www.4tadu.com
  • زىيادە چارچاشنىڭ خەتەرلىك بېشارەتلىرى - [تېببىي ئۇچۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71331018.html

    زىيادە چارچاشنىڭ خەتەرلىك بېشارەتلىرى

    ناۋادا بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز، ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. يېقىندا، ئەنگلىيىدىكى نوپۇزلۇق ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى ھېنرى نىرىس زىيادە چارچاشنىڭ ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىشتىن باشقا بېشارەتلىرىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان خەتەرلىك بېشارەتلەر تۆۋەندىكىچە:

         1. 30 — 50 ياشتىكىلەرنىڭ يوغان قورساق بولۇشى قاندىكى ياغ مىقدارى ئېشىپ كېتىش، جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ بېشارىتىدۇر.

         2. چاچ چۈشۈش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش (تەڭگە تاز)كېسىلى، تاقىرباش بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ.

         3. ھاجەتخانىغا كۆپ بېرىش. 30 — 40 ياشتىكىلەرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش قېتىم سانىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ بولۇشى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىلەن سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ نورمالسىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

         4. جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش. ئوتتۇرا ياشلىقلاردا بالدۇرلا بەل تېلىپ ئاغرىش، جىنسىي ھەۋىسى ئاجىزلىشىش قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.

         5. ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش. تونۇش كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قېلىش.

         6. كۆڭلىدە ھېسابلاش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىش.

         7. ئىش قىلغاندا دائىم پۇشايمان قىلىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىچى سىقىلىش، ھەسرەت چېكىش، مىجەزىنى تەڭشىيەلمەسلىك.

         8. زېھنىنى يىغالماسلىق.

         9. ئۇخلاش ۋاقتى بارغانسېرى قىسقىراش، دائىم مۈگۈدەش.

         10. دائىم باش ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆزى تورلىشىش، داۋالىسىمۇ ئۈنۈمى بولماسلىق.

     شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": چارچاش
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!