يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 6 - 2011 ئىنكاسسىز

ئۆتكەن كۈنلەر (تارىخى رومان)

ئاپتورى: ئابدۇللا قادىرى (ئۆزبېكىستان)

دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

1982-يىلى 4-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى 8-ئاي 4-بېسىلىشى

باھاسى: 39 يۈەن (قاتتىق مۇقاۋا)

تىراژى: 15000-11001

ISBN: 9787228047574

h3>
ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئابدۇللا قادىرى 1894-يىلى ئۆزبىگىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە تۇغۇلغان،ئاتىسى ئەسلىدە سودىگەر بولۇپ تىجارەتتە سۇنۇپ دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.ھاللىق دىھقانلاردىن بولغان ئاتىسى ئوغلىنى ئاۋال دىنى مەكتەپتە كىيىن يەرلىك رۇس مەكتىپىدە ئوقۇتقان ھەم تۈرلۈك كەسىپلەرنىمۇ ئۈگەتكەن.
ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن: ”ئۆتكەن كۈنلەر“ (1925-يىلى)، ”مىھراپتىن چايان“ (1929-يىلى) قاتارلىق رومانلىرى، ”ئابىد كەتمەن“ (1934-يىلى) قاتارلىق پوۋېستلىرى بار.
”ئۆتكەن كۈنلەر“ رومانىدا ئۆزبېگ خەلقىنىڭ 19-ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىكى ھاياتى بەدىئى ۋاستىلەر بىلەن يورتۇلغان، بۇ رومان بۇنىڭدىن 80 نەچچە يىل بۇرۇن يىزىلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بەدىئى قۇۋۋىتى ۋە سىھرىي قۇدىرتى بىلەن ھازىرغىچە كىشىلەرنى تەسىرلەندۇرۇپ كەلمەكتە.
گەرچە ئىجادىيىتىم بولمىسىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مۇقەددىمە
ئاتابېك ”تىۋىپ كەلدى“ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ جانلانغاندەك بولدى. ئۆي ئىشىكىگە جام كۆتۈرۈپ كەلگەن زەينەپ كەينىگە قايتتى. ئۆزبېگ ئايىممۇ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقتى. ئاتابېگ تىۋىپنىڭ ھۆرمىتىگە تۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ كۆمۈشنىڭ ماڭلىيىنى باسقىنىچە ئولتۇراتتى. تىۋىپ ئاتابېگ تىن ۋەقەنى سوراپ بىلگەندىن كىيىن، كۆمۈشنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ لىۋىنى چىشلەپ قالدى ۋە تاۋاقتىكى قۇسۇقنى پۇراپ قارىدى:
بۈگۈن نىمە غىزا يىگەنىكەن؟
-ئوماچ.
-شۇ غىزادىن بىر ئاز قالغىنى بارمىكىن؟
-بار! دىدى ئاتابېگ بايا ئانىسى كۆرسەتكەن جايدىن ئاپقۇرنى ئىلىپ تىۋىپنىڭ قولىغا بەردى. تىۋىپ ئاپقۇردىن بارمىقىغا ئىلەشتۈرۈپ يالىدى ۋە دەررۇ تۈكۈرۈپ تاشلىدى:
-زەھەر ئىچىپتۇ !
ئاتابېگ چاچراپ كەتتى. ئۇنىڭ رەڭگى قورقۇنۇچلۇق رەڭگە كىرگەنىدى…….
-بىكار گەپ…
تىۋىپ ئاتابېگ نىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن دەھشەتكە كەلدى:
-مەن ھازىر دەپئى دورا ئەۋەتىمەن،-دىدى ۋە قوزغالدى. ئاتابېگ مۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇردى.
-زەھەرنى كىم بەردى؟
نىمە دىيىشكىمۇ ئاغزى بارماي ھەيران قالغان تىۋىپ:
-مەن…مەن… ، ئۆزىڭىز ئويلاپ كۆرۈڭا….مەن دەررۇ دورا ئەۋەتەي،دەررۇ ئىچۈرۈڭ ماقۇلمۇ؟ -دىدى.
-بىلدىم بىلدىم. دىدى بىچارە ئاتابېگ ، -زەينەپ ، زەينەپ،زەينەپ…. ئىپلاس! ئەۋەتىڭ، دەررۇ ئەۋەتىڭ.
تىۋىپ كەتتى. ئاتابېگ ساراڭلاردەك يۈگۈرۈپ كۆمۈشنىڭ بىشىغا كەلدى، يۈزىنى ئىچىپ ماڭلىيىنى باستى ۋە سۆيدى…….
كۆمۈش كۆزىنى ئىچىپ كۈچ بىلەن سول قولىنى ئىرىنىڭ مۆرىسىگە تاشلىدى… قولىدا بوۋاق بىلەن ئۆزبېگ ئايىم كىردى.
