بىز ھەققىدە

Biz Heqqide

كەپتەرخانا ھەققىدە
شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى خوتەن ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان ، خوتەن ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان زامانىۋى ئاممىۋى كەپتەرخانا.
كەپتەرخانىغا 2014-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2015-يىلى 2-ئايدا رەسمىي ئىشقا چۈشكەن ، 2016-يىلى 12-ئايدا 2-قېتىملىق كەڭەيتىپ قۇرۇش ئېل؛ىپ بېرىلغان بولۇپ،  ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمى 20 مو، كەپتەرخانا ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 130 مېتىر، كەپتەر ئۆيى 5.5 مېتىر دا 5 مېتىر، جەمئىي 32 ئېغىز كەپتەر ئۆيى لاھىيەلەنگەن. ئاپتاپلىقىنىڭ كەڭلىكى 8 مېتىر، ئۇزۇنلىقى 130 مېتىر، ئومۇمى قۇرۇلۇش كۆلىمى 2300 كۋادرات مېتىر. كەپتەرخانىغا ئەڭ ئىلغار بولغان ئېلىكتىرونلۇق سىكاننېرلاش ئەسۋابى ۋە ئىلغار كەپتەر قۇمۇسى سەپلەنگەن . ئۇندىن باشقا كۆزىتىش ئۆيى، كومپيۇتېر مەشخۇلات ئۆيى، كەپتەرۋازلارنى كۈتىۋېلىش ئۆيى تەسىس قىلىنغان. كۈتىۋېلىش ئۆيىگەن چوڭ ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، نەتىجىنى ماس قەدەمدە كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان . 
خوتەن قاشتېشى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى تاڭ خەيلوڭ تېرىنېرنى كەپتەرلەرنى بېقىش ۋە مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان. 
كەپتەرخانىمىز ‹‹ جۇڭگو كەپتەر جەمئىيىتى مۇسابىقە باشقۇرۇش تۈزۈمى ›› نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىلمى ئۇسۇلدا كەپتەرخانا باشقۇرۇپ، كەپتەرخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى چەكلەپ ، باراۋەر، ئادىل، ئۇچۇق-ئاشكارە بولۇپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، كەڭ كەپتەرۋاز دوستلار ئۈچۈن ئىشەنچلىك مۇسابىقە سەھنىسى ھازىرلاشقا تىرىشىدۇ. شۇنداقلا ھەرخىل شەكىلدىكى كۆز بويامچىلىق ئىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. 

كەپتەرخانىمىز شۇنداق ئەھدە قىلىدۇكى : يېغىلغان كەپتەر سانى ئاز-كۆپ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مۇسابىقە قائىدىسى ئۆزگەرمەيدۇ، مۇكاپات سوممىسى تولۇق تارقىتىلىدۇ. كەپتەرۋاز دوستلارنىڭ خاتىرجەم مۇسابىقە قاتنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .

شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى

كەپتەرخانا ھەققىدە | يېڭىلىقلار | مۇسابىقە قائىدىسى | سۆرەتلەر | فىلىملەر | كەپتەرخانا قۇرغۇچىسى | ئالاقىلىشىڭ

شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى

ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى :2063388-0903 يانفۇن : 18197715777

ئادرېسى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى