يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 6 - 2011 ئىنكاسسىز

ئاپتورى: رىشات نۇرى گۇنتېكىن (تۈركىيە)

چالىقۇشى (رومان)

دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

2010-يىلى 6-ئاي 3-نەشىرى

2010-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى

باھاسى: 45يۈەن

تىراژى: 8000-5001

ISBN: 9787228134274

<چالىقۇشى>رومانىدىن پارچە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، سىلەرگە ئېھتىرام. تۆۋەندە سىلەرگە مەن ئامراق چالىقۇشى رومانىنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇردىغان ئابزاسلىرىنى ھوزۇرلىنىشىڭلارغا سۇنىمەن.

بۇئاخىرقى ئايرىلىش سائىتىدە ھەقىقەتنى يۇشۇرۇشنىڭ نېمەھاجىتى؟سەن ئوقۇيالمايدىغان دەپتىرىمنى پەقەت سەن ئۇچۈنلا يازدىم كامران. شۇنداق!نىمىنى دىگەن، نىمىنى يازغان بولسام ھەممىسى سەن ئۇچۇن ئىدى .خاتا قىلغىنىمنى، بەكمۇ خاتا قىلغىنىمنى بۇگۇنلا ئىقرار قىلىمەن ھىچنەرسىگە قارىمايمەن سېنىڭ بىلەن بەخىتلىك بولاتىم.شۇنداق،.ھىچنىمىگە قارىماي ياخشى كۆرۈشكەسازاۋەر ئىدىم ۋە بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدىم .لېكىن بۇمېنى قانائەتلەندۇرمىگەن ئىدى.يەنىمۇ كوپرەك، تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرسۇن، دەيتىم.مەن ياخشى كورگەنچىلىك بولسىمۇ_چۈنكى بۇنىڭ ئىمكانى يوق،_ئىشقىلىپ شۇنىڭغا يېقىن بىر ياخشى كورۇش بىلەن ياخشى كورسۇن دەيتتىم.شۇنچىلىك ياخشى كۆرۇلۇشكە ھەققىم بارمىدى؟ يوق بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن كامران.چۈنكى مەن كىچىك نادان بىر قىز ئىدىم.ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى بار،شۇنداق ئەمەسمۇ كامران؟ھالبۇكى مەن بۇلارنى زادىلا بىلمەيتتىم. سېنىڭ سىرىق گۈلۇڭ _تەنە قىلىپ ئىيتىۋاتمايمەن كامران ماڭا ئېشەنگىن.ئەگەر ئۇ سىنى بەخىتلىك قىلغان بولسا مەن ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن يارىشىمەن_كىم بېلىدۇ،ئۇ قانچىلىك مەپتۇن قىلارلىق ئايالدۇر !كىم بىلىدۇ،ساڭا قانچىلىك يېقىملىق سۆزلەرنى ئىيتقاندۇ،قانداق چىرايلىق خەتلەرنى يازغاندۇ،مەن بولسام سېنىڭ بالىلرىڭغا، بالىلىرىمىزغا بەلكى بىر ياخشى ئانا بولغان بولاتتىم .پەقەت شۇلا.
كامران مەن سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرگىنىمنى پەقەت سېنىڭدىن ئايرلىغاندىن كىيىنلا بىلدىم. بۇنى باشقىلارنى ياخشى كۆرۇپ بېقىپ ئالغان تەجىربىلەر دەپ ئويلىما. پەقەت قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى مۇڭلۇق،ئۇمۇتسىز خىيالىرىمنى ياخشى كۆرۇشتىن بىلدىم………………
زەينىلەر قەبرىستانلىقىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا،تاڭ سەھەرگىچە شامال گۇكىرەپ چىققان ئۇزۇن كىچىلەردە،يولدىن ئۆتكەن ھارۋىلارنىڭ زىل قوڭغۇراقلىرى جىرىڭلىغان كەڭ دالىلاردا، سۆگەتلىك باغلارنىڭ جىگدە پۇراپ تۇرغان يوللىرىدا دائىم سېنىڭ يېنىڭدا بولدۇم.خىيالىڭ باغرىدا ياشىدىم.
ئەتە مىنى ئۆز ئەمرىگە ئالىدىغان بىچارە ئادەم مېنى ئاق گۈلدەك مەسۇم بىر قىز دەپ ئويلايدۇ، بۇ نېمە دىگەن خاتالىشىش.
سۆيگۈ سەۋداسى ھىچقانداق بىر قىز قەلبىنى ،ۋۇجۇدىنى مېنىڭكىدەك يەكسان قىلىپ پۇچۇلدۇرمىغاندۇر،دەپ ئويلايمەن.
كامران، ئەسلىدە بىز بۈگۈن بىر_بىرىمزدىن ئايرىلىمىز!مەن پەقەت بۈگۈن تەنھا قالدىم.بارلىق بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا قارىماستىن سەن قىسمەن مېنىڭكى ئىدىڭ !مەن بولسام پۇتۇن قەلبىم بىلەن سېنىڭ……………………
ئېيتقىنا فەرىدە ، بۇنچىلىك چوڭقۇر مېىھرى ۋاپانى،مىسلىسىز نازۇك قەلبنى كىچىككىنە چالىقۇشى كوكسىگە قانداق سىغدۇرغاندۇ؟-دۇنيادا ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى بىلەن بۇشاشمايدىغان،كۈچىنى يۇقاتمايدىغان ھېچقانداق تۇيغۇ يوق.<مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن فەرىدەنى مۇنچىلىك چوڭقۇرياخشى كورەلمەي قالارمەنمۇ،يەنە بۇ شېرىن ھېسلاردىن مەھرۇم بولسام !>دەپ ئويلايتتىم. شۇنداق پەيتلەردە،يىنىپ تۈگەپ كىتىشىدىن قورقۇپ چىراغنى ئۈچۈرگەندەك،مەنمۇ سىنىڭ ئوبرازىڭنى كۆزۈمدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشاتتىم. تاغلاردا مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان بىر خىل گىياھ ئۈسىدۇ.فەرىدە ،ئادەم دائىم ئۇنى پۇرىسا،بار-بارا پۇرىقىنى سەزمەس بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ داۋاسى ئۇنىڭدىن مەلۇم مەزگىل يىراقلىشىش،ھەتتا ئادەم بەزىدە خۇشبۇي پۇراقنى سېغىنىش ھەۋىسى بىلەن-ھەرقانداق باشقا بىر پۇراقنى،يەنى مەنىسىز <سېرىقگۈل>نى پۇراپ سالىدۇ… بۇ گىياھ خۇشبۇي پۇرىقى تۈپەيلىدىن بەزىدە بەخىتسىز لىككىمۇ ئۇچرايدۇ. ئادەملەر ئۈزىۋىلىپ سۇلاشتۇرىدۇ.قولىدا تىتىۋېتىدۇ.فەرىدە ،مەن داغۇ-ھەسرەتتىن تىخىمۇ چوڭقۇرلاشقان كوزلىرىڭ،ئازاپ -ئوقۇبەتتىن پۇچۇلغان گۈزەل يۈزۈڭ بىلەن سىنى قوللاردا ئەزگەنسېرى تېخىمۇ كۈچلۈك خۇش پۇراق تارقىتىدىغان گۈلگە ئوخشىتىمەن……

