛

     

    ئەپتىمۇن، كاسىن ئۇرۇقى، ئۇستىقۇددۇس، چۆبچىن، چىلان قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن قاينىتىپ ئىچسە مېڭىنى تازىلايدۇ؛

     

    چۆبچىن تەركىبلىك بىر نەچچە مۇرەككەب رېتسىپ؛

     

    ئىتتىرىفىل چۆبچىن:

    تەركىبى: بوزىدان ، پىلپىل، جۇيۇز 15گرامدىن، قىزىلگۈل45گرام، سۆرۈنجان 27 گرام، شاقاقۇل 21 گرام، ئۇستىقۇددۇس، ھېلىلە كابىلى، قارا ھېلىلە ، ئاق بەھمەن ، قىزىل بەھمەن، ئامىلە، زۆرەنباد 30 گرامدىن ، چۆبچىن90گرام ، ھەسەل ئۈچ ھەسسە؛

    دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىنىدۇ.

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: بىر كۈندە ئىككى ۋاخ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن.

     

    مەجۈنى چۆبچىن

     

    تەركىبى: چۆبچىن، 30 گرام، بەدىيان ، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە، ھېلىلە كابىلى، جۇۋىنە، شاقاقۇل مىسرى، جۇيۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن ، بەسباسە، سۇمبۇل ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسرى، خولىنجان، سەئدى كۇفى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل، 10گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە؛

     

    يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە مەجۈن قىلىنىدۇ.

    تەسىرى: ھەرخىل يەل خارەكتىرلىك ئىششىقلارنى ، بالىياتقۇ ، تۇرۇبا ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، ئاق خۇننى توختىتىش، سۇغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

     

    ئىشلىتىلىشى: بالىياتقۇ ، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ئىششىقلىرى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرى، قاننى تازىلاش ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى تارتىش، سۇلۇق ئىششىق خارەكتىرلىك رېماتىزىم ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش، نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى؛ كۈندە ئىككى ۋاخ ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن.

    كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!