www.4tadu.com
  • ئەل ئىچى رېتسىپلىرى 1 - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329579.html

    ئەل ئىچى رېتسىپلىرى1




    بەل چىم بولۇش: ياڭيۇنى ئاقلاپ چوڭراق بولسا بىرنى،كىچىكرەك بولسا ئىككى ،ئۈچنى خام يەپ بەرسە بەل چىم بولۇش توختايدۇ،ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە كۈندە يەپ بېرىش كىرەك،ئادەتتە ئىككى قىتىمدىلا ئۈنۈمى كۈرۈلىدۇ.
      
    چىش ئاغرىش: تىتىتقۇنى چوكا بىلەن بىر ئاز ئىلىپ ئاغرىغان چىشنىڭ ئۆستىگە قويسا ئاغرىق توختايدۇ.

    جاراھەت:ھۈل زەنجىۋىلنى يانجىپ ،قانىغان جاراھەت ئاغزىغا قويسا قان توختايدۇ.

    قاداق:پۇتنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ،ئاندىن سوڭپىياز غولىنىڭ ئەڭ سىرتىدىكى بىر قەۋەت پوستىنى ئېلىپ ،قاداقنىڭ ئۈسىتىگە قويۇپ پىلاستىر چاپلاپ قويسا ،بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاغرىق كۈرۈنەرلىك توختايدۇ ياكى يۇقايدۇ،بۇنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندا ،قاداقنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلەر ئاقىرىپ يۇمشاپ ،قاداق ئۈزلىكىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ.

    يەنە بىر ئۇسۇلى:ئاۋال بەكە بىلەن قاداق ئۈستىدىكى قاتتىق ماددىنى ئېلىۋىتىپ ،ئاندىن ئاز مىقداردا چاي ئۇۋۇندىسىنى  قاداق ئۈستىگە سېپىپ پىلاستىر بىلەن ھىملاپ كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ بەرسە 3-5 كۈنگىچە قاداق چۈشۈپ كېتىدۇ.


    پۇت تەمرەتكىسى:يىلان بېلىق سۈڭىكىدىن 100 گىرامنى قۇرۇتۇپ يەنجىپ تالقان قىلىپ ،كۈنجۈت يىغى بىلەن تەمرەتكە بار ئورۇنغا ھەر كۈنى بىر قېتىم سۈرتۈپ بەرسە ،ئۈچ ،تۈت مىنۇتتىلا ئۈنۈمى كۈرۈلىدۇ.


    قورساق ئاغرىقى: 50 گىرام ئاچچىقسۇغا 50 گىرام قارا شېكەر قوشۇپ قازاندا قاينىتىپ سوۋۇغاندىن كىيىن كېسىلى يىنىكلەر بىر قېتىم ،ئېغىرلار ئىككى قېتىم ئىچسە شىپا بولىدۇ.

      بىر تال ئاچچىق ئانار شۈپىكىنى بىر چىنە سۇغا سېلىپ قاينىتىپ يېرىم چىنە قالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا 50 گىرام قارا شېكەر سىلىپ ،سوۋۇغاندىن كىيىن ئىچسە شىپا بولىدۇ.

      بالىلار (بۇۋاقلار)نىڭ قورسىقى ئاغرىسا بىر تال ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ ،شۈپىكى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ توغراپ قازانغا ئاز مېقداردا سۇ قۇيۇپ 20 مېنۇت قايناتقاندىن كىيىن سوۋۇتۇپ يىسە شىپا بولىدۇ (كۈنىگە ئۈچ قېتىم)

    يۇتقۇنچاق يالۇغى:بىر نەچچە خىل پۇراقلىق ماي قوشۇپ ياسالغان دورا(风油精) دىن بىر بوتۇلكا ئېلىپ ،ھەر كۈنى كەچ ئۇخلاشتىن ئاۋۋال كانايغا بىر تامچە تېمىتىپ بەرسە ئۈنۈم بېرىدۇ.

    يۇقىرى قان بېسىم:قۇرۇق كۈممىقۇناق پۆپىكىدىن 50 گىرام ،ياز غازىڭى دىن 50 گىرام سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ،قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ،ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئىچىپ بەرسە يۇقىرى قان بېسىمىنى نۇرمال ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

    قاندا ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇش:قارا پۇرچاقتىن ئىككى كېلۇگىرامنى قازانغا سېلىپ قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇپ (تۇز سالماي).كۈنىگە 50-100 گىرام يەپ بەرسە ،قاندىكى ياغ تەركىبى نورمال ھالەتكە كىلىدۇ.

    «پەن ۋە تۇرمۇش»  ۋە  « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": قاداق
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!