تۈزگۈچى: شەمشىدىن ھاجى
ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى جەۋھەرلىرى
كەڭ مۇسۇلمان ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»دا 10 يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان 300 پارچىدىن ئارتۇق دىنىي ماقالىدىن 100 پارچىغا يېقىن ماقالىلەر تاللاپ مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
«ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا يېپىشڭلار، ئايرىلماڭلار»
مانا بۇ «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى مۇقاۋىسىنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى ئەڭگۈشتەر. مانا بۇ مۇقەددەس كالا مۇللاھ. ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتى، شۇنداقلا كاتتا مەرھەمىتى.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار! «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرچە ئىسلام ژۇرنىلى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى، ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىزچىل نەشر قىلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى. شۇنداقلا بۇ ژۇرنالنى روياپقا چىقىرىش جەريانىدا كەڭ مۇسۇلمان جامائىتى، ئالىم – ئۆلىمالار، تەھرىر – ھەيئەتلەر ئاز بەدەل تۆلىمىدى. مەزكۇر ژۇرنال بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈللىنىپ، مەنىۋىيەتنىڭ بىر گۈزەل باغچىسىغا ئايلانغۇسى.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بۇ ژۇرنال مەزمۇنىنىڭ ساغلاملىقى، ئىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئاممىبابلىقى، سەھىپىلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، مۇقاۋىسىنىڭ كۆركەملىكى، سۈرەتلىرىنىڭ نەپىسلىكى، خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن دىنىي ساھەدىكىلەر ۋە باشقا ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە، زوقلىنىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان سەھىپىلىرىنىڭ رەڭدارلىقى ئېشىپ، مۇشتەرىلەرنىڭ زوقىنى ئاشۇرۇپ، قەلبلىرىنى پاكلاپ، ئىمانىنى نۇرلاندۇرماقتا. كۆپلىگەن ئاپتورلارنىڭمۇ قەلەم قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تېما بىر بولسىمۇ ئۇنى كۆپ تەرەپتىن بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان، يېڭى بىلىم، يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولدى؛ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ھەر خىل ھادىسىلەرنى تىلغا ئېلىپ، ياخشى – يامىنىنى ئايرىپ، ئۇنى «قۇرئان كەرىم»، ھەدىس شەرىف ئارقىلىق دەلىللەپ بېرەلەيدىغان بولدى. مۇھەررىرلەرمۇ ئۆزىنىڭ ”نامسىز قەھرىمان“ لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ياش ئاپتورلارنىڭ ماقالىلىرىنى زېرىكمەي، ئەستايىدىل تەھرىرلەپ چىقماقتا. بولۇپمۇ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى تۆۋەنرەك، خېتى سەترەك، ماقالىسىنى قايسى ئابزاس، قايسى بۆلەككە ئايرىپ يېزىشنىمۇ ئانچە بىلمىگەن ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ تۈزەپ، توغرىلاپ، ماقالىسىنىڭ سەۋىيىسى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بەرمەكتە؛ قىسقىسى، ۋەتەن، مىللەتكە، شۇنداقلا ئىسلام دىنىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشماقتا. مەن ئۇلارغا ئاللاھتىن كاتتا ئەجىر، ئۆمرىگە رىزىق – بەرىكەت تىلەيمەن.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار! «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى بىر باغچە بولسا، ھەر بىر سەھىپىسى شۇ باغچىدىكى بىر دەستە گۈل بولۇپ، 1-گۈل __ ”ئالاھىدە خەۋەر“ سەھىپىسى؛ 2-گۈل __ ”ئىسلام ئىلمى تەتقىقاتى“ سەھىپىسى؛ 3-گۈل __ «ئىسلام ئەقىدىلىرى» سەھىپىسى؛ 4-گۈل __ ”«قۇرئان كەرىم» تەتقىقاتى“ سەھىپىسى؛ 5-گۈل __ ”ۋەز – تەبلىغ“ سەھىپىسى؛ 6-گۈل __ ”ئىسلام دىنى ۋە ئائىلە“ سەھىپىسى؛ 7-گۈل __ ”ئىسلام دىنى ۋە سالامەتلىك“ سەھىپىسى؛ 8-گۈل __ ”ئىمام – خاتىپلار مەسئۇلىيىتى“ سەھىپىسى؛ 9-گۈل __ ”ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇرلار“ سەھىپىسى؛ 10-گۈل __ ”مەسچىت – مەدرىسلەر“ سەھىپىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.