كامران ،مەن پەقەت بۈگۈنلا سەندىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمەن ،مەيلى قانچىلىك ئىشلار ئۆتۈلۈشىدىن قەتئىنەزەر ،سەن قىسمەن مىنىڭكى ئىدىڭ ،مەن بولسام پۈتۈن قەلبىم بىلەن سىنىڭ !! < سەن ئوق تەككەنلەرنى كۆرگەنمىدىڭ ،ئۇلار دەسلەپ قىچىپ قۇتۇلىمىزغۇ دەپ ئويلايدۇ لىكىن ………يارا يېڭى چېغىدا ئانچە بىلىنمەيدۇ ،سەل سوۋۇسۇنچۇ قىنى ،ئۇنىڭ ئازاۋىنى ئاندىن بىلىسەن ….> < چەت يېزىنىڭ بىر بۇلىڭىدا مەن ئۇنى ئۇچراتتىم …..قەھرىتان قىشتا پۇرەكلەپ ئېچىلغان بىر تال گۈلنى كۆرگىنىڭدە نىمىلەرنى ئويلىشىڭ مۇمكىن ؟!مەن دەل شۇ ھىسياتتا ئىدىم .كۆزلىرىدىن ئىشىق تۈكۈلۈپ تۇرسىمۇ ،بالىلارچە ھەركەتلىرى ،يالغان ھىكايىلىرى بىلەن مىنى ئالدىماق بولدى …..ھەي مەن سىنىىڭ تاشلاپ كەتكەن نادان ئاخماق يارىڭمىدىم ؟!! ئۇنى ئېتىمنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ ئېلىپ كەتمىگىنىمگە بەكمۇ پۇشمان قىلىمەن .ئەپسۇس كىيىنكى قىتىم كۆرگىنىمدە ،كىچىككەن ئىكەنمەن ،سىز ئۆيلىنىپ ئاپسىز ………ئىشىق بىچارە بالىنى ئىچ -ئىچىدىن يەپ كېتىۋاتاتتى………مانا بۈگۈن ئۈنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېۋەتتىم ،ھەرگىز قۇيىۋەتمەڭ !قارىشلىق كۆرسەتسە ،خۇتۇن- قىزلارنى بۇلاپ قاچىدىغان تاغلىق قاراقچىلاردەك ياۋايى بولۇڭ ! قۇلىڭىزدا جان ئۈزسە ،خۇشاللىق بىلەن ئۆلدى دەپ بىلىڭ !…. مىنىڭچە بولسا سىزگە ئىشىكىمدىكى مۈشۈكنىمۇ بەرمەس ئىدىم ، ھىچ بىلمىدىم ،بۇ نادان قىزلار سىلەردەك قۇرۇق ۋىجدانسىز ئەرلەرنىڭ نەرىنى ياخشى كۆرىدىكىن تاڭ؟!> <توي كىچىسى،چۈمبەردە ياپقان بىرەر يات ئايالنىڭ ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىنى كۆرگىنىڭدە ،ھەرگىز ئۇنىڭ يىنىغا بارما! گېپىگە قۇلاق سالما! بىشىڭنى ئوفىتسىرنىڭ قۇۋۋەتلىك كۆكسىگە يۇشۇر !!!>…………بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىنىمغا ئەقلىم ھەيران !.نىمە مەقسەتتە ئېيتقىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيتتىم …… مىنى ياخشى كۆرەتتىڭ كامران ! گەرچە مەن ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمىسەڭمۇ شۇنىڭغا يىقىن ياخشى كۆرۈش بىلەن ياخشى كۆرەتتىڭ !لىكىن مەن سىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسۇن دەيتتىم …..شۇنچىلىك ياخشى كۆرلۈشكە ھەققىم بارمىدى مىنىڭ ؟ كامران ،مەن پەقەت بۈگۈنلا سەندىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمەن ،مەيلى قانچىلىك ئىشلار ئۆتۈلۈشىدىن قەتئىنەزەر ،سەن قىسمەن مىنىڭكى ئىدىڭ ،مەن بولسام پۈتۈن قەلبىم بىلەن سىنىڭ !!!

بۇ مەزمۇنلار يىڭى سەلكىن مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى http://bbs.salkin.in/read.php?tid=42&skinco=wind