يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 5 - 2011 ئىنكاسسىز

شۈكۈر خالۇك ئاكالىن (تۈركىيە)

مىڭ يىل بۇرۇن، مىڭ يىل كېيىن

مەھمۇد كاشغۇرىي ۋە «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك»

ئاپتورى: شۈكۈر خالۇك ئاكالىن (تۈركىيە)

مىللەتلەر نەشىرياتى (بىيجىڭ)

2009-يىلى 8-ئاي 1-بىسىلىشى

2010-يىلى 7-ئاي 2-بىسىلىشى

تىراژى: 8000-3001

isbn: 9787105101344

باھاسى: 35يۈەن

ئاپتور: شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن(تۈركىيە)

سۆز بېشى

تۇنجى لوغەتشۇناسىمىز …

تۇنجى تىلشۇناسىمىز…

تۇنجى لۇغىتىمىز«دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك»، تۇنجى گرامماتىكا كىتابىمىز« كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋ فى لوغاتىت تۈرك» نىڭ مۇئەللىپى…

پۈتۈن تۈرك ئەللىرىنى كېزىپ، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ سۆز بايلىقىنى، ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى خاتىرىلەپ، مىڭلارچە يىل بۇرۇنقى قەدىمىي دەۋرلەردىن، مىڭلارچە يىل كېيىنكى زامانىمىزغىچە ئېلىپ كەلگەن تۇنجى ماتېرىيال توپلىغۇچىمىز…

خاقانىيە تىلى بىلەن ئۇيغۇر،ئوغۇز،قىپچاق،تۈركمەن،قىرغىز،چىگىل،ياغما ، ئارغۇ ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ تىل ۋە شېۋىلىرىنى«تۈرك »دېگەن ئىسىم ئاسىتىدا توپلاپ ئەسىرىگە«دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك»، يەنى «تۈرك دىئالېكتلىرىنىڭ سۆزلۈكى» دەپ نام بەرگەن تۇنجى تۈركولوگىمىز…

11-ئەسىر تۈرك دۇنياسىنىڭ ھارماس تەتقىقاتچىسى…

تۈرك خەلقلەر ياشىغان ئەللەرنى،شەھەرلەرنى، يېزىلارنى، قىشلاقلارنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ ماكانلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن ۋە ئۆزى سىزغان يۇمىلاق خەرىتىسى بىلەن تۇنجى تۈركىي جۇغراپىيىچى،دەپ نام ئالغان ئالىم…

تۈركىيلىكى بىلەن پەخىرلەنگەن، ئانا تىلنىڭ غورورى بىلەن ياشىغان ئەڭ، ئەڭ ئالىي تەربىيە كۆرگەن ۋە نەسەب جەھەتتىن ئەڭ غوللۇق بىر زات…

شەرقى قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خاقانى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى،تەختى ۋارىسى ھۆسەيىن چاغرى تىكىننىڭ ئوغلى،قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ شاھزادىسى…

مەھمۇد كاشغەرىي…

ۋە…

ئاز كەم 20يىلدا توپلىغان ماتېرىياللارنى ئىككى يىل تەتقىق قىلىپ قەلەمگە ئالغان«دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك»…

تۈركىي تىلنىڭ تۇنجى لۇغىتى…

تۈركىي تىلنىڭ تۇنجى گرامماتىكا كىتابى…

مىڭ يىل بۇرۇنقى تۈركىي تىلنىڭ باش مەلۇمات ئامبىرى، تۇنجى بۈيۈك مەجمۇئەسى…

تۈركى يېزىق تىللىرىنىڭ، تۈركىي دىئالېكتلىرىنىڭ تارىخى يىلتىزلىرىنى ۋە تەرەققىيات جەريانلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بىر مەنبەدۇر«دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك».

11-ئەسىرىدىكى تۈركىي تىلنىڭ فونېتىكا ۋە مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە دائىر بىلىملەرنى، لۇغەت بايلىقىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى،تەڭداشسىز پاساھىتىنى 21-ئەسىرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن بىر بىلىم خەزىنىسىدۇر«دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك».

مەھمۇد كاشغەرىي 1072-يىلى يېزىشقا باشلاپ،1074-يىلى تاماملىغان تۈركىي تىلنىڭ ئابىدە ئەسىرى«دىۋانۇ لوغاتىت تۈرك»پەقەتلا بىر گرامماتىكا كىتابى،پەقەتلا بىر لوغات بولۇش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەستۇر.

تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرلىرىگە سوزۇلغان مەدەنىيەت قىممەتلىرىمىزنىڭ يىلتىزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان…

مىڭلارچە يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيادا قىپچاق بوز قىرلىرىدا، قاراخانىيلار خانلىقىدا،ئۇيغۇر خانلىقىدا،ئوغۇز دالالىرىدا(چېدىرلىرىدا)،قىسقىسى 11-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسىدا ياشىغان تۈركى خەلقلەرنىڭ تىللىرى، ئەنئەنىلىرى،ئېتىقادلىرى،ھايات شەكىللىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن…

سۆزلەرنى ئىزاھلىغاندا تۈركىي ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ سەرخىل نەمۇنىلىرى ئارقىلىق ئېنىقلىمىلىرىنى بېزىگەن. ماقال تەمسىللىرىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەكىللىرى ئارقىلىق لۇغەت بايلىقىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلغان تەڭداشسىز بىر مۇراجىئەت بۇلىقىدۇر«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك».

تۈركىي تىلىنىڭ زېھنىيىتىدۇر…..

تۈركىي خەلقلەر مىللىي كالېندارچىلىق تارىخىدىن تارتىپ ھەرخىل كېسەللەرنى داۋالاشتا قوللىنىلىدىغان دورىلارغىچە ،ئوغۇز تامغىلىرىدىن تارتىپ تۈرك توقۇمىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىگىچە، ئات باقمىچىلىقىدىن تارتىپ دېھقانچىلىققىچە،تۈرلۈك قانۇن تۈزۈلمىسىدىن تارتىپ دۆلەت باشقۇرۇشقىچە بولغان يۈزلەرچە تېمىدىكى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى تۈرۈك ئېنسكلوپېدىيسىدۇر«دىۋانۇ لۇغاتتىت تۈرۈك» .

تۈركى خەلقلەرنىڭ ياشىغان جۇغراپىيىلىك دائىرىلىرىنى تونۇشتۇرغان ؛ شەھەرلىرى،يېزا-قىشلاقلىرى،تاغلىرى، تۈزلەڭلىكلىرى،دەريالىرى، كۆللىرى،ئويمانلىقلىرى بىلەن بىر پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر جۇغراپىيىسىنى كۆز ئادىمىز غا يېيىتىپ بەرگەن ،بۈگۈنكى بىلىمىمىزگە ئاساسلانغاندا، بىر تۈركىي تىللىق ئالىم تەرىپىدىن سىزىلغان تۇنجى دۇنيا خەرىتىسىنى بىزلەرگە تۇنجى تۈرۈك خەرىتىسىدۇر«دىۋانۇ لۇغاتتىت تۈرۈك».

تۈركى خەلقلەرنىڭ ،تۈركىي تىلنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغان .تۈركىي تىلنىڭ ئەرەب تىلىدەك باي بىر تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ۋە تۈركىي تىلىنى ئەرەبلەرگە ئۆگىتىش مەقسىتىدە قەلەمگە ئىلىنغان تۇنجى تۈرۈك قوللانمىسىدۇر ،«دىۋانۇ لۇغاتتىت تۈرۈك».

بەك كۆپ ئالاھىدىلىكى بىلەن تۈركى خەلقلەر مەدەنىيىتىدە تۇنجى ئورۇنغا ساھىب كىتابتۇر.

تۈركى خەلقلەرنىڭ تىلىدۇر، ئەدەبىياتىدۇر،مەدەنىيىتىدۇر،تارىخىدۇر، جۇغراپىيىسىدۇر….

قىسقىسى ،«دىۋانۇ لۇغاتتىت تۈرۈك» تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزىدۇر…

تۈركى خەلقلەرنى، تۈركىي مەدەنىيەتكە مانا مۇشۇنداق بۈيۈك بىر ئەسەرگە ئىگە قىلغان مەھمۇد كاشغەرىي 2008-يىلى 1000ياشقا كىردى….

تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقىنى قۇتلۇقلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە،بۇ بۈيۈك ئەسەر ۋە ئۇنىڭ يازغۇچىسىنى ھەر ياشتىكى ۋە ھەر كەسىپتىكى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە قەلەمگە ئالدۇق. ھەر كىم ئۈچۈن يېزىلغان بۇ كىتابنىڭ كەسپى بىلىملەر نۇقتىسىدىن بىر مۇددىئاسى يوقتۇر .شۇنىڭ ئۈچۈن كەسپى ئىپادىلەر ترانسكرىپسىيىلىك بەلگىلەر ۋە ئىزاھاتلاردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يىراق تۇردۇق .لېكىن پايدىلانغان ھەربىر ئەسەر پايدىلانما قىسمىدا كۆرسىتىلدى.

تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلىدا مەھمۇد كاشغەرىينى ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىمىز.

خەلقىمىز مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئابىدە ئەسىرى«دىۋانۇ لۇغاتتىت تۈرۈك»نى ئوقۇغانسېرى تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ بايلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلغۇسى.

بەزى مەزمۇنلار: كىتاب يۇرتى تورىدىن ئېلىندى

http://www.kitapyurti.com/?p=207