ئەزىزانە كاشىغەر
باش تۈزگۈچى: ئابدۇكېرىم راخمان
شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى نەشىرياتى
2009-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى
2009-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى
ISBN: 9787563123247
باھاسى: 80يۈەن
(ئىككى قىسىم، قاتتىق مۇقاۋىلىق)
-كىرىش سۆزدىن:
«ئەزىزانە قەشقەر» ناملىق بۇ ئەسەر قەشقەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تىپلىق ئۆزگىچە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى تارىخىي يوسۇندا ئېچىپ بېرىشنى نىشانلىغان تۇنجى قەدەمنىڭ شىرىن مىۋىسى ھېسابلىنىدۇ.
كاشىغەر
«ئەزىزانە كاشىغەر« ناملىق كىتابقا بىغىشلايمەن)
بۇ كىتابتىن بىر كۆرۈپ قىسمەتلىرىڭنى،كاشىغەر،
مەھلىيا بولدۇم ئوقۇپ شۆھرەتلىرىڭنى، كاشىغەر.
پەخرىمىز مەھمۇد، يۈسۈپمۇ زېھنىگە قىلغان ئۇدۇم،
ئىلمۇ-ئىرپانغا تۈگەل خىسلەتلىرىڭنى، كاشىغەر.
باغرى يۇمشاق، مېھرى ئاتەش جەننەتۇل باغى ئىرەم،
تاپتى ئىززەت كۆرسىتىپ ھىممەتلىرىڭنى كاشىغەر.
زوقىنى تارتتى جاھاننىڭ خۇش ناۋا مۇقاملىرىڭ،
كۆككە يەتكۈزدى قەدىر-قىممەتلىرىڭنى كاشىغەر.
سەيلىگاھىڭنى زىيارەت قىلغىلى تەشنا جاھان،
تەنتەنە قىلدىڭ گۈزەل ھىننەتلىرىڭنى كاشىغەر.
قىز-ئوغۇل ئەۋلاتلىرىڭ كۈلگۈن چىراي سۈلكەتكە باي،
سۆيىدۇ ئالەم زەكي پەرزەنتلىرىڭنى، كاشىغەر.
«ئەزىزانە كاشىغەر» ئەقلى ھۇشۇمنىڭ ساھىبى،
غازى مەڭگۈ ئۇنتۇماس شەپقەتلىرىڭنى كاشىغەر.
-غازى ئەھمەد
2009-يىل 12-مارت-ئۈرۈمچى
بلوگىمىزغا پىكىر-تەكلىپ بىرىشىڭىزنى، بىزنى كىتاب
ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
Email :kitabpurux@Gmail.com
QQ 191756245