-زەينەپنى چاقىر زەينەپنى!!
ئۆزبېگ ئايىم تىۋىپنىڭ سۆزىدىن خەۋەردار ئىدى.
-زەينەپ! زەينەپ!
زەينەپ يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىردى، ئۇنىڭ رەڭگى ئۆلۈكتەك ئاقارغانىدى، ئاتابېگ كۆمۈشنى قويۇپ يەردىكى ئوماچنى ئالدى:
ئىچ بۇنى، ئىچ ، جالاپ!
زەينەپ كەينىگە داجىدى… ئاتابېگ ئاقۇرنى ئۇنىڭغا ئاتتى، زەينەپنىڭ كىيىمى ئوماچ بىلەن بۇلغاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆلەكتىن يۈسۈپبېگ ھاجى كۆرۇندى.
-كەت ئىپلاس كەت! تالاقسەن تالاق!
”تالاق“ سۆزىنى ئاڭلىغان كۆمۈشنىڭ كۆزى پاللىدە قىلىپ ئىچىلىپ،يەنە يۇمۇلدى… ھاجى ۋەقەنى تىۋىپتىن ئاڭلىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى پاجىئە سەھنىسىدە ئەجەپلىنىپ تۇرمىدى.
-چىق زەينەپ چىق! – دىدى ئۇمۇ – لەنەت سەندەك خوتۇنغا!
زەينەپ چەتلىنىپ ئۆيدىن چىقتى، ھاجى كۆمۈشنىڭ بىشىغا كىلىپ ئولتۇردى. ئاتابېگ ۋە ئانىسى ئاياغ تەرەپتە ئىدى. كۆمۈشنىڭ كۆزى يۇمۇق، چاچلىرى يۈزىنىڭ ئۈستىدە پەرىشان ئىدى. ھاجى ئۆز قولى بىلەن چاچلىرىنى تۈزۈتۈپ كۆمۈشنىڭ كۆكۈچ تاۋلانغان يۈزىنى كۆردى ۋە ماڭلىيىنى باستى.
-ئايىم، ئايىم -… دىدى ھاجى. كۆمۈش كۆزىنى يوغان ئىچىپ ئۇنىڭغا بىسرەمجان نەزەر تاشلىدى ۋە تونۇپ… قوزغالماقچى بولدى.
-قوزغالماڭ ئايىم! قوزغالماڭ!
كۆمۈشنىڭ كۆز يىشى چىكىسىدىن ئەگىپ چۈشتى…، ھاجىمۇ ئۆزىنى توختىتالماي كۆمۇشنىڭ يىشىنى سۇرتۇپ بىشىنى سىلكىدى:
-خۇدا شىپا بىرە بالام!
كۆمۈش جامغا قوزغالدى، ئاتابېگ كىلىپ قولتۇقلىدى، ھاجىمۇ ئۇنىڭ بىشىنى تۇتتى، بۇ قىتىمقى قۇسۇق قانغا ئايلاندى. بۇرنىدىنمۇ بىر تامچە قان ئاقتى… قۇسۇپ بولۇپ ياتقاندىن كىيىن، كۆزى پارقىراپ ئىچىلىپ كەتتى ۋە ئەتراپىغا تاقەتسىز قارىدى:
-ئانا… دادا… كىيىن، بىگىم! دەپ ئىڭرىدى. ئىرىنىڭ يۈزىگە يۈزىنى قويدى، ئۇيالغاندەك كۆزىنى يۇمدى…
1254-ھىجىريە يىلى، دەلۋە(يانۋار ئىيى،يەنى قىش ئوتتۇرسىغا توغرا كىلىدىكەن) ئىيىنىڭ 17-سى، قىش كۇنلىرىنىڭ بىرى،كۈن پاتقان،ئەتراپتىن نامازشام ئەزىنى ئاڭلىنىدۇدەرۋازىسى شەرقى جەنۇپقا قارىتىپ قۇرۇلغان بۇ داڭلىق ساراينى تاشكەنت، سەمەرقەنت ۋە بۇخارا سودىگەرلىرى ئىگىلىگەن. ساراينىڭ تۆرىدە باشقىلىرىغا قارىغاندا سۆلەتلىكرەك بىر ھۇجرا، ئاۋۇ ھۇجرىلارغا كىگىز سىلىنغان بولسا، بۇ ھۇجرىدا قىپقىزىل گىلەم، ئۇلاردا ماتا كۆرپىلەر قويۇلغان بولسا، بۇنىڭدا يىپەك ۋە ئاتلاس كۆرپىلەر، نىرىقىلاردا قارا چىراغ سىسىغىنىدا، بۇ ھۇجرىدا شام يانىدۇ. بۇ ھۇجرىنىڭ ئىگىسىمۇ باشقىچە يارىتىلىشتا: ئىغىر تەبىئەتلىك، چىرايلىق ۋە ئاق يۈزلۈك، كىلىشكەن قارا كۆزلۈك ۋە بۇرىتى ئەمدىلا خەت تارتقان بىر يىگىت! بەس، بۇ ھۇجرا بىنا ۋە جاھاز يىقىدىن ھەم ئىگە جەھەتتىن كىشىنىڭ دىقىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق ئىدى. قانداقتۇر بىر خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغان بۇ يىگىت تاشكەنتنىڭ مەشھۇر مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان يۈسۈپبېگ ھاجىنىڭ ئوغلى-ئاتابېگ.
جەمى ئۈچ بۆلۈم، ئاخىرىنى ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يوللايمەن، ئەلۋەتتە ئوقۇشنى خالىساڭلىلا تىز يوللاشقا تىرىشىمەن.

بۇ مەزمۇنلار مىسرانىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى http://bbs.misranim.com/read.php?tid=26625