www.4tadu.com
  • ئەل ئىچى رېتسىپلىرى 2 - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71230495.html

    ئەل ئىچى رېتسىپلىرى

    گېمۇرۇي:نارگۈل ئۇرۇقىدىن 15 گىرام ،ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقىدىن 15 گىرامغا ئاچچىق ئادەمگىياھنى قۇشۇپ قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھەر كۈنى كەچتە بىر قىتىم يۇيۇپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.

      باناننى ھەسەلگە مىلەپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

    بۇرۇن قاناش:سول بۇرۇن قانىسا ئوڭ قۇلاققا،ئوڭ بۇرۇن قانىسا سول بۇرۇنغا پۈۋلىسە بولىدۇ.

    سۇ ياكى ئوت كۈيىكى:كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدىكىنى جاراھەت ئېغىزىغا سۈرتۈپ بەرسە بىر نەچچە كۈندە ئەسلىگە كىلىدۇ.

      يېڭى سازاڭدىن ئون نەچچە تالنى پاكىز يۇيۇپ ئۇنىڭغا 20 گىرام ئاق شېكەر ئارلاشتۇرۇپ قاچىغا سېلىپ ئاغزىنى ھىم ئىتىپ سۇيۇقلاندۇرۇپ جاراھەت ئاغزىغا سۈرتسىمۇ تېز ساقىيىدۇ.
    قۇلاق ئېقىش:قۇشقاچ قېنىنى قۇلاققا بىر قانچە قىتىم تېمىتىپ بەرسە يىرىڭ توختايدۇ.

    خورەك تارتىش:كاۋاۋىچىندىن 10 نەچچە تالنى قاينىتىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈيىنى بىر ئىستاكاندىن ئىچىپ بېرىپ بۇنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا خورەك تارتمايدىغان بولىدۇ.
    تۇتقاقلىق كېسىلى:ئەركەك چاشقاننىڭ ئۇرۇقدىنىدىن بەش تالنى قورۇپ ئېزىپ ئىسسىق قايناقسۇ بىلەن كۈنىگە بىر قېتىم بىر ھەپتە ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.

    ئەستە تۇتۇش ناچار بولۇش:غاز تۇخۇمىدىن بىر تالغا مۇۋاپىق مېقداردا ئاق شېكەر ئارلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ ،ئۇدا بەش كۈن ئەتىگەندە ئاچ قورساق يەپ بەرسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

    بۇرۇن كۆپ قاناش:بىر باغلام يىڭى پىدىگەننىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا يۈز گىرام ئاق شېكەر سېلىپ ئىچسە (پىدىگەن قالدۇقىنى بۇرۇنغا تىقىپ قويسا )بىر قىتىمدىلا ئۈنۈمى كۈرۈلىدۇ.
    ئۇيقۇسىزلىق(كۈپ چۈش كۈرۈش):خاسىڭ يوپورمىقى ياكى پوستى،قىزىل پۇرچاق،بوغداي قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 50 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئەتىگەن ،كەچتە ئىچىپ بەرسە 5-7 كۈندە ئۈنۈمى كۈرۈلىدۇ
      غولپىيازدىن ئىككى تالنى ئۇششاق توغراپ قاچىغا سىلىپ ،ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياستۇق تۈۋىگە قويۇپ قويسا بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    بۇرۇن ياللۇغى:پىششىق كېسەكنى ئوتقا قويۇپ قىززىتىپ ئازراق ئاچچىقسۇنى كېسەك ئۈستىگە قۇيۇپ چىققان ھورنى كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن پۇراپ بەرسە شىپا بولىدۇ.

    سوڭى چىقىپ قىلىش:ئابدىمىلىكتىن بەش تال ،توخۇ تۇخۇمىدىن ئىككى تال تەييارلاپ ،ئابدىمىلىك ئۇرۇقىنى ئېزىپ تۇخۇمغا ئارلاشتۇرۇپ قورۇپ ئەھۋالى ئېغىرلار ئۈچ قېتىم ،يىنىكلەر بىر قېتىم يىسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
    بالىلار سىيگەك كىسىلى:خام غولپىياز پۈپۈكىدىن 50 گىرام ،زەرنىخ (雄黄) دىن 10 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ،3-5 كۈنگىچە ھەر كۈنى كەچ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىندىككە لاتا بىلەن تېڭىپ ئەتىگەندە ئېلىۋەتسە سەللىمازا ساقىيىدۇ.
    بالىلار كىچىدە يىغلاش كېسىلى:چاينى چايناپ ،ھەر كۈنى كەچ ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىنىڭ كىندىكىگە تېڭىپ قويۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئېلىۋىتىپ بۇنى ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ.:

    قۇلاققا قۇرۇت كىرىپ كەتسە : مۈشۈك سۈيدىكىنى قۇلاققا تېمىتسا قۇرت چىقىپ كېتىدۇ (سامساقنى بۆلۈپ مۈشۈكنىڭ بۇرنىغا سۈرتسە مۈشۈك سىيىدۇ

    بالىلارنى ئەمچەكتىن ئايرىش:سوڭپىيازدىن ئىككى تالنى ئوتتا پىشۇرۇپ يەۋەتسە ،بالىلار دەرھال ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ. )
    مېتال بۇيۇملارنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈتۈۋالسا:يېڭى كۈدىنى توغرىماي پاكىز يۇيۇپ ياغ،تۇز سېلىپ قورۇپ ،بىر قىتىمدا قانچىلىك يىيەلىسە شۇنچىلىك يىيىش كېرەك،ئىككىنجى كۈنى مېتال بۇيۇم سىرتقا چىقىپ كىتىدۇ (بۇ چاغدا باشقا نەرسە يىيىش پەرھىز قىلىنىدۇ).

    ئېغىز پۇراش:30 گىرام قۇمۇش يىلتىزىغا 100 گىرام ناۋات سېلىپ سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۇدا بەش كۈنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

    باش قېيىش:بىر تال غاز تۇخۇمى،ئۇششاق قىزىل پۇرچاقتىن 20 تال،ئاق شېكەردىن بەش مىسقال تەييارلاپ ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ دۈملەپ پىشۇرۇپ ،ئەتىگەندە ئاچ قورساق ئۇدا يەتتە كۈن يەپ بەرسە بولىدۇ(ھاراق ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كىرەك).
    باش ئاغرىقى:كۆك لوبۇ شىرنىسىغا يىرىم مسقال مۇز پارچىسى ئارىلاشتۇرۇپ ،كۈنىگە ئۆچ قېتىمدىن ئۇدا تۈت-بەش كۈن بۇرۇنغا بىر قانچە قېتىم تېمىتىپ بەرسە سەللىمازا ساقىيىدۇ(كاۋاۋىچىن ۋە قارىمۇچتىن پەرھىز تۇتۇش كىرەك).
    كۆك يۈتەل:1-2 تاتلىق نەشپۈتكە 50 گىرام ناۋاتنى بىر چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ ،ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن ئاۋال ئۇدا بىر ھەپتە ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
    ئېلىكتىر نۇرى تەسىرىدە كۆز قىزىرىش كېسىلى:ئانا سۈتىنى ھەر كۈنى كۆزگە ئىككى قېتىم تېمىتىپ ،كۆزنى 10 مېنۇت يۇمۇپ تۇرسا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.

    پۇت تەرلەش:زەمچە بىلەن پۇيرارىيە (葛根 )نى قاينىتىپ پۇتنى يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ. >)

    «پەن ۋە تۇرمۇش»  ۋە  « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": ئۇيقۇسىزلىق
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!