ئابدۇللا مەتتۇرسۇن

Abdulla Mettursun

كەپتەرخانا قۇرغۇچىسى


ئابدۇللا مەتتۇرسۇن 1974-يىلى خوتەن شەھرىدە توغۇلغان ، كىچىكىدىن كەپتەر بېقىشقا قىزىقىدىغان بولۇپ ، 15 يېشىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى كەپتەرخانىسىنى ياساپ ، ئۆيىدە كەپتەر بېقىشقا باشلىغان .
2000-يىلىدىن باشلاپ قاشتېشى سودىسى قىلىشقا باشلىغان ، 2009-يىلى 300 مو كۆلەمدىكى خوتەن شەھەر قېرىنداشلار قۇم-شېغىل زاۋۇتىنى قۇرغان .
ئابدۇللا مەتتۇرسۇن 2007-يىلىدىن باشلاپ كەسپى پوچتا كەپتىرى مۇسابىقىسى ئويناشنى باشلىغان ، ھەمدە ئۇ يىتىشتۈرگەن كەپتەرلەر نۇرغۇن قېتىم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .
2014-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ ، 2015-يىلى 2-ئايدا 1100 كۋادرات كۆلەمدىكى 6000 كەپتەر بېقىشقا بولىدىغان چوڭ تىپتىكى زامانىۋى ئاممىۋى كەپتەرخانىنى قۇرۇپ چىقىپ ، 2015-يىلى كۈزلۈك پوچتا كەپتىرى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلغان .
شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىش باشلاپ، كەپتەر قۇبۇل قىلىشقا باشلىدى .

كەپتەرخانا ھەققىدە | يېڭىلىقلار | مۇسابىقە قائىدىسى | سۆرەتلەر | فىلىملەر | كەپتەرخانا قۇرغۇچىسى | ئالاقىلىشىڭ

شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى

ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى :2063388-0903 يانفۇن : 18197715777

ئادرېسى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى