ھەق تاپشۇرۇش ۋە گۇرۇپپىغا ئايرىش ئۇقتۇرىشى
ۋاقتى : 2015-10-07 12:47:41 / كۆرۈلىشى:
ئەڭ ئاخىرقى ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتى : 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 23:00 گىچە
( بىھۇدە ئاۋارچىلىق ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەپتەر ئىگىلىرىنىڭ چالا قالغان بېقىش ھەققى ۋە مۇسابىقە قاتنىشىش ھەققىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، كەپتەرخانىمىز بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ھەق تاپشۇرماي ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كەپتەرلەرنى خالىغانچە بىتەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە . ئاخىرقى قېتىم ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى )
كەپتەرخانىمىز 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردىن باشلاپ ھەق تاپشۇرمىغان ياكى ھەقنى تولۇق تاپشۇرمىغان كەپتەرلەرنى بىتەرەپ قىلىشقا باشلايدۇ .
كوللىكتىپ مۇسابىقە ئۈچۈن گۇرۇپپىغا ئايرىماقچى بولغانلار بۈگۈندىن باشلاپ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە
گۇرۇپپىغا ئايرىش ئەھۋالىنى ( ھالقا نومۇرى ،گۇرۇپپا نامى ) رەڭلىك ئۇچۇر ، ۋېيشىن (ئۈندىدار) قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك ، تېلېفۇن ئۇرۇپ مەلۇم قىلغان گۇرۇپپىغا بۆلۈش ئەھۋالىنى بىز ئىتىراپ قىلمايمىز .
10-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە گۇرۇپپىغا ئايرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتمىگەنلەرنىڭ كەپتەرلىرى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتۇماتىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ .
يانـــفۇن : 18197715777
ئۈندىدار : 18197715777